شەھەر ئاھالىسى خۇاڭ ئەپەندىنىڭ ئۆيىدىكى مۈشۈك بىر كۆزلۈك مۈشۈك تۇغدى .بۇ مۈشۈك قارىماققا فانتازىيىلىك فىلىمدىكى تاشقى پىلانىت ئادىمىگە ئىنتايىن ئوخشايتتى ،بىراق مۈشۈك تۇغۇلۇپ بىر سائەتتىن كىيىن ئۆلۈپ قالغان . شەھەر ئاھالىسى خۇاڭ ئەپەندى ۋۇخەن شەھىرى دوڭخۇ كۆلى رايونى جىن يىن خۇ باغچىسى ئەتراپىدا ئولتۇرىدىغان بولۇپ ئاشخانا ئاچىدۇ .تۈنۈگۈن چۈشتىن كىيىن خۇاڭ ئەپەندى ئۆيىدە باققان مۈشۈك قارىماققا مايمۇنغا ئوخشايدىغان بىر كۆزلۈك ئاسلاننى تۇغقان . خۇاڭ ئەپەندىنىڭ مۈشۈكىنىڭ بىر كۆزلۈك ئاسلان تۇغقىنىدىن خەۋەر تاپقان قوشنىلار بەس –بەستە خۇاڭ ئەپەندىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ بۇ كارامەتنى كۆرۈپ باقماقچى بولغان . بىر كۆزلۈك ئاسلاننى كۆرگەن قوشنىلار ئاسلاننى تاشقى پىلانىت ئادىمىگە ئوخشاتتى . خۇاڭ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە ،خۇاڭ ئەپەندى بىر كۆزلۈك مۈشۈك تۇغقان قىرى مۈشۈكنى باققىلى 11 يىل بولغان ئىكەن .بۇ مۈشۈك ھەر يىلى بىردىن مۈشۈك تۇغىدىغان بولۇپ ،ئەزەلدىن بۇنداق غەلىتە مۈشۈكنى تۇغۇپ باقمىغان ئىكەن .ئىگلىنىشچە ، ئادەتتە مۈشۈك تۈرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ ئۆمرى ئوخشاش بولمايدىكەن .مۈشۈك ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرسە 12يىلدىن 15 يىلغىچە ئۆمۈر كۆرىدىكەن ،ئادەتتە 10 يىل بولغاندا قىرى مۈشۈك ھېسابلىنىدىكەن . ئەپسۇس ،بىر كۆزلۈك مۈشۈك تۇغۇلۇپ بىر سائەت بولغاندا ئۆلۈپ قالغان .خۇاڭ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە ،ئۇ مۇمكىن بولسا بىر كۆزلۈك مۈشۈكنىڭ جەسىتىنى ئەۋرىشكە سۈپىتىدە ساقلاپ قويىدىكەن . ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ،2005-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئورېگون ئىشتاتىدا بىر كۆزلۈك مۈشۈك تۇغۇلغان ئىكەن .ھەرقايسى تور بەتلىرىدە بىر كۆزلۈك مۈشۈكنىڭ سۈرىتى تارقالغان ،بىراق نۇرغۇن كىشىلەر بۇ سۈرەتلەرگە ئىشەنمىگەن . ئامېرىكا نېرۋا كېسەللىكلىرى تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا ،بۇ مۈشۈك غەلىتە كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقى ئۈچۈن ئالدى مېڭىسى غەيرىي تەرەققىي قىلغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن .