ئەلگە نەپ تور كولۇبى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
كولۇبىمىزغا ئەزا بولماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىىڭيازدا مۇسكۇل تىقىلمىسى كېسەللىكى ياشانغانلاردا كۆرۈلۈپلا قالماي ، ياشلاردىمۇ كۆپ كۆرۈلۈشكە باشلىدى . چۈنكى يازدىكى ئىسسىقنىڭ
سالامەتلىكىڭىزگە دىئاگنوز قويۇۋىلىڭ !
سالامەتلىكىڭىز توغرسىدا 24 سۇئال :
تۆۋەندىكى سۇئاللارغا 2 مىنۇت ئىچىدىلا جاۋاپ بېرەلسىڭىز ، ئۆزىڭىزنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى بىلىۋالالايسىز .
تەتقىقاتچىلار 3245 ئەر ۋە 3317 ئايالنىڭ ئارخىپىنى يىغقاندىن كېيىن ، سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مۇنداق نەتىجىگە ئىگە بولدى : ‹‹ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان 98 ئەر بىلەن 40 ئايالنىڭ ھاراققا مۇناسىۋەتلىك كېسەلگە مۇپتىلا بولغانلىقى دەلىللەندى ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى 63 ىنىڭ ئانىسىنى ئەمگەن ۋاقتى بىر ئايغا يەتمەيدىغانلىقى ، قالغان 75 ىنىڭمۇ ئانىسىنى بىر ئايدىن كۆپرەك ئېمىپلا ئەمچەكتىن چىقىپ كەتكەنلىكى دىققىتىمىزنى تارتتى . بىز بۇ سانلىق ئاساسلارغا تاينىپ مۇنداق يەكۈن چىقاردۇق : ‹‹ ئانىسىنى ئېمىشتىن زىيادە بۇرۇن يالتايغان بالىلارنىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىن ھاراققا بېرىلىش نىسبىتى ئەمچەكتىن نورمال ۋاقىتتا ئايرىلغان بالىلارغا قارىغاندا %65 يۇقىرى بولىدۇ››.
تەتقىقاتچىلار بۇ ھۆكۈمگە مۇنداق بىر نەچچە خىل چۈشەنچە بەردى : ‹‹ بوۋاقلار بىلەن ئانىسىنىڭ پىسخىك ۋە فىزىئولوگىيە جەھەتتىكى ئۇچرىشىشى قانچە قىسقا بولسا ، بالىنىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىن ھاراققا بېرىلىش ئېھتىماللىقى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ ؛ ئانا سۈتىنى ئېمىش ۋاقتىنىڭ قىسقا بولۇشى سەۋەبىدىن ، بالىدا قوبۇل قىلالايدىغان ھەر خىل ۋىتامىن بىلەن ئاقسىل فېرمېنتىنىڭ مىقدارى ئازىيىپ ، چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىدۇ ›› .
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
يېقىنقى بىر نەچچە يىللاردىكى مىدېتسىنالىق تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كۆپلىگەن يېمەكلىكلەر بىلەن بەزى بىر كۆكتاتلارنىڭ ئاغرىق توختىتىش رولىنىڭ بارلىقى بولۇپمۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇچنىڭ ئاغرىق توختىتىش رولىنىڭ ناھايتى يوقىرى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان.
مۇچنىڭ ئاغرىق توختىتىش رولىغا ئىگە بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى مۇچ ماددىسىدا. مۇچ تەركىبىدىكى مۇچ ماددىسى ئاغرىق ئۇچۇرىنىڭ مەركىزى نېرۋا سىستېمىسىغا يېتىپ بېرىشىنى ئۈنۈملۈك ھالدا توسۇپ، ئاغرىقنى تورمۇزلاپ نېرۋا ئاغرىقى، بۇغۇم ئاغرىقى قاتارلىقلارغا دەرھال ئۈنۈم بېرىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، مۇچنىڭ تەركىبىدىمۇ ئاسپىرىننىڭ تەركىبىدە بار بولغان ئاغرىقنى توختىتىش رولىغا ئىگە بىر خىل ماددىنىڭ بارلىقى ئەمەلىي تەجرىبىلەر ئارقىلىق ئىسپاتلانغان. شۇڭا، ھەر بىر بىمار ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئاغرىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغان، ئىنچىكىلىك بىلەن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۆش، شاكىلات، قىزىل ئۈزۈم ھارىقى، سۈتتىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر، ئىسلانغان گۆش، ھور نان، بولكا قاتارلىقلارنى ئىمكەنقەدەر ئاز ئىستېمال قىلىپ، يېڭى مېۋە-چىۋە، كۆكتاتلارنى بولۇپمۇ مۇشۇنداق زەنجىۋىل، بۆلجۈرگەن، مۇچ قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسلارنى يوقىتىپ، بەدەننى تەرلىتىپ، يەلنى ھەيدەپ، ياللۇغنى قايتۇرۇپ، ئاغرىقنى توختىتىش رولىنى ئوينايدۇ .
Copyright © 2007-2008 ئەلگە نەپ تور كولۇبى___便利民博客 and WPYOU All rights reserved
بلوگ سۇپىسى WordPress ئۇسلۇب ئاپتورى WPYOU ئۇسلۇب تەرجىمە قىلغۇچى : ئەلشات تارقاتقان ئورۇن: ئۇسلۇبلار بلوگى
ئۈستىگە قايتىش