يۈرىكىڭىزدە چاتاق بولسا تۇز سۈيى ئىچىپ بېرىڭ
يازدا مۇسكۇل تىقىلمىسى كېسەللىكى ياشانغانلاردا كۆرۈلۈپلا قالماي ، ياشلاردىمۇ كۆپ كۆرۈلۈشكە باشلىدى . چۈنكى يازدىكى ئىسسىقنىڭ يۈرەك كېسلى ئاغرىقلىرىغا بولغان تەھدىتى قىشتىكىدىن قېلىشمايدىكەن .تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە ، تېمپىراتۇرا 33سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشقاندا ،ئادەم بەدىننىڭ مېتابولىزىم ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك تېزلىشىپ ، قان ئايلىنىش سىستېمىسىغا بولغان تەسىرى چوڭ بولدىكەن .
تېمپىراتۇرنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ ، تېرە ئاستىدىكى قان تومۇرلار كېڭىيدىكەن ، بۇنىڭ بىلەن تېرىدىكى قاننىڭ ئېقىشى ئادەتتىكىدىن ئۈچتىن بەش ھەسسىگىچە ئېشىپ ، قان تەن يۈزىگە مەركەزلىشۋالدىكەن ، بۇنىڭ بىلەن يۈرەك مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنشى تۆۋەنلەپ ، يۈرەك ، مېڭە -قان تومۇر ئاغرىقلىردىكى قان كەمچىلىكنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىدىكەن ھەم ئوكسېگىن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىردىكەن .
شۇڭا يۈرەك كېسلى ئاغرىقلىرى يازدا ئىسسىقتىن ساقلىنشى ، ئۇيقۇنىڭ نورماللقىغا كاپالەتلىك قىلىپ ، تويغۇچە يەپ-ئىچمەسلىكى كېرەك ئىكەن . ئۆيدە تۇز سۇيى ، مېۋە شىرنىسى قاتارلىقلارنى ساقلىشى كېرەك ئىكەن .يازدا ئادەم كۆپ تەرلىگەچكە ، قاننىڭ يېپىشقاقلىقنى ئاشىدىكەن . بۇنداق ئەھۋالدا يۈرەك ، مېڭە -قان تومۇر كېسەللىكى كۆپ قوزغىلدىكەن . شۇڭا سۇنى كۆپ ئىچىش ، لېكىن قايناق سۇ ۋە شېكەر سۈيىنى ھەددىن زىيادە ئېچىۋەتمەسلىك كېرەك ئىكەن . ئەڭ ياخشىسى تۇز سۇيى ياكى تەركىبىدە ناترىي ،كالىي مىقدارى تۆۋەن بولغان ئىچىملىكلەرنى نەچچە قېتىمغا بۆلۈپ مۇۋاپىق ئىچىش كېرەك ئىكەن .
تۈۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل!
- مانا بۇ - ھەقىقى ئۇرۇش!
- دوختۇرخانا باشلىقى ۋە كومپىيۇتېر رېمونتچىسى
- قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىلمەيدۇ؟
- بىر كۈلگەنگە نە بولغاي`
- ھەقسىز ئۇسلۇب---weifeng
- داڭدار ماھىر كاكا خانلىق مادرىد كوماندىسىدىن ئايرىلىدۇ
- ھېيتگاھ جامەسىنىڭ تارىخى
- پۇتبولنىڭ «كۆز يېشى»
- سېرىق فىلىم كۆرىدىغان <ئەخلاقلىق> بالا
- ﺑﻪﻙ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻛﻮﻣﭙﯩﻴﻮﺗﯩﺮ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﮔﯜﻧﯩﯟﯦﻠﯩﯔ
ئىسمى_جىسمىغا لايىق ئەلگە نەپ تورى جۇمۇ بۇ…