ئەنگلىيىدىكى 3/ 1 قىسىم ياشلار تۇخۇمنى مېكىياننىڭ تۇغىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن
خەلقئارا لىنىيىسى تورنىڭ مەخسۇس خەۋىرى: ئەنگىلىيەنىڭ« كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» ۋە« كۈندىلىك تېلېگراف گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيىنىڭ داڭلىق بازار ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش شىركىتى OnePollشىركىتى 5- ئاينىڭ 11- كۈنىدىن 14- كۈنىگىچە 2000 دىن ئارتۇق ياشلارغا قارىتا توردا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئەنگلىيىدىكى 3/ 1 ياشلارنىڭ تۇخۇمنى مېكىياننىڭ تۇغىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ چىققان، 40% ياشلار بولسا سۈتنىڭ ئىنەكتىن چىقىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن.
تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، 16 ياشتىن 23 ياشقىچە بولغان ئەنگلىيە ياشلىرى ئىچىدە 36%ى سۈرلەنگەن گۆشنىڭ چوشقا گۆشىدىن قىلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن، 40% ى سۈتنىڭ ئىنەكتىن چىقىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن، 7% كىشىلەر سۈتنى بۇغدايدىن كېلىدۇ دەپ قارايدىكەن. پەقەت 67% كىشى تۇخۇمنى مېكىياننىڭ تۇغىدىغانلىقىنى بىلىدىكەن. 11% ئادەم تۇخۇمنى بۇغداي ياكى كۆممىقوناقتىن پىششىقلاپ ئىشلەش نەتىجىسىدە ياسىلىدۇ دەپ قارايدىكەن.
گەرچە 43% ئادەم ئۆزىنىڭ يېمەكلىكىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى بىلىمىز دەپ قارىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۆز يېمەكلىكىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى كېلىش مەنبەسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە قارىتا بىلىمىنىڭ كەمچىل بولۇشى ھەقىقەتەن كىشىنى چۆچۈتىدۇ.
OnePollشىركىتىنى بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشنى ئېلىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغان خەير- ساخاۋەت ئورگىنى باش ئىجرا ئەمەلدارى كارولىن درامموند مۇنداق دەيدۇ: بىز دائىم كىشىلەرنىڭ يېمەكلىك بىلىملىرىنىڭ ئاز قېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدۇق، بىراق بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسى بۇ ئەھۋالنىڭ ناھايىتى يامان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى.
كارولىن درامموند يەنە مۇنداق دەيدۇ: 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا تۇغۇلغان ياشلارنىڭ 30%ى دېھقانچىلىق مەيدانى كۆرۈپ باقمىغىلى 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت بوپتۇ.
تۈۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل!
- ئالىم خالىق لوندون ئولىمپىكىنىڭ مەشئەل يەتكۈزگۈچىسى بولدى
- QQ رىڭىزنىڭ باھاسىنى بىلىپ بېقىڭ
- قوش ئىستونلۇق سەھىپە ھاسىل قىلىش تېخنىكىسى
- پۇل تاپ، ھالال تاپ!
- جۇڭگودىكى ئايال بەڭگىلەرنىڭ سانى 12 مىليوندىن ئاشتى
- ئۇيغۇر بىلوگداشلار!!!!!!دىققەت..................
- داڭدار ماھىر كاكا خانلىق مادرىد كوماندىسىدىن ئايرىلىدۇ
- 2012-يىللىق مۇسابىقىلەر........
- ئوباما: قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش نادانلىقتۇر
- WP8 گە IE10 تور كۆرگۈسى سەپلىنىدىكەن