شېۋچىنكو دۆلەت كوماندىسىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
ۋاڭيى تەنتەربىسيى خەۋىرى،ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئۇكرائىنا كوماندىسى 0-1 نەتىجە بىلەن ئىنگىلانىد كوماندىسىغا يېڭىلىپ گۇرۇپپىدىن چىقالمىدى.مۇسابىقىدىن كىيىن،«يادرو ئوقبىشى»دەپ نام ئالغان ئۇكرائىنا كوماندىسىنىڭ 36 ياشلىق داڭلىق پۇتبولچىسى شېۋچىنكو دۆلەت كوماندىسىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.ئۇ بۇ ھەقتە:«بۈگۈنكى مۇسابىقە مىنىڭ دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان ئەڭ ئاخىرقى مۇسابىقەم» دېدى.شۇنىڭ بىلەن بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتناشقان ئۇكرائىنا كوماندىسىدىكى يېشى ئەڭ چوڭ پۇتبولچى،ئۇكرائىنانىڭ«يادرو ئوقبىشى»-شېۋچىنكو ئۇكرائىنا دۆلەت كوماندىسىدا 111 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ،48 توپ كىرگۈزۈشتەك رېكورتنى قالدۇرۇپ، دۆلەت كوماندىسى بىلەن رەسمىي خوشلاشتى.
خەلقئارا پۇتبول مۇنبىرىدە 1976-يىلى تۇغۇلغان پۇتبولچىلار ئارىسىدا داڭلىق پۇتبولچىلار ناھايىتى كۆپ بولغاچقا،بۇلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ،«76-يىلى تۇغۇلغان بىر ئەۋلاد ئالتۇن پۇتبولچىلار» دەپ ئاتالغان.بۇلارنىڭ ئىچىدە،رونالدوغا ئوخشاش نۇرغۇن داڭلىق پۇتبولچىلار كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان بولۇپ،شېۋچىنكو 2012-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتناشقان «76-يىلى تۇغۇلغان ئالتۇن ئەۋلاد پۇتبولچىلار» رنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى بولۇپ قالدى.
ئەمەلىيەتتە ئۇ ئىككى يىل بۇرۇنلا ياۋروپا لوڭقىسىدىن كىيىن دۆلەت كوماندىسىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ،ئۆز دۆلىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا لوڭقىسىدا چېمپىيون بولۇش ئارزۇسى بار ئىدى،ئۇ بۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشتى،ھەتتا بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى توپ كىرگۈزۈپ،دۇنيانى لەرزىگە سالدى.بىراق ئۇنىڭ ئۆز دۆلىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا لوڭقىسىدا چېمپىيون بولۇش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىدى.
مۇسابىقىدىن كىيىن ئۇ ئىنگىلانىد كوماندىسىغا بەخت تىلىدى،ئۇ يەنە:«بىز مۇسابىقىدە ئىنگىلانىد كوماندىسىنى يېڭىشنى ئارزۇ قىلاتتۇق،ياۋروپا لوڭقىسى سەپىرىمىزنىڭ تېخىمۇ ئۇزاق بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتۇق» دېدى.بۇ مەيدان مۇسابىقىدە،مۇسابىقە باشلىنىپ 23 مىنۇت بولغاندا ئۇنىڭ تېزى يارىلانغان بولسىمۇ،ئاخىرغىچە مۇسابىقە ئوينىدى،بۇ ھەقتە ئۇ:«سىلەر بىلگەندەك تېزىم يارىلانغان،ئىنتايىن ئاغرىپ تۇراتتى، مەن مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىش باسقۇچىدا بولسۇن ياكى مۇسابىقىدە بولىسۇن، بۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ كەلگەنىدىم،بىراق بىز شاللىنىپ كەتتۇق»دېدى.
گەرچە ئۇ كوماندىغا خوش دىگەن بولسىمۇ،بىراق ئۇكرائىنا ئۇنىڭ ئۈچۈن خوشلىشىش مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرىدۇ.ئۇ يەنە:«بىز مۇسابىقىدە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن رەقىبىمىزنى يىڭىش ئۈچۈن تىرىشتۇق،بىراق كۈتكىنىمىزدەك نەتىجىگە ئىرىشەلمىدۇق،بىراق مەن يەنىلا دۆلەت كوماندىسىدىكى يىگىتلەردىن پەخىرلىنىمەن،كەلگۈسىدە مەن يوق ئۇكرائىنا كوماندىسىنىڭ تېخمۇ ياخشى نەتىجىگە ئىرىشىدىغانلىغىغا ئىشىنىمەن.كىيىفتىكى ۋە گىدەنسىكتىكى مەستانىلەرگە رەھمەت ئىيتىمەن»دىدى.ئۇ ئۆزىنىڭ بىر مەيدان دوسىتلۇق مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇپ دۆلەت كوماندىسىدىن رەسمى خوشلىشىدىغانلىغىنى بىلدۈردى. ئۆزىنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا ئۇ:«مەن بۇنى تېخى قارار قىلمىدىم،مەن ھازىر كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىپ،بالامغا ھەمرا بولۇشنى ئويلايمەن» دېدى.تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا ئۇ بىكىنھام،ھىنىرىلارغا ئوخشاش،ئامېرىكا چوڭ ئىتتىپاق بىرلەشمىسىگە بېرىپ،توپ تېپىشى مۇمكىنكەن.
تۈۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل!
- خوشخەۋەر
- سېرىق فىلىم كۆرىدىغان <ئەخلاقلىق> بالا
- شىنجاڭ كوماندىسى غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى
- ئالما شىركىتىنىڭ روھىي تۆۋرۈكى سىتىف جوبىسنىڭ تەرجىمىھالى
- كېچىدە سۇ ئىچىپ بەرسە، مېڭىگە قان چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
- ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﻛﯚﺯﻧﻰ ﺋﺎﺳﯩﺮﺍﺷﺘﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼﺭ
- كۇنۇپكا تاختىسىدىكى ئەپچىل قوللىنىشلار
- مۇنداقمۇ ئىشلار بۇلىدىكەن ،ھەقىقەتەن ئېچىنشىلىق
- چ چ نىڭ تىز ئىجرا كونۇپكىللىرى
- داڭدار ماھىر كاكا خانلىق مادرىد كوماندىسىدىن ئايرىلىدۇ