كورىيەلىك ئايال قېلىچۋاز مۇسابىقە مەيدانىدىن چىقماي يىغلاپ تۇرۇۋالدى
شۇ جاي ۋاقتى 30- ئىيۇل، 2012- يىللىق لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ قېلىچۋازلىق مۇسابىقىسى داۋاملىق ئۆتكۈزۈلدى. ئاياللارنىڭ ئېغىر قېلىچ يەككە مۇسابىقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ چىمپىيونى، گېرمانىيەلىك قېلىچۋاز خايدمان ئۇزارتىلغان مۇسابىقە ۋاقتىدا بىر قېلىچ ئۇرۇپ، بەشكە قارشى ئالتە نەتىجە بىلەن كورىيەنىڭ داڭلىق ماھىرى شېن يالەننى تەستە يېڭىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، خايدمان ئاخىرقى قېتىم ئۇرغان بىر قېلىچ تالاش- تارتىش قوزغىدى، كورىيە كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرى تەشكىلىي كومىتېتقا خايدمان ئۇرغان بۇ بىر قېلىچنى ئىناۋەتسىز قىلىشنى ئىلتىماس قىلىۋىدى رەت قىلىندى. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىدىن مەھرۇم قالغان شېن يالەن نەق مەيداندىن چىقماي ھۆڭگىرەپ يىغلاپ تۇرۇۋالغاچقا، مۇسابىقە ۋاقتى ئىككى سائەتكە سوزۇلۇپ كەتتى.
تۈۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل!
- بىرازىلىيە دۆلەت ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى يىڭى تىزىملىكى ئېلان قىلىندى
- بەيدۇ ئېلان ھەمكارلىقى ۋە ئېلان كىرىمى ھەققىدە
- ھورۇنلۇقتىن كەشپىيات چىقىدۇ!
- ﺑﯩﻞ . ﮔﺎﻳﺘﯩﺲ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﺎﻳﺪﯗ ؟
- كومپىيۇتېر ئېچىلىش ئاۋازىنى ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى
- QQ بىلەن 360 يەنە چىشلىشىشكە باشلىدى
- ئەڭ يىڭى فىلىم كىرىشتۇرۇش دىتالى
- ئەنگلىيىدىكى 3/ 1 قىسىم ياشلار تۇخۇمنى مېكىياننىڭ تۇغىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن
- تورخاندا ئولتۇرۇپ ئاچ قېلىپمۇ يۇرۇپسىز
- Chrome OS غا App Panel قوشۇلدى