مېر ئەخمەتجان ئاساسلىق ئەزا، جۇڭگو 2-0 لائوس
ياخو تەنتەربىيىسى خەۋىرى،23-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا 22-ياشلىقلار لوڭقىسىنىڭ ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى لائوس پايتەختى رانگوندا باشلاندى.بۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان مۇسابىقىدە دۆلىتىمىز 22 ياشلىقلار كوماندىسى لائوس كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينىدى.جۇڭگو كوماندىسى مۇسابىقىدە 2-0 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يەڭدى.
22 ياشلىقلار ئاسىيا لوڭقىسى-ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بۇ يىل يىڭىدىن تەسىس قىلغان مۇسابىقە بولۇپ،بۇ مۇسابىقە بۇنىڭدىن كىيىن تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئاسىيا رايونىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ.مۇسابىقىدە ئالدىنقى ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكەن كوماندىلار بىۋاسىتە ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.بۇ قېتىمقى مۇسابىقە 2013-يىللىق ئاسىيا 22 ياشلىقلار لوڭقىسىنىڭ ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى بولۇپ،جۇڭگو كوماندىسى مۇسابىقىسىدە،چاۋشيەن،تايلانىد،جۇڭگو شياڭگاڭ،كامبودژا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن. بولۇپ،گۇرۇپپىدا 1-ۋە 2-بولغان كوماندا كېيىنكى باسقۇچلۇق مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ.
ئەھمىيەتلىك تەرىپى شۇكى بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو 22-ياشلىقلار كوماندىسىغا پەخىرلىك ئوغلانىمىز مىر ئەخمەتجانمۇ تاللانغان بولۇپ،بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۇ ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىپ،90 مىنۇت تولۇق مۇسابىقە ئوينىدى.يەنى مۇسابىقىدە سول بىك ئورنىدا مەيدانغا چىقىپ،ئىپادىسى ياخشى بولدى.مېر ئەخمەتجاننىڭ بۇ مۇسابىقىدە ئۆزىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ،ياخشى نەتىجە ئىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
تۈۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل!
- تاشقى پىلانت ئادىمىنىڭ قىياپىتى توغرىسىدىكى يېڭى قىياس ئوتتۇرىغا قويۇلدى
- ھىندىستان توك توختاپ قالسا تېخى جۇڭگودىن يامانلاپ يۈردى
- نەچچە ئون مىڭلىغان كىشى ئېغىز تەگكەن پىرامىدا ساڭزا
- شىۋىتسارىيە ئاياق قىلىپ كىيىدىغان پايپاقنى كەشپ قىلدى
- شەيتان بىلەن ساقچى
- 6نەپەر شەرقىي تۈركىستان تىرورچىسى ئېلان قىلىندى
- چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئىلىشتىكى تەدبىر
- شېۋچىنكو دۆلەت كوماندىسىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
- ئەقلىگە سىغمايدىغان مۆجىزە! مېكىيان بىۋاسىتە چۈجە تۇغدى
- ساۋاقدىشىنىڭ قول كومپيۇتېرىنى ئوغرىلاپ سېتىۋەتكەن قىز ئوقۇغۇچى قولغا چۈشتى
بۇ تىمىدا خاتالىق بارمۇ قانداق 2-0ئەمەس 3-0 غۇ دەيمەن….
ياق دوستۇم خاتا ئەمەس ئىدى مەن يەنە بىر تەكشۈرۈپ باقاي،قەدەملىرىڭىزدىن گۈل ئۈنسۇن قېرىندىشم ،كېلىپ تۇرغايسىز