ئالما iPone نىڭ يېڭى پىلانى iCar ئاپتوموبىلىنى ياساپ چىقماقچى
قولىڭىزدا ئالما ماركىلىق تېلىفون ، سومكىڭىزدا iPad سېلىنغان ، مانا ئەمدى ئالما ماركىلىق ئاپتوموبىل ھەيدەپ باققىڭىز باغۇ دەيمەن ؟ !
يېقىندا خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا ، ئالما شىركىتىنىڭ يېڭى رەئىسى دىم . كۇك بىلەن فارارىنىڭ باش لىدىرى مونتىزى . مورلو Montezemolo ئالما شىركىتىنىڭ باش ئاپراتىدا بىر قانچە سائەت مەسلىھەتلىشىپ ، ئالما ماركىسىدىكى ئاپتوموبىل iCar نى ياساپ چىقىشنى مەسلىھەتلەشكەن ؛ ھازىرچە ئىككى تەرەپ سۆھبەتنىڭ مەزمونىنى جامائەتچىلىككە ئاشكارلىمىدى ؛ لېكىن شۇ ئىنىقكى فارارى بىلەن ئالما ماركىسى داڭلىق ماركا بولغاچقا ياساپ چىقىلغان ئالما ئاپتوموبىل iCar چوقۇم سىز بىلەن مەن قۇبۇل قىلالايدىغان ھەمدە ھەيدىيەلەيدىغان ئاپتوموبىل ياساپ چىقماي بەلكى باھاسى قىممەت ، ئىستىمالچىلىرىمۇ چەكلىمىلىككە ئۇچرايدىغان باھادىكى ئاپتوموبىلىنى ياساپ چىقىشى مۇمكىن ؛