ئىزدە     

يېتىلىۋاتقان ياش پۇتبول چولپىنى قىز دوستىنى چاناپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن

ۋاقتى 2012-09-11 19:07 | كىلىش مەنبەسى:ئەلگە نەپ تور كولۇبى | ئوقۇلۇشى

سىنا تەنتەربىيە خەۋىرى: مۇھەببەتلىشىۋاتقان كىشىلەرنىڭ كاللىسى بەزىدە سەگەكلىكىنى يوقىتىپ قويىدۇ، ھەمدە بەزى قالايمىقان ئىشلارنى قىلىپ ئۆزىگە نۇرغۇن ئاۋارىچىلىق تېپىۋالىدۇ. «قوياش گېزىتى» نىڭ خەۋىرىچە، ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى سىتوك شەھىرى ياشلار كوماندىسى مۇداپىيەچىسى 18 ياشلىق ئاندىرېۋ خال ئۆزىنىڭ زىيادە ھەسەت قىلىشى، گۇمانلىنىشى تۈپەيلىدىن 15 ياشلىق قىز دوستى مېگان پىتنى ئۆلتۈرىۋەتكەنلىكىنى ئىقرار قىلغان. ئەقلىنى يوقاتقان ئاندىرېۋ خال شۇ ۋاقىتتا ھەقىقەتەن قىز دوستى مېگان پىتنىڭ بېشى، كۆكسى ۋە باشقا ئەزالىرىنى جەمئىي 60 قېتىم چاناپ ناھايىتى ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرىۋەتكەن. مانا بۇ ئىش تۈپەيلىدىن ئاندىرېۋ خال ئەمدىلا باشلىغان پۇتبول ھاياتىنى ئۆزىنىڭ قارا قولى بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان.
ئېگىلىنىشىچە ئاندىرېۋ خال قەستەن قاتىللىق جىنايىتى بىلەن ئۆمۈر بويى تۇرمىغا تاشلىنىدىكەن. ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىغا نىسبەتەن سوت مەھكىمىسى ئەمەلدارى رېچارد :«مېگان پىت ئەمدى مەڭگۈ تۈرمۇشنىڭ جىددىيلىكى ۋە خۇشاللىقىنى ھېس قىلالمايدۇ، ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنەلمەيدۇ. ئۇ ھەتتا 18 ياشقا توشقان توغۇلغان كۈنىنىمۇ خاتىرىلىيەلمەيدۇ، ئۇنىڭ 15 ياشتىكى گۈزەل ھاياتى سېنىڭ قولۇڭدا نابۇت بولدى. شۇ كۈنى كەچتە نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلغىنىڭنى پەقەت ئۆزۈڭلا بېلىسەن، ئۇنى بۇنداق ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈشنىڭ نېمە ئۈچۈنلىكىنى ئۆزۈڭ بىلىسەن، سەن ئۇنىڭ بىلەن باشقىلار ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇققا پەقەت ھەسەت ۋە گۇماننىڭ بىلەن قارىدىڭ» دېگەن.

ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە خال سىتوك شەھىرى ياشلار كوماندىسىغا ۋاكالىتەن پۇتبول بىرلەشمە لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان، ھەمدە ئۆزىنىڭ بىر توپى بىلەن كوماندىنى تۆتىنچى ئايلانمىغا ئېلىپ كىرگەن ئىدى. ئۇ ئەمدىلا 18 ياشتا بولۇپ، مۇداپىيە سېپىدە يېتىلىۋاتقان ياش چولپان ئىدى. بۇ ۋەقە يۈز بېرىشنىڭ ئالدىدا ئۇ سىتوك شەھىرى كۇلۇبى بىلەن رەسمىي ھالدا كەسپىي توختام ئېمزالىغان. سوت مەھكىمىسى ئەمەلدارلىرىمۇ خال ئۆز قولى بىلەن ئۆزىنىڭ پارلاق كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى دەپ قارىغان.
سوت مەھكىمىسى ئېيتقىنىدەك بۇ قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى مۇھەببەتلەشكەنلەر ئوتتۇرىسىدىكى بىر قېتىملىق گۇمانلىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان، مېگان پىت شۇ ۋاقىتتا بىر دوستى ئۆتكۈزگەن يىغىلىشتا پۈتۈن بەدىنى 60 قېتىم چانىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئىككى دانە جىنايەت ئەسۋابى ئۇنىڭ يېنىغا تاشلاپ قويۇلغان. يارىسى ناھايىتى ئېىر بولغانلىقتىن پىتنىڭ قېنى كۆپ ئېقىپ كېتىپ دوختۇرلار ئۇنى قۇتقۇزۇشقا ئۈلگۈرەلمىگەن.

قوللاش دىمەك_تەرەققىيات دىمەكتۇر

كولۇبىمىزدىكى مەزمۇنلاردىن ئاز-تولا نەپ ئالغان بولسىڭىزئاستىدىكى  ئېلانلارنى  بىر قۇر چىكىپ قويۇڭ!تەكلىپ-پىكىر ۋە ياكى مۇشۇ مەزمۇنغا قارىتا كۆز قارىشڭىزۋە ياكى تەكلىپ-پىكىر بولسا ئاستىغا ئىنكاس يېزىڭ 

ئەلدىن ئەلگە نەپ تىمامدىن سىزگە ئازراقمۇ بولسا نەپ يەتگەن بولسا سىزمۇ بلوگىمغا ئازراق نەپ يەتكۈزۈپ قويۇڭ ئىلانلارنى چىكىپ قويسىڭىز بۇسىزنىڭ تىما ئەجرىگە رەھمەت ئىيتقىنىڭىز شۇنداقلا بلوگقا نەپ يەتكۈزگىنىڭىز!!.

ھالقىلىق سۆز:
ئەلگە نەپ تور كولۇبى___便利民博客 نىڭ يازمىلىرىنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟قىنى ئۇنداقتا RSS Feed ئۇنىڭ يازمىلىرىغا مۇشتەرى بولۇڭ!

ئەمدى 1 ئىنكاس چۈشۈپتۇ

  1. پەخرىم مۇنداق دىدى:

    ھېي مانىڭ قىلغان قىلىقىنى كۈرۈڭ

مەنمۇ ئىنكاس يازىمەن

*ئىسمىڭىز

*ئىلخەت ئاشكارلانمايدۇ

تور ئادرىسىڭىز


使用腾讯微博登陆


     

ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | پىكىر بېرىڭ | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى