ماقال تەمسىللەر توپلىمى

ۋاقتى: 7 كۈن ئاۋال ئەدەبىيات گۈلزارى  ئىنكاس يوق
كۆز ئۇيقۇغا كەتكەندە، قوڭ بۇخاراغا كېتىپتۇ. ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر توقۇمنى. ئىشتانغا چىقارغان كۆڭۈلگە تايىن، قاچقاننى قوغلا، قوغلىغاندىن قاچ. ئادەمنىڭ يوقلۇقىدىن، ئۆچكىنىڭ ئىتىنى ئابدۇكېرىم قويۇپتۇ. چۆجىنىڭ شۇملۇقىدىن توخۇنىڭ ئەمچىكى يوق. ئانامنىڭ ئۆلۈشىنى بىلگەن بولسام، ئىششەك كېپەككە سېتىۋالار ئىدىم. چىققان كۆز ئورنىغا كەلمەس. ئۇيانغا تارتسا ئات ئۆلىدۇ، بۇيانغا تارتسا ھارۋا سۇنىدۇ. مەرتەم – مەرتەم ئۈچ مەرتەم. ئەلچىگە ئۆلۈم يوق. خۇدايىم بىلىپ ئېشەككە مۈڭگۈز بەرمىگەن. زىمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇل،   باھارنىڭ قەدرىنى بىلمەس. جاپانى چەكمىگەن ئاشىق، ۋاپانىڭ قەدرىنى بىلمەس. تاياق دۆنى كۆندۈرىدۇ. قۇدۇقنىڭ قەدرى چۆلدە بىلىنەر. ئەچكۈنىڭ دائىم ئوچۇق تۇرسا گەپ يوق، قوينىڭ بىر قېتىم ئوچۇق قالسا ھۇيت – ھۇيت. ھەممە قوي ئۆزىنىڭ پېيىدا ئېسىلىدۇ. ئۆتكەمىدىن ئۆتۈپ غەلۋىردە توختاپتۇ، ئازنى دەپ جىقتىن قۇرۇق قاپتۇ. ئەتىيازدا قۇيماق يەپ، كەچكۈزدە كېكىرىپتۇ. خاندەك گاداي بار، گادايدەك خان (بار). شامال يەپ بوران كېكىرىپتۇ. كىشىنىڭ بىر نېمىسىدە بىنىمە ئۇرۇپتۇ، تۇل خوتۇندىن پورداق تىلەپتۇ. گاھى خۇدا بىلەن رۇسۇل، گاھى دۇتار بىلەن رۇسۇل. داۋا قېرىماس، ھېسابنى ئوغرى ئالماس. بىكاردىن ئېشەك بولسا، بۇخارادىن مۇز توشۇپتۇ. ئىش قورالىڭ ساز بولسا، مۇشەققىتىڭ ئاز بولار. توخۇي تويماس، ئۇچۇرغاننى قويماس. كىشىنىڭ يۇرتىدا دوتەي بولغىچە، ئۆزۈڭنىڭ يۇرتىدا پوتەي بول. ئەل سىلىسا ئەل ئايىقى، ئەل سىلىمىسا ئىت يالىقى. تۇغۇلغان يەردىن تۇرغان يەر ئەلا، (تۇرغان يەردىن تۇغۇلغان يەر ئەلا). ئېسىڭنىڭ بارىدا ئەلنى تونى، كۈچۈڭنىڭ بارىدا يەرنى تونى. ياخشى يىگىت ئەلنى قوغدار. سەن سۆيمىسەڭ ھېچ گەپ ئەمەس، ئەل سۆيمىسە ھالىڭ خاراب. كۆپ يامغۇر يەرنى بۇزار، كۆپ گەپ ئەلنى (بۇزار).
ئاۋۋال تۈجۈپىلەپ باغ ئەت، ئاندىن بايلىق بىلەن تاغ (ئەت). ئۆچكە بىلەن مال بولماس، شاپتۇل بىلەن باغ (بولماس). بېقىپ يەي دېسەڭ، مال قىل، يېتىپ يەي دېسەڭ، باغ (قىل). ئاۋۋال تام ئەت، ئاندىن باغ (ئەت). بېغى بارنىڭ، تېغى بار. مال سەمرىسە، ياغ بولۇر، يەر سەمرىسە باغ (بولۇر). باغۋەن بولاي دېسەڭ، ئۇلاقچى بول. سۇ كېتىپ تاش قالىدۇ، ئوسما كېتىپ قاش قالىدۇ.   ئات ئايلىخانغا، يول سارىخانغا. بوي يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق. ئۆزى مۇشتەك قۇيرۇقى نوغۇچتەك. يۈتكەن پىچاقنىڭ سېپى ئالتۇن. جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا. پىچىقىم ئىتتىك سۇدىن ئۆتۈپ لايدا توختاپتۇ. ئالتە ئۆچكىگە يەتتە تېكە. ئون كۈلكىگە بىر يىغا.
دەرەخ غولىدىن سۇنماس، شېخىدىن سۇنار. نادان گۈلگە يۈگۈرەر، زېرەك مېۋىگە يۈگۈرەر. ياش كۆچەتنىڭ مېۋىسى سەرخىل. قىڭغايغان دەرەخ غولىماي قالماس كۆچەت سالساڭ پۇتاپ تۇر، ئوتياش تېرىساڭ ئوتاپ تۇر. دۆڭگە جىرىم سالما، چوڭقۇرغا ئۆي سالما. چىلانغا چۆل ياخشى،   ياڭاققا كۆل. بىرىنى كەسسەڭ ئوننى تىك، پالتا ئېلىپ تاغقا چىق، سېۋەت ئېلىپ باغقا. بېغى بارنىڭ تېغى بار. تاۋۇزنىڭ خېمى — باققالنىڭ غېمى. تېپىپ يەي دېسەڭ باغ قىل، بېقىپ يەي دېسەڭ مال (قىل). ئېچىخ بېشىدا دەرەخ كۆكلىمەپتۇ. ئانارنى كۆلگە تىك، ئەنجۈرنى چۆلگە (تىك). ئاۋۋال تام ئەت، ئاندىن باغ (ئەت). شاپتۇلدا باغ ئەتمە، ئۆچكىدە مال (ئەتمە). باغنى باقساڭ باغ بولۇر، پاتمان – پاتمان ياغ (بولۇر).
يېگەن ئاش قورساقتا تۇرماپتۇ، كىيگەن ئىگىن بويدا (تۇرماپتۇ). چاچ تارىغان بىلەن خوتۇن ئەمەس، بەل باغلىغان بىلەن ئەر (ئەمەس). ئۆزۈڭنىڭ كىملىكىنى بىلەي دېسەڭ، ئەلچى ئەۋەتىپ سوراپ كۆر. ئۆزۈڭنى خار قىلما، كۈچۈڭنى خار قىل. كۆڭلۈڭدە كىم بولسا چىرايلىقىڭ شۇ. جەرەن تېرىسى كۆن بولۇر چەم بولماس. بېشى قارىنىڭ بېرى ياخشى. تۈگمەنگە ئوزۇق كەلگىنى ياخشى قىزغىمۇ ئەر كەلگىنى (ياخشى). ئادەمنىڭ بىڭسىسى قورساقتا، ئاتنىڭ بىڭسىسى تۇۋاقتا. ئادەمنىڭ قىممىتى ئۆزى بىلەن، ئاشنىڭ تېتىقى تۇز بىلەن. قىز بالا ئۆي زىننىتى. قىزى بارنىڭ نازى بار، تار يەردە ئاش يېگۈچە، كەڭ يەردە مۇشت يە. ياخشى بولسا كېلىن، يامان بولسا يېلىن. مۈشۈكنى ھارۋىغا قوشساڭ كاڭغا سۆرەيدۇ. ئۇپا چىراينىڭ تاپقىنى توپا چىراي. سۇنىڭ قەدرى باھاردا ئاشار، ئادەمنىڭ قەدرى مېھنەتتە (ئاشار). كەلگىنىدە دىۋانە ئىدى، ئەمدى بولدى غەمخانە. كۆڭلۈڭ رەنجىسە كۈلۈپ ئوينا. ئۆلگەندىن قورققان يامان، ئۆلۈمدىن خورلۇق (يامان). مەن مەن دېگەن زاۋال تاپار، كەمتەر يۈرگەن كامال (تاپار). كىشىلەر ھاڭ باقمايدۇ،   سېنىڭ ئېشىڭغا باقىدۇ. ئېگىز شاخقا ئېسىپ قويغىچە بويۇڭنى، يېتەر جايغا ئۇزاتساڭچى قولۇڭنى. ئۆتمەس ماتا زورلاپ ساتا. ئۆزىدىن خوركى چوڭ. ساندا بار ساناقتا يوق، ئۆزى بار ساپاسى يوق. يىقىلغاق چېلىشقا تويمايدۇ. گۈلدۈرى بار يامغۇرى يوق، ھەيۋىسى بار، ماغدۇرى يوق. غوجىنىڭ ئېتى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق. ھالىڭغا بېقىپ ھال تارت، خالتاڭغا بېقىپ ئۇن (تارت). ھۆپۈپنىڭ تۇمشۇقى ئۇزۇن،   سېغىزخاننىڭ قۇيرۇقى (ئۇزۇن). ئېتى يوق چېپىشقاق، ئىشتىنى يوق چېلىشقاق.
ھۈنەرنىڭ پۇلى پات – پات كىرەر، ئورماننىڭ پۇلى قات – قات كىرەر. دەرەخ يىلتىزىدىن كۆكلەر، نامرات قلىدىن كۆكلەر. ئادەم قولى چۆلنى بوستان قىلار. ئاشلىق تېرىپ تاغ ئەت، ئورمان تىكىپ باغ ئەت. چارۋا تاپساڭ تاغقا قوي، كۆچەت تاپساڭ باغقا قوي. تەييار تۇرسا يېمىشىم، ئورمان بىلەن نېمىشىم؟ ئورمىنىڭ غول، ئاشلىقىڭ مول. بىر يىلنىڭ غېمى ئۈچۈن ئاشلىققا ئىشلە، ئون يىلنىڭ غېمى ئۈچۈن ئورمانغا ئىشلە. بالىنى تەربىيىلىمىسەڭ ئادەم بولماس، كۆچەتنى پەرۋىش قىلمىساڭ ئورمان بولماس. يۇرت كۆكەرسە ئەل كۆكىرەر. ئوغۇت يەرنىڭ ئوزۇقى، ئورمان يەرنىڭ قوزۇقى. دىلى ئوچۇقنىڭ قولى ئوچۇق، ئورمان تىككەننىڭ يولى ئوچۇق. كۆچەت تىكسەڭ ئەر بولىسەن، كۆچەت تىكمىسەڭ خار بولىسەن. ئورمان بولمىسا تىرىكلىك بولماس. ئورمىنى بار كۆككە باقار، ئورمىنى يوق يەرگە باقار. كۆچىتىڭ كۆكلىسە بەردى خۇدا، كۆچىتىڭ قۇرىسا ئۇردى خۇدا. ئورمىنى يوق شەھەردىن چۆل – باياۋان ياخشى. ئورمان بار يەردە بالا يوق، قاتتىق بوراندىمۇ قازا يوق. يانچۇقىڭدىكى پۇلۇڭنى سانىماي، ئورمىنىڭنى سانا. ئورمان دېگەن پۇل، كۈنىڭ بولۇر گۈل. پۇلنى ئورماندىن تاپ، ئاشلىقنى ئېتىزدىن. ئورمان كۆپ بولسا ئەل باي بولۇر. ئورمان تىككەن خار بولماس. ئورمىنىڭنىڭ نېنىنى يە، كېچە – كۈندۈز غېمىنى يە. ئورمىنى بارنى پۇل باسار، ئورمىنى يوقنى قۇم باسار. قۇم كۆپەيسە تاغ بولۇر، ئورمان كۆپەيسە باغ بولۇر. ئورمىنى كۆپنىڭ تەلىيى ئوڭ. ئورمانچىنىڭ ئۆزى ئۆلمەس، ئۆزى ئۆلسىمۇ ئىزى ئۆلمەس. ئورمان كۆپكىمۇ يەتكۈزىدۇ، كۆككىمۇ يەتكۈزىدۇ. ئورمىنى بار ئادەم خار ئەمەس، يەل  - يېمىشكە زار ئەمەس. ئورمانسىز ھايا بولماس، ھايات بولسىمۇ راھەت بولماس. ئورمىنىم يوق دېگەن ھورۇننىڭ گېپى. ئۆزۈڭ يېتىشتۈرگەن مېۋە كېسىلىڭگە داۋا. ئورمانلىقنى تاشلىما، تاشلاپ بېشىڭنى قاشلىما. ئەلەم نەشرەڭنى نېرى يوق، كۆچەتنىڭ تۈۋىگە سۇ قۇي. ئادەمنىڭ زىننى كىيىم، يەرنىڭ زىننىتى جىرىم. ئورماننىڭ يېشى كۆچەت. بىرنى كەسسەڭ ئوننى تىك، ئوننى كەسسەڭ مىڭنى تىك. ئۇيانغا باق، بۇيانغا باق، كۈندە تۇرۇپ ئورمانغا باق. بىر يىلدا باي بولاي دېسەڭ ئوغۇت يىغ، مەڭگۈ باي بولاي دېسەڭ كۆچەت تىك. ئورمان كۆپ بولسا ھۆلچىلىك بولۇر، جۇت يىللاردىمۇ مولچىلىق بولۇر. كۆچەت تىكسەڭ ياشلىقىڭدا، ناۋات يەيسەن قېرىغاندا. ئورمىنى بار ئۇزار، ئورمىنى يوق توزار. قىڭغىر دەرەخنىڭ قۇرۇغىنى ئەۋزەل. چوڭ دەرەخنىڭ سايىسى يەرگە چۈشەر. ياغاچ يۇمشاق بولسا قۇرت يەيدۇ.
قاقشال دەرەخنىڭ مېۋىسى بولماس. ئورمان بىلەن بەختىڭ بولۇر، ئورمان بىلەن تەختىڭ بولۇر. ئەنجۈرنى كۆلگە تىك، ئانارنى چۆلگە (تىك). ئۆلۈشكە چىدىساڭ مال ئەت، كۆمۈشكە چىدىساڭ تال ئەت. بىرنى كەسسەڭ ئوننى تىك. ئۆينى دۆڭگە سال، جىرىمنى ئويغا (سال). چىلانغا چۆل ياخشى، ياڭاققا كۆل (ياخشى) بېقىپ يەي دېسەڭ مال قىل، يېتىپ يەي دېسەڭ باغ (قىل). كۆچەت تىكسەڭ پۇتاپ تۇر، كۆكتات تېرىساڭ ئوتاپ تۇر. ئاۋال تام ئەت، ئاندىن باغ (ئەت). تال تېرىمدا، ئالما قېرىمدا. شاپتۇلدا باغ ئەتمەڭ، ئەچكۈدە مال (ئەتمەڭ). ئۆلۈشكە چىدىساڭ مال ئەت، كۆمۈشكە چىدىساڭ تال (ئەت).   بۇلاق يېرىقنى ئىزدەر، بېلىق بۇلاقنى (ئىزدەر). بولساڭ ئەگەر دىيانەتلىك ئەر، بېغىڭغا ھەرخىل گۈللەر مېۋىلەرنى تەر. ياشلىقىڭدا ئۇنىڭ گۈللىرى تاق، قېرىغاندا كۈلۈپ مېغىزىنى چاق. بېھى سالساڭ كۆلگە سال، ئانار سالساڭ چۆلگە سال. بۇ دۆلەت سەندە تۇرماس، بۇ مەينەت مەندە (تۇرماس). كەمبەغەل مانتا سالسا پوم چىقىپتۇ. نامراتتا يوغان يۆتەل، ئاجىز ئۇيدا يوغان مۈڭگۈز. ھالالنى تاپالمىسام ھارام يېمەي ئۆلەيمۇ؟ سۇ ئويغا ئاقىدۇ، پۇل بايغا (ئاقىدۇ). پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا. توي تونلۇقنىڭ، ھېيت ئاتلىقنىڭ. تاق دېگىلى توخۇسى يوق، پەش دېگىلى مۈشۈكى (يوق). تازنىڭ نېمىسى بار تۆمۈر تاغىقى، گاداينىڭ نېمىسى بار ياغاچ قاپقىسى. پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ. باي سېغىنغاندا يەر، كەمبەغەل تاپقاندا (يەر). بارنىڭ كىيگۈسى كەلمەپتۇ، يوقنىڭ ئاۋارزى[ZW)]ئاۋارزى — تەشنالىق، ئارزۇ، خۇمار.[ZW(] قانماپتۇ. باي بېخىل، گاداي خىجىل. باي ماختانسا تېپىلار، يوق ماختانسا چېچىلار. باي مېلىنى سۆزلەر، گاداي مۇڭىنى (سۆزلەر). بېگىمنىڭ قارنى توق، قۇلى بىلەن ئىشى يوق. شەيىخىمنىڭ قارنى توق، مۇرىتى بىلەن ئىشى يوق. بار، بارغا باتۇر، يوق يەرگە قارۇر. تونۇغاننى يونىغان. پۇلى بارنىڭ يۈرىكى پۈتۈن، پۇلى يوقنىڭ ئالدى تۈتۈن. مال – دۇنيا بولسا شەيتاننىمۇ ئىشقا سالغىلى بولىدۇ. كەمبەغەلنىڭ مۈشۈكى چاشقان تۇتسا، باينىڭ مۈشۈكى توشقان تۇتۇپتۇ.
ئۆچكىدە مال ئەتمەڭ، شاپتۇلدا باغ (ئەتمەڭ). باغ مېۋىسى بىلەن ئاۋات، يۇرت ئادىمى بىلەن (ئاۋات). چارۋىسى بار بېقىپ يەيدۇ. ئورمىنى بار يېتىپ يەيدۇ. كۆچەت تىككەن مېۋە يەيدۇ، ئەل جامائەت رەھمەت دەيدۇ. ئۆزۈڭنىڭ بېغى بلسا خالىغاندا يەيسەن، كىشىنىڭ بېغى بولسا بەرگەندە يەيسەن. كۈنىگە بىر ئالما يېسەڭ تېۋىپ ئىزدىمەيسەن. باققالنىڭ ئالدى ياخشى، قاسساپنىڭ كەينى (ياخشى). باققالغا يولۇقار — ياڭاقنىڭ پىچىكى، تېۋىپقا يولۇقار گۈلنىڭ چېچىكى. كۆچەت تىك — سايىسى بالاڭغا. تال — باراڭغا ئال. تال سالمىغان ئەر، ئاخىرى پۇشايمان يەر. باغ – باغۋەن بىلەن، بولمىسا ئوغرى تىكەن. ھۈنەرۋەن باي بولماس. رەخت پۇل ئەمەس، ھۈنەر پۇل. يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس. ياغاچ كەسسەڭ ئۇزۇن كەس، تۆمۈر كەسسەڭ قىسقا (كەس). ھۈنىرى يق كىشىنىڭ، مەنىسى يوق ئىشنىڭ. ھۈنەر كۆپكىمۇ يەتكۈزىدۇ، كۆككىمۇ (يەتكۈزىدۇ). تىرىشىپ قىلساڭ ھۈنەر، باسقان ئىزىڭدىن گۈل ئۈنەر. ئۇستىسى بوشاڭ بولسا شاگىرتى مىس – مىس بولۇر. قايمال نار بولماس، ھۈنەرۋەنلەر خار (بولماس). ئاتا كەسپىنى تاشلىغان، پېشانىسىنى قاشلىغان. تۆمۈرچى قېرىسا گاس بولۇر، ياغاچچى قېرىسا دەستچى (بولۇر). ئىش ئىگىسى بىلەن، قۇش مېڭىسى (بىلەن). تۆمۈرنى قىزىقىدا سوق. خېرىدارنىڭ كۆزى بولسا، كاسىپ ئاشلىقتىن ئۆلەر. ھۈنىرى يوق ئەردىن، مىكيان توخۇ ياخشى. گال ھۈنەرۋەندىن، چاپسان قەلەندەر ياخشى. تونۇردا بىر نان پىشقىچە، ناۋاي ئون قېتىم پىشار. گۆھەرلىك بولۇشتىن، ھۈنەرلىك بولۇش ئەلا. ھۈنىرى يوق كىشىنىڭ، ھوسۇلى يوق ئىشنىڭ. ھۈنەر — تۈگىمەس گۆھەر. ئۇستا كۆرمىگەن شاگىرت، ھەر مۇقامدا يورغىلار. ئۇستا كۆرمىگەن، ئۇستا بولماس. ئۆمۈر مەڭگۈلۈك ئەمەس، ھۈنەر مەڭگۈلۈك. چىشى تۆگە نار بولماس، ھۈنەرۋەن خار (بولماس). تۆمۈر كەسسەڭ قىسقا كەس، ئۇرا – ئۇرا ئۇزىرار. ياغاچ كەسسەڭ ئۇزۇن كەسە، كېسە – كېسە قىسرقىرار. پادىشاھلىقتىن يىقىلساڭ، ناۋايلىق قىل. ھۈنەر — پۈتمەس گۆھەر. ئاتنىڭ زىننىتى — ئىگەر، ئەرنىڭ زىننىتى — ھۈنەر. يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس. ئۆگىنىپ قوي تېخنىك، ھۈنەر. ئۇنىڭدىن ئالتۇن ئۈنەر. ئەر كىشىگە يەتمىش خىل ھۈنەرمۇ ئازلىق قىلار. ئادەمنىڭ قىممىتى ھۈنەر بىلەن، ھۈنەرنىڭ قىممىتى پاك تەر بىلەن. ئالتۇن داتلاشماس، ھۈنەرۋەن نامراتلاشماس. ھۈنەرنى ئوغرى ئالماس، ھۈنەرلىك كىشى ئاچ قالماس. ھۈنەرلىك ئاش تاتلىق ئاش، ھۈنەرلىككە پۇل ئاداش. ھۈنەر — قىلغاننىڭ قولىدىن پۇل ئۈنەر.   يېزىنىڭ بېگى، شەھەرنىڭ سىگى. ياقا پەش بولدى، پەش ياقا (بولدى). بېشى يوغان بەگ بولۇر، پۇتى يوغان قۇل (بولۇر). نىمشەكتىن ئېششەك ياخشى، تاغلىقتىن ئېشەك (ياخشى) قۇم يىغىلىپ تاش بولماس، قۇم يىغىلىپ باش (بولماس). كەمبەغەل، كەم ئەقىل. پادىچىنى ئۆيگە باشلىساڭ، چۇرۇق بىلەن تۆرگە چىقار. رەھىم – بالانى كەلتۈرەر. زۇلۇم بىلەن پۈتەر، رەھىم بىلەن يۈتەر. غادىراڭنىڭ يەرلىرى قۇم قېتىش، ئادەملىرى قۇل (قېتىش). تىلى ياتنىڭ، دىلى يات. ئۆچەكەشكەنگە ئاناڭنى بەر. يەكچەشمىنىڭ شەھىرىگە بارساڭ بىر كۆزۈڭنى قىس. خوتۇن كىشىنىڭ چېچى ئۇزۇن ئەقلى قىسقا. ئوشۇق دۆلەت باشنى يارماس. سېغىز ئارىلاشمىسا لاي بولماس، ھارام ئارىلاشمىسا باي (بولماس). پۇل دېگەن قولنىڭ كىرى. ھەركىم ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىدۇ، ھەركىم ئۆزىنىڭ دەردىنى سۆزلەيدۇ. قول ئىچىگە ئېگىلەر. ئۇچرىغان ئۆزىنىڭ، قاچا چوقىغان كۆزىنىڭ.
ھاياتلىقىمدا ئەتمىسەڭ بىر ياد، ئۆلگىنىمدە چەكمىگىن پەرياد. كۆرسە ھالى يوق، كۆرمىسە كارى (يوق). سۇنىڭ قەدرىنى قۇدۇق كولىغان بىلەر. ھەسەلنىڭ ھەرىسى بولسا،  گۈلنىڭ تىكىنى بار. ئوغلۇم قالدى ئورنۇم قالدى، قىزىم قالدى ئىزىم قالدى. پوقنىڭ كۆلەڭگىسى ئىككىلىك، شاتىراقنىڭ ھېچنېمىسى يوق. دەردنى دەردمەن بىلەر، ئاغرىقنى تارتقان (بىلەر). باھار قەدرىنى قارىغۇ بىلمەس، بۇلبۇل قەدرىنى ساغرۇ (بىلمەس). تۆشۈك يارماق يەردە قالماس. سۆيمىگەنگە سۈركەلمە. ئونى بار بىرگە ئالغۇسىز، بىرى بار ئونغا بەرگۈسىز. گاھى قىزلار بار تاشلاپ قاچقۇدەك، گاھى جۇۋانلار بار ئېلىپ قاچقۇدەك. يىراقنىڭ دانىسىدىن، يېقىننىڭ سىماسى ياخشى. يىراقنىڭ دانىسىدىن، يېقىننىڭ سىماسى ياخشى. قاچقان سالپىيىپ كېلەر، كەتكەن خار بولۇپ (كېلەر). تاشمۇ ئۆزى چۈشكەن جايدا ئېزىز. سىناشقان جايدا سوقۇشقىلى ياخشى. ئورۇق ئۆچكە سۇغا ئامراق، ئورۇق ئېشەك يۈككە (ئامراق). پۇل تاپقىچە يول تاپ، ئېشىڭنىڭ بارىدا يۈز تاپ. پۇلۇڭنىڭ بارىدا يول (تاپ). سۆزۈڭ توغرا بولسا ھۆرمىتىڭ چوڭ بولۇر. بارنىڭ يۈزى تاۋاقچە، يوقنىڭ تۈزى تىرناقچە. ساقالدىكى چۆپكە قورساق تويماپتۇ. گۈلزارلىقتا ئەتىرنىڭ ئېتىبارى بولماس. يۈزلۈك بولاي دېسەڭ ئىشىڭنى توغرا قىل. تۆگىنىڭ خۇيىنى مەتەر[ZW)]مەتەر — تۆگىچى[ZW(] بىلۇر، ئالتۇننىڭ قەدرىنى زەگەر (بىلۇر). قومۇش ئۆيۈم — كۆمۈش ئۆيۈم. ئالا ئارسلان ئارسلان بولماس. ئىللەت سەۋەبسىز بولماس. ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئۇنۇتما، شىر چۇرۇغۇڭنى قۇرۇتما. بۇلبۇلغا باغ گۈلشەن، كەكلىككە تاغ (گۈلشەن). ئېرىقتا ئاققان سۇنىڭ قەدرى بولماس. ئاتاڭ ئۆلمەي ئاناڭنىڭ قەدرىنى بىلمەيسەن. قىرىق ئاشچىدىن بىر باشچى ئەلا. ئەسكى چاپان يامغۇردا ياخشى، يامان تۇغقان ئۆلگەندە (ياخشى). گەپ قىلمىسام مۆڭ دېمە، جىم تۇرسام دۆڭ (دېمە).
قوناق تېرىسام خادا بولدى، كېۋەز تېرىسام شادا بولدى. چاپقىلى كەتمەن ياخشى، كىيگىلى خام چەكمەن (ياخشى). ئوغلۇڭنى مىراپ قىلغۇچە، ئېچىقىڭنى باشقا قىل. كالا ئۇينىڭ ئوبدىنى ۋاخانۋاخان — ياۋاش كېلۇر، ئادەمنىڭ ئوبدىنى دېھقان كېلۇر. دېھقاننىڭ باقىدىغىنى قوي بىلەن كالا. قانچىلىك ئۇخلىساڭ، شۇنچىلىك ئاچ قالىسەن. ھەرىكەتتە بەرىكەت، بىكارچىلىقتىن نېرى كەت. بىرنى بىر كىم بېرەر، كۆپنى ئەمگەك بېرە. يەرنىڭ قەدرىنى سۇ بىلەر. تېرىغان خامان ئالار،   تېرىمىغان ئارمان قىلار. ئىشچان ئېشىنى يەر، ھورۇن بېشىنى (يەر). خامان ئالماق — شەھەر ئالماق. قۇم يەر — شۇم يەر، سېغىز يەر مېغىز يەر. ئالا زىرائەت ئات مىندۈرەر، قېلىن زىرائەت قىر (مىندۈرەر). ئىشلىگەن ئالۇر تاغارلاپ ئاشنى، ئىشلىمىگەن قالۇر قاشلاپ باشنى. ئاتاڭ كۆكبېشى بولغۇچە، يېرىڭ باشتا بولسۇن. بۇغدايغا قىغ كېرەك، قوناققا تىغ (كېرەك). چوقۇر يەر سۇ ئىچكىچە، دۆڭ يەر نەم تارتىپتۇ. بويىدىن قاچ، كەكرىگە چاچ. دان سۈيى، جان سۈيى. زىرائەت زېمىننىڭ ئۆگەي بالىسى، ياۋا ئوت ئۆز بالىسى. قوناقنى تۆڭگە تېرى، بۇغداينى ئويغا (تېرى). خوتۇننىڭ ئوبدىنى ئېرىنى باقار، دېھقاننىڭ ئوبدىنى يېرىنى (باقار).   مالنىڭ بېشى توخۇ. تۆگە يۈزگە يەتمەس. يۈزگە يەتسە كۆز يەتمەس. قوي ئالساڭ قۇلاق ئال، ئات ئالساڭ تۇياق ئال. مال سەمرىسە ياغ بولار، يەر سەمرىسە باغ بولار. مالنى باقسا توق بولۇر، بولمىسا يوق بولۇر. ئوت — سامان — ئوزۇق – تالقان. ئۆچكە بىلەن مال قىلما، شاپتۇل بىلەن باغ. ئات يۆتەلسە ئوقۇر، كالا يۆتەلسە پىچاق. ياغسا يامغۇر، چىقسا بوران. پادىچىغا نەدە ماكان. ئات، بىر قىلىقى يات. ئەر قانىتى — ئات. شاپتۇلدا باغ ئەتمە، ئۆشكىدە مال (ئەتمە). مالچى بولساڭ ھاننات بول، باغچى بولساڭ جاللات (بول). يېنىڭدا نار تۆگەڭ بولسا، يۈك كۆتۈرۈشتىن قورقما. پادا باقساڭ يىغىپ باق، ئىنەك باقساڭ سېغىپ (باق). مالنى كېپەككە ئال، مالچىنى ئالتۇنغا (ئال). بازار – باققالنىڭ، ئۆچكە – باققاننىڭ. توخۇ، توشقان مال ئەمەس، كاۋاپ، قاپاق تال (ئەمەس). بېقىپ يەي دېسەڭ، مال قىل، يېتىپ يەي دېسەڭ تال (قىل). مال باقساڭ، يەمنىڭ غېمىدە بول، ئۆي سالساڭ دەمنىڭ غېمىدە (بول). قوي ئالساڭ قۇلاق ئال، ئاي ئالساڭ تۇياق (ئال). ئوتۇن يىغقان كۈل يىغۇر، ئوت – خەس يىغقان پۇل يىغۇر. ئاتنى ئۇز كۆرسەتكىنى قۇيرۇقى بىلەن قۇلىقى، ئېشەكنى تېز يورغىلاتقىنى تۇۋىقى بىلەن قونىقى. چۆچىنى كۈزلۈكتە ساناڭ، ئوغلاقنى تۈزلۈكتە (ساناڭ). ئاچ مېلىم، بار مېلىم، توق مېلىم يوق مېلىم. يەرنى بېقىپ باغ ئەت، مالنى بېقىپ ياغ (ئەت). ئوتۇن يىغدىڭ كۈل يىغدىڭ، ئوت – چۆپ يىغدىڭ پۇل (يىغدىڭ). ئىنەكنىڭ سۈتى ئېغىزىدا. ئىنەكنىڭ ئۈستى ئۇلاق، ئاستى بۇلاق. ئوغۇت يەرنىڭ يېغى.   ئېچىق بېشىدا دەرەخ ئاينىماپتۇ. دېسەڭ كۆچەت تارتسۇن بوي، تۈۋىگە پات – پات سۇ قۇي. دەرەخ سالساڭ ھۆرمەت تاپىسەن، سايىسىدا مېغىز چاقىسەن. ئورەكنى چوڭقۇر ئوي، ئاندىن كۆچەتنى قوي. كۆچەت تىكسەڭ باغ بولۇر، ھوسۇللىرى تاغ بولۇر.
خېنىم بالام ئۇز، ئەتكەن ئېشى تۇز. بالىلىق ئۆي بازار، بالىسىز ئۆي مازار. ئاتا باشلىمىغاننىڭ خورىكى چوڭ، ئانا باشلىمىغاننىڭ ئەمچىكى (چوڭ). چاقماقتەك ئوغلۇڭ بولسا، چىراغتەك قىزلار كېلۇر. كىچىك بالا ئۆينىڭ چىرىقى. كېكەش قىزنىڭ دەردىنى ئانىسى بىلۇر. ئىلانباش قىزىڭدىن قاپلانباش كېلىنىڭ ياخشى. ئانىسى غورا يېسە قىزىنىڭ چىشى قامار.   ئالا قاغىدا ئېلىشىڭ بولسا، ئالغىلى ئامانلىق كېرەك. تام تۈۋىدىن ئۇپرار، ھايۋان تۇياقتىن ئۇپرار. تېنىمنىڭ ساقلىقى جېنىمنىڭ راھىتى. كېسەلگە سۆز ياقماس، چارچىغانغا ئويۇن (ياقماس). ئۆمۈر ئۆتەر، ھۆسنىڭ ئۆچەر. ئاغرىق ئۆلسە جېنىڭنى ئالۇر، شىپا ئۆرلىسە پۇلۇڭنى (ئالۇر). تەن ساقلىقى ئۆمۈر بايلىقى، خاتىرجەملىك كۆڭۈل يايلىقى. ئۆلگەندىن كېيىن يىغلىغىچە، ئۆلمەي تۇرۇپ سەۋەب قىل. ئاغرىقنىڭ سانچىقى يامان، سۆزنىڭ ئاچچىقى (يامان). ئاغرىقنىڭ تۈزۈلگىسى كەلسە، تېۋىپ ئۆزى كېلەر. ئاغرىق پاتمانلاپ كىرەر، مىسقاللاپ چىقار. تۇغۇلۇپ ئەيىپ بولماي، تۇرۇپ ئەيىپ بوپتۇ. ئەتتىگەندە قىلسا ناشتا، كېسەل بولماس باشتا. ئەتىگەنلىك ناشتىدىن قالما. ئەرگە دۆلەت ياقۇر بولسا، كېلەر ئاڭا ھەر ياندىن تۈرلۈك ئاش. ئەردىن دۆلەت قاچۇر بولسا، تېپىلماس قارا سايدىن تاش. ئېپى كەلسە سېپى ئۆزىدىن چىقار. تەلەيلىككە ھەر يەردە، تەلەيسىزگە قەيەردە؟ رەىتىڭگە باققىچە، بەختىڭگە باق. نەزەر چۈشسە پاشىغا، سۇمۇرۇغ قونۇر باشىغا. خۇدا بەرسە پەرىشتىلەر غىڭ قىلالماپتۇ. ئېتىمنىڭ بوغۇزلىقى خۇدا بەرگىنى، خوتۇنۇمنىڭ بوغۇزلىقى خۇدا ئۇرغىنى. قىز بالا سالغا تېشى، نەگە چۈشۈشنى بىلگىلى بولماس، ۋاقتىڭ كەتتى بەختىڭ كەتتى. بەختنى ئەردىن ئەزلەش، بەختسىزلىكنىڭ باشلىنىشى. كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ؟ خۇدا بەرسە قۇلىغا ئېلىپ بېرەر قۇلىغا، خۇدا ئۇرسا قولىدىن ئوغرى ئالغۇر پۇلىنى. ئادەم ئۆلمىسە رىسقى تۈگىمەس. بەندىنىڭ بەرگىنى سۆيۈنچە، خۇدانىڭ بەرگىنى تويۇنچە. سېۋەت توشقاندا تېزەك ئۇچراپتۇ. كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس. ياشلىق دۆلەت، قېرىلىق مىننەت.
سۇ يەرنىڭ قېنى، يەر دېھقاننىڭ جېنى. كىشىنىڭ يېرىگە ئىشلەپ، قاپتۇ لېۋىنى چىشلەپ. بايلىقىڭنىڭ ئاتىسى ئەمگەك، ئانىسى يەر. ئەلدىن سورىغىچە يەردىن سورا. باھاردا ئۇخلىمىغان قىشتا غەم قىلماس. يازدا بىكار ياتقاننىڭ قىشتا بېلى سۇنار. ئەجىرسىز يەردە زىرائەت ئوخشىماس. مۇھەممەت كامال نەشرگە تەييارلىغان. شالاڭ ئاش باش كۆرسىتەر، قويۇق ئاش چەش (كۆرسىتەر). ئەمگەك بىلەن ئەر كۆكىرەر، يامغۇر بىلەن يەر (كۆكىرەر). بىر تال باش — بىر قوشۇق ئاش. ئوسا چالا بولسا زىرائىتىڭ ئالا بولۇر. سەن  يەرنى گوللىساڭ، يەر سېنى گوللايدۇ. سۈيۈڭ غول — ئېشىڭ مول. ئۇرۇقۇڭنى يېگىچە، ئۇيۇڭنى يە. دېھقانچىلىق —چىلىق – چىلىق. يەر ھەيدىسەڭ كۈزدە ھەيدە، كۈزدە ھەيدىمىسەڭ يۈز (ھەيدە). ئەمگەك قىلساڭ ئاتىقىڭ چىقار، قىلمىساڭ چاتىقىڭ (چىقار). ئەمگەكنىڭ تېگى راھەت. ئەمگەك يەردە قالماس. ئەمگەك قىلساڭ يەر سېخى. تېرىغانغا يەر قېرىماس، ئىشلىگەنگە ئەر (قېرىماس). دېھقان بولساڭ شۈدىگەر قىل، موللا بولساڭ تەكرار (قىل). ئەمگەك قىلمىساڭ ئوبدان، ئالالمايسەن بىر دان. ئىش قورالىڭ ساز بولسا، مۇشەققىتىڭ ئاز بولىدۇ. تېرىساڭ خامان قىلۇرسەن، تېرىمىساڭ ئارمان (قىلۇرسەن). دەرەخ تىكسەڭ پۇتاپ تۇر، تۈز لىم ئالىسەن، بىكار بولساڭ كىتاب كۆر، بىلىم (ئالىسەن). كۆچەتنى سۇندۇرغۇچە، قولۇڭنى قايرىپ كۆر. يىغلاپ تۇرۇپ توغان تۇت، كۈلۈپ تۇرۇپ سۇ قۇي. يەر ئەسكى ئەمەس، ئەر ئەسكى. ئىشلىگەننىڭ يۈزى يورۇق، ئىشلىمىگەننىڭ يۈزى چورۇق. ئاتامدىن قالغان دۇنيانى، كونا كەتمەن يەپ بولدى. ئوناق – ئوناققا كەلمەپتۇ، ئارقىدىكى يەر قۇناققا (كەلمەپتۇ). ئوغۇت يەرنىڭ يېغى. يەر ھەيدىسەڭ كۈزدە ھەيدە، كۈزدە ھەيدىمىسەڭ يۈز ھەيدە. تېرىمىغاننىڭ چارىكى چوڭ.
خۇدا ساقلىغان يەردە بالا يوق، شال تېرىغان يەردە پولۇ يوق. ئىشلىگەن چىلىق – چىلىق، ئىشلىمىگەن قۇرۇقچىلىق. بايلىقنىڭ ئاتىسى ئەمگەك، ئانىسى يەر. گېپىدە تۇرمىغان ئەر ئەمەس. ھوسۇل بەرمىگەن يەر ئەمەس. ئەجىر قىلساڭ يەردىن بايلىق چىقىدۇ. ئىشلەپ يېگەن لەززەتلىك، تىلەپ يېگەن مىننەتلىك. تېرىغان خامان قىلار، تېرىمىغان ئارمان قىلار. ئاتاڭ يۈز بېشى بولغىچە، ئۆيۈڭ سۇ بېشىدا بولسۇن. يەرنى ئالدىغان، ئۆزىنى ئالدار. يەر دېگەن ئالتۇن قوزۇق. بىرنى بىر كىم بېرەر، كۆپنى ئەمگەك (بېرەر). ئەتىيازدىكى ھەرىكەت، كۈزدىكى بەرىكەت. ئوغۇت يىغساڭ تاتىلاپ، ئاش خالىسەن قاچىلاپ. ئاتاڭنى مىراپ قىلغۇچە، ئېرىقىڭنى چوڭقۇر چاپ. يىلنىڭ ئىشى ئەتىيازغا باغلىق. قۇم يىغىلسا تاش بولماس، تېرىمىغۇچە ئاش (بولماس). تېرىغان ئۆزىدىن سوراپتۇ، تېرىمىغان كىشىدن (سوراپتۇ). تېرىغان خامان قىلار، تېرىمىغان ئارمان (قىلار). ئىشلىسە ئاي، ئىشلىمىسە ساي. دېھقاننىڭ پۇلى يەردە، بايلىقى پېشانىسىدىكى تەردە. دېھقانچىلىق، بەزىدە چىلىق – چىلىق، بەزىدە قۇرۇق پىلىك. ئاشنىڭ قەدرىنى دېھقان بىلەر. كەتمەننىڭ دەردىنى قول بىلەر. لەززىتىنى تىل (بىلەر). يەرنىڭ زىننىتى كەتمەن، ئادەمنىڭ زىننىتى ئەمگەك. يىغلاپ يۈرۈپ قىر قىلار، ئويناپ يۈرۈپ سۇ تۇت. ئېرىقنى چوڭقۇر چاپ، سۇنى ئويناپ تۇت. يەرگە چاچساڭ ئۇرۇق، يەر قويماس قۇرۇق. سېنى باقار زىرائەت، يەرگە قىلما خىيانەت. بۇغداي دېگۈدەك: — مېنى مۇزغا مىلىسەڭ، سېنى ئۇنغا مىلەيمەن. ئادەم ئىشچان بولسا، يەر بېخىللىق قىلماس. ھورۇن كىشى بولۇر، ھورۇن يەر بولماس. تەر تۆكمىسەڭ يەر بولماس. ئۇستا ئوۋچى شىر ئاتىدۇ، قاۋۇل دېھقان يەر ئاچىدۇ. ئەتىيازدا بالدۇر قوپ، كۈزدە كېيىن يات. دېھقان بولساڭ يەرگە ئىشلە، دىۋانە بولساڭ تىلەپ چىشلە. ئىشلىگەن پۈۋلەپ يەر، ئىشلىمىگەن تىلەپ (يەر). موللا بولساڭ تەكرار قىل، دېھقان بولساڭ شۇدىگەر قىل. ئەمگەك قىلساڭ ئاتىقىڭ چىقار، ئەمگەك قىلمىساڭ چاتىقىڭ چىقار. تېرىغان خامان ئالۇر، تېرىمىغان ئارماندا قالۇر. بۇغداي تېرىساڭ كۈزگى تېرى، ئارپا تېرىساڭ بوزغا (تېرى). ئىشچاننىڭ پۇلى تۈەىمەس، بەتخەجنىڭ قەرزى (تۈگىمەس). قۇم يەر — شۇم يەر، سېغىز يەر — مېغىز يەر. بۇغدايغا قىغ، قوناققا تىغ. ئېرىنمەي ئىشلىسەڭ، يىغلىماي چىشلەيسەن. ئۆزۈڭنى ئېزىز قىلاي دېسەڭ كۈچۈڭنى خار قىل، زامان كەڭرى راسا ئىشلەپ يوقنى بار قىل. ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق، بۇغدايغا چۇشلۇق ئاق نان يوق. يىغلاپ يۈرۈپ يەر قىرلا، ئويناپ يۈرۈپ سۇلاق قىل. بۇغداي تېرىڭ دېسە، ئىلغىماي ئۇرۇق سېلىپ، ئالتە چاشقاننى قوشۇپ ھالايلاي ئەتكەن شاغېرىب. قۇلدەك ئىشلەپ، بەگدەك يە. تاغدىن كەلگەن سەل سۇدىن چۆل – باياۋان لاي بولۇر، دېھقان ئالغان ئاشلىقتىن ئاشپەز – ناۋاي باي بولۇر. ئىش قىلغۇلۇق پەم بىلەن، نان يېگۈلۈك قەنت بىلەن. ئاۋۋال ئىشلە، ئاندىن چىشلە. ئالا زىرائەت باش كۆرسىتەر، قويۇق زىرائەت ئاش كۆرسىتەر. دېھقاننىڭ ئىشى سۇ بىلەن ئوخشار، قازاننىڭ ئېشى ئوت بىلەن ئوخشار. دېھقاننىڭ ئوبدىنى ئۇي باقار، خوتۇننىڭ ئوبدىنى ئەر باقار. ئىشلىمىگۈچە چىشلەش يوق، دائىم ئىشلىگەننىڭ قورسىقى توق. تەر تۆكۈپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق. نىجاد كەلمەس پەلەكتىن، راھەت كېلەر ئەمگەكتىن. ئىشلىسەڭ چىشلەيسەن، ئىشلىمىسەڭ تىلەيسەن. ئەمگەكچىگە نان تاتلىق، ھورۇنغا جان تاتلىق. بېشىڭنى تاتىلىغۇچە، ئېتىزىڭنى تاتىلا. يەر ھەيدىسەڭ كۈز ھەيدە، كۈز ھەيدىمىسەڭ يۈز ھەيدە. ئادەمنىڭ ئوبدىنى ئۆز يۇرتىدا قېرىيدۇ، دېھقاننىڭ ئوبدىنى بۇغداي ـ قوناق تېرىيدۇ. كۆپ ئىشلىگەن ھوسۇل ئالۇر، ئىشلىمىگەن قۇرۇق قالۇر. يەر يارىماس ئەمەس، ئەر يارىماس.
بوراندا ئۇيقۇ ياخشى، يامغۇردا گۆش (ياخشى). جۈمە ياغسا شەنبە توختار، شەنبە ياغسا قاچان توختار. ياز يېپىنچا، قىش ئوزۇق. قىشنىڭ گۈلى ئوت. ئەتىكى دۈمبىدىن بۈگۈنكى ئۆپكە ياخشى. ئالتۇننىڭ قەدرىنى زەگەر بىلەر. ئالتۇن ئوتتتا تاۋلىنىدۇ. ئالتۇن ئېغىرلىقى بىلەن يېڭىدۇ. ئالتۇن چىرىماس. دېھقان بولساڭ شۈدىگەر قىل، موللا بولساڭ تەكرار قىل. ئوغلۇڭ مىرا بولغۇچە، ئۆيۈڭ سۇنىڭ بېشىدا بولسۇن. ئاتاڭمۇ يەر، ئاناڭمۇ يەر. ئەتىيازدىكى ھەرىكەت، كۈزدىكى بەرىكەت. ئەجىر قىلساڭ تاشقا، ئاغزىڭ تېگەر ئاشقا. تەر تۆكۈپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق. تېرىغان خامان قىلار، تېرىمىغان ئارمان قىلار. خامان ئالماق شەھەر ئالماق. دان سۈيى — جان سۈيى.
قىشنىڭ سوغۇقى ياندىن ئۆتەر، ئەتىيازنىڭ سوغۇقى جاندىن (ئۆتەر). قىش سوغۇق كەلگۈدەك، قېرى دوڭغاق كەلگۈدەك. ۋاقىت قەدرىگە يەتمىگەن، ھاياتنىڭ قەدرىگە يەتمەس. ئالتۇن ئوتتا تاۋلىنار ئادەم مېھنەتتە (تاۋلىنار). كۈنلۈك ئىشىڭنى سەھەردىن باشلا. يىللىق ئىشىڭنى باھاردىن (باشلا). سوغۇق جۇۋىلىقنىڭ يېنىدىن ئۆتەر، كۆك پوتلىنىڭ جېنىدىن (ئۆتەر). كۈندىن قالدىڭ، ئايدىن قالدىڭ. ئايدىن قالدىڭ، يىلدىن قالدىڭ. ياز غېمىنى قىشتا قىل، قىش غېمىنى يازدا. چۆجىنى كۈزدە ساناڭ. يازدا يېپىنچا ئال، قىشتا ئوزۇق (ئال). ئەتىياز ئاپتىپىدىن قاچ، كۈز ئاپتىپىدا يات. قىش غېمىنى ياز قىل، قىشتا غەمنى ئاز قىل. ئەتىيازنىڭ ئاپتىپىغا كىلىنىڭنى سال، كۈزلۈكنىڭ ئاپتىپىغا قىزىڭنى (سال). ياز بار، قىش بار، ئالدىرىماڭ ئىش بار. ئۈكە چوقىدىن ئاشسا يازغا تەۋە، مودو گەدەندىن ئاشسا تازغا (تەۋە). قىش غېمىنى يازدا يە، ياز غېمىنى قىشتا (يە). قىش – قىشتەك بولسۇن، ياز – يازدەك (بولسۇن). قىش كۈننىڭ ئاپتىپى، دۈشمەننىڭ كۈلگىنىچە بار.
ئانام بارغىچە لەيلى قازاق توزۇپتۇ. ئاينىڭ بېشىدىن قورققۇچە، بەشىدىن قورق. ئەتىيازدا توخۇ تويماس. پارچە بۇلۇتتىن يامغۇر كۈتمە. قاردا پولۇ، يامغۇردا شورپا، بوراندا ئۇيقۇ ياخشى.   قىشنىڭ گۈلى ئوت. قىشنىڭ كۆزى قارىغۇ. كۈزنىڭ شامىلى ياندىن ئۆتەر، ئەتىيازنىڭ شامىلى جاندىن (ئۆتەر). قىشنىڭ كۆزى قارىغۇ، تىرە – تسەك يامىقى. قىش غېمىنى يازدا (قىل)، ياز غېمىنى قىشتا (قىل). قىش ئوچىقى تار، قوپ ئۆيۈڭگە بار. يازنىڭ پوقى ئەتىيازغا دورا. ئۆرۈك چېچىكىدە ئۆرۈك كۆتىكىم بولسا. يازدا يېپىنچا ئال، قىشتا سېلىنچى (ئال). بىر يىللىق ئىش ئەتىيازدىن باشلىنىدۇ، بىر كۈنلۈك ئىش سەھەردىن (باشلىنىدۇ). قىشنىڭ سوغۇقى ياندىن ئۆتەر، ئەتىيازنىڭ سوغۇقى جاندىن (ئۆتەر). سۇ بېشىدا قۇم ئاققۇزار، ئايىغىدا تاش (ئاققۇزار). شار – شۇر يامغۇر ياندىن ئۆتەر، سىم – سىم يامغۇر جاندىن (ئۆتەر).
ئالتۇن پەشتاق ئۆيۈڭدىن كۆڭلۈمنىڭ تىنچلىقى ياخشى. لەمپىسى يوق ساراي،   مەن قايان باراي. كۆڭلۈڭ رەنجىسە كۈلۈپ ئوينا. كۆڭلۈڭ تىنچ، قايناقسۇ ئىچ. كۆڭۈلنىڭ كىرىنى چاي ئالىدۇ. قايغۇسى يوق كىشى سۇ ئىچىپمۇ سەمرىيدۇ. كۆڭلى غەش بولسا، تامىقى لەش بوپتۇ. كۆڭلى توق، قايغۇ يوق. كۆڭلى ئۇخلىمىسا كۆزى ئۇخلىماس. ئۇيقۇڭ كەلمىسە ۋاسا سانا. شامال يەپ، بوران كېكىرىپتۇ. بىكار بولساڭ خىيال سۈر. بىغەمنىڭ خۇشاللىقى كوسىغا چۈشكەن ساقالچىلىك. كەپتەرۋاز، كەپتەرۋاز، كەپتەرخانىدا ئۆلگەن تاز. قۇدۇققا ئوت كەتسە، خەندەكتىكى بېلىقنىڭ ھالىغا ۋاي. باخشى دېپىنى داراڭلايدۇ، ئابدال قېپىنى (داراڭلايدۇ). بەڭگى بوۋىسىنى داڭلايدۇ، موزدوز كۈۋىسىنى (داراڭلايدۇ). كۈنلۈك يولغا چىقساڭ، ئايلىق ئوزۇق ئال. كارىۋاننىڭ يولى بىر، رىسقى باشقا. ئاتنى مىنسەڭ دۆڭگە چاپ. بالا يىغلىمىسا ئانا ئەمچەك سالمايدۇ. ئارپا بۇغداي تۇلۇمدا،   يېتىم بالا بۇلۇڭدا. كونا تامنى يۆلىسەڭ ئۆمرۈڭ قىسقىرار. ئىتنىڭ چارىسى سۆڭەك. كاككۇك ئۆز ئىسمىنى چاقىرىدۇ. ئارزۇلاپ تېرىغان چىلگىنىڭ باش بۇرنىنى ئىت يېدى. ئات ھارسا ئېغىل ياخشى، پاتقاققا شېغىل (ياخشى. تور بۇلاڭچى، قارماق تىلەمچى. ئاغىچا خېنىم زەللىگە ئىشىنىدۇ، قازاخۇنۇم سەللىگە (ئىشىنىدۇ). تۆگىمۇ تۆگە، مايىغىمۇ تۆگە. خاننىڭ خوتۇنى خار ئەمەس. ئەسكى تۇماققا سېسىق كاللا خېرىدار. كۇسا ئامبال بولغىدەك، شىشە تامبال (بولغىدەك). ئادەمنىڭ پاكىرى بولغۇچە، ئېشەكچىنىڭ چاكىرى بول. ئات تاپقىچە ئېشك مىن. ئازغا قانائەت قىلمىغان كۆپكە يېتىشەلمەس. تۈگمىنى دەپ تۆگىدىن قۇرۇق قاپتۇ. يۈتكەن پىچاقنىڭ سېپى ئالتۇن. نامراتنىڭ نېنى يانچۇقىدا. ئاتامنىڭ ئۆلۈشىنى بىلسەم، بىر تاۋاق كېپەككە سېتىپ يەردىم. تۇغۇۋالمىغىچە بالا بولماس، سېتىۋالمىغۇچە قۇل (بولماس). قولۇڭدىن كەلسە ياغ چاينا. باي مېلىنى سۆزلەيدۇ، كەمبەغەل مۇڭىنى (سۆزلەيدۇ). سېرىق دېگەن ئالتۇن، قارا دېگەن مۈشۈك پوقى. بېشىنى كۆرۈپ باش قاشلاپتۇ. ئايىغىنى كۆرۈپ ئاچچىقلاپتۇ. ئايال كىشى ئۆچكە يېغى. باي ماختانسا تېپىنىدۇ، يوق ماختانسا چېچىلىدۇ. گۆشى تۈگەپ بېزى قاپتۇ، جىقى تۈگەپ ئېزى (قاپتۇ). باشقا كۈن چۈشكەندە مازارغا بېرىپتۇ، قولغا پۇل چۈشكەندە بازارغا بېرىپتۇ. خوتۇنۇڭ ئۇرۇشقاق بولسا، ياقاڭ ساق تۇرماس، بېشىڭ تاز بولسا، قولۇڭ پاك تۇرماس. تۇغۇلمىغان تايغا ئىگەر توقۇپتۇ. يامغۇردىن قاچقان ئازمىغا سەكرەپتۇ. ئاچ نېمىنى يېمەس، توق نېمىنى (دېمەس). يول ئازابى — گۆر ئازابى. بالىسىزنىڭ مېلى ھارام، ئىمانسىزنىڭ جېنى (ھارام). ھەرىكىتى كېتەر، بەرىكىتى قالار. ئۆز بېشىغا كۈن چۈشسە، ئۆتۈك بىلەن سۇ كېچەر. ئاز يېگەن كۆپ يەر، كۆپ يېگەن پوق يەر. ئاناڭ ئۆگەي بولسا تويۇڭ بۇزۇلار. دانا قەدرىنى نادان بىلمەس، ئاغرىق دەردىنى ساق بىلمەس. ئوغۇل تاغقا ئوخشار، قىز باغقا (ئوخشار). قېيىن ئانام كەلسە كەلسۇن، بۆز خالتىسى كەلمىسۇن. ئۇستۇرا كاپقا ئولتۇرار، خوتۇن لاپقا ئولتۇرار. ھورۇن ۋاقىت قەدرىنى بىلمەس، شۇڭا ئۇنىڭ چېچىكى كۈلمەس. قازان قايناپ ئوتنى ئۆچۈردى،   بالام ئويناپ بىزنى كۆچەردى. تاڭ ئاتقۇچە پوررەك، چۈش بولغۇچە خوررەك. ھويلىسى بار، دەرۋازىسى يوق، خامىنى بار ئەنجىسى يوق. يەرنىڭ راھىتى قوغۇن، قۇۋۋىتى ئۇزۇن. ئۇچىسى قىچىشقان ئېشەك، تۈگمەن بېشىغا بېرىپتۇ. مۇسا — ۋەجىڭگە بېقىپ ئوسا. قېيىن ئانامنىڭ سىگى قېيىن ئاتام تەرەپكە قاۋايدۇ. ئۆزۈمنىڭ شوخلۇقىدىن كۆڭلۈمنىڭ ئارامى يوق. ياتقا بەرگىن قىزىڭنى، تۇغقاندىن ئال سۆزۈڭنى. سىيدام كەكىگە دەستە تاپماق تەس، ئەسكى خوتۇنغا ئەر تاپقام (تەس). كۆزلىرى ئالاق – جالاق، ئۆپچۆرىسىنى قويماس ساق. ياخشى سۆز جانغا راھەت، يامان سۆز جانغا جاراھەت. شامنىڭ كۆركى شامدان بىلەن، ئايالنىڭ كۆرىكى تائام بىەن. قارىغۇدىن يول سورىما، بېخىلدىن پۇل (سورىما). پۇلنىڭ قەدرى يامان، دەردمەننىڭ دەردى. توخۇسىنى دەپ، تۆگىسىدىن قۇرۇق قاپتۇ. موللا بولساڭ مازاردا بول، سودىگەر بولساڭ بازاردا (بول). سۆگەتنىڭ تۈزى بولماس، چېقىمچىنىڭ يۈزى (بولماس). مەستنىڭ توۋىسى — شېشىنى كۆتۈرگۈچە. تاماخور كىشى خار بولۇر. ئۆمۈچۈك توقۇغان تورغا چىۋىن چۈشۈپتۇ. ئوت – چۆپ يىغقان، پۇل يىغار. كۈن چىقمىسا ساراي سالاي، كۈن چىقسا ئوينىۋالاي. ئىتمۇ پاسارغا يۆلەپ چىقىرىپتۇ. ئادەمنىڭ ئەسكىسى مۇڭلۇق، ئېشەكنىڭ ئەسكىسى يۇڭلۇق.   باش يېرىلسا بۆك ئىچىدە، قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە. باجا – باجىنى كۆرسە، قوڭى قىچىشىپتۇ. ئىلگىرى باغداتتىن كەلسە، ھازىر باغنىڭ كەينىدىن كېلىدۇ. يېغى ياندىن، بالا قېرىنداشتىن. قىچىشقان يەرنى قاشلاشقا ئۆزۈڭنىڭ تىرنىقى ياخشى، يېگەن ئاش – ناننى تېتىشقا ئۆزۈڭنىڭ تامغىقى ياخشى. مەن كۆيەرمەن بالامغا، بالام كۆيەر بالىسىغا. نەۋرە نېمە بېرەر، چىچىپ پوقىنى (بېرەر). ئۆگەي ئاناڭ سۆيگەن يەرمۇ ھەپتە ئېچىشار. ئوغۇل بالىنىڭ بالىسى ئاق تىكەننىڭ شوخىسى، قاراپ تۇرغان ئانىسى، نېرى تۇرۇڭ بالىسى. قىز بالىنىڭ بالىسى قىزىلگۈلنىڭ غۇنچىسى. يېقىن كېلىڭ بالىسى. ئاتا – ئاناڭنىڭ دۇئاسىنى ئالساڭ خورلۇق تارتمايسەن ئاتا – ئاناڭنىڭ قارغىشىنى ئالساڭ خوۋلۇق كۆرمەيسەن. ئوغۇلنىڭ بالىسى ئەينا ئانىسى، قىزنىڭ بالىسى ئىنا ئانىسى. بۆرىمۇ قوشنىسىغا يامانلىق سېغىنماپتۇ. يىراقتىكى تۇغقاندىن، يېقىندىكى قوشنا ياخشى. كونا چاپان يامغۇردا ياخشى، يامان تۇغقان ئۆلەمدە (ياخشى). يامان قوشنا سۇغۇرۇپ قالايدۇ قومۇشنى، ياخشى قوشنا چىڭىتىپ قويار بوشىنى. ئاكىڭىز بىلەن ئويناشماڭ، شىللىپاتاڭ يەرسىز، ئاچىڭىز بىلەن ئويناشماڭ خېمىرتۇرۇچ يەرسىز. ئاتاڭنىڭ باغ ھويلىسى بىلەن قالغىچە، ئاناڭنىڭ پىلتە سېۋىتى بىلەن قال. بىر كۆرۈشكەن تونۇش، ئىككى كۆرۈشكەن تۇغقان. كۆيۈمى يوق تۇغقاندىن يات ياخشى، ئىسسىغى يوق كاڭدىن كات ياخشى. ئوڭ قولۇم، چەپ قولۇم، ھەر ئىككىلىسى ئۆز قولۇم. ئويناشسا ئۇكىسى ئۇتار، چېلىشسا ئاكىسى (ئۇتار). ئۆي ئالما، قوشنا ئال. قوينۇڭدىن تۆكۈلسە قونجۇڭغا. بالىسى بالا بولۇر، ئانىسى لالا (بولۇر). قالايدىغان نېمە بەقەم، تۇغقان دېگەن لەقەم. گۆش بىلەن ياغ بىر تۇغقان، پىيازنىڭ كۆيگىنى بىكار.   ئادەم قولى چۆلنى بوستان قىلار. ئادەمنىڭ ئېشى تۈگىگىنى، ئىشى تۈگىگىنى. ئارقىدا قالغان ئىشىڭغا، قار ياغىدۇ بېشىڭغا. ئاچچىق يامان ماغدۇر كام، يانچۇق يوغان دادۇر كام. ئاياق يۈگۈرۈكى ئاشقا، ئېغىز يۈگۈرۈكى باشقا. ئاغزىڭ ئەپچىل بولغاندىن، قولۇڭ ئەپچىل بولسۇن. ئاز يىغساڭمۇ ھالال يىغ. ئالتىنچى ئايدا قىچقارسا، يەتتىنچى ئايدا >ھە< دېگەن. ئاشنى كۆرسە ئېچىڭ تاز، ئىشنى كۆرسە قېچىڭ تاز. ئالتى ئايدا بىر تون تىكتىم، ئەملىدىممۇ، پەملىدىممۇ؟ ئارىدا قونۇپ سۇ ئەپكەلدىم، يۈگۈردۈممۇ، ئۇچتۇممۇ؟ ئالتۇن ئوتتا، ئادەم مېھنەتتە بىلىنەر. ئەتىگە قالغان ئىشقا قار ياغار. ئەتىيازدا قايماق يەپ كەچكۈزدە كېكىردىم. ئەمگەكنىڭ نېنى تاتلىق، ھورۇننىڭ جېنى تاتلىق. بارمايمەن دېگەن تۈگمەنگە يەتتە قېتىم بېرىپتۇ. باينىڭ قىزى چۈمۈچ تۇتسا قولى قاپىرىپتۇ. بەش بارمىقىم — بەش گۈل. بەتتام قوغۇنىڭ ئۇرۇقى تولا، كارغا كەلمەسنىڭ سۈرەنى (تولا). بوي ئىشلىمەس، قول ئىشلەر. بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قيما. بەرسەڭ يەيمەن، ئۇرساڭ ئۆلىمەن. بەرگىچە توققۇز، ئالغىچە ئوتتۇز. بىكار گەپ قىلىش ئەخمەقنىڭ ئىشى. بىكارنىڭ چولىسى يوق، قىلغىلى ياخشى (يوق). بىكاردىن خۇدا بىزار. بىكار تۇرغۇچە، بىكارغا ئىشلە. بىكار بولساڭ كىپەك تاسقاپ يە. بىر بىكار ئوننى بىكار قىپتۇ. بىرنى بىركىم بېرەر، كۆپنى ئەمگەك (بېرەر). پالتا چۈشكىچە، كۆتەك دەم ئاپتۇ. پەرۋىش قىلمىغان تەكتە ئۈزۈم بولمايدۇ، بوشاڭ باشلىقنىڭ ئىدارىسىدە تۈزۈم بولمايدۇ. تويغىچە يەپ، تەرلىگىچە ئىشلە. تۆگە سىيگىچە قۇيرۇقىنى قۇم بېسىپتۇ. تۈگمەن بىر ئايلانغىچە، ئىگىسى يۈز ئايلىنار. تەييارغا ھەييار. تىلەپ ئالغان تىزغا يەتمەس. جاپا چەكمىگىچە ھالاۋەت يوق. جۈجەم پىش، ئاغزىمغا چۈش. چەككىنىم جەبرى – جاپا، ئىشتكىنىم تەنى – تاپا. چىراي كۆيدۈرىدۇ، خۇلۇق ئۆلتۈرىدۇ. خۇمداندا خىش تولا، قىلاي دېسە ئىش (تولا). دادام مازارغا شەيخ، مەن تەييارغا (شەيخ). دۈمبۈيۈڭ[ZW)]دۈمبەي — دولاڭ.[ZW(] قىچىشسا تۈگمەنگە بار. ساقالنى ساتقان قېرىدىن، ئەمگىكىنى ساتقان بالا ياخشى. سەن سالا، مەن سالا، ئاتقا چۆپنى كىم سالا؟ سەۋەب قىل – تەلەپ قىل. سەۋەب قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ. سىرلىساڭ سىر يالىقى، سىرلىمىساڭ ئىت يالىقى. قۇلدەك ئىشلەپ، بەگدەك يە. قولۇڭنى قۇل قىلىپ ئىشلەت. پۇتۇڭنى ئۇي قىلىپ (ئىشلەت). قۇشقاچتەك ۋىچىرلىغىچە، چۈمۈلىدەك مىدىرلىغىن. قىشلىقى قايان باراي، ياز كەلسە ساراي سالاي. قېرى كەلسە ئاشقا، ياش كەلسە ئىشقا. كۆز كۆرەر، قول ئىشلەر. كىشىنىڭ تاھارىتىدە ناماز ئۆتەپتۇ. كىشىنىڭ جۇۋىسىدا تەرلەپتۇ. كىشىنىڭ ئاغزىغا قارىغان ئاچ قالار. كىشىگە ئىشەنگىچە، بىلەكنىڭ كۈچىگە ئىشەن. كىم بىكار — سەن بىكار. ھويلىدىكى ئىت بىكار. گەپ تاپقىچە گالغا تاپ. گەپنىڭ يامىنى كۇس – كۇس، ئوسۇرۇقنىڭ يامىنى پۇس – پۇس. گەپ دېسە بەش ئېشەككە يۈك، ئىش دېسە خەپ شۈك. گەپ دېسە قاپ – قاپ، ئىش دېسە سامانلىقتىن تاپ. گەپدان بولغىچە، ئىشچان بول. بېگىمنىڭ ئېتىنى سۇغار پۇلىنى ئال. مال تاپقان باقسۇن، ئوتۇننى چاپقان ياقسۇن. مېڭىشقا ئېرىنسەڭ كېيىن يۈگۈرەيسەن. مېھنەتتىن قاچما، مەينەتتىن قاچ. مېھنەتسىز يېگەن ئاش، تۇيۇقسىز تەگكەن تاش. مېھنەتنىڭ تېگى راھەت. مېھنەتسىز ئەر — ھوسۇلسىز يەر. مىدىرلىغان تاغ ئاشار، تاغ كەينىدە ياغ ياسار. ناماز دىگەر، ئىشىڭ تۈگەر. ناسۋال قاپاققا نان بارمۇ؟ ھورۇننى ئىشقا بۇيرۇساڭ، ئاتاڭدەك يول كۆرسىتەر. ھورۇن ئۆستەڭ بويىدا ئۇسسۇز. ھورۇننىڭ غەيرىتى ئىش تۈگىگەندە. ھورۇن يەرگە يۈك. ھەرىكەتتە بەرىكەت، بىكارچىلىقتىن نېرى كەت. ھەركىم ئۆزىن چاغلاپ، ئىش قىلدۇ بېلىنى باغلاپ، ئون ئېغىز كاپ – كاپتىن، بىر ئېغىز چىپ – چاپ ياخشى. ئۆلگەندىن كېيىن >ياسىن<[ZW)]قۇرئاندىكى بىر سۈرە.[ZW(] ئوقۇغاننىڭ نېمە پايدىسى. ئېرىنچەكنىڭ ئەتىسى تۈگىمەس، تاماخورنىڭ پەتىسى (تۈگىمەس). ئېشەك كۈل تاپسا ئېغىنار. ئېرىنسەڭ ئىشىڭنى كىم قىلۇر، ئۇيالساڭ سۆزۈڭنى (كىم قىلۇر). ئىش ئېپى بىلەن، كەتمەن سېپى بىلەن. ئىش قورالىڭ بار بولسا، مۇشەققىتىڭ ئاز بولۇر. ئشلىسەڭ چىشلەيسەن. ئىش بار يەردە ئاش بار. ئىش ئىشتەينى ئاچىدۇ. ئىش ئىگىسى بىلەن، قۇش مېڭىسى بىلەن. ئىشلىقنىڭ ئىشى پۈتەر، ئىشسىزنىڭ كۈنى ئۆتەر. ئىش ۋاقتىدا ھەييار، ئاش ۋاقتىدا تەييار. ئىشلەپ يېگەن لەززەتلىك، تىلەپ يېگەن مىننەتلىك. يوق دېسە يېتىپ يەڭ. ئىشنىڭ ئاسىنى يوق، قىلساڭ قىيىنى (يوق). ئىشلىگەن ياغ چاينار، ئىشلىمىگەن تاش (چاينار). ئىشقا چىقسا قارانچۇق، بىكار يۈرسە ياسانچۇق. ئىشقا چاقىرسا بارمىغان، ئاشقا چاقىرسا ھارمىغان. ئىت مۈشۈكنى بۇيرۇسا، مۈشۈك قۇيرۇقىنى بۇيرۇپتۇ. ياشلىقىڭدا ئىشلىسە، قېرىغاندا چىشلە. يارنىڭ تۇرقىغا قارىماي، خۇلىقىغا قارا. ياز بولسا قىش بولمىسا، ئاش بولسا ئىش بولمىسا. سەن سالا – مەن سال، ئاتقا ئوتنى كىم سالا. ھورۇننى ئىشقا بۇيرۇساڭ، ئاتاڭدىن ئارتۇق ئەقىل كۆرسىتەر. ئون گەپدانغا بىر ئىشچان ئەلا. ماقۇلغا جاۋاب يوق. ھەرىكەتتە – بەرىكەت، بىكارچىلىقتىن نېرى كەت. ياز بولسا، قىش بولمىسا، ئاش بولسا ئىش (بولمىسا). ھورۇننىڭ غەيرىتى، ئىش تۈگىگەندە كېلەر. ئىشچان شاتلىنىپ كۈلەر. ھورۇن ئاچ قېلىپ ئۆلەر. ئايدىن قالساڭ يىلدىن قالىسەن. ئاۋۋال ئويلا، ئاندىن سۆزلە، بولساڭ ساياق، يەيسەن تاياق. ئىشلىسەڭ چىشلەيسەن. ئىشلىگەن قەن يەيدۇ، ئىشلىمىگەن غەم. ماڭغاننىڭ يولى تۈگەر، ياتقاننىڭ پۇلى. نومۇسسىز تىلەيدۇ، نومۇسلۇق ئىشلەيدۇ. ھورۇننىڭ قەرزى تولا، خۇداغا ئەرزى (تولا). يېڭى تۇماقنىڭ يىرتىقى يوق، ھالال ئىشنىڭ پۇتىقى. يازدا ئۇخلىغان، قىشتا مۇزلار. ھورۇننىڭ ئەتىسى تۈگىمەس. ئالتە ئاي ئاتقان پاختا بىر يوتقانغا يەتمەپتۇ. سەككىز ئاتقۇچىغا بىر جىڭ پاختا. سۆزى كۆپنىڭ ئىشى ئاز. ئەسكىنى سىلاپ ئىشلەت، كۈلىنى چىلاپ ئىشلەت. ھېسابنىڭ سىرتىدا ئىش يوق، كالپۇكنىڭ سىرتىدا چىش (يوق). خانغا يارىغان ئېشىم، تازغا يارىماپتۇ. ئالدىرىغان يولدا قالار، ئالدىرىمىغان بۇرۇن بارار. يىقىلغان چېلىشقا تويماس. قېرىغاندا قېرىشىپتۇ. ئەسكىرى يوق قوماندان مەغلۇپ. مەردنى مەيداندا سىنا. ئاممىنىڭ نېنىنى يە، خىزمىتىنى قىل، غېمىنى يە. ساقالغا بېقىپ بۇرۇت، ئىشانغا بېقىپ مۇرىت. ئىشچاننىڭ مېھنىتى  يوق، بېخىلنىڭ ھىممىتى (يوق). غوجامنىڭ قورسىقى توق، ھېچ نەرسىدىن خەۋىرى يوق. ئادەمنى گەپ بىلەن باشقۇر، ھايۋاننى ئارغامچا بىلەن باشقۇر. ئۈستىە قاراپ پىكىر قىل، ئاستىغا قاراپ شۈكۈر قىل. ئويلاپ سۆزلە، ئىناۋەتلىك بولىسەن،   ئالدىڭغا قاراپ ئىشلە جۈرئەتلىك بولىسەن. ئالتە ئۆچكىگە يەتتە تېكە. توخام بىرنى قۇيسا شۇنچە قاقاقلايدۇ، ئىككىنى قۇيسا قانچىلىك قاقاقلار؟ قىلسا پۈتمەيدىغان ئىش يوق، قىلتاققا چۈشمەيدىغان قۇش (يوق). بىكار تۇرغىچە، بىكارغا ئىشلە، مىڭ ئېغىز كاپكاپتىن، بىر ئېغىز چاپ – چاپ ياخشى. ئۇچىسى قىچىشقان ئېشەك، تۈگمەننىڭ يېنىغا بېرىپتۇ. پالتا چۈشكىچە كۆتەك دەم ئاپتۇ. بارمايمەن دېگەن تۈگمەنگە يەتتە قېتىم بېرىپتۇ. پاتما قوپار، زوھرە ياتار. بىكارنىڭ چولىسى يوق، قىلغىلى ئىشى (يوق). ھورۇننىڭ ئىشى يوق، قىلغىلى چولىسى يوق. ياز بولسا قىش بولمىسا، نان بولسا ئىش بولمىسا. بىكار تۇرغىچە ئولتۇرۇۋال. بىكار تۇرغىچە بىكارغا ئىشلە. بىر بىكار مىڭنى بىكار قىلار. كاللىسىنىمۇ يېمەيمەن، چىشىنىمۇ چاقمايمەن. ياتقان ئېشەكنىڭ پوقى تەيلىگ. ئىشچاننىڭ قولى گۈل، ھورۇننىڭ قولى كۈل. ئىشلىگەننىڭ يۈزى يورۇق، ئىشلىمىگەننىڭ يۈزى چورۇق. ئاش كەلسە ئىچىڭ تاز، ئىش كەلسە قېچىڭ تاز. ئىشقا ھەييار، ئاشقا تەييار. مېھنەتنىڭ تېگى راھەت. قازساڭ قوش كېلەر ئامەت. مەن ئالدىرايمەن كەتكىلى، ئېشىكىم ئالدىرايدۇ ياتقىلى. ئىت مۈشۈكنى بۇيرىسا، مۈشۈك قۇيرۇقىنى بۇيرۇپتۇ. تويغۇچە يەپ، تەرلىگۈچە ئىشلە. تەييار ئىشنىڭ بېشىغا، ھورۇن كېلەر قېشىغا. قانچىلىك ئىشلىسەڭ، شۇنچىلىك راھەت كۆرىسەن. جەددالنىڭ توقۇمى پۈتمەپتۇ. كۈندە قىل مېھنەت، ناننى يە بى مېھنەت. يەگە بېقىپ ھوسۇل، داپقا بېقىپ ئۇسسۇل. گەپ يەردە ئەمەس ئەردە. بەرسەڭ يەيمەن، ئۇرساڭ ئۆلىمەن. توشقان دېگۈدەك: ئەتە قوپۇپ ساراي سالاي. ئەتىسى قوپۇپ دېگۈدەك: ئەمدى پالان نېمەمنى سالاي. ماڭغىلى ئېرىنگەن يۈگۈرەر، ساپقىلى ئېرىنگەن سۇغۇرار. سەن سالا مەن سالا، ئاتقا ئوتنى كىم سالا. بولسا بولا، بولمىسا ئىز پۇلى (بولار). بولسا بولاغا تايىن، بولمىسا ئاللاغا (تايىن). ھورۇنغا ھارام يوق، ئىشچانغا ئارام (يوق). سۆزلەڭ دېسە ئالتە ئېشەككە يۈك، ئىش قىلىڭ دېسە خەپشۈك. ئالدىرىغاندا ئېشىكى يېتىۋاپتۇ. ئۆلۈپ يېتىپ ئۆپكە سوراپتۇ، چىچىپ يېتىپ كۆرپە (سوراپتۇ). كۈن ئۇياققا ئۆت، پۇل بۇياققا (ئۆت). ئۆزۈڭنى خار قىلغۇچە كۈچۈڭنى خار قىل.   ھىلىمول ئەزىم، يەنىمۇ لازىم. ئات موقتىن بولسا قوڭ چۈشۈندىن. جىق بولسا كېتەر، ئاز بولسا يېتەر. ئويساڭ ئون كۈن يېتەر، قىرساڭ قىرىق كۈن (يېتەر). يېڭىنى ئايىغان كونا، كىگىزنى ئايىغان بورا. كونىنى ياماپ كەي، يېڭىنى ئاياپ (كەي). بار چاغدا پولدۇرۇڭ – پولدۇرۇڭ، تۈگىگەندە قاراپ ئولتۇرۇڭ. ۋەجىڭگە بېقىپ خەقىڭ بولسۇن. ئۆپكىمۇ گۆش، تەرمەچمۇ ئوتان. بىر پۇلمۇ پۇل، رۇستەممۇ قول. قۇشقاچ گۆشىمۇ – گۆش. موللا بىكار سىيات موت، ئەمەت توكار ياغاچ پۇت.   بالا مەرەپ كەلمەس، قازا قاتراپ (كەلمەس). بالا مۆرەپ كەلمەس، پۇت – قولىنى ساڭگىلىتىپ (كەلمەس) بالا – قازا قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىسىدا. ئاغرىماس بېشىمغا ئالتە تاياق. ئېشىكى يوق موللامنىڭ قۇلىقى تىنچ. ئۆزۈڭنى چىڭ تۇت، قوشناڭنى ئوغرى تۇتما. ئۆزۈڭ تىنچ، قوشناڭ تىنچ. ئويان، ئوياننىڭ بېشى يوغان. قېرى دوڭغاق كېلەر، سوغۇققا توڭغاق (كېلەر). ھاۋىنىڭ گۈلدۈرى بار يامغۇرى يوق، قېرىنىڭ دەۋدىۋىسى بار ماغدۇرى (يوق).   ئادەم قېرىسا، كۆڭلى قېرىماس، سۆگەت قېرىسا يىلتىزى (قېرىماس). ئايدىڭنىڭ تاڭ ئاتقىنىنى بىلگىلى بولماس، كوسىنىڭ قېرىغىنىنى (بىلگىلى بولماس). ئۇ تۆشۈكتىن چىقىپ، بۇ تۆشۈككە كىرگىچە كۆرمىگەننى كۆرىسەن. تام ھۇلىدىن قېرىيدۇ، ئايال كىشى قوڭىدىن (قېرىيدۇ). تاش يەپ قۇم چىچىپتۇ. يېشىڭ ئوتتۇزغا يەتتى، ئۆمرۈڭنىڭ تېڭى كەتتى. قېرىنىڭ بولغىنىمۇ ياخشى، بۈگۈن قىچقىرسا ئەتە قوپۇپ ھە دېگىنىمۇ ياخشى. بالا قۇش ئۇچۇشنى بىلەر قونۇشنى بىلمەس. بالا كىچىك ئىشتان پوق. ئەر قېرىسا قويغىنىنى بىلمەس، ئايال قېرىسا تويغىنىنى (بىلمەس). ياشلىقىڭدا گۈل قىس، قېرىغاندا غىت قىس. قېرى ئېشەك جىرىم غاجىسا تومۇرىنى ئۈزۈۋېتەر. ياش بالىلارنىڭ كەلگىنى، خۇدايىمنىڭ بەرگىنى. قېرى كالا قشقا يارىماس. ياش كېتىمەن دەپ قورقۇتار، قېرى ئۆلىمەن دەپ (قورقۇتار). ئەستەر پاختا، نوغۇچ تاختا، ساقىلىم چىقسۇن خەپ توختا.   يېتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگكۈچە، بېشى تاشقا تېگىپتۇ. يېتىمنىڭ ئالدىغا ئاش كەلسە، بۇرنى قاناپتۇ. مانتىنى كىم يېدى؟ — ھېكىم. تاياقنى كىم يېدى؟ يېتىم! كىشىنىڭ دەردىنى كىشى بىلمەس، ئاچا قوزۇق يەرگە كىرمەس. غېرىب بولساڭ ئوت ئىسسىن. يېتىم بۇلۇڭدا، تېرىق تۇلۇمدا.   ھارۋىدا خوت يوق، ساراڭغا سوت (يوق) ساقنى تاز دېسە كۈلگۈسى كېلەر، تازنى تاز دېسە ئۆلگىسى (كېلەر) توكۇر ھارامزادە، قارىغۇ ناشىيىن. تاز گۈل تاپسا قىسقىلى يەر تاپالماپتۇ. دوك كىشى گۆرۈگە كىرگەندە تۈزۈلىدۇ، گاچا قىزنىڭ تىلىنى ئانىسى بىلىدۇ. سىگەك سۇغا ئامراق. — تازنىڭ نېمىسى بار؟ — تۆمۈر تاغىقى (بار). تازنى ئاپتاپتا قىستاپتۇ. تاز چىۋىننى قوندۇرماس، چىۋىن تازنى تىندۇرماس. تازنىڭ كاللىسى تىرىڭ – تىرىڭ، باشىدا ئىششەك يىرىڭ. تاز بولساڭ گەدەنگىچە بول. ئاتنىڭ ئەسكىسى ئارغى، ئادەمنىڭ ئەسكىسى قارىغى. تاز تازنى كۆرسە بېشى قىچىشىپتۇ. تازغا تاغاق بەرسەم يىلىم تىلەپتۇ، يېشىل كۆلدە غاز ئوينايدۇ، چىۋىن بىلەن تاز (ئوينايدۇ). ھەر كاللىدا  بىر خىل، تاز كاللىدا مىڭ خىيال. تېزىنى يۆگىسە مېزى چىقىپتۇ. بىر كۆزى قاسساپقا قارايدۇ، بىر كۆزى ناۋايغا (قارايدۇ). ئىچ مايماقنى ئېلىپ قاچ، تاش مايماقنى تاشلاپ (قاچ).   تۈرۈككە بىر توقماق، موللىغا ئون (توقماق). تۈرۈك دۆڭگە سىيەر، موللا كۆلگە (سىيەر). ئاخۇنۇمنىڭ قىرائىتى، بىسمىللاسىدىن مەلۇم. ساقالغا بېقىپ بۇرۇت، سوپۇمغا بېقىپ مۇرت. جان خۇدانىڭ، تەن پاشانىڭ موللا كىشىدىن پۇل ئالماق، پىتىر ناندىن قىل ئالماق. موللا كۆپ يەردە قوي ھارام. موللام نموللامەن، موللىنى كۆرسەم يولدا مەن. موللىنىڭ ئەسكىسى ۋاراقچى، كالىنىڭ ئەسكىسى شاتراقچى. سەدىقە بالانى يەر، تۆۋە گۇناھنى (يەر). ياشلىقىڭدا قىلغان ئىبادەت تاشقا مۆھۈر باسقاندەك، قېرىغاندا قىلغان ئىبادەت قۇمغا خەت يازغاندەك. بازاردا سالام يوق، نامازدا تەكلىپ (يوق). پادىشاھنىڭ ئەمرى ۋاجىپ. موللام ئېلىشنى بىلەر، بېرىشنى بىلمەس. موللامنىڭ ئاغزى دۇئادا، كۆزى قۇيماقتا. موللام تاماخور كېلىدۇ، ئوغرى گۇمانخور (كېلىدۇ). موللىنىڭ ئەسكىسى ۋاراقچى، ئادەمنىڭ ئەسكىسى مازاقچى. ھۆپۈپ كامادا،   موللام تامادا. ساقالغا قاراپ بۇرۇت، پوشكالغا قاراپ دۇرۇت. كوسىغا تاغاق كەتمەس، سوپىغا باغاق (كەتمەس). موللامنىڭ دېگىنىنى قىل، قىلغىنىنى قىلما. ئاخۇنۇم قاچسا كىپىشى قالىدۇ. موللىغا ئون توقماق، تۈرۈككە بىر (توقماق). پالسىزمۇ يۈرمە، پالغىمۇ ئىشەنمە.   تار يەردە ئاش يېگۈچە،   كەڭ يەردە مۇشت يە. قىچقىرسا >ھە< دەپ قويۇڭ، سورىسا >بار< دەپ قويۇڭ.   >ئەھە< بالدۇر >كوت< كېيىن (چىقىپتۇ). ئالەمنىڭ جىقى كېتىپ ئېزى قالدى، چاپاننىڭ تېشى يىرتىلىپ مىزى (قالدى). ئېغىزنى ئاشقا ئۆگەتمە، ۋاقىتنى ئويناپ تۈگەتمە. قالغان ئىشقا قار ياغار. زىنا قىلاي دېسە ئېشەك تېزىكى دالدا بوپتۇ. ھېيتتا كىيمىگەن توننىڭ ياقىسىغا چىچاي. ۋاقتى ئۆتكەندە قىلىچىڭنى پوققا چاپ. كۈندە قالدىڭ ئايدىن قالدىڭ، ئايدىن قالدىڭ يىلدىن قالدىڭ. بىر كۈن بالدۇر تېرىساڭ، ئون كۈن بالدۇر يىغىسەن. سۇ كەلگۈچە توغان سال. تۆمۈرنى قىزىقىدا سوق. تويدىن كېيىن ناغرا، ھېيتتىن كېيىن زاغرا. پىشقان قوغۇن ساپىدىن ئاجرايدۇ. ۋاقتىڭ كەتتى بەختىڭ كەتتى. مۇزدىن ئۆتسەڭ بالدۇر ئۆت، دەز كەتكىچە ئۆتەرسەن. سۇدىن ئۆتسەڭ كېيىن ئۆت، ئېقىتقاننى كۆرەرسەن. تومۇزدا تەلپەك، چىللىدا بۆك. ئالتىنچى ئايدا ئالتە چاپان كىيىپتۇ، ئون ئىككىنچى ئايدا كالتە چاپان (كىيىپتۇ). كۈننىڭ ئىشى شەھەردىن، يىلنىڭ ئىشى باھاردىن. كەچ يات – سەھەر قوپ. چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە، كۆزۈڭنىڭ بارىدا شەھەر كۆر. ئاش كەلسە ئىمان قېچىپتۇ. چەلپىكى يوق مازاردىن شەيخلەر قېچىپتۇ. ئۆزى تويماسنىڭ كۆزى تويماس. تۈلكىگە قاراپ بۆرە ئاچ قاپتۇ. تۆمۈنىسى تۆگە بوپتۇ. بولغانچە بولغۇسى كەپتۇ. يۇمۇرۇقىغا يوق بولماپتۇ. ئىتنى ئەركىلەتسەڭ ئاغزىڭنى يالار. قىممەتچىلىك بولسا ساتقۇچىدا ئىنساب قالماس، ئەرزانچىلىق بولسا ئالغۇچىدا ئىنساب (قالماس). بۆرىنى قانچە باقساڭمۇ ئىككى كۆزى جاڭگالدا. كۆن ئۆتۈككە مەيلىم يوق، خۇرۇم ئۆتۈك مەندە يوق. ئېلىشنى بىلىپ برىشنى بىلمەپتۇ. ئېلىۋالسام بەرمىسەم، تاغقا چىقسام كەلمىسەم. قەلەندەر ئىككى نان تاپسا بىرىنى داپ چېلىپتۇ. قېرىنداشتىن قارنىم ياخشى. بۇرالقىنى بۇرالقا — كەلگىندى قېشىڭغا يولاتما، قوشناڭنى ئېشىڭغا (يولاتما). ياغاچ قازاندا بىرلا قېتىم ئاش پىشىدۇ. كىشىدىن ھايا كەتسە ئورنىغا بالا كېلۇر. كاچىتىغا پالاق ئۇرسا قۇلىقىغا خەۋەر يەتمەپتۇ. كۆپنى دەپ ئازدىن قۇرۇق قاپتۇ. بۇغداي پاتمىغان ئېغىزغا، موزاي بېشى بوش كەپتۇ. سارنىڭ چۈجىگە ئىچى ئاغرىماس. تاپقان تەرگىنىڭ بۇندا قالۇر، سېنى قۇرۇق يولغا سالۇر. نەپسى يامان ھېيتتا ئۆلەر. بەغەرەز، پادىشاھتىن چوڭ. بۆرە بار يەردە قان بار، پارا بار يەردە سان (بار).   بېخىل ئالغىنىنى ئۇنتار، سېخىي بەرگىنىنى (ئۇنتار). بېخىلدىن پۇل ئالماق، پېتىر ناندىن قىل ئالماق. بېخىل تاپسا بېسىپ يەر، سېخىي تاپسا ئوپچا يەر. بەرمەسنىڭ ئېشى پىشماس. قېلىنلىقىدىن قان چىقماس، بېخىلدىن پۇل (چىقماس). بېخىلدىن پۇل سورىما، ناداندىن ئەقىل (سورىما). سىقىمداپ بېرىپ تۇتامداپ ئەپتۇ. بېخىل سالامدىن قاچار، پىخسىق مېھماندىن (قاچار). پىخسىقنى جەننەتكە سۆرىسەڭ، قوتۇر ئۆچكىسىنىمۇ ئېلىپ ماڭار. بىر يارماقنىڭ تۆشۈكىدىن مىڭ ئۆتۈپتۇ. ئاتا – ئانام بولسا بولغاي، ئاغزى بۇرنى بولمىغاي. ئۆلگەندىن ئۆپكە سوراپتۇ، ئەسكى تامدىن قوقاق (سوراپتۇ). بار بولسا كۆرەلمەيدۇ، يوق بولسا بېرەلمەيدۇ. بېخىلنىڭ پوقىغا بېگىز ئۆتمەپتۇ.   تاز مايداندامايدان — ئويۇن – چاقچاق. قارىغۇ ئويماندا. ئادەمنىڭ كىچىكى بولغىچە ئىتنىڭ كۈچىكى بول. ئۆچكىنىڭ كۈندە ئوچۇق تۇرسىمۇ، قوينىڭكىنى كۆرۈپتۇ. تىغ يارىسى ساقىيار، دىل يارىسى ساقايماس.
يامانلىغاقنىڭ خۇرجۇنى بوش. ئوغرى شېرىكىدىن قورقۇپتۇ. ئايال سورىغان شەھەر چۆل قاپتۇ. بىتەلەي سۇغا بارسا، دەريا قۇرۇپتۇ. قەلەندەر بولماق ئاسان ئەمەس، پاچاقنى ئىت چىشلەيدۇ. ھەر كىمنىڭ چىرىقى ئۆزىگە يورۇيدۇ. ئاش ئۆتنە، ئىش لاپقۇت. ئىشقىسىز مەشرەپكە بارماڭ. پۇلسىز بازارغا (بارماڭ). ئۆيدىكى ھېساب بازارغا يارىماپتۇ. ئۆزۈڭ راۋا كۆرمىگەننى، ئۆزگە راۋا كۆرمەس. ئوغلۇم يەپ ئوغا چىقتى، قىزىم يەپ قىرغا (چىقتى). باخشى يەتتە كاپىرنىڭ بىرى، رامبال ھەمما كاپىرنىڭ پىرى. ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپتۇ. بالا بالاكەتكە يەتكىچە، ئاتام ئەلەم يەپتۇ. دېدەككە تۇمارنىڭ نېمە ئىشى، يېتىمگە خۇمارنىڭ (نېمە ئىشى). ئەرنى ئۈممەتكە ياراتقان، قوينى قۇربانلىققا (ياراتقان). مۈشۈكنىڭ يېنىدا گۆش تۇرماس. ئەرزان گۆشنىڭ شورپىسى يوق، نامرات بەگنىڭ دورغىسى (يوق). ئىت ئۆز ئۇۋىسىدا كۈچلۈك. ئارپا جامدا پۇل، مىس كاندا (پۇل). ئېغىزنى ساقلىغان، جېنىنى ساقلار. بىر بىكار، مىڭنى بىكار قىلار. بىر موللىنىڭ كەينىدە، قىرىق شەيتان بار. توخۇ سەمرىسە قوڭى پۈرۈلۈپتۇ. بايغا تەڭلىك يوق، چىرايلىققا ئەڭلىك (يوق). بۇلاڭچى بۇلاپ يەيدۇ، ئالدامچى شوراپ يەيدۇ، ئىت ئۆز يالىغىنى قىزغىنار. ئامرىقىڭنى چىللاپ قوي، كۈچۈكۈڭنى باغلاپ قوي. ھابدال قوينىغا يىغار، بۇقا بوينىغا (يىغار). تويدا ئىشتىنامنى بېرىڭ. نامراتنى بالا باستى، باينى كالا (باستى). مۇزدىن ئۆتسەڭ بالدۇر ئۆت، سۇدىن ئۆتسەڭ كېيىن ئۆت. لايدىن ئۆتسەڭ بالدۇر ئۆت، پاتماس پۇتۇڭ لۆم – لۆمگە. جەڭگە كىرسەڭ قورقماي كىر، ئۇچرىمايسەن ئۆلۈمگە. قېرى ئۆلىمەن دەپ قورقۇتقۇدەك، ياش كېتىمەن دەپ (قورقۇتقىدەك). قاپاق سۇنسا قايغۇ يوق، قېرى ئۆلسە يىغا (يوق). دەۋاسىز دەرد بولماس، ھەۋەسسىز قېرى (بولماس). كۈن چىقمىسىمۇ كەچ بولىدۇ، ساقال چىقمىسىمۇ قېرىيدۇ. ئەيىبى يوق ھايۋان يوق، غېمى يوق ئادەم (يوق). غەم كەلسە غەپلەت بېسىپتۇ. قەيەرگە يىقىلىشىمنى بىلسەم، شۇ يەرگە پاخال سېلىپ قويار ئىدىم. يېتىمغا ئاتاڭ بولساڭ، بۆكۈڭ لاتا بولار. قەلەندەر بولماق تەس، پاچاقنى ئىت چىشلەيدۇ. دۇۋەت يامانمۇ – قەلەممۇ؟ دەرد يامانمۇ – ئەلەممۇ؟ سېنىڭ دەردىڭ مەندىن يامان، مېنىڭ دەردىم ئاندىن يامان. يولغا چىققانىڭ دەردىنى ئۆيدە قالغان تارتىدۇ. قارنىم ئۈچۈن يىغلىمايمەن، قەدرىم ئۈچۈن يىغلايمەن. ياش كۆزدىن بىكارغا ئاقمايدۇ، ناخشا يۈرەكتىن بىكارغا چىقمايدۇ.
تاز گۈل تاپسا – قىسقىلى جاي تاپالماپتۇ. قاغا قاق ئېتۇر، ئۆز كۆڭلىنى خوش ئېتۇر. ھۆپۈپ كامادا، موللام تامادا. ئوغرى تۇساڭ مېلى بىلەن تۇت، زىناخورنى تۇتساڭ جۈپتى بىلەن (تۇت). كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال. ئېيتالمىغانچە بېيىت باغلاپتۇ، ئۇن قالمىغانچە چۆپ ياغلاپتۇ. ھەر كىشىنىڭ دەردى ئۆزىگە چوڭ. ئاچ ئىت ئاش ئىچسە، توق ئىت خىرقىراپتۇ. قول بىلەن يانچۇق ئارىلىقى بەشيۈز يىللىق نەزەر سالمىغۇچە جاي بولماپتۇ، خۇدا بەرمىگىچە باي (بولماپتۇ). بىر پېلەكتىن مىڭبىر خەمەك. باينىڭ بەرگىنى خۇدانىڭ بەرگىنى. كونا تامدا قۇشقاچ تولا. ھوشۇر ئېيىدا قۇيماق يەپ، سەپەر ئېيىدا كېكىرىپتۇ. ھېيت تۈگىگەندە، ھېيتاكام كەپتۇ، ئۈجمە تۈگىگەندە سۇپىياڭ (كەپتۇ). بېرىغا پەتە، يوقىغا ئەتە. ئاچچىق ئۆرۈككە قوڭ توشىماپتۇ. ئەتىيازنىڭ ئاپتىپىغا كېلىنىڭنى سال، كۈزنىڭ ئاپتىپىغا قىزىڭنى (سال). ئاتام – ئانام بولسا – بولسا، ئاغزى – بۇرنى بولمىسا. كىشىنى ئالدايمەن دېسەڭ، ئۆزۈڭنى ئالدايسەن. باي پىخسىق كېلۇر، مەرت سېخى (كېلۇر). ئاچچىقنىڭ قەدرىگە يەتمىگەن، تاتلىقنىڭ قەدرىگە يەتمەس. ھارام نەرسىنىڭ بەرىكىتى يوق. ئالارىدا ھېسابى توققۇز، بىرەردە ھېسابى ئوتتۇز. نېنى يوق يەرنىڭ، ساخاۋىتى يوق. بالاڭغا كۆيمىسەڭ خوتۇن ئالما. قىمارۋاز ئىلگىرى كەلمەس، يېگىنى تېنىگە سىڭمەس. ئىنساب قازاننىڭ تۈۋىنى تېشىپتۇ. ساۋاب ئاز يەردە، گۇناھ جېق يەردە. تۆمۈرنى دات يەيدۇ، ئادەمنى ئۇيات (يەيدۇ). كەمبەغەلنىڭ بىر تويغىنى باي بولغىنى. يىراقتىن قارىسام ئەلدىن ئارتۇق، يېقىندىن قارىساڭ ھاشىم تارتۇق. يۇرت بولساڭ ئالۋاڭ بولمىسا، تىنچ بولسا مالمان بولمىسا. سېرىقتال كىرگەن مېھمان، ئوغرى كىرگەندىن يامان. تۇغماس خوتۇن ئۈنۈمسىز يەر. موللا يېگەنگە تويماس، تويسىمۇ تۆردىن قوپماس. ئېشەك قۇيرۇقىنى غاجاپتۇ. تازنىڭ نېمىسى بار؟ تۆمۈر تاغىقى. ئاچچىققا پايلىمىغان، مۇشتقا پايلىماپتۇ. لەقەم نەدىن چىقىدۇ. ئۆيدىن (چىقىدۇ). ئۇستۇر كاپتا ماڭىدۇ، چوكان ھاپتا (ماڭىدۇ). خېنىم خۇشياققانغا يىغلاپتۇ. مالچىنىڭ تۇمىقى چۈشۈپ كەتسە، ئالغىلى ئېرىنىپتۇ. توشقان سايىسىدىن ھۈركەپتۇ.
ئۇمىچى يوق مازاردىن شەيخ قېچىپتۇ. كېسەل ساقايغۇسى كەلسە تېۋىپ ئۆزى كەپتۇ. كۈيئوغلۇڭ مىراپ بولغۇچە، يېرىڭ ئەن بولسۇن. توخۇ داڭگال چۈشەپتۇ، ئۆچكە جاڭگال (چۈشەپتۇ). ئىشچاننىڭ پۇلى تۈگىمەس، بەدخەجنىڭ قەرزى (تۈگىمەس). پارچە بۇلۇتتىن يامغۇر كۈتمە، ئالدىرىغان قىز ئەر تاللىماس، ياتتىن كەلگەن يەر (تاللىماس). بىزنىڭ مەھەللىدە ئوغرى يوق، ھېلى قويسا ھېلى (يوق). بالا قازا قاش  - كىرپىك ئارىلىقىدا. خوتۇن كىشى ئۆينىڭ گۈلى. گەپ دېسە كاپ – كاپ، ئىش دېسە سامانلىقتىن تاپ. كۆڭۈل ئۇخلىمىسا كۆز ئۇخلىماس. ئۆزى ئۆيدە تۇرسا، كۆڭلى بازاردا پالاز قېقىپتۇ. ئۆز ئۆيىدە پۈلەپ ئىچكەن دوغنى، كىشنىڭكىدە يالماپ يۇتار چوغنى. ئۇستىسى بوشاڭ بولسا، شاگىرتى مىس – مىس بولار. ئانىنىڭ كۆڭلى ئاغرىسا يەر تىترەيدۇ. بىكاردىن ئېشەك تاپسا، بۇخارادىن مۇز توشۇپتۇ. تىرىك تۆر تالىشار، ئۆلۈك گۆر (تالىشار). ياندىكى موللام، بار موللام، يىراقتىكى موللام داموللام. ئون تازنىڭ توققۇزى ھەييار، ئون سواىنىڭ توققۇزى مەككار. سېخىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ تۇرار. بېخىلنىڭ ئىشىكى يېپىلىپ (تۇرار). ئالسا بازايى، ئالمىسا سازايى. چاقان تۆشككە پاتمىسا، قۇيرىقىغا ئۆتكەمە باغلاپتۇ. ئاغرىماس بېشىمغا ئالتە تاياق. مەخسۇم كۈلمەيدۇ، كۈلسە تېلىقىپ قالىدۇ. تۆگىنىڭ مەيلى بولسا، يانتاققا بوينىنى ئۇزارتار. تەخىەتلىك ئېشەك خامانغا يارىماس. ئېشەكنىڭ تېرىسىنى ئىت ئەيلەيدۇ. ئاتانمىغان ئەردىن، ئاتانغان دۆڭ ياخشى. بالىسى بارنىڭ قورسىقى چويلا، بالىسى يوقنىڭ قورسىقى كولا. (تۈگمەننىڭ كولىسى). ھانناقنى پوققا چاپلاپتۇ. مەن ياراتمايمەن قوڭۇمنى بۇسۇرۇپ، قۇڭۇم مېنى ياراتمايدۇ ئوسۇرۇپ. ئانارنىڭ دانىسى كۆپ، ھورۇننىڭ بانىسى (كۆپ). ئەركە ئۆسكەن بالا، بۇلۇدۇ ئىشقا چالا. ئىت سۆڭەك يېسە، كۆتىگە چىنەپ يەر. بايغا ئامەت كەلسە، بۇقىسىمۇ تۇغىدۇ. بېخىل تاشتىن ياغ چىقىرار. تۆردە ئولتۇرغاندىن، زەللە ئالغان ئەۋزەل. ئىت يەپتۇ چۇرۇقنى، ئۆزى قاپتۇ چورۇقسىز. تۇغۇلۇپ ئۆلمىەىنىڭنى كۆر، قەرز بولۇپ تۆلىمىگىنىڭنى (كۆر).
غەزەل كېكەشنىڭ، ئۇسسۇل توكۇرنىڭ. مەتنىيازنىڭ بىگىزى كەشىگە كىرىپ ئۇخلاپتۇ. مەنىسى يوق گەپتىن پاقىنىڭ كۇرۇلدىشى ياخشى. غوجامنىڭ ئېتى ئۇلۇغ، سۇپۇرىسى قۇرۇق. يەي دېسە چىشى ئاغرىيدۇ، يېمەي دېسە ئىچى (ئاغرىيدۇ). قارىغۇنىڭ تېلىكى ئىككى كۆز. ئېتىڭنى كۈزدە سۇدىن (تارت)، ئەتىيازدا ئوتتىن تارت. ياتقان ئۆكۈزگە يەم يوق. ئاچ مېلىم – بار مېلىم، توق مېلىم – يوق (مېلىم). تازنى تاز دېسە ئۆلگىسى كېلەر، ساقنى تاز دېسە كۈلگىسى (كېلەر). يات يېگىچە، تۇغقان ئۆلگىچە. ئۇينىڭ مۈڭگۈزىگە ئۇرسا، تۇۋىقى سىقىراپتۇ. دەردى يوقنىڭ غېمى يوق غېمى يوقنىڭ جېنى (يوق). قېرىنى ھەپتە ساقلاڭ، ئۆلىكىنى قاپتا (ساقلاڭ). خۇدا بەرسە، پەيغەمبىرىم، غىڭ قىلماپتۇ. قويغا بۆرە تەگسە، ئىتنىڭ چىشقىسى كەپتۇ. موللا ئادەمدىن پۇل ئالماق، پېتىر ناندىن قىل (ئالماق). توشقاننىڭ تېرىسى ئۈچ كۈنلۈك پايلاپتۇ. بالا – قازا كۆرۈنۈپ كەلمەس، پۇت – قولىنى ساڭگىلىتىپ (كەلمەس). ئاق چەينەككە چاي قۇيسام، كۆك چەينەككە دەز كەتتى. تېشى پال  - پال، ئىچى غال  - غال. ئۆتنىگە لاپقۇت، ئۆتۈككە ئاپقۇت. بار پۇلۇمنى ئوغرى ئالدى، قالغىنىنى رەمبال. تاز ۋاپاسىز كېلىدۇ، ھەزىلەك ھاياسىز (كېلىدۇ). ئۈژمە پىش، ئاغزىمغا چۈش. يوقسۇل ئاپتاپ كۆرسە، ئەسلىنى ئۇنتار. كاجنى بازار ئوڭلايدۇ، قەلەندەرنى مازار (ئوڭلايدۇ). ئىچى كۆيمىگەننىڭ قوڭى قىچىشماس. سونەيچىدىن يەل كېتىدۇ، ھارۋىكەشتىن >تىرتاڭ – تىرت< (كېتىدۇ). ئۆلۈككە نەگە بارار، تىرىكنىڭ قوڭىنى ئاچقىلى. بازاردا سالام يوق. نامازدا تەكلىپ (يوق). ئات ئۆلسە ئىگىرى قالار، ئادەم ئۆلسە نامى (قالار). گول قازانغا قارار، تادان ئوچاققا (قارار). يۈگۈرگەن قالار، بۇيرۇغان ئالار. ياندا بولسا يالىغىلى ياخشى. بارنىڭ بېرى يۇقار، يوقنىڭ يۇندىسى (يۇقار). بالا كۆرگەننى دورايدۇ، قېرى كۆرگەننى سورايدۇ. يەر بۇزۇلسا بۇدۇشقاق بولار، خوتۇن بۇزۇلسا ئۇرۇشقاق (بولار). خۇدادىن قورقما، قۇداڭدىن قورق. قۇش ئۆيۈڭنى گۆش قىلار، قارىچۇغا كۆڭۈلنى خوش (قىلار). بىكاردىن خۇدامۇ بىزار.
دۆلەت قۇشى قونسا چىۋىن بېشىغا، سۇمرۇغ كېلۇر تازىمغا ئۇنىڭ قېشىغا. كەلمىگەن ئامەتتە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ؟ يا قاينامدىن چىقار، يا سايرامدىن. بىتەلەيگە سۇ كەلسە، باش زاكۇدىن يار كەتتى. رەختىڭگە ئىشەنمەي، بەختىڭگە ئىشەن. بىرسى تاغ دېسە بىرسى باغ دەيدۇ. ئاللا ئاش بەرسىمۇ، ئاغزىڭغا سېلىپ بەرمەيدۇ. رەختى بارنىڭ بەختى بار، بەختى بارنىڭ رەختى يوق. رەختىڭگە باقماي بەختىڭگە باق. كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمىدى. ئېغىزىنى يەر كۆتۈرەر، رىسقىنى خۇدا (كۆتۈرەر). ئېگىز ئاشخانام بولسا ساراينىڭ كېرىكى يوق. مىڭلىككە كەلمەي بىرلىككە كېلىپتۇ. كەمبەغەلنىڭ بىر تويغىنى بىر باي بولغىنى. ھەر كىمنىڭ چىرىقى ئۆزىگە يورۇيدۇ. قانچىلىك ئۇخلىساڭ شۇنچىلىك ئاچ قالىسەن. باينى كالا باستى، كەمبەغەلنى بالا (باستى). ئۆزىگە يارىغان خانغا  ياراپتۇ. كۆرگەن كۈنۈڭنى ئۇنۇتما، شىر – چورۇقۇڭنى قۇرۇتما. ئالتاي ئاتقان پاختام بىر چاپانغا يەتمەپتۇ. يېتىمنىڭ ئېغىزى ئاشقا تەگسە بۇرنى قاناپتۇ. پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا. ئىشلىگەن چىشلەيدۇ، ئىشلىمىگەن چىشلىمەيدۇ. ئۇزۇن ئۇزۇن كۈنلەر كېلەر، جىگدە يېمەك شۇندا (كېلەر). ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ (خوتۇن). پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ. ئاتىلىق يېتىم كۈل يېتىم، ئانىلىق يېتىم گۈل (يېتىم). يوقنىڭ بىر دەردى،   بارنىڭ مىڭ (دەردى). ئامەت كەلسە قوش كەپتۇ. ۋاقتىڭ كەتتى — بەختىڭ كەتتى. خۇدا ئۇرغاننى خۇدا بەردى ئۇرۇپتۇ. بىتەلەي ئوغرىلىققا چىقسا ئايدىڭ بوپتۇ. ئوغاق تۇتۇپ ئاتاڭ قالغىچە، ئويماق تۇتۇپ ئاپاڭ قالسۇن. ياخشى بىلەن يار بولساڭ ئېچىلۇر چېچىكىڭ، يامان بىلەن يار بولساڭ يېرىلار يۈرىكىڭ. ئاتا قارغىشى ئوق، ئانا قارغىشى پوق. قاغا قاق ئېتۇر، ئۆز كۆڭلىنى خۇش (ئېتۇر). بىرى ئۆلمىگىچە بىرىگە كۈن يوق. بىرى چالما دەپ تاشلىۋەتسە، بىرى ئالما دەپ ئالىدۇ. ئاللا بەرگەننى موللا بەرمەپتۇ. تىلەپ ئالغان تىزغا يەتمەس. ئىشلەپ ياشلىق چېغىڭدا، گۈل ئېچىلسۇن بېغىڭدا. بەرگەن خۇداغا يېقىن، بەرمىگەن گۇناھقا (يېقىن). كىشىنىڭ ئاغزىغا قارىغان ئاچ قالۇر. بۇلبۇل گۈل بار يەردە، ھۆرمەت پۇل بار (يەردە). كېيىك ئوقسىزغا ئۇچراپتۇ، بالا يوقسىزغا (ئۇچراپتۇ). يەرنىڭ غېمى ئوغۇت، ئايالنىڭ غېمى تۇغۇت. بەختسىزنىڭ ئوقىتىگە بەختلىك ئىگە بولۇر. توم سوزۇلار، ئىنچىكە ئۈزۈلەر. چۆچەكتە چۆچەك تولا، قەشقەردە خەشەك (تولا). ئېشىكىڭنىڭ دۈمبىسىگە ئاپتاپ تەگسە، قولۇڭنى ئىسسىت. ئىشلىسە پۈتەر، ئىشلىمىسە كېتەر. باي ماختانسا تېيىلىدۇ، كەمبەغەل ماختانسا چېچىلىدۇ. ئاغرىپ ساقايغان جان ئولجا، يوقۇلۇپ تېپىلغان مال (ئولجا). ۋاقتىڭ كەتتى — بەختىڭ كەتتى. ئەتىكى قۇيرۇقتىن، بۈگۈنكى ئۆپكە ياخشى.   ياخشى رۇقسار – يېرىم دۆلەت. خۇدا بەرمىگەن تەلەيدە، ئاناڭنىڭ ئېلىشى بارمۇ؟ ئۇ دۆلەت سەندە تۇرماس، بىر مەينەت مەندە (تۇرماس). ۋاقتىڭ كەتتى، بەختىڭ كەتتى. جاپا بىلەن يول تاپقان بەختكە ئاسان يېتىدۇ. ئاغرىقنىڭ ۋەسىيىتى ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى. يىغىنىڭ كۈلكىسى بار، كۈلكىنىڭ يىغىسى  (بار). ئامىتى كەلگەن كىشىنىڭ شىشىسى تاشنى چاقار، ئامىتى قاچقان كىشىنىڭ ھالۋا يەپ چىشى سۇنار. ئامەت ئوڭدىن كەپتۇ، تەلەي دۆڭدىن (كەپتۇ). ئەمەل ئۆسكەندە ئامەت كېلىپ ئېرىكمۇ قوزىلايدۇ. قولۇڭدىن ئامەت قاچسا، ئالتۇن ئايلىنار مىسقا. ئامەت كەلسە قوش كەپتۇ. ئاپەتنىڭ كەينى ئامەت. باينى كالا باستى، كەمبەغەلنى بالا (باستى). خۇدا بەرسە قولىغا، كەلتۈرۈپ قويار يولىغا. دەرد كەلسە جۈپ، دۆلەت كەلسە تاق. بالا كەلسە قوشلاپ كېلەر، بىر – بىرىنى باشلاپ (كېلەر). بالا – قازا كۆرۈنۈپ كەلمەس، پۇت – قولىنى ساڭگىلىتىپ (كەلمەس). بالا  - قازانىڭ كۆزى يوق. بالا – قازا قاش – كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدا. ئۆزۈمدىن ئۆتكەن، قولۇمدىن كەتكەن. پىلانچى پىلانلىغۇچە، تەۋەككۈلچى مەقسەتكە يېتىپتۇ. تۆگىنى شامال يىقىتسا، ئۆچكىنى ئاسماندا كۆر. جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان. بەندە ئۆلمەس، رىسقى تۈگىمەس. ساناقسىزغا سان تەگسە، ئىشتانسىزغا ئاغ تېگەر. ئاتلىق — قاناتلىق. بىتەلەي تومۇزدا سۇغا بارسا مۇز توڭلاپتۇ. بىتەلەي سۇغا چىقسا، كالىلار سۇغا تېزەكلەپتۇ. بىتەلەي تالقان يېسە بوران چىقىپتۇ. بىتەلەينىڭ دورىسى يوق. بىر بالادىن قېچىپ، يۈزمىڭ بالاغا ئۇچرىدىم، قازاخۇنۇمدىن قېچىپ، مۇپتاخۇنغا ئۇچرىدىم. ئۆرە تۇرسا بېشى دوققا تېگىپتۇ، ئولتۇرسا سۆڭگىچى پوققا تېگىپتۇ. ئورەكتىن قېچىپ قۇدۇققا چۈشۈپتۇ. تازنىڭ بېشىدا ئالتۇن تاق. بەختنىڭ كۆزى قارىغۇ بولمىسا، توكۇرنىڭ بېشىغا قونارمىدى. ئەتىكى قۇيرۇقتىن بۈگۈنكى ئۆپكە ياخشى. گۈزەل ئارزۇ يېرىم دۆلەت. غېرىبنىڭ ئىشىنى خۇدا قىلىدۇ. كېچىسى ماڭغان ئەرنىڭ ئۆمرى قىسقا، كۈندۈزى ماڭغان يىلاننىڭ (ئۆمرى قىسقا). بىر خارلانغان بىر ئېزىز بولماي قالماس. خېرىدارىڭ بولمىسا، زىبالىقىڭ نەكېرەك. بولسا خېرىدارىڭ، ئۆسەر ئەتىۋارىڭ. غېرىبنىڭ بېشىنى سىيلىغان بەگ بوپتۇ. بىر قېيىققا چۈشكەنلەرنىڭ جېنى بىر. ئوتۇن بولسا، پالتا تولا، ئوغۇل بولسا خوتۇن تولا. قاغىلار قاق ئېتىدۇ، ئۆز كۆڭلىنى شاد ئېتىدۇ. تولا سايرىغان بۇلبۇل قەپەزگە چۈشەر. بەخت تاق كېلىپ، جۈپ قىلىدۇ، قازا جۈپ كېلىپ تاق قىلىدۇ. ئۆمرۈڭنى خۇدادىن تىلە، رىسقىڭنى ئۆزۈڭ تاپ. بۇلبۇل گۈل ئىشقىدا، سودىگەر پۇل ئىشقىدا. ئوتىغا چىدىغان ئوينايدۇ، پۇلىغا چىدىغان چاينايدۇ. بېشى يوغان بەگ بولار. ئوڭدا ياتقان گىردە يەپتۇ، كەتمەن چاپقان جىگدە (يەپتۇ). جاندىن كەچمىگۈچە جانانغا يەتكىلى بولماس. جاپانىڭ تېگى راھەت. قاغا: >بالام،ئاپئاق< دەيدۇ، كىرپە: >بالام،يۇمشاق< دەيدۇ. ھەركىمگە ئۆز بالىسى ئۇز كۆرۈنەر. ئاللا دېگەن بەندىسىگە، ئەكىلىپ بېرەر مەھەللىسىەە. سەۋرى قىلساڭ غورىدىن ھالۋا پىشار. ئالتۇننىڭ پوقىمۇ پارقىرايدۇ. ئالتۇن قەدرىنى كانچى بىلۇر، بەخت قەدرىنى يانچى بىلۇر. تارازىنى لىللا تۇت، ساڭا ياغار بەخت – قۇت. يۇققان نەرسىدە پايدا بار. جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا. ئىتتىرىۋەتسەڭ ئامەتنى، ئېلىپ كېلەر ئاپەتنى. ياشلىقىم پاشالىقىم ھەر تەرەپتىن گۈل كېلۇر، تەڭنە بەش كۈندىن كېيىن مېنىڭ قېشىمغا كىم كېلۇر؟ يېڭى باينىڭ ياتقۇسى كەلمەس، كونا باينىڭ قوپقۇسى (كەلمەس). ياخشىلىقنىڭ چوڭى يوق، يامانلىقنىڭ كىچىكى (يوق). دۇنيا جىق بولسا جانغا جاپا. ساغلام تىلەمچى، كېسەلمەن شاھتىن بەختلىكتۇر. جاپاكەش ئوغۇل راھەت كۆرەر. ئەركىنلىكى يوق كىشى، باغلاقتىكى قوي (كىشى). ئانا — ئالتۇن، دادا — گۆھەر. تۇغماس خوتۇن بالا چۈشەيدۇ. بىتەلەيگە سۇ كەلسە، ئاللاكۇدىن يار كەتتى. ئوتتۇز كۈن روزىنىڭ بىر كۈن ھېيتى بار. ھۈنەر، قىلساڭ ئۈنەر. يەڭگەمنىڭ ئېشىنى ئوخشاتقان، ئاكامنىڭ ئوتيېشى. ئاتا -ئاناڭ بار بولسا، مىڭ قويۇڭ تاغدا. تەن ساقلىق، زور بايلىق. تىلى قايماق، دىلى مايماق. زەيلىك يەرگە ئوسا بىكار، تۇغماس خوتۇنغا ئوسما بىكار. دۇنيا كېتەر بوشلۇقتىن، ئىمان كېتەر خوشلۇقتىن. قارىغۇ تۇتۇۋالغاننى قويۇپ بەرمەس، گاس ئاڭلىغاننى قويۇپ بەرمەس. خۇدايىم بەرسە، خۇدابەردىكامنىڭ ئىچى قىزىرىپتۇ. خۇدايىم بەرسە، خۇدابەردىكام غىڭ قىلالماپتۇ. ئامىتىڭ يانغاندا، ئاقتامىدىن چالما تېپىلماس، لەڭگەر سېيىدىن تاش (تېپىلماس) قاغىنىڭ قاغىغىنىغا ئېشەك ئۆلمەس. بىتەلەي تېزەك تەرگىلى چىقسا، كالا سۇغا شاتراقلاپتۇ. ئامەت كەلسە قوش كەپتۇ. ئامەتنىڭ شېشىسى تۆمۈرچىنىڭ سەندىلىنى سۇندۇرار. بەخت نەگە بارىسەن؟ – دوقا ماڭلاينىڭكىگە. كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ؟ تاللاپ – تاللاپ تازغا ئۇچراپتۇ. ئادەم قۇلاقتىن سەمرىيدۇ، ھايۋان تۇۋاقتىن (سەمرىيدۇ). دۆڭگە چاپ، بەختىڭدىن كۆر. تەگەن تەرمەچىنىڭ ھەممىسى بىر قالام بولدى. تەلەيدە بوڭ – بوڭ. دەسمايە غالتەككە چىقتى، توخۇ قونداققا (چىقتى). بارماق ئىرادە، يانماق ئىجازەت. ئامىتىڭنىڭ بارىدا مىنگىلى ئاتقا قوڭ تېپىلماس، ئامىتىڭ يانغان چېغىدا مىنگىلى تەخەي تېپىلماس. بالا كەلسە قوش كەپتۇ، يەتتىلىسى تەڭ (كەپتۇ). خاپىلىقنىڭ ئانىسى قوش كېزەك. ئامەت كەلسە ئىشىك تۈڭلۈكنى ئېتىۋالساڭمۇ كىرەر. كېلۇر بولسا كېلۇر شامۇ ئىراقتىن، كېتۇر بولسا كېتۇر بۇ كۆز قاراقتىن. بەخت يۇمىلاق نېمە باشتا ئورناشماس، مەينەت ياپىلاق نېمە تەپسە ئاجرىماس. قارىغۇ مۆشۈككە ئۆلۈك چاشقان ئۇچراپتۇ. قاچقانمۇ خۇدا دەيدۇ، قوغلىغانمۇ خۇدا (دەيدۇ). مېھماننىڭ كېلىشى، ئۇننىڭ تۈگىشى، تۈگمەننىڭ يېتىشى تەڭ كەپتۇ.   ئات ئورنىغا ئېشەك باغلىما. ئاشقان – تاشقان بارات تازنىڭ. ئالتى ئاي ئاتقان پاختام بىر چاپانغا يەتمەپتۇ. ئاتا – ئاناڭ بارىدا كۈندە ھېيت، كۈنلەردە ھېسىت، ئاتا – ئاناڭ بولمىسا نەدە ھېيت، يىللاردا ھېيت. ئاتاڭ بازار، ئاناڭ بازار، كۆرۈنۈپ كەلمەس بالا قازا. ئاتاڭنىڭ بېشىمىدى، تېپىلماسنىڭ خۇرۇچى. ئالتۇن باشلىق ئاتاڭ بىلەن قالغۇچە، پاخما باش ئاناڭ بىلەن قالساڭچۇ. ئاسمان ئېگىز يەر قاتتىق، ئۆلەي دېسەم جان تاتلىق. ئاتنى ئات ساقلايدۇ، ئاچنى ئاچ (ساقلايدۇ). ئاتقا بەرگۈسىز غۇنان بار، قىزغا بەرگۈسىز جۇۋان (بار). ئاتنىڭ ياخشىسى قاشقا كېلۇر، ئادەمنىڭ ياخشىسى ئاشقا (كېلۇر). ئاتا قارغىشى ئوق، ئانا قارغىشى پوق. ئاتاڭغا نېمە قىلساڭ، بالاڭدىن شۇنى كۆرىسەن. ئاچ كۆزنىڭ قورسىقى تويسىمۇ، كۆزى تويماس. ئاچ ئېرىق ئوينىماس، ئۆڭكۈرنى كولىماس. ئالتە تەڭگەم بار ئات ئالىمەن، يەتتە تەڭگەم بار قىز (ئالىمەن). ئاچلىقتا تۇتقان قاچاڭنى، توقلۇقتا ئۇنۇتما. ئاچ ئىتقا ئاش بەرسەڭ، توق ئىت خىرقىرار. ئاچ نېمىنى يېمەس، توق نېمىنى دېمەس. ئاچلىقنى ياستۇق كۆتۈرەر. ئاز دەپ كۆپتىن قۇرۇق قاپتۇ. ئادەم ئۆلمەس رىسقى تۈگىمەس. ئانىسى ئويلاپ يۈرىدۇ، بالىسى ئويناپ (يۈرىدۇ). ئاسمان يېپىنچا، يەر سېلىنچا. ئاقچىنى[ZW)]② قوغۇننىڭ تۈرلىرى.[ZW(] ئالساڭ، كۆكچىنى② قوي، خەمىكىنى ئالساڭ، پېلىكىنى قوي. ئالدىرىغاندا ئىشتانباغ ئىككى چىگىلىپ قاپتۇ. ئالدىرىغان ئۆردەك ئارقىچە چۆمۈلۈپتۇ. ئالدىماققا كىچىك بالا ياخشى، خۇدا ئۇرسۇن قاقباشنى. ئاتسىز يېتىم، يېتىم بولماس، يېتىمنىڭ بېشى قۇرۇماس. ئەجەل يەتمەي جان چىقماس، بېخىل بايدىن نان (چىقماس). ئەر بېشىغا كۈن كەلسە، ئۆتۈك بىلەن سۇ كېچەر. ئەر قېرىسا قويغىنىنى بىلمەس، خوتۇن قېرىسا تويغىنىنى (بىلمەس). ئەيلەك سورىغىلى چىقىپ، ئەرگە تېگىپتۇ. ئەسكى چاپان يامغۇردا ياخشى، يامان تۇغقان ئۆلگەندە (ياخشى. بارنىڭ خىجالىتىدىن، يوقنىڭ خىجالىتى يامان. باي سېغىنغاننى يەر، كەمبەغەل تاپقاننى (يەر). بايلىق مىراس ئەمەس، يوقسىزلىق ئۇيات (ئەمەس). بالا، بالا بولغىچە، ئانىلار موما بولۇر. بايغا تەڭلىك يوق، چىرايلىققا ئەڭلىك (يوق). بار يوقىنى بىلمەيمەن، ھەسەلگە كۆڭلۈم تارتىدۇ. بارغا رازى بول، يوققا سەۋرە قىل. بالام تۇغۇلغىچە قىزىق، تام قوپۇرۇلغىچە قىزىق. بالا قۇچاقتىكى چاغدا سۆيدۈرەر، ئۆسكەن چاغدا كۆيدۈرەر. بالا جىق بولسا غەم باسىدۇ، يەر ئاجىز بولسا ئوت (باسىدۇ). بايلىق بىلەن پېقىرلىق ئىككىسى ئىككى ئات. باجا باجىنى كۆرسە تاپىنى قىچىشار. بەل باغلىغان بىلەن ئەر ئەمەس، باش تارىغان بىلەن خوتۇن (ئەمەس). قارانىيەتنىڭ تامىقى تۆشۈك. بۇقا بوينىغا يىغار، سوپى قوينىغا (يىغار). بولغانسېرى بولغۇسى كېلەر. بوغۇزنى پۈتۈن يېسە، ئايىقىدىن تۈتۈن چىقار. پۇتقا تاپسا باشقا يوق، باشقا تاپسا پۇتقا (يوق). پۇلى بارنىڭ يولى بار. پۇلى يوق قاساپ مال تۈۋىگە كەلمەس. پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا. بېشىڭغا بالا كەلسە، ئۆز پەيلىڭدىن كۆر. بېخىلنىڭ ئىشىنى قىلغىچە، سېخىينىڭ ئېتىنى يېتىلە. بىر پەلەكتە مىڭ خەمەك. تۇنجى ئېرىڭ بوز كىگىز، كېيىنكى ئېرىڭ ئاق كىگىز. تۇل خوتۇننىڭ گېپى تولا، كەنجى كېۋەزنىڭ غوزىسى (تولا). توقلۇقتىن شوخلۇق چىقار. تەلەيلىكنىڭ خوتۇنى ئۆلەر، تەلەيسىزنىڭ ئۆيى كۆيەر. چاچنىڭ ئۇزۇنى ئۇلاق، سۇنىڭ سۈزۈكى بۇلاق. چاپاق خوتۇننىڭ جىتاق ئېرى بار، ياغاچ ئاتنىڭ مايماق ئېگىرى (بار). چىشقاق بالىغا ئىت ئەگىشەر، كۈلگەك ئايالغا يىگىت (ئەگىشەر). چېچىدا ئۇلىقى يوق، يۈزىدە يامىقى (يوق). خۇرۇم چاپان، بۈدۈرە چاچ، ئۈچ كۈن بولدى قورساق ئاچ. خوتۇن كىشىنىڭ قىرىق بىر ھىيلىسى بار. داپچىنىڭ دېپى سۇنسا، گەردىشى مايمۇنغا ئويۇنچۇق. زىيادە دۆلەت باش يارماس. ساقالدىكى ئاشقا قورساق تويماس. سامان خەقنىڭ بولغان بىلەن سامانلىق ئۆزۈمنىڭ. سەن تاش سانىغىچە، باشقىلار قۇم سانايدۇ. شەرىئەتنىڭ شېخى تولا. قارنى يامان ھېيتتا ئۆلەر. قارا قىز سوپۇنغا ئامراق. قاغا جىگدىنىڭ مېۋىسى تولا، خوتۇن كىشىنىڭ ھىيلىسى (تولا). قورۇنغانغا قۇرت چىچار. قۇداڭدىن قورققىچە، خۇدادىن قورق. قېرىنداشتىن قارنىم ياخشى. قېتىق نانغا ئۈلگۈرمەپتۇ، نان قېتىققا (ئۈلگۈرمەپتۇ). قېرى ئات — تاپنى بۇزماس. قېرىغاندا ئات تېزىكى ئالتۇن كۆرۈنەر. قىز ۋاقتىم سۇلتان ۋاقتىم، جۇگان ۋاقتىم شەيتان ۋاقتىم. قىزغانچۇقنىڭكىنى ئىت يەر. كۆپ بولسا، چۆپ بولار. كۈل تام بولماس، كۈيئوغۇل ئوغۇل (بولماس). كېلىپ كېتىدۇ جاھاننىڭ ئىشى، نېمە بولدى دېمەيدۇ كىشى. كىشىنىڭ ھالىغا كىشى يەتمەس. كېلىننى كەلگەندە كۆر، بۆكنى كىيگەندە (كۆر). گاچا چۆچۈرە يېسە ئىچىدە ساناپ يەر. گۈلزارلىقتا ئەتىرنىڭ قەدرى يوق. مال باينىڭ، تۈلكە ساينىڭ. مەيلىك بولسا مەيخانا، چىلىم بولسا سەيخانا. خۇدايىم قىلۇر توققۇز، مەن قىلارمەن ئوتتۇز. مەن كۆيەرمەن بالامغا، بالام كۆيەر بالىسىغا. موللا ھوشۇر، تېمىڭنى قوپۇر، تېمىڭنى قوپۇرمىساڭ ئۆيۈڭنىڭ كەينى ئوپۇر – توپۇر. مۈشۈك گۆشكە بويى يەتمىسە روزا تۇتقىنىم دەر. نامرات بولساڭ شەھەر كەز. نامراتنىڭ نېنى يانچۇقىدا. نەپسى يامان يەتتە نەزىردىن قۇرۇق قاپتۇ. ھالىم پەرىشان، كىيگىنىم تېرە ئىشتا. ھايۋان بالىسى باقساڭ ئاغزى – بۇرنۇڭنى ياغ ئېتەر، ئادەم بالىسى باقساڭ ئاغزى – بۇرنۇڭنى قان (ئېتەر). ھەركىم ئۆز ئۆلۈكى ئۈچۈن يىغلار. ھەر كىمنىڭ چىراغ يورۇقى ئۆزىگە چۈشەر. ھەرىكىتى كېتىپ بەرىكىتى قالدى. ھەركىم ھەر كويدا، تاز قىز ئەر (كويدا). ئون ئادەم بىر داستىخاندا ئاش يەيدۇ، ئىككى ئىت بىر تاپ ئۈستىدە چىقىشالمايدۇ. ئۇرۇق – تۇغقان تېپىشار، ياتقان بالا يېپىشار. ئوردىدا[ZW)]لەمجىن — پىچان ناھىيىسىنىڭ بىر يېزىسى.[ZW(] ناغرا چالسا، لەمجىندە[ZW)]لەمجىن — لۈكچۈن ۋاڭ ئوردىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.[ZW(] ئۇسسۇل ئويناپتۇ. ئوڭ ئاياق، سول ئاياق، بىرنى قىلدىڭ توم تاياق. ئويمىقى يوق خوتۇن بولماس، پىچىقى يوق ئەر (بولماس). ئون ئوغلۇم بولغۇچە، بىر ئوسۇرۇق ئېرىم بولسىچۇ. ئوتۇن يىغدىڭ — كۈل يىغدىڭ، ئوت – چۆپ يىغدىڭ — پۇل يىغدىڭ. ئويۇپ ئالساڭ ئون كۈن يېتەر، قىرىپ قالساڭ قىرىق كۈن (يېتەر). ئۆزۈڭ يېمىسەڭ غېمىڭنى، قاچا چوقۇر تېنىڭنى. ئۆستەڭنىڭ يارىشىقى تال، قىزنىڭ يارىشىقى خال. ئۆتمەس ماتا، زورلاپ ساتا. ئۆزى بولالمايدۇ، بولغاننى كۆرەلمەيدۇ. ئېتىڭ قېرىسا ھەقىقىي پىچاق، ئېشىكىڭ قېرىسا بىر سىقىم قوناق. ئىنەككە سۈت كۆرسەتمە، ئەخمەققە قىز (كۆرسەتمە). ئىسراپچىلىق — خارابلىق. ئىسراپچىلىق نەدە؟ قەدرىنى بىلمىگەن يەردە. ئىچەر – ئىچەر تويماس، كۆزى ئالايمىغىچە قوپماس. ئېلىپ ئالتىنى بولماپتۇ، بېرىپ يەتتە (بولماپتۇ). ئىت پۇشقاقتىن ئالۇر، خوتۇن ياقىدىن (ئالۇر). ئىككىگە ئۈچنى قوشساڭ بەش بولار، ئېرىقنى چاپمىساڭ لەش (بولار). ياخشىنىڭ بالىسى غېرىب بولار، قۇل بولماس. ياتنىڭ سۆزى ياندىن ئۆتەر، تۇغقاننىڭ سۆزى جاندىن (ئۆتەر). ياخشى خوتۇن قىشتا تۇغۇپ ئىسسىق ياتار، يامان خوتۇن يازدا تۇغۇپ سېسىپ (ياتار). ياغاچ پىچاققا تۆمۈر غىلاپ. يالغانچىنىڭ ئۆيىگە ئوغرى كىرسە ھېچكىم ئىشەنمەس. يامان ئىنەكمۇ ئۆلدى، بار كېپەكنى يەپ بولدى. يەپ نېمە قالدى، ئىككى دانە ئالما (قالدى). يەپ تويمىغان، يالاپ تومايماپتۇ. يەرنىڭ كاپالىتى ياراملىق ئوغۇت، ئىنساننىڭ كاپالىتى پىلانلىق تۇغۇت. يوقسىزلىق تاشتىن قاتتىق. يوقنىڭ بىر دەردى بار، بارنىڭ مىڭ دەردى (بار). يېرىم كۈننىڭ يېنىشى يوق. يېتىم بالىدىن غوا چىقار، يېتىم تايدىن يورغا (چىقار). يېمەي ئىچمەي بول بېخىل، باي بولمىساڭ مەن كېپىل. ھاردىم دېسە ھاپاش بوپتۇ. ساقنى بىر قېتىم كالۋا دېسە، بىر مىسقال كالۋالىق قوشۇلىدۇ. ئوتتەك قىزىپ، پوقتەك سوۋۇپتۇ. قىزىمنىڭ بالىسى كەكلىك بالىسى گۈلغۇنچىسى ئانىسى، ئوغلۇمنىڭ بالىسى ئۆزۈمنىڭ بالىسى كۆيدۈرمىگەن كاپىر ئانىسى. ئۆتۈكۈڭ تار بولسا جاھاننىڭ كەڭلىكىنىڭ نېمە پايدىسى. ئۆزۈمدىن ئۆتكەن، قولۇمدىن كەتكەن. ئۇلىقىڭ يېيىشلىك بولسا بەردى خۇدايىم دېگىن، خوتۇنۇڭ يېيىشلىك بولسا (ئۇردى خۇدايىم دېگىن). ئىگىسىنى سېغىنساڭ، ئىتىغا سۆڭەك بەر. سىيرنىڭ گۆشى بىر كۈن، سۈتى ھەر كۈن. ئون تۇغۇتتىن بىر چۈشەك يامان. مۈشۈكنىڭ ئىككى پۇلى يوق، گۆشكە ئامراق. سەۋزىدىن خەۋەر يوق، گۈرۈچ دەم يەپتۇ. ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە، ئۇر توقۇمنى، ئېتى ئۇلۇغ، سۇپۇرىسى قۇرۇق. چاشقاننىڭ ئۆلگىسى كەلسە مۈشۈكنىڭ قۇيرۇقىنى چىشلەپتۇ. باشقا كەلمىگىچە باتۇر بولماس. ئىشىڭ تۈزۈلمىگىچە چۈشۈڭ تۈزۈلمەس. كاناي ياغلىغىلى ياغ يوق، سۇناي ياغلىغىلى ياغ نەدە. بۇرۇتقا چاپلشقان ئاشقا قورساق تويماپتۇ. بارمايمەن دېگەن تۈگمەنگە يەتتە قېتىم بېرىپتۇ. بازاردا باردۇر مىڭ كىشى، كۆڭۈلدە باردۇر بىر كىشى. ئوتۇن يىغقان كۈل يىغار، ئوت يىغقان پۇل (يىغار). تولا گەپنىڭ مەزىسى يوق، كەنجى كېۋەزنىڭ غوزىسى (يوق). چىرايلىقنىڭ دەردىنى دەيمۇ، سەتنىڭ ھالىتىنى (دەيمۇ). قوي ئۆلتۈرسەم ئورۇقچىلىق، ئۆچكە ئۆلتۈرسەم چۇپۇرچىلىق. تۇغۇۋالمىغۇچە بالا بولماس، بېقىۋالمىغۇچە كالا (بولماس). قانداق قىلاينىڭ ئاتىسى ئۆلگەن. ئوتتۇز كۈن روزا تۇتۇپ پوقتا ئىپتا قىلىپتۇ. چۈجىنى كۈزدە سانا. ئوغرى گۇمانخور كېلۇر، جالاپ تاماخور (كېلىدۇ). يېگەن كۆرۈنمەس، كىيگەن كۆرۈنەر. تاغقا چىقسام چۈشمىسەم، كىشىدىن ئالسام بەرمىسەم. قارىغۇ ئېشەككە تۇزلۇق سۇ، قاتتىق نانغا مۇزلۇق سۇ. بېشىدا بارنىڭ قېشىدا بار. كۆسىيىڭ ئۇزۇن بولسا قولۇڭ كۆيمەس. كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرگۈلۈكنى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ. بالا – قازا كۆرۈنۈپ كەلمەس، پۇت قوللىرى ساڭگىلاپ. بالا – قازادىن ماشايىخمۇ قاچار. ئاتامنىڭ ئۆلۈشىنى بىلسەم، بەش جىڭ كېپەككە سېتىپ يەيتتىم. گول قازانغا قاراپتۇ، تەدان ئوچاققا (قاراپتۇ). ئەسكى تامدا قۇشقاچ تولا، نامراتلىقتا پۇتلاش (تولا). توخۇمۇ بىلگىنىنى قىچقىرار. دەرد كەلگەندە دەرمان كېتەر. دەرد كەلسە قوشلاپ كېلۇر، بىر – بىرىنى باشلاپ (كېلۇر). كۆز دېگەن كاما نېمە، كۆرمىسە بىكار (نېمە). ئۈجمە تۈگىگەندە سۇپىياڭ كەپتۇ. قىرىپ ئالساڭ قىرىق كۈن يېتەر، ئويۇپ ئالساڭ ئون كۈن (يېتەر). قۇرۇق ئۆستەڭگە مىراپ بوپتۇ. ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك. ئەتىكى قۇيرۇقتىن بۈگۈنكى ئۆپكە ياخشى. كاجنى بازار ئوڭلاپتۇ. ئىت ئىتنى بۇيرۇسا، ئىت قۇيرۇقىنى بۇيرۇپتۇ. ئۆزۈمنىڭ دەرمەن يەرمەن، كىشىنىڭ دەرمەن غەم (يەرمەن).
ئەرگە بىر نۆۋەت، يەرگە بىر نۆۋەت. ئەتىكى قۇيرۇقتىن، بۈگۈنكى ئۆپكە ياخشى. بەخت نەگە بارىسەن؟  — دوقا ماڭلايغا. بەختسىز قىز تېزەك تەرگىلى چىقسا، كالىلار سۇغا تېزەكلەپتۇ. بەخت ئىزلىسەڭ ھورۇن بولما. بېرىمەن دېگەن قۇلىغا، چىقىرىپ قويار يولىغا. تەلەيسىزنىڭ سېڭىدا بۇغداي تۇرسا ئارپا چىقىدۇ. جاپانىڭ تېگى راھەت. جاپا چەكمىگىچە ھالاۋەت يوق، رىيازەت چەكمىگىچە سائادەت (يوق). خۇدا بەرسە پەيغەمبەر غىڭ قىلماپتۇ. خۇدا كۆزدىن ئايرىسىمۇ، ھاسىدىن ئايرىماپتۇ. رەختى بارنىڭ بەختى بار. بەختى بارنىڭ تەختى (بار). غېرىبنىڭ بېشىنى خۇدا ئوڭلاپتۇ. قىزىم بار – يۈزۈم بار، ئوغلۇم بار ئورنۇم بار. كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ؟ يا بايدىن چىقار، يا سايرامدىن (چىقار). ياڭخىلىققا[ZW)]ياڭخى — پىچان ناھىيىسىگە قاراشلىق بىر كەنتنىڭ ئىسمى.[ZW(]  يان كەلدى، ئۈستى – ئۈستىگە داڭ كەلدى. ئالتۇن چىقىدۇ يەردىن، بەخت كېلىدۇ تەردىن. ئامەت كەلسە قوش كەپتۇ. ئامەت كەلسە، ئىشىڭ تۈڭلۈكتىن كىرەر. تەلەيدە بوڭ – بوڭ. خۇدا كۆزىدىن ئايرىسىمۇ ھاسىدىن ئايرىماپتۇ.
كېسەل پاتمانلاپ كىرەر، مىسقاللاپ چىقار. چىشنىڭ دورىسى ئامبۇر، ئۆپكىنىڭ دورىسى چامغۇر. ئۆلۈمىگە يىغلىغۇچە، كېسىلىگە سەۋەب قىل. قەرزى ئۆردىسە پۇل ئالۇر، كېسەل ئۆردىسە جان (ئالۇر) كېسەل تېگىش زۇكامدىن، يۈز كېتىش پوكاندىن. ياشلىقىڭغا ئىشەنمە. زەئىپلىشىش دۇكاندىن. مەيدەم ئاغرىيدۇ دېگۈدەك، توڭ ئالمىنى يېگۈدەك.   ئاتاڭدا بولغىچە، ئالقىنىڭدا بولسىچۇ. ئاتىلىق يېتىم كۈل يېتىم، ئانىلىق يېتىم گۈل (يېتىم). ئامەت كەلسە، قوش كېلەر. ئامەت كەلسە، ئىشىكتىنمۇ تۈڭلۈكتىنمۇ كىرەر. ئامىتىڭ كەلگەندە تاشنى ئالساڭ ئاش بولۇر، ئامىتىڭ كەتكەندە ئالتۇن ئالساڭ تاش بولۇر. ئامەت كەلگەندە قاپمۇ تولىدۇ، خۇرجۇنمۇ تولىدۇ. ئامەت قولدىن كېتەر بولسا، مىجەز بولۇر شاش. ئاق تامدىن داڭگال تېپىلماس، قارا سايدىن تاش. ئامەتلىكنىڭ شىشىسى[ZW)]شىشە — بوتۇلكا[ZW(] تۆمۈرچىنىڭ سەندىلىنى سۇندۇرار.
كېسەل بولغاندا قاقشىغىچە، ساق چاغدا سەۋەب قىل. ئوسمىنىڭ قېنىقى قاشتىن، ئادەمنىڭ قېرىشى ياشتىن. ئاغرىق نەدىن كېلۇر، ئىلغىماي يېگەن ئاشتىن. ئامال تاپقاندىن ئەجەل قېچىپتۇ. كۆڭۈلنى ياشناتقان ناۋا، ھاياتنى ياشناتقان ھاۋا. ئالتۇن بېشىڭ ئامان بولسا، ئالتۇن قاچىدا سۇ ئىچەرسەن. چىش ئاغرىقى مېڭىنى يەيدۇ، قۇلاق ئاغرىقى تېڭىنى يەيدۇ. ئۈجمە يېگەن سەھەر يېسۇن، چۈشتە يېگەن زەھەر يېسۇن. خوتۇن خەقنىڭ نالىسى تولا، ئىش ئۇقماسنىڭ بانىسى تولا. ئالدىماققا بالا ياخشى، خۇدا ئۇرسۇن قاقباشنى. خوتۇن ئالساڭ يېقىندىن ئال، گۆش ئالساڭ بېقىندىن ئال. قايناقسۇ ئىچ، كۆڭلۈڭ تىنچ. قولۇڭ پاكىزە بولسا، ئاغرىق، سىلاقتىن خالى بولىسەن. چىشىڭ ئاغرىسا تىلىڭنى يىغ، كۆزۈڭ ئاغرىسا قولۇڭنى (يىغ). چىشى ئاغرىغانغا كىشى ئۆلمەس، ئاغرىقنى كىشى كۆرمەس. ساغلام تەندە، ساغلام ئەقىل. ئاناڭ ساق، داداڭ ساق، سەن نېمىشقا ئاقساق؟ ساقلىقىم — پاشالىقىم. ئاغرىقنى يوشۇرساڭ، ئۆلۈم ئاشكارا. قەيېرىڭ ئاغرىسا، جان شۇ يەردە. كۆزۈڭ ئاغرىسا قولۇڭنى يىغ، قورسىقىڭ ئاغرىسا نەپسىڭنى (يىغ). ئون تۇغۇتتىن بىر چۈشۈك يامان. تەننىڭ ساقلىقى، جاننىڭ راھىتى.
ساق يېرىنىڭ ھالى يوق، ئاغرىق يېرىنىڭ تاينى (يوق). داۋا كۈچەيسە پۇلۇڭنى ئالار، ئاغرىق كۈچەيسە جېنىڭنى (ئالار). ئاغرىق ئۆرلىسە جېنىڭنى ئالار، شىپا ئۆرلىسە پۇلۇڭنى (ئالار). بىر خىل تۇرساڭ يۈز يىل ياشايسەن. بېشى ئاماننىڭ مېلى ئامان. كېسەل ئېغىزىڭدىن كىرىدۇ، ئاۋۋال ئىچىڭنى سۈرىدۇ. تەن ساقلىقى — زور بايلىق. ھاياتلىق — ھەرىكەتتە. ياخشى سۆز كېسەلگە شىپا، يامان سۆز يۈرەككە جاپا. ساغلام بولاي دېسەڭ ھەرىكەت قىل، مول ھوسۇل ئالاي دېسەڭ مېھنەت قىل. چىۋىن دېگەن مەينەت نېمە، ئۇ قونغان نەرسىنى يېمە. ئۆپكىنىڭ دورىسى چامغۇر، چىشنىڭ دورىسى ئامبۇر. سەھەر قوپقان سالامەت، ۋاقچە قوپقان پالاكەت. بېلىمنى ئاغرىتقان گېلىم.
دات تۆمۈرنى يەيدۇ، دەرت ئۆمۈرنى (يەيدۇ). تەننىڭ ساقلىقى زور بايلىق. ساغلام تەندە، ساغلام ئەقىل. قوپرسىقىڭ ئاغرىسا، نەپسىڭنى تارت، كۆزۈڭ ئاغرىسا قولۇڭنى (تارت). تەننىڭ ساقلىقى زور بايلىق. كېسەل ئېغىزدىن كىرەر. بىنام يەرگە يامغۇر ياخشى، ئۆپكە كېسەلگە چامغۇر (ياخشى). چىۋىن نەدە بولسا، كېسەل شۇ يەردە. يېغىر نەدە بولسا، چىۋىن شۇ يەردە. گۆش پۇرىمىسا چىۋىن قونماس. ساقلانساڭ ساق بلىسەن. ساقلىقىڭ — بايلىقىڭ. يىپەكنى توقۇساڭ تور بولماس، چېنىقمىغان بەدەن ساغلام بولماس. يارىنىڭ بېشىدا دانىخورەك. مەرەزنى داۋالىمىساڭ بېشىڭغا چىقىدۇ. چىشىڭ ئاغرىسا تىلىڭنى تارت، كۆزۈڭ ئاغرىسا قولۇڭنى (تارت). ئاغرىغان چىشنىڭ دورىسى ئامبۇر. چىشقاقنىڭ دورىسى كاۋا. ئاغرىق پاتمانلاپ كىرىپ مىسقاللاپ چىقىدۇ. مەيدە ئاغرىقى سوغۇقتىن، قورساق ئاغرىقى پوقتىن. ئاغرىقى توختىسىمۇ ئەجىلى توختىماپتۇ.
ئالما يەپ سۇ ئىچسەڭ، ئاغرىيسەن، جىگەر يەپ سۇ ئىچسەڭ سەمىرىيسەن. ئۆينىڭ بۈرگە بولۇشى نەمدىن، ئادەمنىڭ دىۋەڭ بولۇشى يەمدىن. تازىلىق بايلىقتىن ئارتۇق. ھاراق ئەقىلنى كېمەيتىدۇ، تاماكا قۇۋۋەتنى. ئاز يەپ، ئاستا تىرىل. ئاغرىپ ساقايغان جان ئولجا، يوقىلىپ تېپىلغان مال ئولجا. بېشىڭنى سالقىن، پۇتۇڭنى ئىسسىق تۇت، تەننىڭ ساقلىقى، جاننىڭ راھىتى. توخۇ سەمرىسە، تۇغمىقى تەس، ئادەم سەمرىسە قوپمىقى تەس. جان راھىتى تەن بىلەن، تەن ساقلىقى پەم بىلەن. قوينى بېقىڭ يەم بىلەن، جاننى ساقلاڭ پەم بىلەن. خېنىمنىڭ ئېشىنى كۆرۈڭ، قازىنىنىڭ تۇۋىقىنى كۆرۈڭ. ساپ ھاۋا — تەنگە داۋا. غەم – قايغۇ كېسەل قىلىدۇ، خۇشاللىق داۋالايدۇ. جان راھىتى تەن بىلەن، تەن راھىتى پەم (بىلەن). ئاغرىق نەدىن كېلەر — ئاچتىن، بالا نەدىن كېلەر — قاياشتىن. تەننىڭ ساقلىقى پادىشاھلىق. ھېيتتا چېپتىچېپىتى — يەرلىك نېپىز نان. توڭرىلىققا مەرەزدار. سالامەت تەندە ساغلام ئەقىل.
قايغۇ كېسەل پەيدا قىلىدۇ، خۇشاللىق كېسەلنى داۋالايدۇ. كۆزۈڭ ئاغرىسا قولۇڭنى يىغ، قورسىقىڭ ئاغرىسا نەپسىڭنى يىغ. كېسەل ساقايغۇسى كەلسە، تېۋىپ ئۆزى كېلەر. كېسەللىك ئېغىزدىن كىرەر. كېسەل جىڭلاپ كىرىپ مىسقاللاپ چىقىدۇ. نە ئاغرىسا جان شۇ يەردە. ئۆلمەس ئاغرىق چىقماس جان. ئۆلۈم قەيەرگە بارىسەن؟ — بارنىڭ پۇلىنى چاچقىلى، يوقنىڭ كۆتىنى ئاچقىلى. ئىت يارىسىنى يالاپ ساقايتار. يوقۇلۇپ تېپىلغان مال ئولجا، ئاغرىپ ساقايغان جان (ئولجا). ئارپا نېنى يەللىك،   ئوسۇرتىدۇ ئەللىك. ئاچچىق ئۆرۈككە قوڭ توشىماس. ئاش يوق ئىشتەي يوق. ئاغرىق ئويۇن خالىماس. ئاغرىق پاتمانلاپ كېلىپ، مىسقاللاپ چىقىدۇ. پۇلنىڭ ياخشىسى يامغۇ، چىشنىڭ دورىسى ئامبۇ. چىۋىن ئۆزى مەينەت نېمە، ئۇ قونغان نەرسىنى يېمە. سەھەر قوپغان سالامەت، ۋاقتى قوپقان پالاكەت. ئوسمىنىڭ قېنىقى قاشتىن، ئادەمنىڭ قېرىشى ياشتىن. ئاغرىق نەدىن كېلىدۇ، ئىلغىماي يېگەن ئاشتىن. كېسەل باشقا، ئەجەل باشقا.
پاكىزلىق ھەسەل، مەينەتلىك — كېسەل. تەن ساقلىق — تۈمەن بايلىق. تەننىڭ ساقلىقى — جاننىڭ راھىتى. تۇغۇلغان ھېساب ئەمەس، توختىغان ھېساب. تىلىڭ كۆيسە تۇز يالا، ئىچىڭ كۆيسە مۇز (يالا). جان بار يەردە قازا بار. جان راھىتى تەن بىلەن، تەن ساقلىقى پەم بىلەن. چۈشتىكى ئۇيقۇ، پادىشاھلىقتىن ئەلا. چېچەكتە چېكىلمىگەن، قىزىلدا ئۆلەر. چىش دورىسى ئامبۇر، ئۆپكە دورىسى چامغۇر. چىش ئاغرىقى سوغۇق، قورساق ئاغرىقى پوق. چىش ئاغرىقىنى كىشى كۆرمەس، چىش ئاغرىقىغا كىشى ئۆلمەس. چىۋىن دېگەن مەينەت نېمە، ئۇ قونغاننى  يۇماي يېمە. دەرد باشقا، ئەجەل باشقا. دەۋا كۈچەيسە پۇلۇڭنى ئالۇر، ئاغرىق كۈچەيسە جېنىڭنى (ئالۇر). ساپ ھاۋا، تەنگە داۋا. ساغلام تەندە، ساغلام ئەقىل. ساياھەت قىلساڭ، سالامەت بولىسەن. سامساق، تېنىم ساق. سەھەر شامىلى يۈرەككە دەۋا. سوغۇق كېسەلگە چىن دۆلىتىدىن دورا ئەپكەلگىچە ئۈلگۈرەر، ئىسسىق كېسەلگە ساندۇقتىكى دورىنى ئالغىچە ئۈلگۈرمەس. قان چىقتى — جان چىقتى.
بىرى رەھمەت ئالغان ئىشلىمىسۇن، بىرى قارغىش ئالغان ئىشلىمىسۇن. ئاتا قاغىشى ئوق، ئانا قاغىشى پوق. بالاڭنى كۆر جېنىڭنى كۆر. بالاڭنىڭ قانداق ئادەم بولۇشى، چىچقان پوقىدىن مەلۇم. قاغا بالام ئاپئاق دەر، كىرپە بالام يۇمشاق (دەر). بۆشۈك بالىسى، بەگ بالىسى. ئويۇننىڭ ئىزى ياخشى. ئويۇن ئىككى چىشلىق بولماس. شامالنىڭ ئالدى قويۇن، جېدەلنىڭ ئالدى ئويۇن. چاقىدا گۇناھ يوق تانىسى بۇزۇق، قىزىدا گۇناھ يوق ئانىسى (بۇزۇق). خامنى بۇزغان شانىسى، قىزىنى بۇزغان ئانىسى. بالا يىغلاپ چوڭ بولىدۇ، قاپاق ساڭگىلاپ (چوڭ بولىدۇ). كىچىك بالىنىڭ ئېغىزىنى ئاشقا ئۆگەتمەڭ، قوڭنى ئۇسۇرۇشقا (ئۆگەتمەڭ). مال ئىگىسىنى دورىمىسا ھارام. بالا ئاتىدىن، مال قاچىدىن. بېغىڭ بولسا غورا قىل، ئوغلۇڭ بولسا موللا قىل. موللىغا بەرمىسەڭ، قىمارۋازغا جورا قىل. ئارپا تاپساڭ ئاتقا بەر، سامان يېسۇن كالىلار. تاپقىنىڭنى ئۆزۈڭ يە، ئىشلەپ يېسۇن بالىلار. بالا، قىلغان ئىشى چالا.   ئادەم سۇنى مەينەت قىلار، سۇ ئادەمنى پاكىز (قىلار). ئاشلىق بار يەردە ئاغرىق بار. ئاز يەپ ئاسان تىرىل. ئاز – ئاز يە، كۆپ چاينا. ئاغرىمىغان، ساقلىقنىڭ قەدرىنى بىلمەس. ئاغرىققا كۈلكە ياقماس. ئالما يەپ ئاغرىغىچە، ئۆرۈك يەپ ئۆلۈۋال. ئالتۇن بېشىڭ ئامان بولسا، ئالتۇن تاۋاقتا سۇ ئىچەرسەن. ئەل ساقلىقى — يۇرت بايلىقى.
ئاتىسى كورت ئەتسە، بالىسى پوق ئېتىدۇ. ئەركە قىلماڭ بالىنى، باشقا كىيەر ھويلىنى. بالىلىق ئۆي بازار، بالىسىز ئۆي مازار. چاقىدا گۇناھ يوق، تانىسى بۇزۇق، قىزىدا گۇناھ يوق، ئانىسى بۇزۇق. يامان بالا — ئاتا – ئانىسىنىڭ بېشىغا بالا. قىزىڭنى ماختىما، ئىشىدىن دادلىما. تەلۋىگە تاياق، ساراڭغا پىچاق. بالىسى بارنىڭ بالىسى ماڭار، بالىسى يوقنىڭ ئۆزى ماڭار. بالىلىقنىڭ بالىسىنى باققىچە، ئىشنى قىل. ھايۋان بالىسى باقساڭ ئاغزى – بۇرنۇڭنى ياغ قىلۇر، ئادەم بالىسى باقساڭ ئاغزى – بۇرنۇڭنى قان قىلۇر. بالايى – ۋاقا، ئۆز ئۆيۈڭگە تاقا، تۇزلۇقۇڭنى چايقا. نەپسىڭنى ھارامغا ئۆگەتمە، تاپقىنىڭنى يەپ تۈگەتمە. ئوغۇل بالام نان دەيدۇ، قىز بالام چاپان دەيدۇ. بالاڭغا تۈۋرۈك يول، تۈۋرۈك بولالمىساڭ چىۋىق بول. ئوغلۇڭغا كىيىم ئىزدىگۈچە، ئۇستاز ئىزدە. بالا يىغلاپ، قاپاق ساڭگىلاپ چوڭ بولىدۇ. نان بېرىپ چوڭ قىل، تاياق بېرىپ ئوڭ قىل. تۇغۇلغان ھېساب ئەمەس، تۇرغان ھېساب. ئانىسى يوقنىڭ ئەمچىكى چوڭ، دادىسى يوقنىڭ پوردىقى (چوڭ). قازاننىڭ قاينىشىغا باق، بالاڭنىڭ ئوينىشىغا (باق).
بالا يىغلىمىسا، ئانىسى ئەمچەك سالماس. جىگدىدىن گۈلى تاتلىق، بالىدىن نەۋرە (تاتلىق). ياغاچنى رەندە تۈزەيدۇ، ئادەمنى تەربىيە (تۈزەيدۇ). بالاڭغا كۆيسەڭ، يامان ئىشتىن توس. ئىشنى قىل ئەپ بىلەن، بالاڭنى باشقۇر گەپ بىلەن. پىلەككە بېقىپ خەمىكى بولىدۇ. چوڭى بېشىنى ئاچسا، كىچىكى كۆتىنى ئاچار. چوڭ نېمە قىلسا كىچىكىمۇ شۇنى قىلار. بالاڭ يامان بولسا ئۆزۈڭدىن كۆر. تاي ئات بولغىچە، ئىگىسى مات بولار. ئاتىنىڭ كۆڭلى بالىدا، بالىنىڭ كۆڭلى دالىدا. كالاڭغا كۆڭۈل بۆلگىچە، بالاڭغا كۆڭۈل بۆل. بالا ئەمەس — بالا. بالا، بالىنىڭ قىلغان ئىشى چالا. تېرىقنىڭ بولۇشى كۆكىدىن مەلۇم، بالىنىڭ ئادەم بولۇشى كىچىكىدىن (مەلۇم). ئاتا كۆرگەن ئوق ياساپتۇ، كۆرمىگەن پوق (ياساپتۇ). ئوغلۇمغا بەردىم ئورغاقچە، قىزىمغا بەردىم قىرغاقچە. ئاتا كەسپى — مىراس. ئاتا قارغىشى ئوق، ئانا قارغىشى دوق. ئاتا نەسىھىتى ئالتۇندىن ئېغىر، نەسىھەتنى تۇتمىغان كىشىنىڭ سۆڭگىچى يېغىر. قىزىڭنى تالادىن توس، ئوغلۇڭنى بالادىن (توس). دادىسى >ھاي< نى >ھۇي< دەپتۇ، بالىسى موزاينى >ئۇي< دەپتۇ. بالام خار بولسۇن دېسەڭ ئەركىلەت. ئىلىپتەك قەددىم يا بولدى، كەڭرى جاھان تار بولدى. بالاڭغا كۆيۈنسەڭ، تاپقىنىڭنى ئۆزۈڭ يە. گاچا قىزنىڭ تىلىنى ئانىسى بىلەر.
چاقنى بۇزغان تانىسى، قىزنى بۇزغان ئانىسى. ئەڭگىز قالماس بېدەنىدە، ئورما ئورىساڭ تومۇزدا. قاغا بالام ئاپئاق بالام، كىرپە بالام يۇمشاق (بالام). قارىغۇ بالىسىنىڭ كۆزىنى سىلاپتۇ، سىلاپ – سىلاپ قارىغۇ قىلىپ ئاندىن توختاپتۇ. ئىشلەپ يېگەن لەززەتلىك،   تىلەپ يېگەن مىننەتلىك. بالا يىغلاپ چوڭ بولىدۇ، قاپاق ساڭگىلاپ (چوڭ بولىدۇ). تىلىڭ بىلەن تىكەن تېرىما. قىز بالا — تۆگە گۆشى. ھايۋان بالىسىنى باقساڭ ئاغزى بۇرنۇڭنى ياغ ئېتەر، ئادەم بالىسىنى باقساڭ ئاغزى – بۇرنۇڭنى قان (ئېتەر). بالاڭغا بېرىپ باق، كەينىڭدىن سوراپ (باق). ئاتاڭنىڭ كىيىشى تېرە تۇماق، ساڭا نېمە ئانچە دىماق. سېتىۋالمىغىچە مال بولماس، تۇغۇۋالمىغىچە بالا (بولماس). بالىلىق ئۆي بازار، بالىسىز ئۆي مازار. قازىنىڭنىڭ قاينىشىغا باق، بالاڭنىڭ ئوينىشىغا (باق). قىزنى بۇزغان ئانىسى، چاقنى بۇزغان خانىسى. بار يوقى بىر بالام، باش كۆزى تاز بولام. بالىسى بالا بولغىچە، ئانىسى موما بولار.
ئاشقا ئوچاق، نانغا تۇز، ھەر كىمنىڭ يارى ئۆزىگە ئۇز. بېشىڭنى كىم سىلىسا ماشايىقىڭ شۇ، يېنىڭدا كىم ئولتۇرسا چىرايلىقىڭ شۇ. چېكىشمىگۈچە بىكىشمەس، تېپىشمىغۇچە ئېلىشماس. تېيىلغىلى مۇز ياخشى، ئوينىغىلى قىز (ياخشى). قارا كۆز ھەر جايدا بار پىرازى كۆز بىرە – بىرەر، پىرازى كۆزنىڭ ئالدىدا قارا كۆز تەرمەچ تېرە. قوياپ قاچقۇدەك ئۇز بار، ئېلىپ قاچقۇدەك سەت (بار). كۆرمەككە ئۆتۈك ياخشى،   كىيمەككە چورۇق. سۆيمەككە سېمىز ياخشى، ئويناشقا ئورۇق. ئىچى كۆيمىگەننىڭ قوڭى قىچىشماس. مەيلىڭ بولسا مەيخانە، چىلىم بولسا سەيخانە. ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز. يېپىغلىق ئاياققا كۆزى چۈشۈپتۇ.   ئاتىنىڭ كۆڭلى بالىدا، بالىنىڭ كۆڭلى دالىدا. ئاتاڭنى كۆرسەڭ ئاتتىن چۈش. ئادەمنىڭ مېۋىسى بالا. ئائىلىنىڭ يىلتىزى — بالا. ئاتىسى بولۇشقاقنىڭ ئوغلى ئۇرۇشقاق، ئاپىسى بولۇشقاقنىڭ قىزى بۇدۇشقاق.
ئارپا تېرىساڭ ئاتقا بەر، سامان يېسۇن كالىلار. پۇلنى تاپساڭ ئۆزۈڭ يە، ئىشلەپ يېسۇن بالىلار. ئەخلاقسىز بالا، مۈڭگۈزى يوق كالا. بالاڭنى مەيلىگە قويساڭ، ئۇچىقىڭنى بۇزار. بۆشۈك بالىسى — بەگ بالىسى. بالىنىڭ ياخشىلىقى ئاتا – ئانىدىن بولىدۇ. بارى – يوقى بىر بالام، باش كۆزى تاز بولام. بالىنى ئەرگە ئۆگەتسەڭ، بېشىڭغا چىقار. تەربىيە باشتا قاتتىق بولسا ئاخىرى تاتلىق بولار. بالا يىغلاپ چوڭ بولىدۇ، قاپاق ساڭگىلاپ چوڭ (بولىدۇ). بالا بولسا شوخ بولسا، بولمىسا يوق بولسا. بالا، قىلغان ئىشى چالا. بۇقىنى كالام دېمە، بەڭگىنى بالام (دېمە). قۇشقاچقا تۆشۈك ياخشى، بوۋاققا مۈشۈك (ياخشى). كالاڭغا كۆڭۈل بۆلگىچە، بالاڭغا كۆڭۈل بۆل. ياغاچنى نوتا ۋاقتىدا ئەگ. سارىن شۇڭقار چۈشۈپتۇ. قوڭغۇز ئاتالماسنىڭ بالىسى توڭگۇز ئېتىپتۇ. كالاڭغا كۆڭۈل بۆلگىچە بالاڭغا كۆڭۈل بۆل. ئادەم بالىسى دۇكان كۆرمىگىچە ئادەم بولماس.
مەسچىتنىڭ مورىسى يوق، كۆيۈكنىڭ دورىسى (يوق). خوتۇن تاللىماي قېيىن ئانا تاللا. بىر ياخشىغا بىر يامان ھەر جايدا بار، ئىككى ياخشى بىر بولغان قەيەردە بار. ئۇيقۇ جاي تاللىماس، مۇھەببەت چىراي (تاللىماس). يارنى تاپقاندا گەپ يوق، گەپنى تاپقاندا يار (يوق). قاش كۆزى جايىدا بولسا، قالغىنى بازاردا بار. ئات ئالساڭ ئاي كېڭەش، خوتۇن ئالساڭ يىل (كېڭەش) خوتۇن ئالدىڭ ئۆشنەڭگە ئوتۇن ئالدىڭ. ئەر قېرىسا قىز ئالار، قىز قېرىسا كىم ئالار. ئۇز خوتۇنغا جىتتاق ئەر. كۆرسە كۆزگە دورا، سۆيسە يۈرەككە (دورا). كۆپ خوتۇن ئالغاننىڭ كۈنى تەس، كۆپ ئەرگە تەگكەننىڭ كۆڭلى پەس. بوۋاق سۆيگەننى بىلمەس، نادان كۆيگەننى (بىلمەس). كىمنىڭ مېلى كىمگە قالماس، كىمنىڭ يارى كىمگە (قالماس). ئايرىلغانغا ئۆلمەيمەن، ئەقىدەمگە يىغلايمەن. ئۆپكىدە غىژ – غىژ، يۈرەكتە پىژ – پىژ. كۆزىدە مېڭى بار كۆيدۈرەر، لېۋىدە مېڭى بار سۆيدۈرەر. مەخمەل چۈشەك قىينالدى جان. قىر تەككى راھەتتە جان. تېپىشمىغىچە ئېلىشماس. ئەرنىڭ خوتۇنى ئۆلمەس.
ئوغلۇڭ ئاشىقچىلىق قىلسا كۆككە باق، قىزىڭ ئاشىقچىلىق قىلسا يەرگە باق. ئوغلى بارنىڭ ئۆزى بار، قىزى بارنىڭ ئىزى بار. قىزىمنىڭ بالىسى قىزىلگۈل كۆرۈنەر، ئوغلۇمنىڭ بالىسى ئوغرى تىكەن (كۆرۈنەر). ئاتا – ئاناڭنىڭ ھۆرمىتىنى قىل، خەلقىڭنىڭ خىزمىتىنى (قىل). ئائىلىنىڭ يىلىتىزى بالا. قورساقنىڭ ئاچقىنى — ئەقىلنىڭ قاچقىنى. ئانا ئايىغىدا جەننەت بار، ئاتا ئايىغىدا دۆلەت بار. ئاتا دۇئاسىدا باغ كۆكلەر، ئانا دۇئاسىدا ئەل كۆكلەر. چىرايلىق قىزىم بولغۇچە، ئەدەبلىك قىزىم بول. ئالىم بولماق ئاسان، ئادەم بولماق قىيىن. تەربىييە قاتتىق بولسا،   مېۋىسى تاتلىق بولار. ئەخلاقسىز بالا،   مۈڭگۈزلۈك كالا. پۇلسىز بازارغا بارماڭ، ئاشىقسىز ئويۇنغا (بارماڭ). دەي دېسەم تىلىم كۆيىدۇ. دېمەي دېسەم ئىچىم (كۆيىدۇ). جاندىن كەچكىچە جانانغا يەتكىلى بلماس. چىرايغا چاي قۇيۇپ ئىچكىلى بولماس. ئالدىرىغان جۇۋان ئېرىگە تازىم قىلار.
كەتمىنىڭنى ساپلىق قىل، قىزىڭ بولسا ياتلىق قىل. چاۋا – چاتقال ئوتۇن بولماس، كۆپ نىكاھلىق خوتۇن (بولماس). تۇغماس خوتۇننىڭ ئۆيى يوق. ئاۋۋال ئادەم بول، ئاندىن ئۆيلۈك بول قىزنىڭ سۆيگۈسى قىرىق يىل بولىدۇ. مەن كۆيەرمەن بالامغا، بالام كۆيەر بالىسىغا. بالامنىڭ بالىسى، كۆزۈمنىڭ قارىسى. ئانىنىڭ كۆڭلى بالىدا، بالىنىڭ كۆڭلى تالادا. بالاڭنى كۆر، بەختىڭنى كۆر. بالىلىق ئۆي بازار، بالىسىز ئۆي مازار. قۇشقاچقا تۆشۈك ياخشى، بالىغا بۆشۈك (ياخشى). سۈيىنى ئىچكەن كۆلگە تۈكۈرمە. ئىشچان ئىشلەپ ھارماس، ھورۇن ئۇخلاپ ھارماس. قىز تەرەپتىن خەۋەر يوق. ئوغۇل تەرەپتىن ناغرا چاپتۇ. ئىككى ئاياغ بىر ئۆتۈككە سىغماس، ئىككى سۆيگۈ بىر كۆڭۈلگە (سىغماس). ئەسكى خوتۇن ئالغىچە، بويتاق ئۆتكىن ئۆلگىچە. ئوغۇل ئاتىسىنى دورايدۇ، قىز ئانىسىنى (دورايدۇ).
كەتسەڭ كېتىۋەر يارىم، مېنىڭ نېمە پەرۋايىم. ئەسكى خوتۇنغا ئەر چىقماس، چېپىلغاق ئەرگە خوتۇن (چىقماس). قىزنى بىلەيزۈكىگە قاراپ ئالما، بىلىكىگە قاراپ ئال. قىز بالا ئەردە ياخشى، بولمىسا يەردە (ياخشى). ئىچى كۆيمىگەننىڭ، كۆڭلى سۇ ئىچمەس. مىڭ كۆيگەندىن، بىر كۆرگەن ئەلا. چىرايلىق قاراشقا ياخشى، سەت ھەمراھلىققا (ياخشى). بويتاق يىگىتنىڭ كۆزىگە، چاۋاش قېزى قىز كۆرۈنەر. ئاشىق كۈندە مىڭ قېتىم ئۆزىنى تۈزەيدۇ، دەردمەن مىڭ كۈندە بىر قېتىم ئۆزىنى تۈزەيدۇ. توينىڭ ۋاقتى — نىكاھ، قالدىسى — بىكا. ئاشىقنىڭ نۇقسانى كۆزگە كۆرۈنمەس. كۆڭۈلدە بولمىسا مېھىر – مۇھەببەت، ئەقىدە زەررىدىن نىشان تېپىلماس. ئاشقا پىچەك، نانغا تۇز، ھەر كىمنىڭ مەشۇقى ئۆزىگە ئۇز. ئىككى پۇت بىر ئۆتۈككە سىغماس. ئوغۇل دادىسىنى دورايدۇ، قىز ئانىسىنى (دورايدۇ). ئوغلۇڭ ئاشىقچىلىق قىلسا كۆككە باق، قىزىڭ ئاشىقچىلىق قىلسا يەرگە باق. يۇلغۇن چېچىكى سايدا، تاز خوتۇنغا ئەر قايدا. خېنىمنىڭ كۆڭلى تىندى، سۇ ئەكىلىدىغان قاچىسى سىندى. قىز سوراپ كېلىش ئەيىب ئەمەس، پۈتۈشەلمەي چىققان غەۋغا ئەيىب. ئەر كىشى خوتۇن كىشىنىڭ يېرىم خۇداسى. كۆلى بارنىڭ غازى بار، قىزى بارنىڭ نازى بار. بۇلبۇلسىز باغنىڭ پەيزى بولماس، مۇھەببەتسىز ھاياتنىڭ لەززىتى (بولماس). ياڭاقنىڭ سۇنغىسى كەلسە تاشقا تېگەر، قېرى خوتۇننىڭ ئۆلگىسى كەلسە ياشقا (تېگەر). كۆز كۆرمىسە، كۆڭۈل سۆيمەيدۇ.
تېيىلغىلى مۇز ياخشى، ئوينىغىلى ئۇز (ياخشى). كۆنگەن يامانمۇ، كۆيگەنمۇ؟ چىرايلىق چىرايلىق ئەمەس، كۆيگەن چىرايلىق، ياشلىقتا تۇنجى سۆيگەن چىرايلىق. بازاردا مىڭ كىشى،   كۆڭۈلدە بىر كىشى. بېشىڭنى كىم سىلىسا ماشايىخىڭ شۇ، يېنىڭدا كىم تۇرسا چىرايلىقىڭ شۇ. چاي قىزىق، تاۋۇز سوغۇق، چىشنى بۇزار، ئۆزى قېرى، خوتۇنى ياش ئىشنى بۇزار. يوقىدىن بارى ياخشى، سەت بولسىمۇ سۆيگىنى (ياخشى). قول ئىشارىسىدىن كۆز ئىشارىسى يامان. چىرايلىقنىڭ سۆيگۈچىلىكى بار، سەتنىڭ كۆيگۈچىلىكى بار. قويۇپ كېتىدىغان قىز بار، ئېلىپ قاچىدىغان جۇۋان بار. ئەر كۈنلىسە ئۆي تۈزۈلىدۇ، خوتۇن كۈنلىسە ئۆي بۇزۇلىدۇ. ئۇرۇشقاق خوتۇن تۇل قالار. كۆپ خوتۇن ئالغاننىڭ كۈنى تەس، كۆپ ئەرگە تەگكەننىڭ كۆڭلى پەس. ئېشى يارىسا قاچىسىغا قارىما، قىزى يارىسا ئانىسىغا (قارىما). سۆيمەك ئاسان، كۆيمەك تەس، كۆيمەك ئاسان، ئۆلمەك تەس. تېپىشمىغۇچە ئېلىشماس. جاپادىن قورقمىساڭ قوي قىل، چىقىمدىن قورقمىساڭ توي قىل. ئوغۇل قېرىسا قىز ئالار، قىز قېرىسا كىم ئالار؟ ئاشىققا ئېشەك تېزىكى ئاي كۆرۈنەر. دۇتتاردا بار قۇلاق ساتاردا يوق، ئۆيلەنمىگە يىگىت قاتاردا (يوق). خوتۇن ئالساڭ قىز ئال، سەتنى قويۇپ ئۇزنى ئال. مىدىرلىغان كۆتەك قېشىغا بارماڭ، تېگەي دېگەن خوتۇن قېشىغا (بارماڭ). مېيىپقا سۆز قويماڭ، غايىبقا گۈل (قويماڭ). جاھاندا يار كۆپ، ۋاپادارى ئاز.
ئوغلۇڭ بولسا خوتۇن كەممۇ؟ پالتاڭ بولسا ئوتۇن (كەممۇ)؟ ئوغۇل ئىگىسىدىن خەۋەر يوق، قىز ئېگىسى ناغرا چاپتۇ. سارىخان ئەرگە تەگسە، بارىتاخۇن ھۆمۈدەپتۇ. چىشقاق بالىغا ئىت ئەگىشەر، كۈلگەك خوتۇنغا يىگىت (ئەگىشەر). چوكاننى كۆرسىڭىز قاش ئېتىڭ، جۇۋاننى كۆرسىڭىز تاش (ئېتىڭ). باراۋەرسىزلىكتە دوستلۇق بولماس، تەڭسىزلىكتە مۇھەببەت (بولماس). خۇيى بار ئات ئېپ قاچار، ۋاپاسىز يار يەپ قاچار. چىرايلىقتا ۋاپا يوق. گۈزەل يولدا تاشلايدۇ، قاراقچى چۆلدە (تاشلايدۇ). يازنىڭ قىشى بار، قىشنىڭ يازى (بار). سەتنىڭ ھالى بار، چىرايلىقنىڭ نازى (بار). سەتنىڭ ھالى يامان، چىرايلىقنىڭ دەردى (يامان). سۆيگەن يارىم سەن بولساڭ، كۆرگەن كۈنۈم نېمە بولار؟ ئۆتمەس پىچاقنىڭ غىلتاڭ بىلەيسى، پۇچۇق قىزىمنىڭ جىرتاق كۆيۈسى. ياغاق ئاتنىڭ مايماق ئىگىرى بار، چاپاق خوتۇننىڭ جىرتاق ئېرى (بار). ئېرى تارتۇقنىڭ خوتۇنى پۇچۇق. ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز. كۆز كۆرسە كۆڭۈل تىلەپتۇ. ھەر كىشىنىڭ ئۆزىگە، گۈل كۆرۈنەر كۆزىگە. ھەر كىم ئۆزىگە چىرايلىق. كونا تامنىڭ چالمىسىدىن قورق، خوتۇن كىشىنىڭ لالمىسىدىن (قورق). قىزلىق ئۆي خان كۆۋرۈكى.
كەلگەننى ھەيدىمە، كەتكەننى قوغلاشما. ئات كىشنىشىپ تېپىشار، ئادەم سۆزلىشىپ (تېىشار). كېيىك ئىزدەپ تاغقا چىق، يارنى ئىزدەپ باغقا (چىق). قىزنى گۈل ئارىسىدىن ئىزدە، يىگىتنى ئەل ئارىسىدىن (ئىزدە). بوينىنى ئىگەلمىسەڭ قولىنى سۆي. باغلاقتا تۇرمىغان ئىت كەسكىدە تۇرار، ياخشىنى ياراتمىغان ئەسكىدە (تۇرار). ياخشى بىلەن يۈردۈڭ، يەتتىڭ مۇرادقا، يامان بىلەن يۈردۈڭ، قالدىڭ ئۇياتقا. نادان بىلەن يۈرمە، نومۇسۇڭنى تۆكمە. قوغۇن تۈگەپ باراڭ ئۆرۈلگەندە، خېنىمنىڭ مەيلى پۇلى بارغا چۈشكەندە. ئوغلۇڭنى بايدىن ئۆيلەپ، قىزىڭنى كەمبەغەلگە بەر. سوراپ ياخشىنى تاپ، كۆرۈپ قاشىنى (تاپ). ئاتىسى ئۆلگەنگە يەتتە يىل ئەگەش. ئىشىك كۆرگەننى ئالما، بۆشۈك كۆرگەننى ئال. يېقىندىن خوتۇن ئالساڭ قۇلىقىڭ تىنچىماس، يىراقتىن خوتۇن ئالساڭ ئۇلىقىڭ (تىنچىماس). يىراقتىن خوتۇن ئالما، يېقىندىن ئېشەك (ئالما). ئېشەك ئالساڭ قىممەتنى ئال، خوتۇن ئالساڭ ئەرزاننى (ئال). پۇلۇڭ يوق بازارغا بارما، مەشۇغۇڭ يوق مەشرەپكە (بارما). ئەرلىك خوتۇن شورپىلىق ئاش، تۇل خوتۇن تۇزلۇق ئۇماچ. خوتۇن كىشىنىڭ تۇللىقىدىن، ئەر كىشىنىڭ بويتاقلىقى يامان.
داۋاسىز كېسەل بولماس، ھەۋەسسىز كىشى (بولماس). مۇھەببەت ئۆلۈمنى يېڭىدۇ. دېھقاننىڭ بابرى يەرگە قانماپتۇ، جۇۋاننىڭ باغرى يەرگە (قانماپتۇ). ھەر كىمنىڭ يارى ئۆزىگە چىرايلىق. بازاردا باردۇر مىڭ كىشى، كۆڭۈلدە باردۇر بىر كىشى. ئاكاڭ كىمنى ئالسا، بەڭگەڭ شۇ. دەرەخ تۈۋى ئوتياشقا يارىماس، نادان يىگىت ئويناشقا (يارىماس). ماز دېمەي كىيىۋال، تاز دېمەي تېگىۋال. ئات ئۇرۇقلۇقتا بۇزۇلار، خوتۇن غېرىبلىقتا (بۇزۇلار). كۆڭۈلنى سېتىۋالغىلى بولماس. نارسىدە سۆيگەننى بىلمەس، نادان كۆيگەننى (بىلمەس). بېشىڭنى كىم سىيلىسا ماشايىخىڭ شۇ، يېنىڭدا كىم بولسا چىرايلىقىڭ شۇ. ئۇيقۇ كۆرپە تاللىماس، مۇھەببەت چىراي (تاللىماس). چىرايغا چاي قۇيۇپ ئىچكىلى بولماس. كۆزگە يېقىن، كۆڭۈلگە يېقىن، كۆزدىن يىراق، كۆڭۈلدىن يىراق. كۆز كۆردى، كۆڭۈل سۆيدى. لەيلىنىڭ ھۆسنىنى كۆرۈشكە مەجنۇننىڭ كۆزى كېرەك. مۇھەببەتنى بىلمەكچى بولساڭ كۆزۈمگە قارا. يېقىن بارسام تىللايدۇ، يىراق كەتسەم مارايدۇ. كۆڭۈل قاچقانغا چۈشىدۇ.
خوتۇن كىشى ئەردە ياخشى، ئەردە بولمىسا يەردە (ياخشى). تېپىشمىغىچە، ئېلىشماس. گۈلنى ئۈزسەڭ، تىكىنىدىن قورقما. سەۋزىدىن خەۋەر يوق، گۈرۈچ دەم يەپتۇ. يۇلغۇن بولسىمۇ ئوتۇن ياخشى. ساراڭ بولسىمۇ خوتۇن (ياخشى). مۈشۈكنىڭ پۇلى يوق گۆشكە ئامراق، يىگىتنىڭ پۇلى يوق، تۆشكە (ئامراق). تاللاپ – تاللاپ تازغا ئۇچراپتۇ. يار ئۈچۈن يېگەن تاياقنىڭ يارىسى يوق. ئوۋنى ئوۋلا ئوۋچى بىلەن، توينى تويلا تويچى (بىلەن). چالا موللام ئالتە پۇلغا نىكاھ قىلار، ئىناق ئەر – خوتۇننى يىراق قىلار. كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرگەن ئۆزىنى چۆلدە كۈرەر. يەر بۇزۇلسا تۈزىلەر، ئەر بۇزۇلسا ئۈزىلەر. گۈلنى سۆيگەن، تىكەننى سۆيۈپتۇ. گۈلنىڭ ئېچىلغىنى كۈلگىنى، گۈلنىڭ توزىغىنى، ئۆلگىنى. چىراغنىڭ يېغى بولمىسا كۆيمەس، يىگىتنىڭ ئىشقى بولمىسا سۆيمەس. ئېلىپ قاچقۇدەك جۇۋان بار، تاشلاپ قاچقۇدەك قىز (بار). ئالدىرماڭ يارەي، سىزگىمۇ بارەي. يىگىت قېرىسىمۇ، كۆڭلى قېرىماپتۇ. تازنىڭ كۆڭلى خانغا چۈشۈپتۇ.
ئىشقى يوق — ئېشەك، دەردى يوق — كېسەك. بۇيرۇغان ئالار، يۈگۈرگەن قالار. ئەر قەيەردە بولسا خوتۇن شۇ يەردە. ئەر تاللىغان مازغا ئۇچراپتۇ، خوتۇن تاللىغان تازغا (ئۇچراپتۇ). بەرمەس قىزنىڭ تويلۇقى ئېغىر. ئېلىشمىغىچە تېپىشماس. چېچەن خوتۇننى ئوچاق بېشىدا سىنا. خوتۇنسىز ئەر — قىرسىز يەر. قىزىنى كېپەككە ئال، ئانىسىنى ئالتۇنغا (ئال). بولۇشمايدىغان خوتۇن يامانلاشقا ئامراق. كىچىكىڭدە ئۆيلەنسەڭ قېرىغاندا سۆيۈنەرسەن. باغۋەن بولساڭ ئۈزگىن گۈلۈڭدىن، ئاشىق بولساڭ قورقما ئۆلۈمدىن. ئۆلۈمدىن قورققان ئاشىق ئەمەس. پاراڭدىن قورقماي توي قىل، ئۆلۈشتىن قورقماي قوي (قىل). كۆڭلى خۇشال ناخشىنى ئەتىگەندە ئېيتىدۇ، دەردمەن چۈشتە، ئاشىق كەچتە ئېيتىدۇ. يىگىت ئاشىق بولسا ئاسمانغا قارار، قىز ئاشىق بولسا يەرگە (قارار). ئوغلۇڭ ئاشىق بولسا كۆككە باق، قىزىڭ ئاشىق بولسا يەرگە (باق). ئاق سۆيدۈرەر، قارا كۆيدۈرەر. ئاشىققا باغدات يىراق ئەمەس. جاندىن كەچمىگىچە، جانانغا يەتكىلى بولماس. يارىمنىڭ كۆڭلىنى دەپ بويۇمدا قالدى.
سېغىنغانغا كەلمەيدۇ، سارغايغانغا ئۆلمەيدۇ. ئۆلۈك يەر تاللىماس، قېرى قىز ئەر. بالىنى بىر تاپىسەن، ئۆلگۈچە باقىسەن. لاچىن ئورنىغا سا كەلدى، بۇلبۇل ئورنىغا قاغا. بىر قوتۇر ئۆچكىنى دەپ ئالتە تېكە ئۈسۈشەر. يامان خوتۇن جانغا پىچاق. ئاتا كۆڭلى تاغدەك چوڭ، ئانا كۆڭلى دېڭىزدەك. بۇلبۇلسىز باغنىڭ پەيزى بولماس، مۇھەببەتسىز ھاياتنىڭ لەززىتى بولماس. نىكاھ ئۆمۈر سودىسى. نىكاھ غايىب، رىزىق غايىب. مەن كۆيەرمەن بالامغا، بالام كۆيەر بالىسىغا. ئوغۇل تۇغسا ئۆزىدىن كۆرەر، قىز تۇغسا خوتۇنىدىن. ئوغۇل تاغقا ئوخشايدۇ، قىز ئالمىغا. ئوغلى بارنىڭ ئۆزى بار، قىرى بارنىڭ ئىزى بار. ئۇرۇشقاق خوتۇننىڭ ئېرى تېز قېرىيدۇ. ئۆگەي ئانىنىڭ قۇشلىقىدىن، ئۆز ئانىسىنىڭ مۇشلىقىنى ياخشى. قىزىمنىڭ بالىسى قىزىلگۈل، ئوغلۇمنىڭ بالىسى ئوغرى تىكەن. ئايدا كۆرسەڭ ئايدەك، كۈندە كۆرسەڭ كۈندەك. چىراق بولسىمۇ نۇر ياخشى، سەت بولسىمۇ قىز (ياخشى). مۇھەببەتكە مەسلىھەتچىنىڭ كېرىكى يوق.
كەتمىنىڭنى ساپلىق قىل، قىزىڭ بولسا ياتلىق قىل. پەداز تويدا كېرەك، مۇھەببەت كۈندە. تاشلاپ قاچقۇدەك ئۆز بار، ئېلىپ قاچقۇدەك سەت. جاھانلىرىم جاھانلىرىم، جاھان ۋاپاسىنى سورىما. قىزى كۆڭۈلگە ئەرزىسە، ئۇنىڭ ئاتىسىنى سورىما. كونا يارنى تاشلىماڭ، يېڭى يار يالغانچىدۇر. مۇھەببەت پۇلغا سېتىلماس، كۆڭۈل پۇلغا تېپىلماس. نىكاھنىڭ مېھرى ئىسسىق. تاۋانىڭمۇ ئولىقى بار، چىرايلىقنىڭمۇ مېڭى بار. مۇھەببەتنىڭ دەسمايىسى مۇھەببەت. يىگىت سۆيسە ئالار، قىز سۆيسە قالار. كۆرۈپ يۈرگەن ئۆزىنى ئالماي، كۆرۈپ بىلگەن سەتنى ئال. قىزنىڭ سىرىنى بىلەي دېسەڭ، تەڭتۇشى بىلەن سىرداش. كۆز مىڭنى كۆرەر، كۆڭۈل بىرنى سۆيەر. توي بولغۇچە جىرلايدۇ، تويدىن كېيىن يىغلايدۇ. بىر قىزنىڭ تويى بولسا، قىرىق قىز چۈش كۆرەر.
ھېيتتا ئوتۇن ئالما، قاراڭغۇدا خوتۇن (ئالما). ھەر كىمنىڭ سۆيگىنى ئۆزىگە چىرايلىق. ھېيتتا خوتۇن ئالما، يامغۇردا ئات (ئالما). ئوتتەك قىزىپ — پوقتەك سوۋۇپتۇ. ئۇيقۇ يەر تاللىماس، قېرى قىز ئەر (تاللىماس). ئۇيقۇ يەر تاللىماس، مۇھەببەت چىراي (تاللىماس). ئۆلۈمدىن قورقمىساڭ قوي قىل، چىقىمدىن قورقمىساڭ توي (قىل). ئۆلۈمدىن قورققان ئاشىق ئەمەس. ئۈزۈككە كۆز كېرەك، قىزغا سۆز كېرەك. ئېرىم بولسا يېڭى تەگكەندەك، ئۆيۈم بولسا ھېيتتىكىدەك. ئىشىق ئوتى >پۈھ< دېگەنگە ئۆچمەس. ئىشىك كۆرگەننى ئالماي، بۆشۈك كۆرگەننى ئال. ئىشقى يوق ئېشەك، دەردى يوق كېسەك. ئىچ مايماقنى ئېلىپ قاچ، تاش مايماقنى تاشلاپ (قاچ). يارنى تاپقاندا باغرىم كاۋاب بولدى، ئېلىپ قويۇپ ھالىم خاراب بولدى. يارىمنىڭ تىللىغىنى — چىللىغىنى. يارىم مېھرى بىلەن سۆيدۈرىدۇ، ئىشقى بىلەن كۆيدۈرىدۇ. يامان خوتۇن ئالغىچە، بويتاق يۈرگىن ئۆلگىچە. يۇلغۇن چېچىكى سايدا،   تاز خوتۇنغا ئەر قايدا. كۆلى بارنىڭ غازى بار، قىزى بارنىڭ نازى بار
سانى بار ساپاسى يوق، يارى بار ۋاپاسى يوق. سۆيگىنىڭگە يۇمشىقىڭنى بەرگىچە، تۇمشۇقۇڭنى بەر. سۆيگەن يارىم سەن بولساڭ كۆرگەن كۈنۈم نېمە بولۇر. سۆيگەن كىشىنىڭ ئەيىبى كۆرۈنمەس. سۆيگەن ئوتتەك ئىسسىق، سۆيمىگەن پوقتەك سېسىق. قۇلاق كۆزدىن ئاۋۋال ئاشىق بولۇر.   قىزى بار ئۆيگە قىرىق ئات باغلىنار. قىز تەرەپتىن خەۋەر يوق، ئوغۇل تەرەپ كاكچا كاكچا — نېپىز نان يېقىپتۇ. قىزىڭنى ئالغىچە قىزىڭدىن ئۈتەي، ئالغاندىن كېيىن جېنىڭدىن (ئۆتەي). قىز بالا ئەردە بولغىنى ياخشى، ئەر بولسا، يەردە بولغىنى ياخشى. قىزلىقتىن بى خەۋەر ئوغۇللۇق ناغرا چېلىپتۇ. كۆرسە كۆزگە پايدىسى بار، سۆيسە يۈرەككە (پايدىسى بار). كۆزى كۆردى، كۆڭۈل سۆيدى. كۆرمەي تۇرۇپ ئاشىق بوپتۇ، سۆيمەي تۇرۇپ مەست (بوپتۇ). كۈندۈز ناخشا ئېيتقان دەردى بار كىشى، كېچىسى ناخشا ئېيتقان يارى بار كىشى. كۆڭۈل دېگەن پادىشاھ، كۆيۈپ قالسا تاتىشا. كەچ قالغان قاراڭغۇدىن قورقماپتۇ، ئەرگە تەگكەن قىز ھوجرىدىن (قورقماپتۇ). مۇھەببەت ئۆلۈمنى يېڭەر. نىكاھ — ئۆمۈر سودىسى. نىكاھ — غايىب. نىكاھ — ئىشى كۆڭۈل ئىشى.
ئات ئالساڭ ئاي كېڭەش، خوتۇن ئالساڭ يىل (يېڭەش). ئات ئالساڭ يېقىندىن ئال، خوتۇن ئالساڭ يىراقتىن (ئال). ئاي دېسە ئاغزى بار، كۈن دېسە كۆزى (بار). ئەخمەق ئەلچى ئىككى تەرەپنى بۇزار. ئەتىگەندە ئۆي سۈپۈرمىسە كەچكىچە پۇشايمان، ياشلىقىدا ئەرگە تەگمىسە ئۆلگىچە (پۇشايمان). ئەرنىڭ كۆڭلى ئەۋرىشىم. بەرمەس قىزنىڭ تويلۇقى ئېغىر. بەيگە ئات بىلەن ياخشى، توي يات بىلەن (ياخشى). بېشىڭنى كىم سىلىسا، ماشايىخڭ شۇ، يېنىڭدا كىم تۇرسا چىرايلىقىڭ شۇ. بىر ئاخشاملىق ئەر — خوتۇنچىلىقنىڭ مىڭ كۈنلۈك مېھرى قالىدۇ. بىرى چالما دەپ تاشلىۋەتسە، يەنە بىرى ئالما دەپ ئالىدۇ. توينىڭ بولغىنىدىن >بولىدۇ< سى قىزىق. تېپىشمىغىچە ئېلىشماس. جاھاندا مىڭ كىشى، كۆڭۈلدە بىر (كىشى). جاندىن كەچمىگىچە، جانانغا يەتمەس. چىرايلىقتا ۋاپا يوق. چىرايلىقنىڭ ئوتى يامان، سەتنىڭ ھالى (يامان). چىرايلىق  چىرايلىق ئەمەس، كۆيگەن چىرايلىق. چىرايغا چاي قۇيۇپ ئىچكىلى بولماس. خوتۇنسىز ئەر – قىرسىز يەر. خوتۇن تۇل بولسا ئەر تاپار، ئەر تۇل بولسا مال (تاپار). خېرىدارىڭ بولمىسا، زىبالىقىڭ نە كېرەك.
بېرىپ باق، تىلەپ باق. ئالسەم يېسەم بەرمىسەم،   يىراققا كەتسەم كەلمىسەم. پۇل تېپىۋالساڭ ساناپ ئال. ئالاردا ئەئۇزىبىللا، بېرەردە ئەستاغپۇرۇللا. ئالاردا ئالمان، بىرەردە بەزگەك. مېنىڭدى سېنىڭ بولدى، تىلىسەم دورا بولدى. ئېلىپنى ئوقۇپ، بەنى ئوقۇماپتۇ. ئاتاڭ بازار، ئاناڭ بازار. خېرىداردا كۆز يوق. كارۋاننىڭ يولى بىر، رىسقى مىڭ. نېسىدىن بەختىم يوق. ئۆتمەس ماتا، زرلاپ ساتا. مال تاغدا قىممەت، يېمىش باغدا (قىممەت). ئوتنىڭ ئوتقا كەتتى، سۇنىڭ سۇغا كەتتى، قالدى قېتىقنىڭ بەش پۇلى. ئەتىگەنكى مۇشتىن يانما. ئۆيدىكى گەپ بازاردىكى گەپكە توغرا كەلمەپتۇ.   ئاتىسى تۇرۇپ بالىسى سۆزلىگەندىن بەز، ئائانىسى ئازدۇرۇپ بەرگەن قىزدىن (بەز). ئاتاڭ بىلەن گەپ تالاشساڭ تەستەك يەيسەن، ئاپاڭ بىلەن گەپ تالاشساڭ سىكىلەك (يەيسەن). ئاشىق چوكانغا ئات تېزىكى ئالتۇن كۆرۈنۈپتۇ. ئاشناڭغا ئىشىنىپ ئەرسىز قالما. ئاقنىڭ سەتلىكى بىلىنمەس، قارىنىڭ چىرايلىقى (بىلىنمەس). ئانا كۆرۈپ قىز ئال، قىرغاق كۆرۈپ بۆز ئال. ئالدىرىغان قىز ئەردىن يالجىماپتۇ يالجىماپتۇ — روناق تاپماپتۇ..
ئۇستىغا قىلغان ھەش – پەشنىڭ، مانجىغا پايدىسى يوق. قەرزىنى ئېلىپ بەرمىگىنىڭنى كۆرەي، تۇغۇلۇپ ئۆلمىگىنىڭنى (كۆرەي). تۈگمەندىن چىققاننى ئال، قەرزداردىن پۈتكەننى (ئال). ئۆزۈڭدە يوق، ئالەمدە يوق. ئالماقنىڭ بەرمكى بار، چىقماقنىڭ چۈشمىكى (بار). بەرمەس قىزنىڭ تويلۇقى چوڭ. ئاغامچا پۇلى تۇرسا، كولا پۇلىنى تۇتۇپتۇ. بېرىپ يامان بولغۇچە، بەرمەي يامان بول. بەرمەسنىڭ ئېشى پىشماس، ئوچاق بېشىدىن چۈشمەس. كاۋاپمۇ كۆيمىسۇن، زىخمۇ كۆيمىسۇن. ئالدىڭ پۈتتىڭ، ساتتىڭ يۈتتىڭ. ئالدىڭ ئۇتتۇڭ، ساتتىڭ يۈتتىڭ. قوي ئالساڭ قۇلاقلىقىنى ئال، ئېشەك ئالساڭ تۇۋاقلىقلىقىنى. ئالدىغا بار كەينىگە يوق، ئاتلىققا بار، پىيادىگە يوق. سۆرەم پايدىدىن، چاققان زىيان ياخشى، زاماننىڭ ئاخىرىدا شە تالاش. ئالغاندا ياغدەك بەرگەندە داغدەك. يېڭى بايغا قەرزدار بولما، مەنسەپدارغا ئاغىنە. داۋاگەر بوش كەلسە، قازى مۇتىھەم بوپتۇ.
پۇلۇڭ بارىدا تۆگە مىڭ تەڭگە ئەرزان، پۇلۇڭ يوقىدا تۆگە بىر تەڭگە قىممەت. تاغدىن كەلگەن سەل سۈيىدىن چۆل – باياۋان ھۆل بولۇر، ئۇڭا دېھقان ئاشلىق تېرىسا باغلام – باغلام پۇل بولۇر. پۇل بېرىپ ئۆي ئالغۇچە، ئالتۇن بېرىپ قوشنا ئال. بازرنى كۆر، بەختىڭنى كۆر. تۇغۇۋالمىغۇچە بالا بولماس، سېتىۋالمىغۇچە قۇل (بولماس). يېقىندىن خوتۇن ئالما، يىراقتىن ئېشەك (ئالما). ماتا يارىمىسا ئىگەمگە، كۈزلۈكنىڭ توپىسىمۇ پۇل. ھېيتتا خوتۇن ئالماڭ، قاراڭغۇدا ئوتۇن (ئالماڭ). ئاغامچىنىڭ پۇلى تۇرۇقلۇق، كۇلىنىڭ پۇلىنى تۇتقىنى نېمىسى؟ گۆش ئالساڭ قوي گۆشى ئال سۆڭەك بولسىمۇ،   ئوتۇن ئالساڭ ئۆرۈك ئوتۇنى ئال كۆتەك (بولسىمۇ). خوتۇن ئالساڭ قىز ئال دېدەك بولسىمۇ، ئۇن ئالساڭ بۇغداي ئۇنى ئال كېپەك بولسىمۇ، دۈمبە كۆرسىتىپ، ئۆپكە سېىپتۇ. بېخىل پۇلغا تويماس، سېنتنى كۆزگە ئىلماس. ئالتۇن ئېلىپ زىيان تارتقۇچە، چۆيۈن ئېلىپ پايدا تاپ. پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا، پۇل بولمىسا بازاردا توۋا. ئەرزان گۆشنىڭ شورپىسى يوق، نامرات بەگنىڭ دوغىسى (يوق).
ئۆتمىگەن تىزىدىن، چۆنەكنىڭ پىيىزى ياخشى. پۇل پۇلنى تاپىدۇ. چىقماقنىڭ چۈشمىكى بار، ئالماقنىڭ بەرمىكى (بار). دۇنيا پۇلدا چۆگىلەيدۇ، تۈگمەن سۇدا چۆگىلەيدۇ. بولسا بولار، بولمىسا ئىز پۇلى (بولار). كاۋا پۇل ئەمەس، باراڭ پۇل. بېخىل بايدىن پۇل ئالماق، پېتىر ناندىن قىل ئالماق. ئېشىكى ئۈچ تەڭگە، توقۇمى بەش تەڭگە. ئابروينى ئالتۇنغا ئال، جاننى كېپەككە سات. قازانچىدىن چۆيۈن ئالساڭ، داڭقان چىقىپتۇ. قىز ئالساڭ ئەمچەككە باق، رەخ ئالساڭ تېگىگە باق. قاشتېشى سايدا تولا، تېپىپ ساتسا پۇل بولا. مالنى ساتساڭ نەخ سات، راست گېپىڭنى دەپ سات. ئاش ساتساڭ يىرىك سات، مال ساتساڭ تىرىك سات. قويۇڭنى قىرقىپ ساتساڭ تاۋار، قويۇڭنى قىرقىماي ساتساڭ چاۋار. مالدىن زېرىكمەڭ، خېرىدارغا تېرىكمەڭ. قوينى كېپەككە ئال، قويچىنى ئالتۇنغا (ئال). پۇلنى پۇل قىلغانمۇ سودا، بىرنى ئون قىلغانمۇ سودا.
سۇ سايغا ئاقىدۇ، پۇل بايغا (ئاقىدۇ). قەھەتچىلىك بولسا، ساتقۇچىدا ئىنساب بولماس، ئەرزانچىلىق بولسا، ئالغۇچىدە ئىنساب قالماس. كاۋاب كۆيمىسۇن، زىخمۇ كۆيمىسۇن. كىشىدىكى پۇل، چۈشىدىكى پۇل. مەن بىلمەيدىغان بازار ئەمەس، پۇل بەرمىگىچە نان بەرمەس. مىڭ سەرنى يوقاتقان بىر سەر. نېسى يېمەڭ گۆشنى، يېرىپ چىقىدۇ تۆشنى. نېسى ساتقاننىڭ ھالى خاراب، قالىدۇ قۇرۇق ئاسمانغا قاراپ. نېسىدىن نەق ياخشى. ئۆتمەس ماتا – زورلاپ ساتا. ئېلىپ باقتىم، سېتىپ باقتىم، ھەممە ئىشنى قىلىپ (باقتىم). ئېشىكى بىر تەڭگە، توقۇمى ئون تەڭگە. يانغان مالدا بەرىكەت يوق، بەرىكەت يوققا ھەرىكەت (يوق). ئۆيدە قىلغان گەپ بازارغا توغرا كەلمەپتۇ. قىممىتى يوق مال بولماس. سودىنىڭ نېسىسىدىن قاچ، كېسەلنىڭ پىسىسىدىن (قاچ). بېرەرمەننىڭ بېشىنى، ئالارمەن ئوغۇرلاپتۇ. يازدا يېتىشقا كات ياخشى، سودا – سېتىققا يات (ياخشى). ماتاڭچى قىشنى تىلەر، دوغاپچى يازنى (تىلەر). ئۆتمەس ماتا، داڭلاپ ساتا.   كىمكى سۈتكە سۇ قاتار، ۋارقىراپ، توۋلاپ ساتار.
پۇل دۈشمەننى دوست قىلار، دوستنى دۈشمەن (قىلار). پۇلى بارغا بازا، پۇلى يوققا جازا. پۇلنىڭ تىلى يوق، پۇل – پىشىق تاماق. پۇل تېپىۋالساڭ سانىۋال. پۇلۇڭنىڭ كەتكىنىگە قارىما، ئىشىڭنىڭ پۈتكىنىگە قارا. پۇل تاپقىچە، ھېساب تاپ. تاپقىنىم پاڭ، قۇلىقىم ساق. تۇغۇلۇپ ئۆلمىگىنىڭنى كۆرەي،   قەرزدار بولۇپ بەرمىگىنىڭنى (كۆرەي). تۆگە تالغا تويماس، سودىگەر مالغا (تويماس). جۇچەنگە جۇچەن — توققۇز مىڭ. ئۇنىماي، باچەنگە باچەن — سەككىز مىڭ. ئۇناپتۇ. جېنىم پۇلۇم، خېنىم پۇلۇم، ماڭا تېخىمۇ يېقىن تۇرۇڭ. جىڭنىڭ گۆشى — جىننىڭ گۆشى. دۇئا تىلاۋەت مازاردا ياخشى، سودا – سېتىق بازاردا (ياخشى). زىيان ئاچچىق، پايدا تاتلىق. سودىدا دوست يوق. سودىگەرنىڭ جېنى پۇل، خوتۇنى تۇل. سودىگەر بازارغا ئامراق، سوپى مازارغا (ئامراق). سۇنىڭ پۇلى سۇغا كەتتى، قالدى قېقىنىڭ پۇلى.
ئاتاڭمۇ بازار ئاناڭمۇ بازار، بازارسىز كۈن قۇرۇق مازار. ئال دېگەن مالدا پايدا بار. ئالا قاغىدا ئېلىشىڭ بولسا، بىر كۈنى پۈتەر. ئالماقتىن بەرمەك ئەلا. ئالغىچە ئالمان، بەرگىچە بەزگەك. ئالغىچە ياپىر،   بەرگىچە كاپىر. ئالغۇچى — ئارسلان، بەرگۈچى — چاچقان. ئالدىڭ – پۈتتۈڭ، ساتتىڭ – ئۈتتۈڭ. ئادەم بالىسى بولسا دۇكانسىز، ئاخىرى قالار ماكانسىز. ئالىمەن دەپ قوشلاپ بېرىپتۇ. ئالماققا بار، ساتماققا يوق. ئالتىغا ئېلىپ بەشكە سات، نېمىڭ چىقسۇن سودىگەر. بازارنى بازار قىلغان باققال، ئەرنى – ئەر قىلغان ساقال. بازار چاققاننىڭ. باققالنىڭ ئالدى ياخشى، قاسساپنىڭ كەينى (ياخشى). بەختىڭنى بازاردىن كۆر، بازاردىن كۆرمىسەڭ مازاردىن (كۆر). بەرگەن خۇداغا يېقىن، بەرمىگەن گۇناھقا (يېقىن). بەرگەن ئالغانغا يېقىپتۇ، بەرمىگەن دەريادا ئېقىپتۇ. بولسا بولار، بولمىسا ئىز پۇلى (بولار). بېرىپ يامان بولغىچە، بەرمەي يامان بول. بېرەرمەننىڭ بېشىنى، ئالارمەن ئوڭلاپتۇ. پايدا بىلەن زىيان بىر تۇغقان. پۇل دېگەن قولنىڭ كىرى.
ئاچ كېكىرەر، توق ئۇسۇرار. قورساق توق، كۆڭۈل شوخ. بوش تاغار ئۆرە تۇرماس. ياخشى تاماق ئېشىپ قالغۇچە، يامان قورساق يېرىلىپ كەتسۇن. كونىنىڭ چىرايلىقى يوق، يېڭىنىڭ سەتى (يوق). ئۇماچ ئىچتىم توق، ئورنۇمدىن قوپسام يوق. ئۇن ھەر ئۆيدە، نان بىر ئۆيدە. ئاز يېگەن كۆپ يەر. پوخقا، سوغۇققا، قورساققا ئاۋۇي يوق. ئايدا يېگەن توق بولۇر، كۈندە يېگەن ئاچ (بولۇر). مۈشۈكۈمنىڭ پۇلى يوق گۆشكە ئامراق، ئايلىكامنىڭ چىشى يوق تۆشكە (ئامراق). بەرسەم يېمەيسىز، تام تۆشۈكىدىن قارايسىز. سەھەر قىلساڭ ناشتا، كېسەل تۇرماس باشتا. گېلىڭغا نان تۇرۇپ قالسا سۇغا يۈگۈر، سۇ تۇرۇپ قالسا گۆرگە (يۈگۈر). تېشى پال – پال، ئىچى غال – غال. تېشى ھاي، ھاي، ئىچى قوي – قوي. نوچىلىقى بىر پۇل بولۇپتۇ. ئېشىكى ئۈچ تەڭگە، توقۇمى بەش تەڭگە. ئېشىكىدىن توقۇمى يوغان.   ئاتنى ساتساڭ يۈگەننى قالدۇر.
بىسمىللادىن بايان تاپتىم، بىر چىنە ئۇماچنى ئاران تاپتىم. يېقىن كېلىڭ تۇمشۇقۇم، كەملەپ ئېلىڭ قوشۇقۇم. پۇتى كىچىك چاققاننى كىيەر، پۇتى يوغان تاپقاننى (كىيەر). بوش تاغار ئۆرە تۇرماس. كۈچۈڭنىڭ بارىدا پۇل تاپ، چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە. نېمە ئەتسەڭ شۇنى ئەت، گالدىن ئۆتكەن غەنىمەت. ئېغىزىمغا كەلدى دەپ دەۋەرمە، ئالدىمغا كەلدى دەپ يەۋەرمە. ياماننىڭ ئارتۇقى يېرىم قوشۇق. يوققا كايىما، بارنى ئايىما. ئاۋۋال تائام ئاندىن كالام. ئاش كەلسە ئىمان قېچىپتۇ. گۆش يېمىسەڭ چۈشۈڭگە كىرىدۇ، يېسەڭ چىشىڭغا كىرىدۇ. پولۇ قورقۇشتىن، شورپا سورۇشتىن. چۆپ چۆرۈلسە پىشار، ئۈگرە ئۆرۈلسە (پىشار). قارنى يامان ھېيتتا ئۆلەر. شالتاقنى يە، كۆتۈرمە. ياتار قورساق، كېتەر قورساق. ياغ يەپ يالىڭاچ يات. يېگەننىڭ يىلى بار، كونا جۇۋاننىڭ ئېرى (بار). يەپ تۇر، بەك تۇر. قورساق دېگەن شىرە، يېسە كىرىۋىرە. تار كىيىم تارتىشىپ يىرتىلار، كەڭ كىيىم كېڭىشىپ (يىرتىلار). تولا يېگەن بۆرىنىڭ قوڭى كاۋاك. يېمىگەننىڭ چىشىغا تاش.
ئاش كەلسە ئىچىڭ، ئىش كەلسە قېچىڭ. ئاچ بولساڭ تۆرگە يۈگۈر، تالادا بولساڭ ئۆيگە يۈگۈر. بوينى تۆگىدىن سوراڭ، ساقالنى تېكىدىن (سوراڭ). ئادەم سەتى ئەمەس، ئىگىن سەتى. كالا گۆشسىز مانتۇ ئوخشىماس، مانتۇغا قوي گۆشى توشىماس. ئېشىكىدىن توقۇمى چوڭ. قاپاقمۇ لازىم، باراڭمۇ لازىم. خىنىمنىڭ قېشىغا باقماي،   چىنىسىنىڭ تېشىغا باق. خىنىمنىڭ قېشىغا باقماي، ئەتكەن ئېشىغا باق. ئاناڭنى، داداڭغا پەردازسىز كۆرسەتمە. مەقسەت يېمەك – ئىچمەكتە ئەمەس، قورساق تويغۇزۇشتا. قارنى يامان تويغىنىنى بىلمەس، بېخىل كىشى بېيىغىنىنى (بىلمەس). ئاچنىڭ كۆزى ئاشتا، تازنىڭ كۆزى چاشتا. ساقال دېگەن تۈك، سەللە دېگەن يۈك. زاغرا دېگەن زەردىسىنى قاينىتار، بىردەم بولمىسا كۆزىنى ئوينىتار. كېلىپتۇر كېتىپتۇر جاھاننىڭ ئىشى، قورساقنى تويغۇزغان قوناقنىڭ ئېشى.
ئۇلا گۆشى سوغۇق، ئۆچكە گۆشى قوقاق. مەي پەيدا قىلر مەستلىك، مەستلىكتىن چىقار پەرسلىك، مەينىڭ ئاشىقى بولساڭ سېنى باسار نەسلىك. يېتىمنىڭ كۆڭلى سۇنۇقتۇر، كىيگەن ئەڭنى يۇتۇقتۇر. ئادەمنىڭ قىممىتى سۆز بىلەن، تائامنىڭ قىممىتى تۇز بىلەن. گېپى يۇمشاق گۆش يەر، گېپى سوغۇق مۇشت يەر. ئۆردەكنىڭ گۆشىنى يېسەڭ، غازنىڭ پېيىدا بول. ئالدامچى دۆتكە ئامراق، قەلەندەر مۇتقا ئامراق. گۈلۈڭ بولسا گۈلۈڭنى قىس، گۈلۈڭ بولمىسا قوڭۇڭنى قىس. يېگەن ئىچكەندەك، سوقا سەندەلدەك. ئېرىم تەگكەندىكىدەك ئەمەس، ئۆيۈم ھېيتتىكىدەك ئەمەس. ئاش قەدرىنى بىلمىسەڭ، ئاچلىق بەرسۇن جاجاڭنى. ئات ئايىغان ئات مىنەر، كىيىم ئايىغان تون كىيەر. موللىنىڭ قانى بوشتۇر،   بېلى ھەمىشە بوشتۇر. يېتىمنىڭ يېڭى قىسقا. ئاشنىڭ قەدرىنىئاچ بىلەر، ئانىنىڭ قەدرىنى يېتىم بىلەر. يېتىم قاغىنىڭ ئاغزى يوغان، ئۆگەي ئانىنىڭ قارنى يوغان. قازان قاينىغاندا چۆپنى تاشلا، ساقالغا ئاق كىرگەندە ھاراقنى (تاشلا). كەپتەرۋاز ئاسمانغا باقار. تەمى ئاچچىق تۇز، تائامغا تەم كىرگۈزەر. دىۋانىنىڭ خالتىسى تولماس، ئاچ كۆزنىڭ كۆزى تويماس، ئاتا تويغانغا بالا تويماس. ئۆزۈڭدە يوق، ئالەمدە يوق. ئاچ قورساققا پىياز يە. تىلىگەن نانغا قورساق تويماس. كانايغا يوق يەردە، سۇنايغا ياغ نەدە؟ بەردىڭ، پۈتتۈڭ، ئالدىڭ، ئۇتتۇڭ. تار يەردە گۆش يېگۈچە، كەڭرى يەردە مۇش يە. تاماق تەم بىلەن، كۆڭۈل ئىشقى بىلەن. ياغ يەپ يالىڭاچ يات. >يوق< دېسە يېتىپ يەڭ، >لاي< دېسە سۈزۈپ ئىچىڭ.
1. ﯪﺕ ﺗﺎﭘﻘﯘﭼﻪﺋﯩﺸﻪﻙ ﻣﯩﻦ . 2. ﻗﯘﺭﯗﻕ ﮔﻪﭖ ﺋﯩﺸﻪﻛﻜﻪ ﻳﯜﻙ. 3. ﺋﯩﺸﻪﻙ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺗﻘﺎﻥ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﭘﺎﺗﻤﺎﻳﺪﯗ. 4. ﺋﯩﺸﯩﻜﻰ ﻳﻮﻕ ﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﯩﻘﻰ ﺗﯩﻨﭻ. 5. ﯪﺩﻩﻡ ﻛﯚﭖ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﺸﻪﻙ ﻫﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﭘﺘﯘ. 6. ﺋﯩﺸﻪﻙﺋﯩﺸﻪﻛﺘﯩﻦ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﻪﺱ. 7. ﻫﻮﺭﯗﻥﺋﯩﺸﻪﻙ ﻳﯜﻛﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﻩﺭ . 8. ﺋﯩﺸﻪﻙ ﯲﻟﻪﯞﺍﺗﺴﺎ، ﻗﻮﯕﻰ ﻏﯩﺠﻪﻙ ﺗﺎﺭﺗﯩﭙﺘﯘ. 9. ﺳﻪﻫﺮﺍﺩﺍ ﻫﺎﯕﺮﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻪﻙ ﺷﻪﻫﻪﺭﺩﻩ ﻫﺎﯕﺮﯨﻴﺎﻟﻤﺎﭘﺘﯘ. 10. ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻣﯩﻨﮕﻪﻥ ﺋﯩﺸﻪﻛﻨﻰ ﯬﺗﻪ ﻣﯩﻨﮕﯩﻠﻰ ﻻﺯﯨﻢ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
قول بىلەن قايماق يېسەڭ قۇستۇرار، يۈگەنسىز ئاتنى مىنسەڭ ئۇچۇرار. قوغۇن بار ئۆيدە ئىككى چارەك نانغا پايدا، قېتىق بار ئۆيدە ئىككى چارەك نانغا زىيان. قولى ئوچۇقنىڭ قوڭى ئوچۇق، كۆڭلى ئوچۇقنىڭ يولى ئوچۇق. گەپ يۈزدە ياخشى، ئۇسسۇل تۈزدە (ياخشى). سەۋزىدىن خەۋەر يوق، گۈرۈچ دەم يەپتۇ. چاشقان يىغار، پاقا يەر. قىزغانچۇقنىڭ گەردىنى چۇقۇ، پاھىشىۋازنىڭ مەيدىسى چۇپۇ. يېتىپ يېسەڭ، تاغمۇ توشۇماس. ئېسىللىكتە كېمى يوق، سۇ ئىچكىلى جېمى (يوق). كۈندۈزى يول ماڭغان چاشقاننىڭ ئۆمرى قىسقا، كېچىسى يول ماڭغان ئادەمنىڭ ئۆمرى قىسقا. باي بولغاندا گىردە ياخشى، ئاچ قالغاندا جىگدە ياخشى. بۇغداي پاتماس گېلىمغا، ئات كاللىسى گۈلدۈر – گۈپ. ئەتىگە قىلساڭ ناشتا، سەپرا توىتىماس باشتا. گالغا نان تۇرسا سۇغا يۈگۈر، گالغا سۇ تۈرسا گۆرگە يۈگۈر. ياشلىقىڭدا گۆشنى كۆر، قېرىغاندا يۈكنى كۆر. موللامنىڭ بىسمىللاسىدا چىشى تاشقا تېگىپتۇ. تولا يېگەن بۆرىنىڭ قوڭى كاۋاك. تاپىدىن ئۆلۈم ياخشى. مۇت، زەھەر بولسىمۇ يۇت. خۇدايىم بەرسە، خۇداۋەندىكام بەرمەپتۇ. باي بولاي دېسەڭ مال قىل، ئۆي سالاي دېسەڭ پۇل قىل. باشقىلارنىڭ ئۆيىدىكى بەتتە پولۇدىن، ئۆز ئۆيۈڭدىكى ئۇماچ ياخشى. پاسا باسمىغان قۇرۇق گەپتىن، يانچۇقتىكى قوماچ ياخشى. تويغان يەردە توققۇز كۈن يېتىپتۇ. نەپسى يامان بالانى يەر. سىيگەككە سۇيقاش باھانە. بارماقنىڭ يولى ئۇلۇغ، داستىخاننىڭ يۈزى (ئۇلۇغ). ئىچىملىك بالا ئەمەس، ئىچىملىككە بېرىلىش بالا. ئېشەكنىڭ ئەسكىسى سۈر، سالپاڭ قۇلاق – ھاغاق. كۈيئوغۇلنىڭ ئەسكىسى قېيىن ئاتىنىڭكىگە باغاق. تويدىن كېيىن ناغرا، ئاشتىن كېيىن زاغرا. ئىشچان ئېشىنى يەر، ھورۇن بېشىنى يەر. ئۇيان – بۇيان بارۇرسىز، چاقا ئىگىرىپ ھارۇرسىز. تۇز بەرسەم تۇزلۇقۇمنى چاقتى، رەھىم قىلسام كۆتۈمگە تەپتى. ئېكسكۇرسىيە گالدا، باھالاش – زالدا. مېھنەتسىز يېگەن ئاش، تۇيۇقسىز يېگەن تاش. چاچلىق خوتۇندىن تازنىڭ تاغىقى كۆپ.
نەپسى يامان نەپكە دۈم چۈشەر، غەيۋەتخور گەپكە دۈم چۈشەر. ئۇزنىڭ دەردى يامان، سەتنىڭ ھالى (يامان). ھەرىكەت قىلىپ يېگەن تاماق تەنگە قۇۋۋەت، ھەرىكەت قىلماي يېگەن تاماق غەمگە قۇۋۋەت. جىڭموما ھوردا ئوخشايدۇ، گەپ پوردا (ئوخشايدۇ). ئۆزىمۇ يېمەس، كىشىگىمۇ بەرمەس، سېسىپ كېتەر كېرەككە كەلمەس. ئۇننى بۇزغان كۆمەچ ئېتەر، قىزنى بۇزغان جۇۋان ئېتەر. ئىت سۆڭەك يېسە، قوڭى بىلەن كېڭىشىپ يەر. ئېلىڭ دېسە ئەرشكە يېتەر قولى، بېرىڭ دېسە يىڭىدىن چىقماس قولى. ئىللا – بىللا ئەلىيۇل ئەزىم، ھەممىنى يەپ بولماڭ يەنىمۇ لازىم. تۆۋە گۇناھنى يەر، سەدىقە بالانى. مېلى بارنىڭ مېلىغا، مېلى يوقنىڭ جېنىغا. نامرات چاغدا يوبدان ئىچكەن، بېيىغاندا ئۇماچ ئىچەر. تۈگمەنگە بارساڭ قوشناڭغا دېمەك، بازارغا بارساڭ خوتۇنىڭغا دېمە. بارىنى ئايىماڭ، يوققا كايىماڭ. گالدىن ئۆتكىنى غەنىمەت. گەپنىڭ ياخشىسى >خۇدايا توۋا<،   غىزانىڭ ياخشىسى قىيما شورپا. تويمىساڭ تويۇڭدا تويارسان. ساق چاغدا يەي دېسەم شەيتان قويمىدى، كېسەل چاغدا يەي دېسەم تېۋىپ قويمىدى. بەز يېمەيدىغان مۈشۈك يوق. ئالدىراپ غورا يېمەڭ، پۈتۈن چىقار. غەلۋىنى ئوسۇرۇقتا باس. توپىلاڭدىن توغاچ ئوغۇرلاپتۇ.
ھالىڭغا بېقىپ ھال تارت، خالتاڭغا بېقىپ ئۇن تارت. ناننى يېگىن سۇغا چىلاپ، ئىشنى قىلغىن بۇقىچىلاپ. تەڭ يېگەن تەنگە سىڭەر، يالغۇز يېگەن يەرگە سىڭەر. كۆزۈڭ ئاغرىسا قولۇڭنى يىغ، چىشىڭ ئاغرىسا تىلىڭنى يىغ. ئۆز ئۆيۈمنىڭ خوشلۇقى، پۇت – قولۇمنىڭ بوشلۇقى. چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە، كۆزۈڭنىڭ بارىدا شە كۆر. بىكار گەپتىن جىگدە ياخشى، ئارپا ناندىن گىردە ياخشى. ئارپا نېنى يەللىك، ئۇساتىدۇ ئەللىك. بۇغداي تېرىماي ئاق نان يەپتۇ، قوي باقماي پاقلان (يەپتۇ). ئەرزان گۆشنىڭ شورپىسى يوق، نامرات بەگنىڭ دورغىسى يوق. ئۈزۈمنى يە، ساپىقىنى سورىما. ھالۋىنى جىق يېسە پوق تېتىيدۇ. بۇغداينىڭ ياغقا ئامراق، قوناقنىڭ قېتىققا، سېمىز كالا سۇغا ئامراق، ئورۇق كالا پېتىققا. ئىتتىك ماڭسام >غولدۇر – غۇلاپ< دەلا، ئاستا ماڭسام >پىسىي پوق< دەلا. يوغان تاۋاقتا ئاش كەلدى دەپ كۆڭلۈم سۆيۈندى، بىر قوشۇق ئىچسەم ئۇلى كۆرۈندى. كۆپ سۆزلىگەن كۆپ يېڭىلار.

چوققىلاش
(0)
100%
دەسسەش
(0)
100%

يازما يارىغان بولسا ئىنكاس يىزىپ ئىلانلارنى چىكىپ قويۇڭ، بۇ قوللىشىڭىز كىيىنكى قىتىملىق نادىر يازمىنىڭ يوللىنىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن، ئۆز ئارا قوللىغاندىلا تەرەققى قىلغىلى بولىدۇ!!.

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى

ئىسمىڭىز *


/ تېزلەتمە كۇنۇپكا: Ctrl+Enter