چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئىلىشتىكى تەدبىر

ۋاقتى: 3 كۈن ئاۋال ساغلاملىق  ئىنكاس (2)


1. چاچقا نىلون تارغاق ۋە تىلون چوتكا ئىشلەتمەسلىك كېرەك. چۈنكى نىلون تارغاق ياكى چوتكا باش تېرىسىگە قارىتا يامان تەسىر پەيدا قىلىدۇ. 



2. مايسىزلاندۇرۇشى كۈچلۈك بولغان چاچ سوپۇنلىرىنى ئىشلەتمەسلىك لازىم. چۈنكى بۇ خىل چاچ سوپۇنلىرى چاچنى بەكلا قۇرغاقلاشتۇرۇپلا قالماستىن، باش تېرىسىنىمۇ نىكروزلاشتۇرۇۋېتىدۇ. 


3. چاچ قۇرۇتقۇنى كۆپ ئىشلەتمسەلىك كېرەك. چاچ قۇرۇتقۇنىڭ چاچ بىلەن بولغان ئارىلىقى 20سانتىمېتىر بولۇشى، ئىشلىتىش ۋاقتى ئۈچ مىنۇتتىن ئىشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، بولمىسا چاچتىكى ئاقسىل ماددىسى قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان ئېلمېنتلار زىيانغا ئۇچرايدۇ. 


4. چاچ يۇيۇش ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بىرىش لازىم. ئىككى قىتىملىق چاچ يۇيۇش ئارلىقى ئىككى كۈندىن بەش كۈنگىچە بولۇش، چاچ يۇغاندا باش تېرىسىنى ئۇۋلاشقا، قان ئايلىنىشنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەھمىيەت بىرىش لازىم. 


5. ۋاقتىدا ئۇخلاش، كېچىدە تاماكا چەكمەسلىك لازىم. 



6. ھاراق ۋە باشقا ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەردىن ئۆزىنى تارتىش لازىم. 



7. روھىي چۈشكۈنلۈك ۋە ئارتۇقچە ئازابتىن خالى بولۇش، كۆپرەك سەيلە- ساياھەت قىلىش، يېنىك گىمناستىكا ئويناپ تۇرۇش لازىم. 


8. قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش لازىم. چۈنكى، قەۋزىيەت قان سۇيۇقلۇقىنى بۇلغاپ، چاچنىڭ سۈپىتىنى بۇزىدۇ، چاچ چۈشۈشنى پەيدا قىلىدۇ. 


9. ھاۋا تەڭشەشكە دىققەت قىلىش لازىم. چۈنكى چاچنىڭ مۇۋاپىق ھاۋاغا ئېرىشەلمەسلىكى چاچ ئاقىرىش ۋە چۈشۈشنى پەيدا قىلىدۇ. 



10. باش كىيىملەرنىڭ ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا چاچنىڭ كۆتەك مۇسكۇللىرى بۇزۇلۇپ، چاچ چۈشۈش پەيدا بولىدۇ.

چوققىلاش
(3)
100%
دەسسەش
(0)
0%

يازما يارىغان بولسا ئىنكاس يىزىپ ئىلانلارنى چىكىپ قويۇڭ، بۇ قوللىشىڭىز كىيىنكى قىتىملىق نادىر يازمىنىڭ يوللىنىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن، ئۆز ئارا قوللىغاندىلا تەرەققى قىلغىلى بولىدۇ!!.

« چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئىلىشتىكى تەدبىر » غا 2 پارچە ئىنكاس يېزىلدى

  1. سەھرايىم : 2012年06月02日15:09 回复

    بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك بەلەن يازمىلاركەن .

    قوللاش ياكى چۆكتۈرۈش Thumb up 1 Thumb down 0

  2. kaliptax : 2012年06月03日08:17 回复

    راسما

    قوللاش ياكى چۆكتۈرۈش Thumb up 0 Thumb down 0

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى

ئىسمىڭىز *


/ تېزلەتمە كۇنۇپكا: Ctrl+Enter