ئالما شىركىتىنىڭ روھىي تۆۋرۈكى سىتىف جوبىسنىڭ تەرجىمىھالى

ۋاقتى: 2012-05-26 / تۈرى: چولپانلار / كۆرۈلۈشى: / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

ئلما شىركىتى 5-ئۆكتەبىر باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى سىتىف جوبىسنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى جاكارلاپ شىركەت تورىدا مۇسىبەت خەۋىرىنى ئېلان قىلدى. دۇنيا پەن تېخنىكا ساھەسىدىكى رىۋايەت تۈسىدىكى بۇ كىشى 56 يېشىدا بۇ دۇنيادىن ئايرىلدى.

سىتىف جوبىس 1955-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى تۇغۇلغان. 1972-يىلى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئورىگان شىتاتىنىڭ پورتلاند شەھىرىدىكى رىد ئىنىستىتۇتىدا بىر مەۋسۈملا ئوقۇغان. 1974-يىلى جوبىس بىر شىركەتتە كومپىيوتىر ئويۇنىنى لايىھىلەش خىزمىتىنى قىلغان. ئىككى يىلدىن كېيىن 21 ياشلىق جوبىس بىلەن 26 ياشلىق ۋوزنىك جوبىس ئائىلىسىنىڭ ماشىنا ئىسكىلاتىدا ئالما كومپىيوتېر شىركىتىنى قۇرغان. جوبىس-كىشىلەر تەرىپىدىن كومپىيوتېر ۋە كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدىكى نامايەندە، شۇنداقلا ماكىنتوش كومپىيوتىرى، ئايپەد، ئايپود، ئايتيۇنىس ستور، ئايفون قاتارلىق داڭلىق سېفىرلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ياراتقۇچىسى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.

جوبىس يەنە پىكسار شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى بولغان، پىكسار شىركىتى 2006-يىلى دىسنىي شىركىتى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان. جوبىس ئەڭ كۆپ سېتىلغان كارتون فىلىم «ئويۇنچۇقلار ھەرىكىتى» بىلەن «قۇرۇتلار كىرىزىسى» نىڭ فىلىمنى ئىشلىگەن بۇ شىركەتنىڭ مۇدىرىيىتىنىڭ ئەزاسى شۇنداقلا ئەڭ چوڭ پايچېكى بولغان. جوبىسنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىغا كەلسەك، ھازىرغىچە ئېنىق بىر مەلۇمات يوق. پەقەت ئۇنىڭ بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىقى ئېنىق، بىراق جوبىس ئۆزىنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىنى مەخپىي تۇتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇ ئاشكارە سورۇنلاردا تولىمۇ ئورۇقلاپ كەتكەندەك كۆرۈنسىمۇ، باشقىلارنىڭ ئۇنىڭ راك كېسىلىنىڭ قايتا قوزغالغالدى دەپ قاراپ شىركەتتىن پايچېكىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۆزىنىڭ سالامەتلىكى توغرىسىدا ھېچنىمە دېمىگەن. پەقەت 2008-يىلى 9-ئايدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مېنىڭ ئۆلۈمۈمگە ئالاقىدار خەۋەرلەر بەك ئېشىپ كەتتىمۇ قانداق دېگەن. 2009-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى، جوبىس شىركەتتىكى ھەربىر خىزمەتچى خادىمغا خەت ئەۋەتىپ، ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئويلىغاندىنمۇ بەك ناچارلاشقانلىقىنى، شىركەتتىن ۋاقىتلىق ئايرىلىپ داۋالانماقچى بولغانلىقىنى ھەمدە يازدا خىزمەتداشلىرى بىلەن قايتا ئۇچرىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ خەۋەر تارقىلىشى بىلەن ئالما شىركىتىنىڭ پايچېكى شۇ كۈنىلا %10 چۈشۈپ كەتكەن. 2009-يىلى 4-ئايدا، جوبىس تېننېسسى شىتاتىدىكى مېسودىس ئەزالارنى كۆچۈرۈش تەتقىقات ئورنىدا جىگىرىنى يۆتكەش ئوپىراتسىيىسى قىلدى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، يەنە ئىشقا چۈشكەن. 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى ئالما شىركىتى جوبىسنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن ئالتە ئايغا يېقىن دەم ئالغاندىن كېيىن قايتىدىن خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى جاكارلىغان. 2009-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى جوبىس ئالما شىركىتىنىڭ 2009-يىللىق كۈزلۈك يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشقان. بۇ جوبىسنىڭ داۋالاشتىن كېيىنكى تۇنجى قېتىم شىركەتنىڭ مۇھىم پائالىيىتىگە چىقىشى ھېسابلىنىدۇ.

2011-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى 56 ياشلىق سىتىف جوبىس ئىلخەت ئارقىلىق شىركەتتىكى خادىملارغا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان خەۋەرنى ئېلان قىلغان يەنى مۇدىرىيەتنىڭ ئۇنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن سورىغان رۇخسىتىنى تەستىقلىغانلىقىنى، باش تىجارەت ئەمەلدارى تىم كۇكنىڭ ئالما شىركىتىنىڭ بارلىق كۈندىلىك تىجارىتىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان، بۇ جوبىسنىڭ 2009-يىلى 1-ئايدىن بۇيانقى ئىككىنچى قېتىم باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشى. 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى ئالما شىركىتى جوبىسنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان.

ئۇنىڭ ھاياتىدا ئېرىشكەن شان شەرەپلىرىگە قاراپ باقايلى

1985-يىلى جوبىس زۇڭتۇڭ رىگان بەرگەن دۆلەت دەرىجىلىك تېخنىكا ئوردىنىغا ئېرىشكەن.

1997-يىلى «دەۋر» ژۇرنىلىرىنىڭ باش بېتىگە چىققان، شۇيىلى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان باشقۇرغۇچى، داڭلىق كومپىيوتېر سەۋدايىسى دەپ باھالانغان.

2007-يىلى سىتىف جوبىس «بايلىق» ژۇرنىلى تەرىپىدىن 2007-يىلىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ سودىگەر دەپ باھالانغان.

2009-يىلى بايلىق ژۇرنىلى تەرىپىدىن ئون يىل جەريانىدىكى ئامېرىكىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى دەپ باھالانغان، شۇ يىلى يەنە دەۋر ژۇرنىلىىدىكى يىللىق داڭلىق شەخس بولۇپ باھالانغان

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif