ھىندىستان توك توختاپ قالسا تېخى جۇڭگودىن يامانلاپ يۈردى
يەر شارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: يېقىندا پۈتۈن ھىندىستاننىڭ يېرىمىنى پالەچ قىلىپ قويغان ئىككى قېتىملىق توك توختاش ھادىسىسى پۈتۈن دۇنيانىڭ شىددەت بىلەن باش كۆتۈرىۋاتقان «ئالتۇن كېسەك دۆلىتى» ھىندىستانغا بولغان تەسىراتىنى زور دەرىجىدە بۇرىۋەتتى. ئەمما ھىندىستان ئاخبارات تارماقلىرى بۇنىڭغا باھانە تېپىپ مۇنداق دېدى: ھىندىستاننىڭ ئېلېكتر سىستېمىسىدا ئىشلىتىلىۋاتقان جۇڭگودىن ئىمپورت قىلىنغان مەلۇم زاپچاس «تولىمۇ شۈبھىلىك»، نۆۋەتتە بۇنداق زاپچاس ئىمپورت قىلىدىغان ئىككى ھىندىستان شىركىتى تەكشۈرۈلمەكتە.
«بىر ھىندىستان» تور پونكىتىنىڭ 22- ئاۋغۇستتىكى ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: 7- ئاينىڭ 30- كۈنى ھىندىستاندا كۆرۈلگەن كەڭ كۆلەملىك توك توختاش ھادىسىسىنىڭ سەۋەبى ئادەتتە بىر قىسىم شىتات- رايونلارنىڭ توكنى زىيادە ئىشلىتىشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان دەپ قارالدى، ئەمما ھىندىستان ئاخبارات ئاپپاراتىنىڭ دوكلاتىدا بولسا يەنە بىر نۇقتىدا تۇرۇپ جۇڭگو بۇنىڭدا «مەلۇم رول ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن» دەپ قارالدى. مەزكۇر دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: «جۇڭگو ھازىر كومپيۇتېر قاتتىق دېتالى ۋە ماشىنا زاپچاسلار بىلەن ئاخبارات توپلاپ، ھىندىستانغا تور ھۇجۇمى قىلىشنى تېزلەتمەكتە. جۇڭگو 2017- يىلىغا بارغاندا مەخپىي ھۇجۇم قىلىشنىڭ مۇتەخەسسىسىگە ئايلىنىدۇ. ھىندىستاننىڭ ئېلېكتر كۈچى سىستېمىسىنى ۋەيران قىلىۋېتىش ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى توسۇپ قويالايدۇ».
تۈۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل!
- كۆپ خىل رەڭلىك ھەقسىز ئۇسلۇب
- ئامېرىكىلىق ئەر توردىن 42 يىل بۇرۇن يۈتۈپ كەتكەن ئامراق پىكاپىنى تېپىۋالدى
- ياۋرۇپادا توپ ئويناۋاتقان ئاسىيالىق 10پۇتبول چولپىنى
- ھورۇنلۇقتىن كەشپىيات چىقىدۇ!
- WP8 گە IE10 تور كۆرگۈسى سەپلىنىدىكەن
- سالامەتلىكىڭىزگە دىئاگنوز قويۇۋىلىڭ !
- توردا پۇل تېپىشنىڭ ئىشەنچىلىك يولىلىرى
- ئەرلەر تۇرۇشقا بولمايدىغان شەھەر
- مىللىتىمىزنىڭ ئەدەپ-ئەخلاق يوسۇنلىرى
- دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ چىرايلىق مەسچىت