بېشى يوغان بولسا ئەقىللىق بولامدۇ
«بېشى يوغان ئادەم ئەقىللىق بولىدۇ» دەيدىغان بىر گەپ بار. ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ئازراق بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ، بەدەننىڭ ئۆلچىمىگە نىسبەتەن، بېشى يوغان ئادەم ۋە باشقا بىر قىسىم جانلىقلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى كىچىك بولىدۇ، شۇنداقلا ئەۋلادلىرىمۇ ئاز بولىدۇ. يېقىندا، بىر گۇرۇپپا تەتقىقاتچىلار بۇ مۇناسىۋىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ بايقىلىش يېقىندا «ئوتتاۋا تەدرىجىي تەرەققىياتى، تەدرىجىي تەرەققىيات بىئولوگىيىسى» يىغىنىدا دوكلات قىلىنغان بولۇپ، تەتقىقاتچىلار نەچچە ئەۋلاد كامبالا بېلىقىنىڭ چوڭ مىڭىسىنى تەتقىق قىلغان.
19-ئەسىردىن باشلاپ، ئامېرىكا بىئولوگى ھېرمون بانپۇس قۇشقاچلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنى تەتقىق قىلغاندىن تارتىپ تەتقىقاتچىلار «بېشى يوغان بولۇشنىڭ ئەۋزەللىكى» نىڭ ئىسپاتلىرىنى توپلاشقا باشلىغان. ھېرمون بانپۇس بىر قېتىملىق شىۋىرغاندىن كېيىن بەزى قۇشقاچلارنىڭ ئۆلۈپ قالغانلىقىنى، بېشى نىسبەتەن يوغان قۇشقاچلارنىڭ ھايات قالغانلىقىنى بايقىغان.
يېقىندا، شۋېتسارىيە ئاپسالا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىئولوگ ئالېسېي ماكلاكوۋ شەھەرلەردە ياشايدىغان بۇلبۇلنىڭ بېشىنىڭ يېزىلاردا ياشايدىغان بۇلبۇلنىڭ بېشىدىن يوغان بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى «بىئولوگىيە ئىلمى گېزىتى» دە مۇنداق يەكۈن چىقارغان: شەھەردە ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن بەلكىم چوڭراق باش كېرەك بولىدىغان ئوخشايدۇ.
ھالبۇكى، تەتقىقاتچىلار ئىنسانىيەت ۋە مەلۇم توكلۇق بىلىقلارنىڭ ئارىسىدا بېشى يوغانلار مەلۇم بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى بايقىغان، يەنى بېشى يوغانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى كىچىك بولىدىغان بولۇپ، ئەۋلادىمۇ نىسبەتەن ئاز بولىدىكەن. مانا بۇ تەتقىقاتچىلارنى بېشى يوغان بولۇشنىڭ چەكلىمىسى ۋە تېخىمۇ زور زېھىن، كۈچ سەرپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكە تۈرتكە بولغان سەۋەب.
بېشى يوغان بولۇشنىڭ پايدىلىق ياكى پايدىسىز ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئاپسالا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچى ئالېكساندېر ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ئىككى گۇرۇپپا كامبالا بېلىقى باققان بولۇپ، ئۇلارغا سان ساناشنى ئۆگىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قانچىلىك ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى سىنىغان. ئالېكساندېر يىغىندا مۇنداق دېدى: «بېشى يوغان بېلىق بېشى كىچىك بېلىققا قارىغاندا، يېمەكلىكلەرنى تېخىمۇ ئاسان تېپىۋالىدۇ. ئەگەر سىز بېشى يوغان بېلىقنى تاللىسىڭىز، ئەقىللىق بېلىقلارغا ئېرىشەلەيسىز.»
ئەمما بېشى يوغان بولغاندا، ھەقىقەتەن بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ. بېشى كىچىك بىلىقلار بىرىنچى قېتىم كۆپەيگەندە، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يەتتە تال ئەۋلاد قالدۇرغان، بېشى يوغان بېلىق بولسا ئالتە تال ئەۋلاد قالدۇرغان. يەنە كېلىپ بېشى كىچىك بېلىقنىڭ ئىچكى ئەزالىرى 5.5 مىللىگرام بولۇپ، بېشى يوغان بېلىقلارنىڭ بولسا ئاران مىللىگرام. بۇ تەتقىقاتقا قاتناشمىغان ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىئولوگى ۋېسلېي ۋاررېن مۇنداق دېگەن: «ئەگەر سىز بېشى يوغان بولۇشتەك ئالاھىدىلىكنى تاللىسىڭىز، چوقۇم بەزىبىر ئالاھىدىلىكلەردىن قۇرۇق قالىسىز.» باشقا سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارغا سېلىشتۇرغاندا، پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋانلارنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ بىر قەدەر ئاز بولۇپ، ئىنسانلارمۇ شۇنداق. ئالېكساندېر بۇنىڭ بېشى يوغان بولۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
قوللاش دىمەك_تەرەققىيات دىمەكتۇر
بىزنى قوللىسڭىز ئاسىتىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويۇڭ!تەكلىپ-پىكىر ۋە ياكى مۇشۇ مەزمۇنغا قارىتا كۆز قارىشڭىزۋە ياكى تەكلىپ-پىكىر بولسا ئاستىغا ئىنكاس يېزىڭ
تۈۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل!
- سىچۈەنلىك دېھقان 30 مىڭ يۈەن خەجلەپ ئايروپىلان ياسىدى
- QQدا يېڭچە ھەقسزQ币قاچىلاش ئۇسۇلى بار!
- NBA بىرلەشمىسى: پىيادىلىكلەر كوماندىسى 97 : 74 سېھىرگەر كوماندىسى
- شىنجاڭ قوبۇقسار ناھىيەسىدە 173 قوينى چاقماق سوقۇۋەتتى
- يېمەكلىكلەرنىڭ رەڭگى ۋە شىپالىق رولى
- ﺑﯩﻞ . ﮔﺎﻳﺘﯩﺲ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﺎﻳﺪﯗ ؟
- «كۆمەچ» ھەققىدە خوتەندە تارقالغان ئاجايىپ رىۋايەت
- ياۋرۇپادا توپ ئويناۋاتقان ئاسىيالىق 10پۇتبول چولپىنى
- سىز بۇ فىلىمنى كۆرگەندە نىمىنى ھېس قىلدىڭىز؟
- پۇتبولنىڭ «كۆز يېشى»
بېشى يوغان ھەر قانداق ئادەملەرنىڭ ئەقىللىق بولۇشى ناتايىن!!!