ئاچ قورساق ۋاقىتتا يېيىشكە بولمايدىغان يېمەكلىكلەر

ۋاقتى: 2012-05-30 / تۈرى: ساغلاملىق / كۆرۈلۈشى: / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

قورساق زىيادە ئېچىپ كەتكەندە، ئادەم تاماق تاللىماي قالىدۇ، ئەمما قورساق زىيادە ئېچىپ كەتكەندە نېمىلا بولسا يەپ قورساق تويغۇزۇش سالامەتلىككە ئىنتايىن زىيانلىق،  شۇڭا قورساق بەك ئېچىپ كەتكەندىمۇ يېمەكلىكلەرنى تاللاپ يېيىشكە دىققەت قىلىش كېرەك.

1. سۈت، پۇرچاق سۈتى

بۇ ئىككى خىل يېمەكلىك تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئاقسىل بار بولۇپ، ئاچ قورساققا ئىستېمال قىلغاندا، ئاقسىل ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەگە ئايلىنىپ خوراپ كېتىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئوزۇقلۇق تولۇقلاش رولى جارى قىلدۇرۇلمايدۇ. توغرا بولغان ئوزۇقلىنىش ئۇسۇلى بولسا پىچىنە، بولكا قاتارلىق ئۇن يېمەكلىكلىرىنى ئىستېمال قىلىش كېرەك ياكى تاماقتىن كېيىنكى ئىككى سائەتتىن كېيىن ئاندىن ئىچىشكە بولىدۇ ياكى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئىچسىمۇ بولىدۇ.

2. قېتىق

ئاچ قورساق قېتىق ئىستېمال قىلغاندا، قېتىقنىڭ سالامەتلىكنى ئاسىراش رولى ئاجىزلاپ كېتىدۇ، تاماقتىن كېيىنكى ئىككى سائەتتىن كېيىن ئىستېمال قىلسا ياكى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئىستېمال قىلسا سالامەتلىكنى ئاسىراش رولى جارى قىلدۇرۇلۇپلا قالماستىن يەنە ھەزىم قىلىش رولىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

3. چاي

چاينى ئاچ قورساققا ئىستېمال قىلغاندا، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، يەنە باش قېيىش، كۆڭلى ئاينىش، باش ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىق، مەزمۇت تۇرالماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

4. كەمپۈت

كەمپۈت بولسا بىر خىل ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىك، ئاچ قورساققا كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىۋالغاندا، ئادەم بەدىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قان شېكىرىنىڭ نورمال قىممىتىنى ساقلاپ قېلىشقا يېتەرلىك ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرالماي، قان سۇيۇقلۇقىدىكى قان شېكىرى تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كېتىشى مۇمكىن، بۇ ئەھۋال ئوڭايلا كۆز كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە كېلىپ كەمپۈت كېسلاتالىق يېمەكلىككە تەۋە بولۇپ، ئاچ قورساق كەمپۈت يىگەندە يەنە ئوڭايلا تەندىكى كىسلاتا-ئىشقار تەڭپۇڭلۇقى ۋە تۈرلۈك مىكرو جانلىقلار تەڭپۇڭلۇقى تەسىرگە ئۇچراپ، سالامەتلىكنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.

5. ئەبنوس.پەمىدۇر

بىر قەدەر كۆپ ژېلاتىن، تاننىك كىسلاتاسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ماددا ۋە ئاشقازان كىسلاتاسىدا خېمىيىلىك رېئاكسىيە يۈز بېرىپ تەستە ئېرىيدىغان كوللوئىد پارچىسى ھاسىل بولۇپ،  ئوڭايلا ئاشقازاندا تاش پەيدا بولۇۋالىدۇ.

6. بانان

بانان تەركىبىدە بىر قەدەر كۆپ بولغان ماگنىي ئېلېمېنتى بار بولۇپ، ئاچ قورساققا بانان يىگەندە تەندىكى ماگنىي تۇيۇقسىزلا ئۆرلەپ بەدەندىكى قان سۇيۇقلۇقىدىكى ماگنىي-كالتىسىي تەڭپۇڭسىزلىشىپ، يۈرەك-قان تومۇرغا بېسىم چۈشۈرۈپ قويىدۇ، بۇمۇ سالامەتلىككە ياخشى ئەمەس.

7. دولانا، ئاپلېسىن

كۆپ مىقداردا ئورگانىك كىسلاتا، مېۋە كىسلاتاسى، دولانا كىسلاتاسى، لىمون كىسلاتاسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئاچ قورساققا ئىستېمال قىلغاندا، ئاشقازان كىسلاتاسىنى شىددەت بىلەن ئۆرلىتىپ، يېپىشقاق پەردىگە نىسبەتەن ياخشى بولمىغان غىدىقلاش پەيدا قىلىپ، ئاشقازاننى كۆپتۈرۈپ، كېكىرىك پەيدا قىلىپ، ئاشقازاندىن سۇ يېنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

8. سامساق

سامساق تەركىبىدە كۈچلۈك ئاچچىق تەملىك سامساق ئېلېمېنتى بار بولۇپ، ئاچ قورساققا ئىستېمال قىلغاندا، ئاشقازان يېپىشقاق پەردىسى ۋە ئۈچەي دىۋارىغا نىسبەتەن كۈچلۈك غىدىقلاش پەيدا قىلىپ، ئاشقازان – ئۈچەي تارتىشىپ قېلىش، مۇجۇپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

9. تاتلىقياڭيۇ

تاتلىقياڭيۇ تەركىبىدە تاننىن ۋە كوللوئىد بار بولۇپ، ئاشقازان دىۋارىنى غىدىقلاپ تېخىمۇ كۆپ ئاشقازان كىسلاتاسىنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، مەيدە ئېچىشىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ.

10. سوغۇق ئىچىملىك

ئاچ قورساق ھالەتتە تۈرلۈك سوغۇق يېمەكلىكلەرنى يىگەندە ئاشقازان-ئۈچەينى غىدىقلاپ، تارتىشىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif