ئەر يولدا كېتىۋاتقان ئايالنى بىرگە بولۇشقا قىستاپ ئايال قارشىلىق قىلغاندىن كېيىن28پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۋەتكەن

ئاينىڭ30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن9لاردا، شەنشى ئۆلكىسى رېنشىيەندا كىشىنى چۆچۈتىدىغان قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەردى، بىر ئەر شۇيەر بىر  كۆڭۈل ئېچىش ناخشا كۇلۇبى ئالدىدا يولىدىن كېتىۋاتقان بىر قىزنى تۇتىۋىلىپ 28پىچاق تىقىپ، 16نى تېپىپ ئۆلتۈرۋەتتى.مۇخبىر ئەھۋال ئىگەللەش ئارقىلىق ئەرنىڭ ئۇ ئايالنى ئەزەلدىن تونۇمايدىغانلىقىنى، ئەسلىدە ئەر ئۇ ئايالغا پەقەت چاقچاق قىلىش نىيىتى بار، لېكىن ئايال ئۇنىڭغا قوپال تېگىپ قارشىلىق قىلغاچقا، ئەرنىڭ ئاچچىقى كېلىپ ئۇنىڭغا پىچاق تىقىۋەتكەن.
جىنايەتچىنىڭ ئىسمى لىرۈيچاڭ بولۇپ، بۇ يىل 24ياش، شۇ يەرلىك ئىشسىز ياش.ئۇ شۇ كۈنى ئەتىگەندە نەچچە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىغا بېرىپ ”خانقىز“تەلەپ قىلغان، لېكىن ھېچقايسى تەلىپىنى ئورۇنلاپ بەرمەي تەلىپىنى رەت قىلىۋەتكەن، ئاچچىقى كېلىپ تۇرغاندا زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى قىز كۆڭۈل ئېچىش ئورنىىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بولۇپ، نىيتى بۇزۇلۇپ ئۇنى قولىدىن تارتىپ كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىغا كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، لېكىن بۇنى ئاڭلىغان ئايال ئىنتايىن ھاقارەت ھېس قىلىپ قارشىلىق كۆرسىتىپ غەزەپلىنىدۇ، ئاچچىقىدا تۇرغان يىگىت ئۆزىنى بېسىۋالالماي شۇيەردىلا ئۇنىڭغا 28پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۋىتىدۇ.
زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى شۈ بۇيىل 28ياش بولۇپ، قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ دېيىشىچە قىز شۇ كۈنى كۆڭۈل ئېچىش ئورنى يېنىدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىغا ئىش بېجىرگىلى ماڭغان بولۇپ، كۆڭۈل ئېچىش ئورنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا يىگىتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان، قىزنى دوختۇرخانىغا ئاپارغاندا ئاللىبۇرۇن ئۆلۈپ بولغانكەن.
دېلو سادىر بولۇپ 6مىنۇتقىچە ساقچىلار نەق مەيدانغا كېلىپ بولغان بولۇپ، يىگىتنى تۇتۇپ جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويغان، ئەنزە قارار چىقىرىش ئالدىدا.بۇ دېلونى ئاڭلىغان تورداشلار مۇنازىرىگە چۈشتى، بىر تورداش:“بۇ قانداق ئىش بولۇپ كەتتى، بىر قىز ھېچنىمىدىن ھېچنېمە يوقلا ئۆلتۈرۈلدى، بەك بىچارەكەن، تەلەيسىزلىكىدىن ئالۋاستىغا ئۇچراپ ياپياش تۇرۇپ ئۇ دۇنياغا كەتتى“دېدى، يەنە بىر تورداش:“ساپساقلا بىر ئادەم ئىككى مىنۇت ئىچىدە بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپتۇ“دېدى.بۇنىڭدىن سىرت تورداشلار يىگىتنىڭ قىلمىشىغا ئىنتايىن غەزەپلەندى. 

تەپسىلاتى:




يازما يارىغان بولسا ئىنكاس يىزىپ ئىلانلارنى چىكىپ قويۇڭ، بۇ قوللىشىڭىز كىيىنكى قىتىملىق نادىر يازمىنىڭ يوللىنىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن، ئۆز ئارا قوللىغاندىلا تەرەققى قىلغىلى بولىدۇ!!.



باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif