مىڭە خاككېرلىرى راستىنلا مەۋجۇتمۇ؟
ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان تېخنىكىغا يۈزلىنىشتە، سىز ئۆز مەخپىيتىڭىزنى قەلبىڭىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا يوشۇرۇپ قويسىڭىزلا بىخەتەر بولارمۇ؟ ھازىرقى ئوغۇرلۇق تېخنىكسىدا سىزنىڭ ئوي-پىكىرىڭىز ئارقىلىق بانكا كارتىڭىزنىڭ مەخپىي نومۇرى ۋە سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزنىڭ كودىنى بىلىۋېلىش ئىمكانىيىتى بارمۇ-يوق؟ نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، مۇشۇنداق بولۇشى ھەقىقەتەن مۇمكىن. چەتئەل تاراتقۇلىرى خەۋىرىگە قارىغاندا، تەتقىقاتچىلار ئىنسانلار چوڭ مىڭىسىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، ئىنسانلار مىڭىسىدىن بانكا كودى تەپسىلاتى دىگەندەك ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش ئۇنچە قىيىن بىر ئىش ئەمەسلىكىنى بايقىغان، مۇشۇنداق بولۇپلا قالماستىن، ئۇلار ئىشلەتكەن تەييار Emotiv نىڭ چوڭ مىڭە – كومپيۇتېر ئۇلاش ئېغىزىنى پەقەت نەچچە يۈز ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپلا سېتىۋالغىلى بولىدىكەن.
ئوكىسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئىۋان.مارتىنوۋىك، شۋېتسارىيە جەنۋە ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بېركلاير تارماق مەكتىپىدىكى تەتقىقاتچى خادىملار ئاللىقاچان بۇ جەھەتتىكى تەتقىقات ۋە دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ئېلان قىلغان. ئۇلار بۇ ئاينىڭ باشلىرىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىك كومپيۇتېر سىستېمىسى جەمئىيىتى بىخەتەرلىك تەتقىقات يىغىنىدا بۇ تەتقىقات نەتىنجىسىنى ئېلان قىلغان.
ئۇلارنىڭ تەتقىقات ئىلھامى نۆۋەتتە بارغانسېرى كۆپىيىپ بېرىۋاتقان ئويۇن ۋە چوڭ مىڭىگە قارىتىلغان قوللىنىشچان پروگرامما تۈرتكىسىدە پەيدا بولغان بولۇپ، بۇ ئويۇن ۋە پروگراممىلار ئانچە قىممەت بولمىغان ئېلېكترو-ئىنسىفالوگرامما سىكاننىرى ئارقىلىق يۈرگۈزۈلىدىكەن، مەسىلەن Emotiv شىركىتىنىڭ EPOC تىڭشىغۇچىسى دىگەندەك…. ئېلېكترو-ئىنسىفالوگرامما سىكاننىرى كىشىلەرنىڭ چوڭ مىڭىسىنى ئىشلىتىش ئېڭى ئارقىلىق ئۆز – ئارا ئالاقىنى تاماملايدىكەن.
بىر قىسىم ناچار تەسىرگە ئىگە پروگرامما ياسىغۇچىلار، ئاللىقاچان مىڭە جاسۇسلۇقى يۇمشاق دېتالىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان بولۇپ، ئاساسلىقى ئابونتنى بىر قىسىم ئىنتايىن مەخپىي ئۇچۇرلار توغرىسىدا ئويلىنىشقا ئۈندەش ئارقىلىق، بۇ ئۇچۇرلارغا ئېرىشىۋالىدىكەن.
بۇ تۈرلۈك بىخەتەرلىك تەجرىبىسىگە قاتناشقان پىدائىيلار EmotivBCI نىڭ باشقا تاقايدىغان ئەسۋابىنى تاقاپ، كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇشى تەلەپ قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ مەشغۇلاتتا ئېكراندا سىخېما، بانكا ۋە كرىدىت كارتىسى شەخسى كود پەرقلەندۈرۈش سۈرەتلىرى نامايان بولىدىكەن. ئاندىن تەتقىقاتچىلار، سىناق قىلىنغۇچىلارنىڭ P300 چوڭ مىڭە ئۇچۇرىنى ئىچكىرىلەپ ئىزدەيدىكەن، پەقەت چوڭ مىڭە ساقلىغۇچىسى ئالاھىدە تەسىرگە ئۇچرىغاندىلا ئاندىن ئۇچۇرلار پەيدا بولىدىكەن.
تەتقىقاتچىلار كىچىك گۇرۇپپىسى:«بۇ ئاددىي تەجرىبە بىزگە، تېخىمۇ مۇرەككەپ بولغان ئوغرىلىق ھۇجۇمىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، مەسىلەن ئەھۋالدىن خەۋەرسىز بىر ئابونت تەبىئىيلا مىڭە پارتىلاش ئويۇنىنى ئويناپ قېلىشى مۇمكىن، كېيىن يەنە ئابونتنى تېخىمۇ ياخشى ھەمكارلىققا قىزىقتۇرۇپ ئىچكىرىلەپ سۇئال سورىشى مۇمكىن، كېيىن بارغانسېرى ئىلغارلىشىۋاتقان ئۈسكىنىلەر ئارقىلىق، ئابونتنىڭ مەخپىي ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشەلەيدىغان تېخنىكىسىمۇ ئىلغارلىشىپ بېرىشى مۇمكىن» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇ خىل شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئابونتلار باش قىسمىغا ئۈسكىنە تاقاش تەلەپ قىلىنىدىغان تۈرلۈك مەشغۇلاتلارغا نىسبەتەن سەگەكلىنى ئاشۇرۇشى كېرەك، ھەمدە مىڭىسىدىكى ئەھمىيەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ ئوغرىلىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بۇ خىل ئۈسكىنىلەرنى تاقىغاندا، بىر قىىسم ئەھمىيەتسىز چۈشەنچىلەرنى ئويلىشىمۇ بىر خىل تاقابىل تۇرۇش چارىسى بولۇشى مۇمكىن…
تۈۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل!
- سېرىق فىلىم كۆرىدىغان <ئەخلاقلىق> بالا
- يۈرىكىڭىزدە چاتاق بولسا تۇز سۈيى ئىچىپ بېرىڭ
- رەسىمنى سۆزلىتىش دىتالى
- شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرى
- NBA بىرلەشمىسى: پىيادىلىكلەر كوماندىسى 97 : 74 سېھىرگەر كوماندىسى
- سودا سانائەت بانكىسى تور بانكىسىدىن پۇل يۇتكەش،قالدۇق تەكشۈرۈش
- ساۋاقدىشىنىڭ قول كومپيۇتېرىنى ئوغرىلاپ سېتىۋەتكەن قىز ئوقۇغۇچى قولغا چۈشتى
- ئەر يولدا كېتىۋاتقان ئايالنى بىرگە بولۇشقا قىستاپ ئايال قارشىلىق قىلغاندىن كېيىن28پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۋەتكەن
- مىڭە خاككېرلىرى راستىنلا مەۋجۇتمۇ؟
- پۇتبۇل چۈشى