سالامەتلىكىڭىزگە دىئاگنوز قويۇۋىلىڭ !
سالامەتلىكىڭىزگە دىئاگنوز قويۇۋىلىڭ !
سالامەتلىكىڭىز توغرسىدا 24 سۇئال :
تۆۋەندىكى سۇئاللارغا 2 مىنۇت ئىچىدىلا جاۋاپ بېرەلسىڭىز ، ئۆزىڭىزنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى بىلىۋالالايسىز .
1. دائىم كۆكتات ئىستىمال قىلىپ تۇرامسىز ؟ ( شۇنداق )
2. ھەر كۈنى گۆش يەپ تۇرامسىز ؟ ( ياق )
3. تاماكا چېكەمسىز ؟ ( ياق )
4. ھەركۈنى 3سەردىن ئارتۇق ھاراق ئىچىپ تۇرامسىز ؟ ( ياق )
5. تۇزلىغان كۆكتاتنى ياخشى كۆرەمسىز ؟ ( ياق )
6. تاتلىق يېمەكلىكلەرگە ئامراقمۇ سىز ؟ ( ياق )
7. سۈرلەنگەن (ئىسلانغان )يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش ئادىتىڭىز بارمۇ ؟ ( ياق )
8. بېلىق ، گۆش ، تۇخۇم قاتارلىق نازۇ – نېمەتلەرنى كۆرگەندە ئىشتىيىڭىز ئالاھىدە ئېچىلىپ كېتەمدۇ ؟ ( شۇنداق )
9. ئېگىز بىنا ياكى راۋاق ئۈستىگە چىقىپ تۆۋەنگە قارسىڭىز يۈرىگىڭىز سېلىپ بېشىڭىز قايامدۇ ؟( ياق )
10. كۈندۈزى جىددى ئەمگەك قىلغاندىن كېيىن ئاخشىمى يېتىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇخلاپ قالامسىز ؟ ( شۇنداق )
11. ھەر كۈنلۈك كىچىك تەرەت سانى زىيادە كۆپ بولۇپ تەرەت ۋاقتىدا ئاغرىش ياكى چىڭقىلىش ئەھۋالى بارمۇ ؟ ( ياق )
12. تىرناق ۋە كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردىڭىز ئالاھىدە ئاقمۇ ؟بېشىڭىز قېيىپ ،قۇلىقىڭىز غوڭۇلداپ تۇرامدۇ ؟ ( ياق )
13. بوينىڭىز روشەن يوغان بولۇپ ،ئوڭاي تەرلەمسىز ؟كەيپىياتىڭىز ئوڭايلا ھاياجانلىنىش كۆرۈلەمدۇ ؟ ( ياق )
14. دائىم يۆتىلەمسىز ،خەپرۇك كۆپمۇ ،كۆكرەك قەپزىڭىز سىقىلپ ئاغرىمدۇ ؟ ( ياق )
15. بەدىنىڭىز قارا خال (مەڭ ) تېزلىكتە كۆپىيۋاتامدۇ ياكى يېرىلىپ قاناۋاتامدۇ ؟ ( ياق )
16. چىشىڭىز ۋە بۇرنىڭىز ئاسانلا قاناپ ھەمدى قان سۆسۈن رەڭىلىك بولۇپ ئۇيۇپ چۈشەمدۇ ؟( ياق )
17. بەدەن ئېغىرلىقىڭىز ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەپ كېتىۋاتامدۇ ؟ ( ياق )
18. ئالدى بىلەن قول يۇيۇپ ،ئاندىن تاماق يەيدىغان ئادىتىڭىز بارمۇ ؟ ( شۇنداق )
19. ھەر كۈنى چوڭ تەرەت قىلىپ تۇرامسىز ؟ ( شۇنداق )
20. ھەر كۈنى تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىۋاتامسىز ؟ ( شۇنداق )
21. ھەر كۈنى ئەتىگەن كەچتە چىشىڭىزنى چوتكىلاپ تۇرامسىز ؟ ( شۇنداق )
22. ھەر قېتىم زۇكام بولۇپ قالغاندا ،دوختۇر تەكلىپ قىلماي ،دورا ئىچمەي ساقىيىپ كېتەلەمسىز ؟ ( شۇنداق )
23. ئۆز ۋاقتىدا مۇداپئيە ئوكۇللىرى سالغۇزۇپ تۇرامسىز ؟ ( شۇنداق )
24. كۆكرەك قەپىزىڭىزنى ئۆز ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ تۇرامسىز ؟ ( شۇنداق )
يۇقۇرىدىكى سۇئاللارغا ئۆز ئەملىيتىڭىز بويىچە جاۋاپ بېرىڭ ، ئەگەر سىزنىڭ بەرگەن جاۋابىڭىز تىرناق ئىچىدىكى جاۋاب بىلەن ئوخشاش چىقسا ، ھەر بىر سوئالغا 1نومۇر ئالسىز ، نەتىجىدە 20دىن 24 كىچە نومۇر ئالسىڭىز ، سالامەتلكىڭىزنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى ، 15تىن 19غىچە نومۇر ئالسىڭىز ، 10دىن 14 كىچە نومۇر ئالسىڭىز سالامەتلىكىڭىزنىڭ ئادەتتكىچە ئىكەنلىكىنى ، 5 تىن 9 غىچە نومۇر ئالسىڭىز سالامەتلىكىڭىزنىڭ ناچار ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايسىز.
قېنى ئۆزىڭىزنىڭ سىناپ بېقىڭ
تۈۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل!
- شىنجاڭ كوماندىسى يەنە غەلىبە قىلدى
- كۆپ خىل رەڭلىك ھەقسىز ئۇسلۇب
- ھەقسىزئۇسلۇب-lovnvns2.0
- سالامەتلىكىڭىزگە دىئاگنوز قويۇۋىلىڭ !
- شۋېتسىيە كوماندىسى چولپىنى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرىمىز، دېدى
- كۆرۇپ كۇلمەي تۇرالمايسىز
- بېشى يوغان بولسا ئەقىللىق بولامدۇ
- دادا پاھىشە چاقىرسا ئۆز قىزى كەلدى
- كومپيۇتېر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندا كۆرۈلىدىغان ئالتە خىل ئەھۋال
- 6نەپەر شەرقىي تۈركىستان تىرورچىسى ئېلان قىلىندى
مەن ئىنتايىن ساغلام ئىكەنمەن ، چۈنكى مەن كىچىكىمدىنلاياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرگەنمەن