ئىزدە     

پۇتبولنىڭ «كۆز يېشى»

ۋاقتى 2012-07-07 04:03 | كىلىش مەنبەسى:ئەلگە نەپ تور كولۇبى | ئوقۇلۇشى

ئۈچ ھەپتىلىك جىددىي «كۈرەش» تىن كېيىن بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئاخىرى ئاياغلاشتى. تۆت يىلدا بىر ئېلىپ بېرىلىدىغان پۇتبول ساھەسىدىكى ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ مۇسابىقە نۇرغۇن تارىخىي مىنۇتلارنىڭ «شاھىدى» بولۇپ قالدى، مەسىلەن ئىسپانىيە كوماندىسى چىمپىيونلۇقنى ساقلاپ قالالماسلىق «ئەپسۇن» نىنى بۇزۇپ تاشلىدى. ئەمما بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بىر قاتار «قاراڭغۇلۇق» قا چۆككەن ئەسلىمىلەرمۇ بولدى.
بۇ يىل ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى تۇنجى قېتىم شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئېلىپ بېرىلدى، پۇتبولنىڭ تارقىلىش ۋە تەرەققىيات نۇقتىسىدىن قارىغاندا بۇ بىر ياخشى ئىش ئەمما سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلى، 2007-يىلى مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشىپ تاھازىرغىچە بولغان بەش يىل ۋاقىت ئىچىدە پولشا بىلەن ئۇكرائىنانىڭ بۇ جەھەتتىكى تەييارلىق خىزمەتلىرى ھەر تەرەپتىن باشقىلارنىڭ گۇمانىنى قوزغىغان، مۇسابىقە مەيدانى ۋە ئايرودروم تاشيولى قاتارلىق ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتى بىر قەدەر ئاستا بولغاچقا ياۋروپا پۇتبول جەمئىيىتى بىرلەشمىسى ئۆزلىرىنىڭ تاللىشىدىن گۇمانلانغان. رەئىس پلاتىنى ھەتتا ئەگەر بۇ ئىككى دۆلەت بۇ جەھەتتە كۈچ چىقارمىسا مۇسابىقىنى باشقا يەردە ئۆتكۈزىمىز دەپ تەدھىتمۇ سالغان. تەلىيىگە يارىشا، مۇسابىقە باشلىنىشقا بىر يىل قالغاندا پولشا بىلەن ئۇكرائىنا ياۋروپا پۇتبول جەمئىيىتى بىرلەشمىسىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن.
ئەمما ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئاز قالغاندا، ئۇكرائىنانىڭ سابىق باش مىنىستىرىنىڭ سولاقتا ۋاقتىدا سىياسىي جەھەتتىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقى ئاشكارىلاندى، فرانسىيە، گىرمانىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بايانات ئېلان قىلىپ بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنداق قىلىپ دۇنيادىكى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان تەنھەرىكەت تۈرى سىياسىي قورالغان، بۇنى پۇتبولچىلىق ساھەسىدىكى بىر «قايغۇ» لۇق ئىش دېمەي تۇرالمايمىز.

ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن ئېرقىي كەمسىتىش ۋە مۇسابىقە مەيدانىدىكى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى ئىككى ساھىپخان دۆلەتنى ئەڭ ئەندىشىگە سالىدىغان مەسىلە بولۇپ قالغان، شۇنداقلا بۇ ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىمۇ كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدەكلا بولغان. گوللاندىيەنىڭ بازىسىدا گوللاندىيە كوماندىسى مەشىق قىلىۋاتقاندا 500 توپ مەستانىسى بىرلىكتە مايمۇننىڭ چىقىرىشىنى دورىغان. گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى ناھايىتى ئاچچىقلىنىپ ئەگەر مۇسابىقە مەيدانىدا ئېرقىي كەمستىشكە ئۇچرىسا گوللاندىيىنىڭ مۇسابىقىنى توختىتىشنى ئىلتىماس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئىسپانىيە، روسىيە، كرودىيە پۇتبول بىرلەشمىسىمۇ ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئېرقىي كەمسىتىش قىلمىشلىرى تۈپەيلى ياۋروپا پۇتبول جەمئىيىتى بىرلەشمىسىنىڭ جازاسىغا ئۇچرىدى. ئېرقىي كەمسىتىش قىلمىشلىرىدىن سىرت، ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى جەريانىدا زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىمۇ توختىماستىن يۈز بېرىپ تۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئېغىر بولغىنى پولشا بىلەن روسىيە توپ مەستانىلىرى ئارىسىدىكى كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇش بولۇپ، تەخمىنەن 200 دەك پۇتبول مەستانىسىنى ساقچى تەرەپ قولغا ئالدى، ئاز دېگەندىمۇ روسىيەلىك يەتتە پۇتبول لۈكچىكىنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقاردى.
بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى يەنە بىر ئالاھىدە مەنزىرە ئاياللار ھوقۇقى تەشكىلاتى تەشكىللىگەن يالىڭاچ خوتۇنلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى. ئۇكرائىنادا ئاياللارغا سەل قارايدىغان ئىدىيە ناھايىتى كەڭ تارقالغان، ساھىپخان دۆلەتمۇ پاھىشە خوتۇنلار كوچىنى قاپلاپ كەتكەن دۆلەت دەپ قارالغان. رىئاللىققا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بۇ تەشكىلات دۆلەت ئىچىدىكى كۆپلىگەن ئورۇنلاردا يالىڭاچ ھالدا نامايىش قىلغان، ئەمما بۇ نامايىشلار ساقچىلار تەرىپىدىن تېزلا كونترول قىلىنىپ، كەڭ كۆلەمدىكى توقۇنۇشنىڭ ئالدى ئېلىنغان.

بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى جەريانىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئۆلگەنلىك خەۋىرى تارقىلىپ تۇردى: خۇنەن چاڭشادىكى بىر توپ مەستانىسى مۇسابىقە كۆرۈش ئۈچۈن ئۇدا 11 كۈن ئۇخلىمىغانلىقتىن ئۆلۈپ قالدى؛ ئېرلاندىيىلىك توپ مەستانىسىنىڭ جەسىتى پولشادىكى بىر كۆلدىن لەيلەپ چىقتى؛ كىنىيەدىكى بىر پۇتبول مەستانىسى قاۋاقخانىدا توپ كۆرىۋاتقاندا گراناتنىڭ «ھۇجۇم» ىغا ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلدى؛ ئىتالىيىلىك بىر پۇتبول مەستانىسى دۆلەت كوماندىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەۋاتقاندا ئەينەك پارچىسى يوتىسىنىڭ ئارتېرىيە قان تومۇرىنىڭ كېسىۋىتىپ قان كۆپ چىقىپ كەتكەنلىكتىن ھاياتىدىن ئايرىلدى.

داڭلىق پۇتبولچى شانكلىي ئىلگىرى «پۇتبول ھاياتتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ» دېگەنىدى، ئەمما ھاياتلىق ئالدىدا پۇتبول پەقەت بىر مەيدان ئويۇن خالاس.
مۇسابىقە مەيدانى سىرتىدىكى ۋەقەلەردىن سىرت، مۇسابىقە مەيدانى ئىچىدە ئادىل بولمىغان «دىلو» لارمۇ يۈز بەردى. بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى د گۇرۇپپىنىڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىسىدە ئۇكرائىنا كوماندىسىنىڭ ئېنىقلا ۋارتا سىزىقىدىن ئۆتكەن توپىنى رىپىر ئىناۋەتسىز قىلىۋىتىپ، پۇتبول ساھەسىدە يەنە بىر قېتىم غۇلغۇلا قوزغىدى. ھەممەيلەننىڭ يادىدا بولىشى مۇمكىن، بۇ «دېلو» دا «نەپ» كە ئېرىشكەن ئەنگىلىيە كوماندىسى ئىككى يىل بۇرۇنقى جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە مۇشۇنداق «ئادالەتسىزلىك» كە ئۇچرىغانىدى، ئەمەلىيەتتە مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ياۋروپا پۇتبول جەمئىيىتى بىرلەشمىسى بىر باش رىپىر ۋە ئىككى ياردەمچى رىپىردىن سىرت يەنە ۋارتا سىزىقىغا «كۆز-قۇلاق» بولىدىغان ئىككى رىپىرنى كۆپەيتكەنىدى. ئاددىي كۆز دىگەن ھامان ئۈسكۈنىگە تەڭ بولالمايدۇ، بەش رىپىر قويغان تەقدىردىمۇ مۇنداق «ئادالەتسىز دىلو» لار يەنە يۈز بەردى. بۇ ئىشتىن كېيىن خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بۇلاتتېر ئېنىق قىلىپ ۋارتا سىزىقى تېخنىكىسى قوللىنىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئەمما ياۋروپا پۇتبول جەمئىيىتى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى پلاتىنى بۇ تېخنىكىنى قوللىنىشنى باشلىغاندىن كېيىن كۆپلىگەن تېخنىكىلىق ۋاستىلارنىڭ قوللىنىلىشىدىن ئەنسىرىگەن. ئەگەر بۇنىڭدەك كۆپلىگەن تېخنىكىلىق ۋاستىلەر قوللىنىلغاندا، پۇتبول ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالالامدۇ؟

ئەلدىن ئەلگە نەپ تىمامدىن سىزگە ئازراقمۇ بولسا نەپ يەتگەن بولسا سىزمۇ بلوگىمغا ئازراق نەپ يەتكۈزۈپ قويۇڭ ئىلانلارنى چىكىپ قويسىڭىز بۇسىزنىڭ تىما ئەجرىگە رەھمەت ئىيتقىنىڭىز شۇنداقلا بلوگقا نەپ يەتكۈزگىنىڭىز!!.

ھالقىلىق سۆز:
ئەلگە نەپ تور كولۇبى___便利民博客 نىڭ يازمىلىرىنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟قىنى ئۇنداقتا RSS Feed ئۇنىڭ يازمىلىرىغا مۇشتەرى بولۇڭ!

مەنمۇ ئىنكاس يازىمەن

*ئىسمىڭىز

*ئىلخەت ئاشكارلانمايدۇ

تور ئادرىسىڭىز


使用腾讯微博登陆


     

ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | پىكىر بېرىڭ | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى