ئىزدە     

سېرىق فىلىم كۆرىدىغان <ئەخلاقلىق> بالا

ۋاقتى 2012-07-30 14:33 | كىلىش مەنبەسى:ئەلگە نەپ تور كولۇبى | ئوقۇلۇشى

سېرىق فىلىم كۆرىدىغان <ئەخلاقلىق> بالا

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .تۆۋەندىكى بايان ھەقىقىي بولغان ۋەقە .ئىبرەت ئۈچۈن يوللاندى .
مېنىڭ بىر تونۇشۇم بار .بەكمۇ ئاقكۆڭۈل ،مېھماندوست ۋە تىرىشچان.ئۇنىڭ بالىسىغا بولغان تەربىيەسىگە گەپ كەتمەيدۇ .بالىسىنى كىچىكىدىن باشلاپ چوڭلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان ،دىنىي ئىسلامدا چىڭ قىلىپ تەربىيىلىگەندەك قىلغان ئىدى.لېكىن ئۇلارنىڭ تەربىيەسىدىكى بىر خاتالىق ئاتىسى تەربىيە قىلغاندا ئانىسى ئارىلىشىۋالاتتى .دائىم شۇنداق بولاتتى .شۇڭا بۇ بالا كىچىكىدىن ئازراق تومۇرچى بولۇپ چوڭ بولدى.لېكىن بۇ بالا يەنىلا نۇرغۇن بالىلارغا ئۈلگە بولالايدىغان خىسلەتلەرنى يىتىلدۈرۈپ بولغان ئىدى.ئىشقىلىپ بۇ بالىنىڭ تاشقى قىياپىتىدىن مەن شۇنداق دەپ قارىغان ئىدىم .
لېكىن بۇ بالا بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا سادىر بولغان بىر قېتىملىق ۋەقە مېنى بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇردى ،بەكمۇ چوڭقۇر ئۇف دېگۈزىۋەتتى .
ئۇلارنىڭ ئۆيىگە دائىم بېرىپ تۇراتتىم .ئۇ مېنى ئۆز ئاكىسى ئورنىدا كۆرەتتى .دادىسى بىلەن پاراڭلىرىمىز بەكمۇ بىر يەردىن چىقاتتى .بەزىدە خېلى ئۇزۇنغىچە پاراڭ قىلساقمۇ پاراڭلىرىمىز تۈگىمەيتتى .
بىر كۈنى ئادىتىم بويىچە ئۇلارنىڭ ئۆيىگە باردىم .ئۇنىڭ ئاتىسى ئۆيدە يوق بولۇپ چىقتى .ناماز شام ۋاقتى بولغاچقا ناماز شامنى ئوقىۋېلىپ ئاتىسىنى ئازراق ساقلىماق بولدۇم .قارىسام بۇ بالا تور ئويىنى ئويناۋاتقان ئىدى .مەن تورغا چىقىپ ئازراق تېما يازماق بولۇپ ئۇنىڭدىن كومپيۇتېرنى ئالدىم .ئۇ ماڭا كومپىيۇتېرنى بېرىپ دەرس تەكرار قىلغىلى چىقىپ كەتتى .مەن ئادرېس رامكىسىدا تورلار بولسا بىۋاستە بېسىپلا كىرەي دەپ ،ئادرېس رامكىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى تۆۋەنگە قارىغان ئىسىترىلكىنى باستىم .شۇ ھامان  يېقىندا زىيارەت قىلىنغان ئونغا يېقىن تور بېكەت ئادرېسلىرى چىقتى .مەن بۇ ئادرېسلارغا قاراپ داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم .نېمىنى كۆردۈم دېمەمسىز ،بۇ ئادرىسلارنىڭ ئىچىدە ئېنگىلىزچە تەرجىمىدە سېرىق كارتون فىلىم مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغاندەك  ئۈچ دانە ئادرېس توراتتى.مەن بۇنى كۆرۈپ دەلىللەپ بېقىش ئۈچۈن بۇ ئادرېسلارنى بېسىپ كىرىپ باقتىم .ئاھ خۇدا كۆزگە ئالغۇسىز سېرىق فىلىملەرنىڭ توپى ئىكەن .بەت ئاستىدا ھەقىقىي پېرسۇناژلار رول ئالىدىغان سېرىق فىلىم تور بېكەتلەرنىڭ رەسىملىك ئۇلىنىشى تۇراتتى .مەن  بۇلارنى كۆرۈپ قاتتىق غەزەپلەندىم ،قوللىرىم تىترەپ كېتىۋاتاتتى .مەن كومپيوتېرنىڭ ۋاقىتلىق ساقلىغۇچىنى ئېچىپ باقتىم .تەكشۈرۈپ باقسام بۇ تور بېكەتلەردىن كۆرگەن فىلىملەر مانا مەن دەپ تۇراتتى .مەن ئىسپات ئۈچۈن بۇ فىلىملەرنى كۆچۈرۈپ چىقىپ كومپيوتېرنىڭ بىر دېسكا رايونىغا ھۆججەت ساقلىغۇچ تەسىس قىلىپ، ئىسپات ئۈچۈن ساقلاپ قويدۇم .كۆزلىرىم غەزەپتىن قىزىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىر ئۆزەم سېزىمەن .كومپيۇتېرنىڭ زەربىسىگە ئېغىرراق ئۇچرىغان سول كۆزۈمدىن ياش ئۆزلىكىدىن ئېقىپ كەتتى .ئۇنىڭ ماڭا ۋە باشقىلارغا شۇ قەدەر ئەخلاقلىق مۇئامىلىسى ، ياسىن ،تابارەكلەرنى يات ئوقىشى ،ۋە قۇرئاننىڭ خالىغان جايلىرىدىن تۈرتەلمەي ئوقۇشلىرى بىلەن ماۋۇ ئەھۋال مۇناسىپ كەلمىدى .مەن ئۇنى يېنىمغا چاقىردىم .ھەمدە بۇ ئەھۋالنى سورىدىم .ئۇ بۇ ئادرېسلارنى بىر ساۋاقدىشى چ چ توپىدا ئەۋەتىپ بەرگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ پەقەت بىرلا قېتىم چېكىپ بېقىپ قايتا ئاچمىغانلىقىنى دېدى .مەن ئۇنىڭ قاراپ تۇرۇپ يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ غەزىپىم تېخىمۇ تېشىپ كەتتى .
مەن ئۇنىڭغا مېنىڭ  ئاللىقاچان ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىنى تەكشۈرۈپ بولغانلىقىمنى، يالغان سۆزلىمەسلىكىنى دەپ تۇرىۋالدىم . ئۇ ئاخىرى راست گەپ قىلدى .ئۇ بۇ ئادرېسلارنى سىنىپىنىڭ چ چ توپى ئارقىلىق بىلگەندىن كېيىن، دائىم مۇشۇ ئادرېسلاردىن سېرىق فىلىم كۆرىدىكەن .بولۇپمۇ مۇشۇ تەتىلدە ئاتا-ئانىسى يوق چاغلاردا ئوغۇرلۇقچە كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى .بۇ ئەھۋالنىڭ سىنىپىدا بەكمۇ ئومۇميۈزلۈك ئىكەنلىكىنى دېدى .بۇنى ئاڭلاپ،مەن بەكمۇ ئۈمۈدسىزلەندىم ،بەكمۇ ھەيران بولدۇم .بۇلارنىڭ پەقەت بىر چۈش ئىكەنلىكىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم .مەن ئاسانلىقچە يىغلىمايتتىم .لېكىن ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بولغىچە ئىككى كۆزۈمدىن ياشلار قانداق ئاققانلىقىنى بىلمەيمەن .ئۇمۇ ماڭا قاراپ ئۈنسېلىپ يىغلاپ كەتتى .ئۇنىڭ شەيتاننىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى پەملىدىم .ئۇنىڭ سېرىق فىلىم كۆرۈشكە خۇمار بولۇپ قالغانلىقى مانا مەن دەپ چىقىپلا تۇراتتى .
مەن سەل ئۆزەمنى بېسىۋېلىپ ،ئۇنىڭغا ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ ئەشەددىي ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكىنى،شەرىئەت قانۇنىدا قاتتىق جازا بېرىلدىغانلىقىنى ،ئەڭ مۇھىمى، تەۋبە قىلالماي ئۆلۈپ كېتىپ قالسا ئۇ دۇنيادا قاقشاتقۇچ جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىنى، بۇ قىلمىشىنىڭ ئۆزىنى زىنا يولىغا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، زىناخورغا ئەگەر توي قىلغان بولسا چالما كېسەك قىلىنىپ ئۆلتۈرۈش  جازاسى، ئەگەر توي قىلمىغان بولسا 100 دەررە يەنى خۇددى خۇەنجۇ گې گې فىلىمىدىكى يوغان سەككىز قىرلىق تاياقتەك دەررە بىلەن ئۇرۇش  جازاسى بېرىلىدىغانلىقىنى ،قەبرە دۇنياسىدا ۋە دوزاقتا بەكمۇ قاتتىق جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىنى دېدىم .ھەمدە ئۇنىڭغا ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى تەسىرىدىن  قىزلار بىلەن زىنا قىلىپ قالسا  ،مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئانىلىرىنى بۇلغايدىغانلىقىنى ،ھەمدە مۇناپىق سۈپەتكە كېلىپ، مىللىي مۇناپىق ۋە دىنىي مۇناپىق سانىلىدىغانلىقىنى دېدىم .ئۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى .ئاھ ،ئەمدىگىنە 15 ياشقا كىرگەن بالا ھە؟بىز 15 ياش ۋاقىتلاردا تاسادىپەن قوللىرىمىز قىزلارنىڭ قوللىرىغا تېگىپ كەتسە يۈزىمىز قىزىرىپ كېتەتتى .ھازىرقى بالىلاردىكى بۇزۇلۇش نېمىدىگەن دەھشەت ھە؟؟؟؟
ئۇ ماڭا بۇنداق ئىشلارنىڭ مەكتىپىدە بەكمۇ ئومۇمىيۈزلۈك ئىكەنلىكىنى ،تېخى ئاز ساندا  قىزلارنىڭمۇ كۆرىدىغانلىقىنى دېدى. ئۇ دائىم ساۋاقداشلار يىغىلىشلىرىغا بارمىسا ئۇنى مازاق قىلىپ<ئۆي ئەركىكى> يەنى<宅男> دېگەن ئاتاققا قېلىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا  سېرىق فىلىملارنى قول تېلېفۇنلارغا سولاپ مەكتەپكە ئاپىرىپ كۆرىدىغانلارنىڭ بار ئىكەنلىكىنى دېدى.ھەمدە ساۋاقداشلار چ چ توپلىرىدا بۇنداق ئادرېسلارنىڭ دائىم ئەۋەتىلىپ تۇرىلىدىغانلىقىنى دېدى.ھەمدە كومپيۇتېرىدىكى بۇ تور ئادرېسلارنى بىر ساۋاقدىشى ئەۋەتىپ بەرگەنلىكىنى ئۆزىنىڭ ھەرگىز توردىن ئىزدەپ تاپمىغانلىقىنى ئېيتتى .
ئۇنىڭ بۇ ئىقرارلىرىدىن مەسىلىنىڭ بەكمۇ ئېغىر، ھەتتا ۋەھشى ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدىم .ئائىلىلىرىمىزدە ئاتا ئانىلارنىڭ قىز- ئوغۇللىرىمىزغا زىنا تەربىيەسىنىڭ بەكمۇ سۇس ياكى يوق ئىكەنلىكىنى پەملىدىم .
بۇ ئىشلاردىن شۇنى ھېس قىلدىمكى ئۆزىمىز ئۆيدە يوق چاغلاردا بالىلىرىمىزغا ھەرگىز كومپيۇتېرنى ئېچىپ بەرمىسەك ،ئۇلارنىڭ تورلاردىكى ئىش ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ تۇرساق دېگەن ئويغا كەلدىم .بۇ سەبىي بالىلىرىمىز بۇ سېرىق تور بىكەتلەرنى ئۆزلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدەپ يۈرمەيدۇ .بەلكى باشقا يامان يولغا كىرىپ قالغان ئاز ساندىكى بالىلار چ چ لار ياكى باشقا ئالاقىلىشىش ۋاستىلىرى ئارقىلىق تارقىتىدۇ .
ئۇ ماڭا يىغلاپ تۇرۇپ يالۋۇرۇپ بۇ ئىشلارنى ھەرگىز ئاتىسىغا دېمەسلىكىمنى بولمىسا بەك ئۇرىۋېتىدىغانلىقىنى دەپ تۇرۋالدى. مەن ئەسلى بۇ ئىشلارنى ئۇنىڭ دادىسىغا دېمەسلىك قارارىغىمۇ كېلىپ باققان ئىدىم .لېكىن ئاساسلىق زىنا تەربىيەسى قىلغۇچى يەنىلا ئۇنىڭ ئاتىسى ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلىقىم ئۈچۈن ،ئۆيدىن سىرتقا چىقىپ ئۇنىڭ ئاتىسىغا تېلېفۇننى باستىم .ئاتىسى ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ،ئۇمۇ قاتتىق ھەيران بولدى ۋە دەرغەزەپكە كەلدى .ھەمدە ماڭا رەھمەت ئېيتىپ ،بۇ ئىشنى ۋاقتىدا خەۋەر قىلغانلىقىنىڭ بەكمۇ ياخشى بولغانلىقىنى ،بولمىسا ئۆزىنىڭ تولدۇرۇۋالغۇسىز ئازاپتا قالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ،دەرھال ئۆيىگە بېرىپ تەربىيە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى .
ئەي ئاتىلار !!!ئاي ئانىلار بىزدە سىلكىنىش بولغاي !!!بىزدە ئويغىنىش بولغاي!!!ئادەمدەك ياشايدىغان بىر ئەۋلات تەربىيەلەشكە تىرىشايلى!!!
تەۋسىيە :
مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمگە ئىشەنمىسىڭىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 9-10-11 دا ئوقۇۋاتقان ئۇكىلىرىڭىز ياكى بالىڭىز بولسا بۇ ئەھۋاللارنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭ .
بۇ ئىشلار ئويدۇرما ياكى قۇتراتقۇلۇق قىلغان ئىشلار ئەمەس ،ئەمەلىيەت .

مەنبە:توردۇنياسى

ئەلدىن ئەلگە نەپ تىمامدىن سىزگە ئازراقمۇ بولسا نەپ يەتگەن بولسا سىزمۇ بلوگىمغا ئازراق نەپ يەتكۈزۈپ قويۇڭ ئىلانلارنى چىكىپ قويسىڭىز بۇسىزنىڭ تىما ئەجرىگە رەھمەت ئىيتقىنىڭىز شۇنداقلا بلوگقا نەپ يەتكۈزگىنىڭىز!!.

ئەلگە نەپ تور كولۇبى___便利民博客 نىڭ يازمىلىرىنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟قىنى ئۇنداقتا RSS Feed ئۇنىڭ يازمىلىرىغا مۇشتەرى بولۇڭ!

مەنمۇ ئىنكاس يازىمەن

*ئىسمىڭىز

*ئىلخەت ئاشكارلانمايدۇ

تور ئادرىسىڭىز


使用腾讯微博登陆


     

ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | پىكىر بېرىڭ | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى