ئىزدە     

شاڭخەيدە بىر ئەر ياپونىيەگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ياپونىيە ياسىغان خوندا پىكاپىنى كۆيدۈرۋەتتى

يوللانغان ۋاقتى 2012-09-14 00:26 كۆرۈلۈشى:265 قېتىم

خەلقئارا ئاخبارات لىنيىسى : 9- ئاينىڭ 13- كۈنى ، شاڭخەي جىياڭياڭ شىمالى يولى شەرق شامىلى خوندا ئاپتوموبىلى مەخسوس

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: خەۋەر ۋە ئۇچۇرلار | ئىنكاس سانى: 0 | تولۇق ئوقۇش

سىچۈەنلىك دېھقان 30 مىڭ يۈەن خەجلەپ ئايروپىلان ياسىدى

يوللانغان ۋاقتى 2012-09-05 04:23 كۆرۈلۈشى:168 قېتىم

   سىچۈەندىكى بىر دېھقان 30 مىڭ يۈەن خەجلەپ توردىن نەرسە كېرەك سېتىۋالغان ۋە ئۆزنىڭ قىياسىغا ئاساسەن

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: خەۋەر ۋە ئۇچۇرلار | ئىنكاس سانى: 1 | تولۇق ئوقۇش

ھىندىستان توك توختاپ قالسا تېخى جۇڭگودىن يامانلاپ يۈردى

يوللانغان ۋاقتى 2012-08-24 05:23 كۆرۈلۈشى:155 قېتىم

يەر شارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: يېقىندا پۈتۈن ھىندىستاننىڭ يېرىمىنى پالەچ قىلىپ قويغان ئىككى قېتىملىق توك توختاش ھادىسىسى پۈتۈن

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: خەۋەر ۋە ئۇچۇرلار | ئىنكاس سانى: 0 | تولۇق ئوقۇش

توردا «ساختا قورساق» نىڭ بازىرى ناھايىتى ئىتتىك بولۇپ كەتتى

يوللانغان ۋاقتى 2012-08-14 04:24 كۆرۈلۈشى:131 قېتىم

يېقىندا «ساختا قورساق»دەپ ئاتىلىدىغان سىلتىسىيلىق يېلىم جابدۇقى توردا قاتتىق بازىرى ئىتتىك بولۇپ، كىشلەر بۇنى «بىر سىكۇنتتىلا ھامىلدار ئايالغا ئۆزگىرىسىز»دەپ ئاتىۋالغان. سېتىۋالغۇچىلار بولسا ھامىلدار ھالەتكە كىرىۋېلىش ئارقىلىق شىركەت تەرىپىدىن شاللىنىپ كېتىشتىن ساقلىنىدۇ، سىرتقا چىققاندا رەتكە تىزىلىشتىن قۇتۇلىدۇ، ئاپتوبۇسلاردا باشقىلارنىڭ ئورۇن بوشىتىپ بېرىشىگە ئېرىشىدۇ، ئاياللارنىڭ بۇ نەرسىنى سېتىۋىلىشتىكى مەقسەت ھەرخىل.
«ياسمىغان يالغان نەرسە قالماپتۇ جۇمۇ، ھەتتا ھامىلدار بولۇش دېگەن مۇشۇنداق ئىشنىمۇ يالغىنىغا ئوينايدىغان بولۇپ كېتىپتۇ»دېگەن مىكرو بلوگداش، تور دۇكىنى بولغان تاۋباۋدىكى بىر دۇكاندا، ساتقۇچى بۇنداق يالغان قورساقنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئېنىق قىلىپ چىقىرىپ قويغان، بۇنداق ساختا قورساقلارنىڭ سېتىلىش باھاسى 400~1200يۈەنگىچە بولۇپ، ھامىلدار بولغان ۋاقىتقا قاراپ، كىچىك، ئوتتۇرا، چوڭ دېگەن نومۇرلارغا ئايرىلىدىكەن، ھەتتا قوشماق، تۆت گېزەك «قورساق»لىقلىرىمۇ باركەن.
بۇخىل ساختا قورساقلارنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان «پايدىسى»نۇرغۇن بولۇپ، بۇنداق بولغاندا شىركەتتە ئادەم شاللىغاندا شاللىنىپ كېتىشتىن ساقلىنالايدۇ، ئاممىۋى سورۇنلاردا بولسا كىشلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشەلەيدۇ، بەزى ئاياللار ئۆزىنى ھامىلدار بولۇپ قالدىم دەپ قويۇپ، قولۇم-قوشنا ھەم خىزمەتداشلىرىنىڭ پىتنە-پاساتلىرىدىن قۇتۇلىدۇ.
ئادوۋكاتنىڭ قارىشىچە، ئەگەر مەلۇم شىركەتنىڭ خىزمەتچىسى «ساختا ھامىلدار »بولۇپ شىركەتنى ئالدىسا، بۇ ئەمگەك مۇناسىۋەتلىرى ئالدامچىلىقىغا بېرىپ چېتىلىدىكەن، شىركەت قانۇنغا ئاساسەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىۋەتسە بولىدىكەن.

مۇتەخەسىسلەر، ئەگەر ناچار تىجارەتچىلەر سانائەتكە ئىشلىتىدىغان سىلتىسىيلىق يېلىمدا «ساختا قورساق»ئىشلەپچىقارسا، تېرىگە زىيان يەتكۈزىدىكەن، مېدىتسىنادا ئىشلىتىدىغان سىلتىسىيلىق يېلىم گەرچە تېرىگە زىيان يەتكۈزمىسىمۇ، لېكىن يازدا ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتسە ھۆل تەمرەتكە دېگەندەك تېرە كېسەللىكلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دېگەن.

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: خەۋەر ۋە ئۇچۇرلار | ئىنكاس سانى: 0 | تولۇق ئوقۇش

ئادىداس شىركىتى جۇڭگودىكى زاۋۇتىنى تاقىدى

يوللانغان ۋاقتى 2012-08-07 04:51 كۆرۈلۈشى:144 قېتىم

تەننەرخنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىش تەسىرى بىلەن تەنتەربىيە كىيىم-كېچەكلەر ساھەسىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانAdidas شىركىتى جۇڭگودىكى بىردىن-بىر كىيىم ئىشلەش زاۋۇتىنى تاقىغان،ئۇلارنىڭ مەقسىتى شەرقى جەنۇبى ئاسىياغا يۆتكىلىش ئىكەن.بۇ شىركەت سۇجۇدىكى سانائەت رايونىغا جايلاشقان بولۇپ،ئۇلارنىڭ بارلىق پاي مەبلىغى باش شىركىتىگە تەۋە ئىكەن.7-ئاينىڭ 17-كۈنىAdidas شىركىتى باش ئاپپاراتى مۇخبىرغا ئۆزلىرىنىڭ زاۋۇتنى تاقاشتىكى ئەھۋاللىرىنى ئېيتقان ۋە ئومۇمى ئەھۋاللارنى چۈشەندۈرگەن.بىر قىسىم دوكلاتلارداAdidas شىركىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە،«پۈتۈن دۇنيادىكى بايلىق ئومۇمى مىقدارنى قايتا ئويلىشىپ ئومۇمى سىياسەتنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن، Adidas شىركىتى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىراق بىردىن-بىر زاۋۇتنى تاقاش ئىشلىرىنى قايتا ئويلىشىدۇ».سۇجۇ سانائەت رايونىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ ھەممىسى تارقىلىپ كەتكەن،ئەمماAdidas شىركىتى بارلىق خىزمەتچىلەرگە تولۇقلىما بەرگەن.ئەمەلىيەتتە، Adidas شىركىتىنىڭ تاقىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار 2008-يىلنىڭ ئەتراپىدا باشلانغان بولۇپ،بۇ ۋاقىتتاAdidas نىڭ پۈتۈن دۇنيادىكىCEO سىنىڭ دېيىشىچە،جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بەلگىلەپ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئۆرلەپ ماڭغان،شۇ سەۋەبىدىنAdidas شىركىتىنىڭ بىر قىسىم تارماقلىرى جۇڭگو بازىرىدىن چېكىنىپ چىقىشقا باشلىغان، ۋە ئاساسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسىنى بازار ئەھۋالى بىر قەدەر ئەرزان بولغان رايونلارغا يۆتكىگەن.
جۇڭگو كىيىم-كېچەك بىرلەشمىسى كاتىپلار باشلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە،«جۇڭگودىكى ئەمگەك كۈچى،ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى ۋە ئەتراپتىكى تەننەرخىنىڭ ئۆرلەپ كېتىش يۆلىنىشى ئاستىدا، Adidas قا ئوخشايدىغان خەلقئارالىق شىركەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسىنى تەننەرخى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان شەرقى جەنۇبى ئاسىيا رايونلارغا يۆتكەپ بارغان»،ھەمدە مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ پايدا قىممىتىنى ئاشۇرماقچى بولغان.تەكىتلەپ ئېيتقاندا، تەننەرخنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىش تەسىرى بىلەن تەنتەربىيە كىيىم-كېچەكلەر ساھەسىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانAdidas شىركىتى جۇڭگودىكى بىردىن-بىر كىيىم ئىشلەش زاۋۇتىنى تاقىغان،ئۇلارنىڭ مەقسىتى شەرقى جەنۇبى ئاسىياغا يۆتكىلىش ئىكەن.بۇ شىركەت سۇجۇدىكى سانائەت رايونىغا جايلاشقان بولۇپ،ئۇلارنىڭ بارلىق پاي مەبلىغى باش شىركىتىگە تەۋە ئىكەن.
ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: خەۋەر ۋە ئۇچۇرلار | ئىنكاس سانى: 1 | تولۇق ئوقۇش

     

ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | پىكىر بېرىڭ | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى