بىر دانىشمەن شۇنداق دەپتۇ ئى پەرزەنىتلىرىم ، ئېسىڭلاردا بولسۇنكى 5 نەرسىدىن ۋاپا كۈتمەڭلار ! ‹1› بۇلۇتنىڭ سايىسى ،ئۇ قاراپ بولغۇچە ئۆتۈپ كېتىدۇ . ‹2› غەرەزلىك دوست ، ئۇ ھامان ساڭا ئەسقاتمايدۇ . ‹3› يالغاندىن تەرىپلەش ، ئۇمۇ ئىز بېسىپ تۇرالمايدۇ . ‹4› چىرايلىقلارنىڭ جامالى ، ئۇ ئاخىرى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ . ‹5› بۇ دۇنيانىڭ مېلى ، ئۇمۇ ئاقىۋەت ئىگىسىگە ۋاپا قىلمايدۇ . دانىشمەن يەنە شۇنداق دەپتۇ ؛ دۇنيادا 7 نەرسە 7 نەرسىگە باغلىق بولىدۇ ؛ ‹1› خوتۇننىڭ ئىززىتى ئەر بىلەن . ‹2› بالىنىڭ ئىززىتى ئاتا بىلەن . ‹3› شاگىرىتلارنىڭ ئىززىتى ئۇستازى بىلەن . ‹4› لەشكەرلەرنىڭ قۇۋۋىتى سەردار بىلەن . ‹5› پۇقرالارنىڭ خاتىرجەملىكى پادىشاھ بىلەن . ‹6› پادىشاھنىڭ ئىززىتى ئادىللىق بىلەن . ‹7› ئادىللىقنىڭ روناق تېپىشى ئەقىل ۋە ھوشيارلىق بىلەن باغلىق بولىدۇ .