شىنلاڭ تەنتەربىيە خەۋىرى بېيجىڭ ۋاقتى 5- ئاينىڭ 2- كۈنى 2:45 ( ئەنگلىيە ۋاقتى 1 – ماي 19:45 )دە ، 2011-2012- پەسىللىك ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسى 34- ئايلانمىسىدا ئىلىپ بارالماي قالغان بىر مەيدان مۇسابىقە ئەنفىلد پۇتبول مەيدانىدا ئىلىپ بېرىلىپ، لىۋېرپول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا فولخام شەھىرى كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى،
مۇسابىقە باشلىنىپ بەش مىنوت بولغاندا لىۋېرپول كوماندىسى كوماندا باشلىقىنىڭ ئۆز ۋاراتاسىغا بىر توپ كىرگۈزۈشى بىلەن فولخام شەھىرى كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا 1-0 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلدى، بۇ ئۇلارنىڭ 1934 – يىلدىن بۇيانقى قارشى تەرەپ مەيدانىدا لىۋېرپول كوماندىسىنى تۈنجى قېتىم مەغلۇپ قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، لىۋېرپول كوماندىسى بولسا ئۆز مەيدانىدىكى يېقىنقى تۆت مەيدان مۇسابىقىدە بىر مەيدان غەلىبە قىلىپ، ئۈچ مەيدان ئۇتتۇرغان،
ئىككى كوماندا ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسى تارىخىدا 21 مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بېرىپ، لىۋېرپول كوماندىسى 12 مەيدان غەلىبە قىلىپ، تۆت مەيدان تەڭلىشىپ، بەش مەيدان ئۇتتۇرغان. ئۇلار تارىختا بولسا 62 مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بېرىپ، لىۋېرپول كوماندىسى 35 مەيدان غەلىبە قىلىپ، 16 مەيدان تەڭلىشىپ، 11 مەيدان ئۇتتۇرغان،