2ئوقۇغۇچى يۈزىگە ئېلان قويۇپ پۇل تاپتى
ئەلگە نەپ ۋاقتى 2012-04-15 12:16 | كىلىش مەنبەسى:ئەلگە نەپ تور كولۇبى
| ئوقۇلۇشى
ئەنگلىيە كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىككى نەپەر تەسەۋۋۇرغا باي ئوقۇغۇچىسى ئۆزىنىڭ يۈزىنى كارخانىلارنىڭ ماركسىنى تەشۋىق قىلىدىغان ئورۇن قىلىپ ئىشلىتىشكە تونۇشتۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق ئوقۇش قەرز پۇلىنى تۆلىمەكچى بولغان. ئۇلار بۇ پىلاننى 366 كۈن داۋاملاشتۇرۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن قىسقىغىنە 155 كۈندىلا 31 مىڭ فوندستېرلىڭ (يەنى 310 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى)كىرىم قىلغان.22 ياشلىق كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئېدمويىس (Ed Moyse) بىلەن رۇس خارپېرنىڭ (Ross Harper) 50 مىڭ فوندستېرلىڭ يەنى (500مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) ئوقۇش پۇلى قەرزى بار بولۇپ، ئۇلار باشقا ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش دەرستىن سىرت خىزمەت قىلىپ پۇل تاپماي، ئەكسچە «يۈزى»نى ئېلان تاختىسى قىلىشتەك ئۇسۇلنى ئويلاپ چىقىپ، جاپا چەكمەيلا نۇرغۇن كىرىم قىلغان. دەسلەپتە، ئۇلار بىر ئېلاننىڭ بىر كۈنلۈك باھاسىنى بىر فوندستېرلىڭ يەنى 10يۈەن خەلق پۇلى قىلغان، لېكىن ھازىر ئۇلارنىڭ يۈزىنىڭ «سودىسى» بەك ياخشى بولۇپ كەتكەنلىكتىن، يۈزىنىڭ بىر كۈنلۈك ئېلان ئورنىنى 400 فوندستېرلىڭ يەنى 4000 يۈەن خەلق پۇلى قىلىپ باھا قويغان، ئېلان ئورنىنىڭ بازىرى چىققانسېرى ئۇلارمۇ باھانى ئۆستۈرۈپ ماڭغان.ئۇلار توردا «مېنىڭ يۈزۈمنى سېتىۋېلىڭ» دەيدىغان بەتتىن بىرنى ياساپ، ئۆزلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشىنى خالايدىغان كارخانا، سودا ئورۇنلىرىنىڭ ئۇلار بىلەن مۇشۇ بەتتىكى ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى بىلەن ئالاقىلاشسا مۇلازىمەت قىلىدىغانلىقىنى يازغان، ھازىر ئۇلار بىلەن ھەمكارلاشقان ئورۇنلاردىن Ernst &Youngئىش بېجىرىش ئورنى ھەمدە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئورگىنى قاتارلىق ئورۇنلار باركەن.
ھالقىلىق سۆز:
ئەلگە نەپ تور كۇلۇبى نىڭ يازمىلىرىنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟قىنى ئۇنداقتا RSS Feed ئۇنىڭ يازمىلىرىغا مۇشتەرى بولۇڭ!
تۈۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل!
- بۈگۈر دىنار كوماندىسى بىلەن كۇچا كۈسەن كوماندىسى مۇسابىقىلەشتى
- دادا پاھىشە چاقىرسا ئۆز قىزى كەلدى
- ئۇيغۇر بادام دوپپا تارىخى
- ھاياتلىققا تەسىر كۆرسىتىدىغان 20 خىل ئاپەت
- 6نەپەر شەرقىي تۈركىستان تىرورچىسى ئېلان قىلىندى
- كۇنۇپكا تاختىسىدىكى ئەپچىل قوللىنىشلار
- خەلق پۇلىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش جەريانى، سىز چوقۇم كۆرمىگەن
- ماقال تەمسىللەر توپلىمى
- قۇتقۇزۇڭلار ئالدامچىدىن!!!
- پۇل تاپ، ھالال تاپ!
ئەسلى مۇنداقكەندە !