پۇت تىرنىقىنىڭ گۆشكە ئۆسۈپ كىرىپ كېتىشى ھەققىدە
بىر نەچچە يىل بولغان پۇتۇمنىڭ باش بارمىقىنىڭ تىرنىقى ئۆسۈپ يان تەرەپتىكى گۆشنىڭ ئىچىگە كىرىپ بەك قېينايتتى .كېيىن ئوپىراتسىيە قىلىپ ئىككى پۇتۇمنىڭ باش بارمىقىنىڭ تىرنقىنى ئالغۇزىۋەتتىم .بىر يىلدىن كېيىن ئۆسۈپ يەنە ئوخشاش بولدى .(دوختۇر يەنە ئۆسۈپ ئوخشاش بولىدۇ دېگەن ئېدى ،لېكىن نېملا بولمىسۇن بىر يىل ئارام تېپىپ قالدىم ).ئەلۋەتتە ئوپىراتسىيەدە باش بارماقنى ناركوزلىغان بىلەن يەنە ئاغرىيدۇ ،ئادەمنى قېينايدىغىنى كۈندە بىر قېتىم داكا ئالماشتۇرۇش ،بۇ چاغدا قان قېتىشىپ باش بارماقنىڭ تىرناق ئېلۋىتىلگەن يەرگە چاپلىشىپ قالىدۇ ،ئۇنى يۇلۇپ چىقارغۇچە خېلى قېينلىسىز،بۇنداق قېينالغۇچە تاياق بىلەن كوم-كوم قويسا دەپمۇ ئويلاپ قالىسىز.ئۇنىڭدىن كېيىن بىر يىلغىچە ئاغىرىمايدىكەن .
ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ تىرناق يەنە ئۆسۈپ،بۇرۇنقىدىنمۇ بەك قىينايدىغان بولۇپ كەتتى .يەنە ئوپىراتسىيە قىلدۇردۇم .لېكىن تىرناق ئۆسۈپ ئوخشاش بولدى ،توردىن بەيدۇلاپ كۆرسەم ،بەزىلەرنىڭ ئوپىراتسىيە بىلەن ياخشى بولماي تەكرار ناچار ئايلانما ھالەتنى ساقلاپ قالىدىكەن .
شۇنىڭ بىلەن بەيدۇلاپ نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ئېنكاسىنى كۆرۈپ چىقتىم .بۇنداق بولغان تورداشلار بەك كۆپ ئېكەن .شۇ ئېنكاسلار ئىچىدىن بىرەيلەننىڭ ئالاھىدە ياسالغان بىر پۇت تىرناق ئالغۇچىنىڭ بارلىقىنى كۆردۈم .ئۇنى ئىشلتىشنى سىناپ باقماقچى بولۇپ تاۋبادىن سېتىۋالدىم .شۇنىڭ بىلەن تىرناقنىڭ يان تەرىپىنى كېسىدىغان بولدۇم .بۇ تىرناق ئالغۇچقا قارىغاندا ياخشىكەن .شۇڭا مەندەك كەچۈرمىشى بار تورداشلارنىڭ بۇنداق تىرناق ئالغۇچنىڭ بارلىقدىن خەۋەردار بولۇپ قالسا دېگەن ئۈمىدتىمەن .گەرچە بۇ ئەنئەنىۋى تىرناق ئالغۇچقا قارىغاندا ياخشى بولىسمۇ ،تىرناق يەنە ئاغرىيدۇ .ئەگەر سىزنىڭ باشقىچە ھەل قىلىش ئۇسۇلىڭىز بولسا تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشساق .
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ،脚趾钳دەپ تاۋباۋ تورىغا كىرگۈزىسىڭىز چىقىدۇ .ئىشلتىش ئۇسۇلى تاۋباۋ تورىدا بار .تاۋباۋ تورىدىن مال سېتىۋالغان چاغدا ،مال ساتقۇچىنىڭ يېقىندىن بېرى ساتقان سانىغان ۋە سېتۋالغۇچىلارنىڭ ئېنكاسىغا قاراپ مالنى سېتۋىلىڭ ياكى ئېمپورت قىلنغىنى سېتۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ ،بولمىسا ناچار سۈپەتلىك مالغا ئۇچراپ قالىسىز .
مەن بۇرۇن قوللانغان ئۇسۇللار :
1.پۇت يۇيۇش ئورنىغا بېرىپ (ھەقىقىي پۇت يۇيىدىغان يەر)تىرناقنى تۈزەش .
2.يىڭنىنىڭ ئارقا تەرىپىنى تىرناقنىڭ گۆشكە كىرگەن يېرىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ئاندىن ئادەتتىكى تىرناق ئالغۇچ بىلەن تىرناق ئېلىش .
3.تىرناقنى ئالماي ئۆسۈپ كۇلىغا سېلۋەتكۈچە ئۆستۈرۈش .لېكىن بۇنىڭدا يەنە تىرناق ئۆسۈپ بولغىچە داۋاملىق ئاغرىيدىكەن ،كېيىن ئۆسۈپ بولغان چاغدا كوچا ئاپتوبۇسىدا ئېگىز پاشنىلىق ئاياق كېيگەن ئاياللاردىن ھەزەر ئەيلەڭ ،بولسا ئۇلاردىن بىر مېتىر يىراق تۇرۇڭ ،ئادەم زىچ يەرلەردىن ماڭماڭ .راست گەپ قىلسام بىر ئايال مېنىڭ پۇتۇمنى ئۈچ قېتىم دەسسىۋەتكەندىن كېيىن ئالدىراش ۋاقىتلاردا كوچا ئاپتوبوسىقا چىقمايدىغان بولدۇم .يىغىپ ئېيتقاندا بۇنىڭمۇ ئۈنىمى بولمىدى .
ئاۋۇ خىل تىرناق ئالغۇچتا ئازىراق بولسىمۇ ئۈنۈمى بولىدىكەن .ئەگەر تورداشلارنىڭ تېخمۇ ياخشى ئۇسۇللىرى بولسا تەۋسىيە قىلىشنى ئۈمىد قىلمەن .
تۈۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل!
- «ياخشىمۇسىز، نەسىردىن ئەپەندى»پايتەختىنى ھەيران قالدۇردى
- فىلىم چۈشۈرۈش قانىلى
- جىن خوتۇن(ھېكايە)
- كېچىدە سۇ ئىچىپ بەرسە، مېڭىگە قان چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
- WP8 گە IE10 تور كۆرگۈسى سەپلىنىدىكەن
- ئۆسمۈرلەرنىڭ نومۇسىغا تەگكەن كورىيەلىك «ئاختا» قىلىنماقچى
- بارسېلونا راستىنلا چېلسىدىن «قورقىدىكەن»
- ئەسكى
- شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرى
- پىكىر بېرىڭ