ئىزدە     

مىسىرنىڭ قۇللۇقتىن چىققان ئۇيغۇر پادىشاھى

ۋاقتى 2012-08-01 15:25 | كىلىش مەنبەسى:ئەلگە نەپ تور كولۇبى | ئوقۇلۇشى

ئەخمەد ئىبنى تولۇن (Ahmad ibn Tulun,835~884 ) __ مىسىر تولۇن ئوغۇللارى دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، مىلادى 835-يىلى 9-ئايدا باغدادتا تۇغۇلغان، ئوتتۇرا ئاسىيا فەرغانەلىك تۈرك، ئاتىسى تولۇن ئەسلىدە بۇخارا ۋالىسى ساماننىڭ قۇلى بولۇپ 817-يىلى ئابباسىلار خەلىپىسى مامۇن ( al-Ma’mun ) غا ھەدىيە قىلىنغان. ئىبن تولۇن چوڭ بولغاندىن كېيىن مامۇننىڭ خىزمىتىدە بولغان ۋە كۆرىنەرلىك خىزمەتلىرىدىن ئۇنىڭ ئامراقلىغىغا ئېرىشكەن، ئوردىدا دىنىي ۋە مەدىنىيەت تەربىيەسى كۆرگەن. خەلىپە مۇستائىن ھۆكۈمرانلىغى زامانىسىدا ئوردا نەۋكەرلىرىنىڭ قوماندانلىق ۋەزىپىسىدە بولغان، تارسۇس شەھرىدە ۋەزىپىدە ئولتاغاندا مەخسۇس ئىسلام دىنىي كىتاپلىرىنى ئۈگەنگەن. ئۇ مىلادى868-يىلى مىسىرغا ، مىسىر ۋالىسى بايىكبېكنىڭ ياردەمچىلىگىگە ئەۋەتىلىپ، ۋالىلىق ۋەزىپىسىنى ۋاكالىتەن ئۆتەيدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ خەلىپە ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن باج ئەمەلدارى قولىدىن پۈتۈن مىسىرنىڭ مالىيە- باج ھوقۇقىنى تارتىۋالىدۇ، يىللىق باجنىڭ پەقەت ئازغىنە قىسمىنى دۆلەت غەزىنىسىگە تاپشۇرىدۇ، شۇندىن ئېتىبارەن مىسىر مۇستەققىل بولىدۇ.

-ئۇ 100مىڭ كىشىلىك بىر قوشۇن تەشكىللىگەن، تۈرك قۇللىرى ۋە نېگىر قۇللاردىن تەشكىللەنگەن ئىنتايىن ئىنتىزامچان ئوردا قوغدىغۇچى نەۋكەرلەر قوشۇنى قۇرۇپ چىقىپ، ھاكىمىيەتنىڭ تۈۋرۈگى قىلغان. ئۇ ئارمىيەگە ، يەرلىك ئەمەلدارلارغا ۋە پۇقرالارغا ئۆزىگە سادىق بولۇشقا قەسەم قىلىشنى بۇيرىغان، كېيىن خەلىپە مىسىردىكى كونتىروللىغىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىپ ، باجنى دۆلەت غەزىنىسىگە تاپشۇرۇشقا بۇيرىغان، لېكىن ئەخمەت ئىبنى تولۇن بۇ بۇيرۇققا بويسۇنمايدۇ، 877-يىلى سۇرىيە ۋالىسىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىك ۋە خەلىپىنىڭ بەسرەدىكى نېگىر قۇللار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا تۇتۇنغانلىق پۇرسىتىنى تۇتۇپ ، ئەسكەر چىقىرىپ سۇرىيەنى قوشىۋالىدۇ، ئۇ تەختتە 16يىل(868~884) ئولتۇرىدۇ، ھۆكۈمرانلىق داۋامىدا كەسكىن ئىسلاھات ئېلىپ بارىدۇ؛ ئىقتىساتنى گۈللەندۈرىدۇ، نۇرغۇن مەبلەغ ئاجرىتىپ سۇ ئەسلىھەلىرىنى ياسىتىپ سۇغۇرۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىدۇ؛ قول-سانائەت ئىگىلىگىنى ۋە سودا ئىگىلىگىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ؛ مالىيەنى رەتكە سېلىپ باجنى يېنىكلىتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ بىرقاتار ئىسلاھاتلار تۈرتكىسىدىن ئىشلەپچىقىرىش بىر قەدەر تېز راۋاجلىنىپ دۆلەت خەزىنىسى بېيىيدۇ. دۆلەت مۇداپىيەنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۇ دېڭىز ئارمىيە قوشۇنى تەشكىللەپ قۇرۇپ چىقىدۇ شۇنىڭدەك پەلەستىننىڭ ئاقتا ۋە ئىسكەندىرىيە پورتىدا دېڭىز ئارمىيە ھەربىي بازىسى قۇرىدۇ. قاھىرە شەھرىنىڭ شەرقىي-جەنۇبىغا گېتايىر قەلئەسى قۇرۇپ مۇھىم ئىستراتېگىدىيەلىك مۇداپىيە سېستىمىسى ھاسىل قىلىدۇ. ئۇ يەنە قاھىرە كونا شەھرىنى رېمونت قىلدۇرۇپ، ئوردا، سودا دۇكانلىرى، مېھمانساراي، يوللارنى ياسىتىپ كونا شەھەرنىڭ قىياپىتىنى يېپيېڭىلا قىلىۋېتىدۇ. ئۇ ئىسلام مائارىپى ۋە مەدىنىيىتى ئۈچۈن ياردەم قىلىپ دۆلەت خەزىنىسىدىن پۇل چىقىرىپ دىنىي مەدرىسلەر، مەسچىتلەر، دوختۇرخانا، كۇتۇپخانىلار ياساتتۇرۇپ قاھىرە ۋە دەمەشقتىكى ئىلىم-پەن ۋە مەدىنىيەتنىڭ يەنىمۇ بىر قەدەم تەرەققى قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئۇ قۇردۇرۇپ چىققان ئىبن تولۇن مەسچىدى ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدىكى نادىر قۇرۇلۇشلىدىن بىرى ھىساپلىنىدۇ.
مىلادى 884-يىلى تولۇننىڭ ئوغلى خۇماراۋى(Humareveyh (884–896)) ئورنىغا چىققاندىن كېيىن ئەسكەر چىقىرىپ دەمەشق ۋە شىمالى مېسوپوتامىيە ۋالىسى قوزغىغان توپىلاڭنى باستۇرىدۇ، 886-يىلى خەلىپە مۇرتادمىد خۇماراۋى پادىشد بىلەن سۈلھى تۈزەيدۇ، خۇماراۋىي خەلىپىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە خەلىپە غەزىنىسىگە مەلۇم مىقتاردا سېلىق تاپشۇرىدۇ. خەلىپە ئۇنى مىسىر ۋە سۇرىيەنىڭ ئەمىرى دىگەن نامنى بېرىدۇ. 904-يىلى كارمات مەزھىپى سۈرىيەگە ھۇجۇم قىلىدۇ، دەمەشق ئاھالىسى خەلىپە مۇقتەفىدىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ، خەلىپە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سۇرىيەنى بېسىۋالىدۇ ۋە پەلەستىن ئارقىلىق مىسىرغا ھۇجۇم قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەربىي فلوت ئەۋەتىپ سىلىتسىيەدىن نىل دەريا دېلتىسىغا قاراپ ھۇجۇم قىلىدۇ، 905-يىلى 1-ئايدا قاھىرە قولدىن كېتىدۇ، گېتايىر قەلئەسى تۈزلىۋېتىلىدۇ. ئىبن تولۇن ئوغۇللارى باغداتقا كېتىدۇ، تولۇن سۇلالىسى يىمىرىلىدۇ.
تولۇن ئوغۇللارى ئەمىراتلىغىنىڭ ھۆكۈمدارلىرى:
● ئەخمەد ئىبن تولۇن (868–884 )
●خۇماراۋى (884–896)
● ئابۇ ئەل-ئاچىر (896)
●ھارۇن (896–904)
● شابان (904–905)
ئەخمەد ئىبن تولۇننىڭ مىللەت تەۋەلىگى:
ئەرەپ مەنبەلىرىدىن تارىخچى مەقرىزى (Maqrizi) مىسىر تولۇن خاندانلىغىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەھمەد بىن تولۇن (Ahmed bin Tulun ) نىڭ ئاتىسى توققۇز ئوغۇز بولۇپ ھىجىرىيەنىڭ 200-يىلى (مىلادىيە 815-816-يىللار) بۇخارا سانانىيلار ھۆكۈمدارى نوھ بىن ئەسەد ئۇنى سوۋغا سۈپىتىدە ئابباسىيلارنىڭ خەلىپىسى مەئمۇنغا سوۋغا قىلدى دەيدۇ. (مىنورسكىينىڭ 1948-يىلى نەشر قىلىنغان كىتابىنىڭ 287-بېتىدىن ئېلىندى. شىت 1970-يىلى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان « ئەرەپ ئومىمى تارىخى» نىڭ 540-بېتىدە ئىبن ئال خەلدۇننىڭ « دۇنيا ئومۇمىي تارىخى» دىن نەقىل قىلىپ ئۇنى پەرغانىدىن كەلگەن تۈرك دەپ يازىدۇ.)

ئەلدىن ئەلگە نەپ تىمامدىن سىزگە ئازراقمۇ بولسا نەپ يەتگەن بولسا سىزمۇ بلوگىمغا ئازراق نەپ يەتكۈزۈپ قويۇڭ ئىلانلارنى چىكىپ قويسىڭىز بۇسىزنىڭ تىما ئەجرىگە رەھمەت ئىيتقىنىڭىز شۇنداقلا بلوگقا نەپ يەتكۈزگىنىڭىز!!.

ھالقىلىق سۆز:
ئەلگە نەپ تور كولۇبى___便利民博客 نىڭ يازمىلىرىنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟قىنى ئۇنداقتا RSS Feed ئۇنىڭ يازمىلىرىغا مۇشتەرى بولۇڭ!

ئەمدى 1 ئىنكاس چۈشۈپتۇ

  1. ئارسلان مۇنداق دىدى:

    ماۋۇ بىز ئۇقمايدىغان ئىشكەن جۇمۇ ئۇقۇپ قويساق بولغۇدەك..

مەنمۇ ئىنكاس يازىمەن

*ئىسمىڭىز

*ئىلخەت ئاشكارلانمايدۇ

تور ئادرىسىڭىز


使用腾讯微博登陆


     

ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | پىكىر بېرىڭ | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى