ياشانغانلاردا مېڭىسىگە قان چۈشۈش ياكى يۈرەك كېسەللىكى قوزغىلىش ئەھۋاللىرى دائىم دېگۈدەك ئەتىگەندە كۆرۈلىدۇ. تېببىي ئالىملار بۇنى كېچىدە ئىچىدىغان سۇنىڭ كەمچىل بولۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ يەكۈن چىقارغان. ياشانغانلاردىكى قېرىش-ئاجىزلىشىش ئامىللىرىنىڭ كۆپىنچىسى قىزىل قان تومۇرلىرىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىش قاتارلىق قان تومۇر كېسەللىكلىرى ئۆزگىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كېچىدە ئىچىدىغان سۇ ئاز بولسا قان سۇيۇقلىقىدىكى قان شارچىلىرى ئۆرلەپ قان قويۇقلىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قان تومۇر بوتقىسىمان قېتىپ قان تومۇر توسۇلۇپ قېلىش، مېڭىگە قان چۈشۈش ياكى يۈرەك كېسىلى قوزغىلىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
ياپونىيە ئالىملىرى مەخسۇس تەجرىبە قىلىپ، ئىككى گۇرۇپپىدىكى ئاغرىقلارنىڭ بىر گۇرۇپپىدىكىلىرىگە يېرىم كېچىدىن باشلاپ 250 مېللېلېتىر قايناقسۇ ئىچكۈزگەن. يەنە بىر گۇرۇپپىدىكىلەرنى ئەتىگەندە ئويغىتىپ، ئىككى گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ قان سۇيۇقلۇقىنى ئۆلچىگەن. نەتىجىدە قايناقسۇ ئىچكۈزگەن گۇرۇپپىدىكى ئاغرىقلارنىڭ قېنىنىڭ قويۇقلىقى قايناقسۇ ئىچكۈزمىگەن ئاغرىقلارنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولغان. مېڭىگە قان چۈشۈش خەتىرىمۇ ئازايغان. شۇڭا ياشانغانلار ئەڭ ياخشىسى كېچىدە سۇ ئىچىپ بەرسە مېڭىگە قان چۈشۈشتىن ۋە يۈرەك كىسىلىدىن ساقلىنالايدۇ. سۇ ئىچىشتە، ياز پەسلىدە بىر ئىستاكان سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ، قىش پەسلىدە بىر ئىستاكان يىلمان قايناقسۇ ئىچىپ بېرىش كېرەك. بۇنى دائىملىق ئادەتكە ئايلاندۇرۋالسا، مېڭىگە قان چۈشۈش، يۈرەك كېسىلى قوزغىلىشنىڭ كۆرۈنەرلىك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.