ئىزدە     

توردا «ساختا قورساق» نىڭ بازىرى ناھايىتى ئىتتىك بولۇپ كەتتى

ۋاقتى 2012-08-14 04:24 | كىلىش مەنبەسى:ئەلگە نەپ تور كولۇبى | ئوقۇلۇشى

يېقىندا «ساختا قورساق»دەپ ئاتىلىدىغان سىلتىسىيلىق يېلىم جابدۇقى توردا قاتتىق بازىرى ئىتتىك بولۇپ، كىشلەر بۇنى «بىر سىكۇنتتىلا ھامىلدار ئايالغا ئۆزگىرىسىز»دەپ ئاتىۋالغان. سېتىۋالغۇچىلار بولسا ھامىلدار ھالەتكە كىرىۋېلىش ئارقىلىق شىركەت تەرىپىدىن شاللىنىپ كېتىشتىن ساقلىنىدۇ، سىرتقا چىققاندا رەتكە تىزىلىشتىن قۇتۇلىدۇ، ئاپتوبۇسلاردا باشقىلارنىڭ ئورۇن بوشىتىپ بېرىشىگە ئېرىشىدۇ، ئاياللارنىڭ بۇ نەرسىنى سېتىۋىلىشتىكى مەقسەت ھەرخىل.
«ياسمىغان يالغان نەرسە قالماپتۇ جۇمۇ، ھەتتا ھامىلدار بولۇش دېگەن مۇشۇنداق ئىشنىمۇ يالغىنىغا ئوينايدىغان بولۇپ كېتىپتۇ»دېگەن مىكرو بلوگداش، تور دۇكىنى بولغان تاۋباۋدىكى بىر دۇكاندا، ساتقۇچى بۇنداق يالغان قورساقنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئېنىق قىلىپ چىقىرىپ قويغان، بۇنداق ساختا قورساقلارنىڭ سېتىلىش باھاسى 400~1200يۈەنگىچە بولۇپ، ھامىلدار بولغان ۋاقىتقا قاراپ، كىچىك، ئوتتۇرا، چوڭ دېگەن نومۇرلارغا ئايرىلىدىكەن، ھەتتا قوشماق، تۆت گېزەك «قورساق»لىقلىرىمۇ باركەن.
بۇخىل ساختا قورساقلارنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان «پايدىسى»نۇرغۇن بولۇپ، بۇنداق بولغاندا شىركەتتە ئادەم شاللىغاندا شاللىنىپ كېتىشتىن ساقلىنالايدۇ، ئاممىۋى سورۇنلاردا بولسا كىشلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشەلەيدۇ، بەزى ئاياللار ئۆزىنى ھامىلدار بولۇپ قالدىم دەپ قويۇپ، قولۇم-قوشنا ھەم خىزمەتداشلىرىنىڭ پىتنە-پاساتلىرىدىن قۇتۇلىدۇ.
ئادوۋكاتنىڭ قارىشىچە، ئەگەر مەلۇم شىركەتنىڭ خىزمەتچىسى «ساختا ھامىلدار »بولۇپ شىركەتنى ئالدىسا، بۇ ئەمگەك مۇناسىۋەتلىرى ئالدامچىلىقىغا بېرىپ چېتىلىدىكەن، شىركەت قانۇنغا ئاساسەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىۋەتسە بولىدىكەن.

مۇتەخەسىسلەر، ئەگەر ناچار تىجارەتچىلەر سانائەتكە ئىشلىتىدىغان سىلتىسىيلىق يېلىمدا «ساختا قورساق»ئىشلەپچىقارسا، تېرىگە زىيان يەتكۈزىدىكەن، مېدىتسىنادا ئىشلىتىدىغان سىلتىسىيلىق يېلىم گەرچە تېرىگە زىيان يەتكۈزمىسىمۇ، لېكىن يازدا ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتسە ھۆل تەمرەتكە دېگەندەك تېرە كېسەللىكلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دېگەن.

ئەلدىن ئەلگە نەپ تىمامدىن سىزگە ئازراقمۇ بولسا نەپ يەتگەن بولسا سىزمۇ بلوگىمغا ئازراق نەپ يەتكۈزۈپ قويۇڭ ئىلانلارنى چىكىپ قويسىڭىز بۇسىزنىڭ تىما ئەجرىگە رەھمەت ئىيتقىنىڭىز شۇنداقلا بلوگقا نەپ يەتكۈزگىنىڭىز!!.

ئەلگە نەپ تور كولۇبى___便利民博客 نىڭ يازمىلىرىنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟قىنى ئۇنداقتا RSS Feed ئۇنىڭ يازمىلىرىغا مۇشتەرى بولۇڭ!

مەنمۇ ئىنكاس يازىمەن

*ئىسمىڭىز

*ئىلخەت ئاشكارلانمايدۇ

تور ئادرىسىڭىز


使用腾讯微博登陆


     

ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | پىكىر بېرىڭ | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى