ئىزدە     

جىنايەتچى بەيدۇ ئابونتى نومۇرىدىن پۇل ئالغانلىقى ئېنىقلاندى

يوللانغان ۋاقتى 2012-08-11 12:31 كۆرۈلۈشى:81 قېتىم

 جىنايەتچى بەيدۇ ئابونتنىڭ ھېسابات نومۇرىدىن  پۇل ئالداپ ئېلىۋالغان، ساقچى تەرەپ كەينى-كەينىدىن  ئۈچ دىلونى پاش قىلغان

بېيجىڭ ساقچى تەرەپ تۈنۈگۈن كومپىيۇتېر ئۇچۇرى ئارقىلىق  توردىن پايدىلىنىپ، قانۇنسىز ھالدا بەيدۇ ئابونتلىرىنىڭ  ھېسابات نومۇرىدىن پۇل ئالداپ ئېلىشتەك  جىنايەت گۇرۇھىنى قولغا چۈشۈرگەن. بۇلار جەمئىي 13 ئادەم بولۇپ،  دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا،  ئۇلار 100دىن ئارتۇق  ئالدامچىلىق  دىلوسىغا  چېتىشلىق ئىكەن.  شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى تور بىخەتەرلىك باش ئەترىتىنىڭ  چۈشەندۈرىشىچە،  بۇ بېيجىڭ تەرەپ ساقچىلىرىنىڭ تۇنجى بولۇپ، كومپىيۇتېر سىستېمىسىغا قانۇنسىز كىرىش ۋە كېيىنكى توردىكى ئالدامچىلىق قىلىش دىلوسىنى پاش قىلغانلىقى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ يىل  باھاردا، لى ⅩⅩ ئۆزىنىڭ  2500يۈەننى ئالداپ ئېلىۋالغانلىقىنى  مەلۇم قىلغان.  ئۇنىڭ ئېيتىشىچە،  ئۇ بەيدۇ تورىدا (选秀)مۇنەۋۋەرلەرنى تاللاش پىروگراممىسىغا كىرگەن. تېلېفون قىلىپ قاتناشقان،   بىر خىزمەتچى خادىمدىن بىر قانچە  مەسلىھەت سۇئاللىرىنى سورىغان،  كېيىن،  ئۇنىڭغا 2500يۈەن  پۇل تاپشۇرىشىنى ئېيتقان،  لى ⅩⅩ بانكا كارتىسى ئارقىلىق  ھېسابات ئۇرۇپ بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن خىزمەتچى خادىم  ئىزدېرەكسىز يوقالغان.

شۇ ئىشتىن كېيىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان.  لى ⅩⅩتور بەتتىن تاپقان بۇ پىروگرامما گۇرۇپپىسى ساختا ئىكەن. مەزكۇر پىروگراممىنىڭ خېرىدارلارغا ئېچىپ بەرگەن ھېسابات نومىرى ئوغرىلانغان ئىكەن. جىنايەتچىلەر مۇشۇ جەرياندا تېلېفون نومۇرنى  ئۆزگەرتىۋەتكەن. تور ئابونتلىرى تېلېفون ئۇرغاندىن كېيىن، بىۋاسىتە ئالدامچىلارنىڭ  لىنىيىسىگە ئۇلىنىدىغان بولۇپ قالغان.

بېيجىڭ  ج خ ئىدارىسى تور بىخەتەرلىك ساقچىلىرى تېخىمۇ ئىچكىرلىگەن  ئاساستا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. بۇ يىل  1-ئايدىن 3- ئايغىچە،  بەيدۇ شىركىتىنىڭ خېرىدارلارغا  ئېچىۋېتىلگەن ھېسابات نومۇرى قانۇنسىز ھالدا ئوغرىلانغان. 660 ھېسابات نومۇرى ئۆزگەرتىۋېتىلگەن. بەيدۇ  شىركىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىقتىسادىي زىيىنى بىر مىليون  200مىڭغا يەتكەن.

6-ئاينىڭ 19-كۈنى ، مەخسۇس گۇرۇپپا، خەينەن خەيكۇ، دەنجۇ قاتارلىق  جايلاردا بىر ۋاقىتتا ھەرىكەتكە ئاتلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىر قېتىمدىلا ئۈچ  ئالدامچىلىق  گۇرۇھىنى قولغا چۈشۈرگەن. بۇ لار جەمئىي 13 كىشى ئىكەن.  11 يۈرۈش كومپىيۇتېر،  34 دانە  بانكا كارتىسى، يەنە 150مىڭ يۈەن نەق پۇل بىلەن قولغا ئالغان.

 دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ  ئېيتىشىچە،  ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرى ئېنىق ئايرىلغان ئىكەن،  بۇلارنىڭ ئىچىدىكى تۆت ئادەم  كومپىيۇتېر سىستېمىسىدىكى ئۇۇچۇرلارنى  بۇزىدىكەن. نەچچە يۈزلىگەن  ھېسابات نومۇرلىرىنى  ئۆزگەرتىشكە مەسئۇل ئىكەن. ئاندىن  تور مۇلازىمەت خادىمى نامىدىن  خېرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلىدىكەن.  مۇنەۋۋەرنى تاللاش پىروگىراممىسى ئارقىلىق  ئالدامچىلىق  ئېلىپ بارىدىكەن،  بۇلارنىڭ  ئېرىشكەن  نەق پۇل سوممىسى 500مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

ھازىرغا قەدەر،  تۆت جىنايەتچى كومپىيۇتېر سىستېمىسىنى قانۇنسىز بۇزۇش جىنايىتى بىلەن،  ئالتە جىنايەتچى  ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن قارلانغان. قالغان ئۈچى داۋاملىق  سوراق قىلىنماقتا.

 

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: قانۇندىن ساۋات | ئىنكاس سانى: 0 | تولۇق ئوقۇش

پو ئېتىپ تۈرمىگە كىرگەن «كاتتا ئەمەلدار»

يوللانغان ۋاقتى 2012-08-04 09:50 كۆرۈلۈشى:89 قېتىم

كىشىلەر پو ئاتقانغا باج ئالمايدۇ دېيىشىدۇ، ئەمما مىليونېر لى فامىلىلىك پو ئاتقانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە قامالدى. باشقىلار پۇل ۋە نازىنىنلارنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پو ئاتىدۇ، ئالدامچىلىق قىلىدۇ، ئەمما لى فامىلىلىك ئۇنداقلاردىن ئەمەس. كۆكتاتچىلىق بىلەن بېيىغان لى فامىلىلىك بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۆزىنى باشقىلارغا چوڭ ئەمەلدار دەپ تونۇشتۇرۇپ، ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ئۇرۇق-تۇققان، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ ئايروپىلان بېلىتى، ياتاق بېلىتى قاتارلىقلارنى ئاتچوت قىلىپ بېرىدۇ، ئۇلارنى ئېسىل رېستۇرانلاردا مېھمان قىلىدۇ، مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈنلا بىر مىليون يۈەنگە يېقىن چىقىم قىلىدۇ. لى فامىلىلىكنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى ئۆزىنىڭ شۆھرەتپەرەسلىكىنى قاندۇرۇش ئىدى.

شۆھرەتپەرەسلىككە بېرىلىش

لى فامىلىلىك 1961-يىلى سەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋېيفاڭ شەھىرىدە تۇغۇلغان. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شۇ جايدىكى بىر دۆلەت كارخانىسىغا خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدىگەن. دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ۋېيفاڭ شەھىرىگە قاراشلىق شو گۇاڭ رايونى داڭلىق كۆكتات يۇرتى بولۇپ قالغان. ئون يىل خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، كۆپنى كۆرگەن لى فامىلىلىك پۇل تېپىشنىڭ يولىنى پەملىگەن-دە،1989-يىلى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ كۆكتاتچىلىق قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى.

شۇ چاغدا لى فامىلىلىك ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ئايالى بىلەن بىر ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغان بولۇپ، تۇرمۇشى غورىگىل ئۆتۈۋاتاتتى. يېڭى تىجارەتكە كىرىشكەندە قولىدا ئاران 3000يۈەنلا دەسمايىسى بار ئىدى. لى فامىلىلىك جاپاكەش ئىدى، ئۇ شوگۇاڭ شەھىرىدىكى كۆكتات بازىرىدىن كۆكتات سېتىۋېلىپ، ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسنىڭ ئۈستىگە بېسىپ، ئون نەچچە سائەتلىك يولنى كېچىلەپ بېسىپ بىيجىڭغا كېلىپ، بىېيجىڭدىكى كۆكتات سودىگەرلىرىگە توپ سېتىپ بەردى. شۇ تەرىقىدە يەتتە-سەككىز قېتىم قاترىغاندىن كېيىن دەسمايىسى ئون نەچچە ھەسسە قاتلاندى. شۇنىڭ بىلەن لى فامىلىلىك چوڭ يۈك ئاپتوموبىلىنى كىرا قىلىپ بېيجىڭغا كۆكتات توشۇشقا باشلىدى. شۇ چاغدا بېيجىڭغا سىرتتىن كۆكتات توشۇيدىغانلار ناھايىتى ئاز بولغاچقا، بىر قېتىم چاپسىلا ئون مىڭ يۈەن پايدا ئالالايتتى، ئۇ تېزلا بېيىپ قالدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ قار-يامغۇرغا قارىماي كۆكتات توشۇپ، يىلىغا 600-700مىڭ يۈەندىن كىرىم قىلدى. ئۇ ھەر قېتىم بېيجىڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كۆكتات كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە ئۆزىچە مەغرۇرلىنىپ:

-بېيجىڭ شەھىرىدىكى 100مىڭدىن ئارتۇق ئادەم مەن توشۇپ كەلگەن كۆكتاتنى يەيدۇ، بېيجىڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقانمەن، دەيدۇ.2000-يىلىغا كەلگەندە، ئۇ پۇلى ئون مىليون يۈەندىن ئېشىپ، بېيجىڭ شەھىرىدىكى كۆكتات توپ سېتىش ساھەسىدىكى داڭلىق توپ سېتىش سودىگىرى بولۇپ قالدى. بۇ چاغدا بازار رىقابىتى كەسكىنلىشىپ، كۆكتات سودىگىرى كۆپىيىپ كەتكەچكە، لى فامىلىلىك كەسكىن ھالدا بۇ ساھەدىن چېكىنىپ چىقىپ، تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى سۈرۈشكە باشلىدى. ۋەھالەنكى، گەرچە لى فامىلىلىك پۇلدار بولسىمۇ، چىرايىغا كۈلكە چىقمايدىغان بولۇپ قالغانىدى.

لى فامىلىلىك كۆكتات سېتىپ بېيىغاندىن كېيىن، بېيجىڭدىن بىر يۈرۈش ھەشەمەتلىك ئۆي، 500نەچچە مىڭ يۈەنگە «ئاۋدى» ماركىلىق پىكاپ سېتىۋالدى. ھازىر ئۇنىڭ ئۆي دېسە ئۆيى بار، پىكاپ دېسە پىكاپى بار، خەجلەي دېسە پۇلى بار بولدى. ئۇ بېيجىڭدا ئولتۇراقلىشىۋالغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۆزىنى قالتىس چاغلاپ يۈردى. ئەمما بىر قېتىم ھاراق سورۇنىدا بىرەيلەن ئۇنى مەسخىرە قىلىۋىدى، ئۇنىڭغا قاتتىق ھار كەلدى.

كۈنىنى بىكارچىلىقتا ئۆتكۈزۈۋاتقان پۇلدار لى فامىلىلىك دوست تۇتۇشقا ئامراق ئىدى. ئۇ كاتتا باي بولۇپ كەتكەچكە، ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستىن تۇتۇپ، يۈز-ئابرويلىق كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىشىنى خالايتتى. بارا-بارا ئۇ بېيجىڭدىكى بىر قانچە سالاھىيىتى بار كىشىلەر بىلەن دوست بولۇپ قالدى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى كەسپى ئورۇندا ۋەزىپە ئۆتەيتتى، بەزىلىرى چوڭ خوجايىن ئىدى. لى فامىلىلىك ئۆزىنى سىرتتىن كەلگەن، ئۇنىڭ ئۈسىتىگە كۆكتات سېتىپ بېيىغان، شۇنچە چوڭ بېيجىڭدا ھېچقانداق ئاساسىي بولمىغاچقا، دوستلىرى ئالدىدا ئۆزىنى تۆۋەن كۆرەتتى. ئۇ شۇ دوستلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولغاندا سورۇننىڭ پۇلىنى تالىشىپ يۈرۈپ تاپشۇراتتى ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىنى كۆتۈرشكە ئۇرۇناتتى. 2002-يىل قارا قىش مەزگىلى ئىدى، لى دوستلىرى بىلەن «ۋاڭفۇجىڭ» مېھمانسارىيىغا يىغىلدى. سورۇن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، لى فامىلىلىك ھېساباتنى قىلىۋېتىش ئۈچۈن مۇلازىمنى چاقىرتتى. ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان، ئۇنىڭ بىلەن يېڭىدىن تونۇشقان ئاسار-ئەتىقە سودىگىرى جاڭ خوجايىن مەستخۇش ھالدا:

-لاۋلى، ئاڭلىسام سەن كۆكتات تىجارىتى بىلەن كۆتۈرۈلۈپ قالغانىكەنسەن، ھازىر قانچىلىك پۇلۇڭ بار؟-دېدى. لى فامىلىلىك مەغرۇرلانغان ھالدا:

-ئانچە كۆپ ئەمەس! ئون نەچچە مىليون يۈەن بار شۇ!-دېدى. جاڭ خوجايىن ئۇنى مازاق قىلىپ:

-100مىليون يۈەن پۇلۇڭ بولغان بىلەنمۇ، يەنىلا شۇ كۆكتاتچىغۇ سەن!-دېدى. سورۇندىكىلەر بۇنى ئاڭلاپ پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى. لى فامىلىلىك نېمە دېيىشىنى بىلەلمەيلا قالدى، بۇ چاغدا ئۇ ئۆزىنىڭ نەچچە مىليون يۈەنلىك مۈلكى بولسىمۇ، بۇ دوستلىرىنىڭ نەزىرىدە ئەرزىمەس بىر تېگى نامرات باي ئىكەنلىكىنى چۈشەندى. شۇ ئىشتىن كېيىن لى فامىلىلىك ئۆزىنى قاتتىق تۆۋەن كۆرىدىغان بولدى.ئۇ:

«ئەگەر داڭلىق زاتلارنىڭ ئائىلىسىدىن بولغان بولسام ياكى مۇھىم ئورۇندا خىزمەت ئۆتگەن بولسام،بۇ بىر نېمىلەر مېنى بۇنداق ھاقارەتلىيەلمىگەن بولاتتى. ھەي،ئون مىليون يۈەن تېپىپ بېيىشنىغۇ بېيىدىم، ئەمما كېلىپ چىقىشىم يەنىلا كۆكتات سودىگىرى، يەنىلا ھوقۇقنىڭ سۇنىقىغا ئېرىشىپ باشقىلارنىڭ ئالدىدا بېشىمنى كۆتۈرۈپ يۈرگەنگە يەتمەيدۇ-دە» دەپ ئويلىدى.

لى فامىلىلىك كۈنلەرنىڭ بىرىدە باشقىلارنىڭ مازىقىغا قالغان «كۆكتات سودىگىرى» دېگەن بۇ قالپاقنى چۆرۈپ تاشلاشنى ئارزۇ قىلاتتى.

پو ئېتىپ ئۆزىنى ئەمەلدار قىلىپ كۆرسىتىش

2003-يىلى ياز كۈنلىرى ئىدى، لى فامىلىلىكنىڭ يۇرتىدىكى ساۋاقدىشى خەن چى بېيجىڭغا ساياھەت ئۈچۈن كەلدى، مېھماندوست لى فامىلىلىك ئۇنىڭ ئۈچۈن بەشيۇلتۇزلۇق مېھمانسارايدا زىياپەت بەردى. ساۋاقدىشى ئالدىدا ئۆزىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئۆزى يېڭىدىن تونۇشقان بېيجىڭدىكى مەلۇم ھۆكۈمەت ئورنىدا خىزمەت قىلىدىغان دوستى جياڭ بىڭ بىلەن چېن شەنجۈننىمۇ زىياپەتكە ئالاھىدە تەكلىپ قىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى جياڭ بىڭ بىلەن چېن شەنجۈن مەلۇم ھاراق سورۇنىدا لى فامىلىلىك بىلەن تونۇشۇپ قالغان، ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشىنىمۇ بىلمەيتتى، ئۇنىڭ پۇلىنىڭ كۆزىگە قارمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا قايىل بولغانىدى. لى فامىلىلىك بىلەن بىرقانچە قەدەھ سوقۇشتۇرغاندىن كېيىن جياڭ بىڭ لى تىن:

-لى ئەپەندىم، قالتىس ئىكەنسىز جۇمۇ، چوڭ تىجارەتچىمۇ ياكى مۇھىم بىر ئورۇندا خىزمەت قىلامسىز؟-دەپ سورىدى. لى بىردىنلا جىددىيلىشىپ نېمە دەپ جاۋاپ بېرىشىنى بىلەلمەي تۇرغاندا، خەن چى گۇپپاڭچىلىق قىلىپ:

-جاڭ ئەپەندىم، سىز بىلمەيدىكەنسىز-دە، بۇ ساۋاقدىشىمنىڭ قولىدىن قالتىس ئىش كېلىدۇ! مەلۇم ئۆلكىنىڭ رەھبىرى لى فامىلىلىكنى بىلىدىغانسىز؟ مانا بۇ ساۋاقدىشىم شۇ رەھبەرنىڭ ئۆز ئاكىسى بولىدۇ-دېدى.

ئۇ دېگەن مەلۇم ئۆلكىنىڭ باشلىقىنىڭ ئىسمى بىلەن بىر خەت پەرىق قىلاتتى. خەن چى ئەسلىدە ھاراقنىڭ كۈچى بىلەن چاقچاقنى سەل ئاشۇرۋەتكەنىدى، كىم بىلسۇن، جياڭ بىڭ بىلەن چېن شەنجۈن بۇنىڭغا ئىشىنىپلا قالدى. لى فامىلىلىكمۇ خەن چىنىڭ سۆزىنى ئىنكار قىلىمىدى. ئۇ مېھمانلار بىلەن توختىماي قەدەھ سوقۇشتۇراتتى. مېھمانلارنىڭ ھۆرمىتىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن لى فامىلىلىك ئۆزىنى بىلەلمەيلا قالدى. چىن شەنجۈن ئۇنىڭدىن زادى قايسى ئورۇندا مۇھىم خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى كوچىلاپ سورىغاندا،ئۇ يۈزىمۇ قىزارمىغان ھالدا پو ئېتىپ:

-مەن ئىلگىرى سەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى مەلۇم نازارەتنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ئىدىم، نەچچە يىل ئىلگىرى بېيجىڭغا يۆتكەپ كەلدى، ھازىر دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مەلۇم ئورنىدا خىزمەت قىلىۋاتىمەن،-دېدى.

لى فامىلىلىك بۇ قېتىم ھاراق سورۇنىدا پو ئېتىپ، «ئەمەلدار» لىق خۇمىرىنى راسا چىقىرىۋالدى. پو ئېتىپ ئويدۇرغان «چوڭ ئەمەلدار» سالاھىيىتى ئارقىلىق يوقىتىپ قويغان ئىشەنچىسىنى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى قايتا تېپىۋالغاندەك بولدى. ئەمدى ئۇ باشقىلار كەمسىتىدىغان «كۆكتاتچى»،«تېگى نامرات باي» بولماستىن، بەلكى مۇھىم ھوقۇقى بار «كاتتا ئەمەلدار!» ئىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ بېيجىڭدا يېڭىدىن تونۇشقان سالاپەتلىك كىشىلەرگە ئۆزىنى «دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مەلۇم باشقارمىسىنىڭ باشلىقى»، «شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ مەلۇم نازارىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن نازىرى» دەپ تونۇشتۇرىدىغان بولدى.

ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن لى فامىلىلىك ئۆزى ئويدۇرۇپ چىققان «چوڭ ئەمەلدارلىق سالاھىيىتى» بىلەن بېيجىڭدىكى نۇرغۇن يۈز-ئابرويلۇق كىشىلەر بىلەن تونۇشۇپ قالدى. لى فامىلىلىك مەرد، سېخىيلىقى بىلەن بۇ كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىۋالدى. ھەر قېتىم شۇ كىشىلەر بىلەن ھەمداستىخان بولغاندا، گەپدان لى فامىلىلىك بىر نەچچە رومكا گېلىدىن ئۆتكەندىن كېيىنلا ئۆزىنىڭ قولىدىن كارامەت ئىش كېلىدىغانلىقى، نۇرغۇن چوڭ ئەمەلدارلار بىلەن قويۇق باردى-كەلدى قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ماختىناتتى. باشقىلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن لى فامىلىلىك پو ئېتىشنىڭمۇ بىر «ئەھمىيەتلىك» ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشكە باشلىدى. ھەرقېتىم زىياپەتتە لى فامىلىلىك مۇقەررەر ھالدا ھېسابات قىلىۋېتىدىغان بولغاچقا، باشقىلار ئوڭايلا ئۇنىڭ چوڭ ئەمەلدار ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ قالاتتى. باشقىلار ئالدىنئالا مەن مېھمان قىلىمەن دەپ قويغان تەقدىردىمۇ، ئاقىۋەت يەنىلا ئۇ مۇلازىمنى چاقىرتىپ ھېساباتنى قىلىۋېتىپ چىقىپ كېتەتتى.

لى فامىلىلىك سېمىز بولۇپ، بوي ئېگىزلىكى 1.70مېتىردىن ئاشاتتى، چېچىنى رەتلىك تاراپ، سالماق ماڭغاچقا، كىشىلەرگە باشلىق سۈپەت كۆرۈنەتتى. لى فامىلىلىكنىڭ قولىنىڭ ئوچۇقلۇقى ۋە نۇرغۇن رەھبەرلەر بىلەن تونۇشىدىغانلىقى دوستلىرى ئارىسىدا ئېغىزدىن-ئېغىزغا تارقالدى، ئۇنىڭ «ئەمىلى»، «ھوقۇقى» ۋە «مۇناسىۋىتى» بولغاچقا، بەزى ئىشلار ئۈچۈن ئۇنى ئىزدەيدىغانلارمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى. بەزىلەر خىزمىتىنى يۆتكەپ بېرىشكە ئادەم قويسا، بەزىلەر تىجارىتى ئۈچۈن ئۇنى ئىزدەيدىغان بولدى. بۇنداق ئىشلار بىلەن ئىزدەپ كەلگەنلەرگە ئۇ:«ماقۇل» دەپ قوياتتى-دە، كېيىن ئۇنتۇپلا كېتەتتى. ئۇنىڭغا ھاجىتى چۈشكەنلەر تەبىئىي ھالدا ئۇنى مېھمان قىلاتتى، لېكىن زىياپەت ئاخىرلاشقان ھامان يەنىلا لى فامىلىلىك ھېچنىمىگە ئۇنىماي ھېساباتنى قىلىۋېتەتتى. لى فامىلىلىكنىڭ قاتتىق بىر پىرىنسىپى بار ئىدى، ئۇ بولسىمۇ ھاجىتى چۈشكەنلەرنىڭ ھېچقانداق سوۋغىسى ۋە پۇلىنى ئالمايتتى. شۇنداق بولغاچقا ئۇلارنىڭ ئىشىنى ھەل قىلىپ بېرەلمىسىمۇ ئۇنىڭدىن ئاغرىنىشقا پېتىنالمايتتى. ئەكسىچە، ئۇلار لى فامىلىلىك يۇقىرى قاتلامدا چوڭ-چوڭ ئىشلارنى قىلغاچقا، بۇنداق ئەرزىمەس ئىشقا چولىسى تەگمىگەن بولسا كېرەك دەپ قارىشاتتى.

لى فامىلىلىك بېيجىڭدىكى دوستلىرى ئىچىدە «چوڭ ئەمەلدار» نىڭ ئىززىتى ۋە ئىشەنچىسىنى تېپىپ، ئابرويپەرەسلىك ھەۋىسىنى خېلى قاندۇردى. يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇققانلىرى ۋە دوست-بۇرادەرلىرى ئىچىدىمۇ ئالامەت يۈز تاپتى. لى فامىلىلىك كۆكتاتچىلىق قىلىۋاتقان چاغلىرىدا يۇرتىغا ئانچە بارمايتتى. بېيجىڭدا ئۆي سېتىۋالغاندىن كېيىن تېخىمۇ ئاز بارىدىغان بولدى. ئىلگىرىكى دوستلىرى ۋە خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭ بېيىپ مىليونېر بولۇپ كەتكەنلىكى، كېيىن مەلۇم يوللار بىلەن چوڭ ھوقوق تۇتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىشتى. ئىلگىرىكى كۆكتاتچى داڭلىق شەخسكە ئايلانغاندىن كېيىن، بەزى چاغلاردا كونا قەدىناسلىرىنىمۇ ئويلاپ قالاتتى. يۇرتداشلىرى ۋە دوستلىرى ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ قالسا، ئۇ ئۆزىنىڭ «ئوۋدى» ماركىلىق پىكابى بىلەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالاتتى ۋە خېلى يەرگىچە ئۇزۇتۇپ قوياتتى. ئۇلارنى كاتتا رېستۇرانلاردا مېھمان قىلىش ئادەتتىكى ئىش ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ ئۆزىنى ئىزدەپ كەلگەن ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ ئاپتوبوس بېلىتى، ئايروپىلان بېلىتى ۋە ياتاق پۇللىرىنىمۇ ئاچچوت قىلىۋېتەتتى. بەزىلىرى ئۇنىڭ ھازىر قىلىۋاتقان خىزمىتىنى سوراپ قالسا، ئۇ سىرلىق ھالدا كۈلۈپ قوياتتى-دە، ئارتۇق گەپ قىلمايتتى. بەزىدە ھاراق سورۇنىدا ئۇ چاقىرىپ كەلگەن بەزى دوستلىرى ئۇنى «لى باشقارما باشلىقى»، «لى مۇدىر» دەپ چاقىرسا، ئۇ يۇرتداشلىرىنىڭ ھەيرانلىق نەزىرىگە سىرلىق قاراپ قوياتتى.

ئۆزىنى ماختاش ۋە ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەيدىغانلارنىڭ ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈشى بىلەن لى ھاراق سورۇنى ئارقىلىق دوست تارتىپ، پۇلىنى بولىشىغا خەجلەپ، ئەمەلدارلىق كىبىرىنى خېلى تۇرغۇزۋالدى. باشقىلار ئۇنىڭ چىرايىغا قورۇنۇپ قارايدىغان بولدى. بۇنىڭدىن ئۇ ئۆزىمۇ بەزىدە ئۆزىنىڭ «چوڭ ئەمەلدار»بولۇپ قالغانلىقىغا ئىشىنىپ قالىدىغان دەرىجىگە يەتتى. ئۇ ھاراق سورۇنىدا ئۆزىنى ئۆزى ماختاپ قورققان چاغلىرىمۇ بولدى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىگە پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالمايدىغان ئاقىۋەتكە قېلىشىدىن ئەنسىردى، لېكىن ئۇ:ھاراق سورىنىدا دېگەن گەپلەرنىڭ قايسى بىرسى توغرا بولاتتى، مەن پەقەت ئاغزىم ئىتتىكلىك قىلىپلا پو ئاتتىم، خالاس. يا مەن باشقىلارنىڭ مال-مۈلۈكىنى ئالداپ ئېلىۋالمىسام، مېنىڭ ساختا «چوڭ ئەمەلدار» ئىكەنلىكىمنى بىلىۋالغان تەغدىردىمۇ، ئۇلار مېنى ھېچنىمە قىلالمايدۇ،دەپ ئويلىدى.

مىليونېر پو ئېتىپ تۈرمىگە كىردى

2003-يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، لى فامىلىلىك «چوڭ ئەمەلدار» لىق سالاھىيىتى بىلەن ھەركۈنى مېھمان چاقىرىپ، دوستلىرىنى كۈتۈپ، كۆكتاتچىلىق قىلىپ تاپقان پۇلىدىن 700مىڭ يۈەندەك سەرپ قىلىپ بولدى. ئۆي ئېلىپ سېتىش قىزغىنلىقىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى بىلەن لى فامىلىلىك ئۆي-مۈلۈك كەسپىنى تەھلىل قىلغاندىن كېيىن، دېڭىز ياقىسىدىكى جايلارغا بېرىپ ئۆي تىجارىتى بىلەن شۇغۇنلانسا تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، 2005-يىلىنىڭ ئاخىرىدا چىڭداۋ شەھىرىگە بېرىپ ئۈچ يۈرۈش ئۆي سېتىۋىلىپ،ئۆي باھاسى ئۆرلىگەندە ساتماقچى بولغان.

بېيجىڭدا پو ئېتىپ ئۆگىنىپ قالغان، باشقىلارنىڭ «چوو ئەمەلدار» دەپ ماختىشىغا كۆنۈپ قالغان لى فامىلىلىك چىڭداۋغا كەلگەندىن كېيىنمۇ «مەنسىپى» نى تاشلاپ قويۇشقا كۆڭلى ئۇنمىدى. ئۇنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ئۇ بىر كۈن پو ئاتمىسا، باشقىلار ئۇنى بىركۈن رەھبەر دېمىسە كۆڭلى بىر قىسما بولۇپ قالاتتى. ئۇ چىڭداۋدا تونۇشقان ئادەملىرىگە ھە دېسىلا ئۆزىنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ چوڭ ئەمەلدارى ئىكەنلىكىنى، چىڭداۋغا دەم ئېلىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى، سېتىۋالغان ئۆيىنى پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئاخىرقى ئۆمرىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تەييارلاپ قويغانلىقىنى ئېيتاتتى. ئۇ شۇنداق گەپ سۆزلىرى بىلەن ناھايىتى تېزلا بەزى كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىۋالدى. لى فامىلىلىك ئۆز ئادىتى بويىچە ھاراق سورىنىدا پو ئېتىپ ماختىنىۋەردى، زىياپەتنىڭ ھېساباتىنى تالىشىپ يۈرۈپ قىلىۋەردى.

لى چىڭداۋغا بېرىپ بىرنەچچە ئايدىن كېيىن بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالدى. 30 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بۇ قىزنىڭ ئىسمى لىن جىڭ بولۇپ، مۇقىم ئىش ئورنى يوق ئىدى. ئۇ لى فامىلىلىكنىڭ پايتەختتىن كەلگەن «چوڭ ئەمەلدار» ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەتىدىغان پۇرسەتنىڭ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدى-دە، لى بىلەن مۇناسىۋەتنى قۇيۇقلاشتۇردى ۋە ئادەتتىكى دوستلۇق مۇناسىۋىتىدىن ھالقىپ كەتتى. لى فامىلىلىك ھەر قېتىم بىر يەرگە بارغاندا لىن جىڭنى ئېلىۋالاتتى ۋە باشقىلارغا ئۇنى لايىقىم دەپ تونۇشتۇراتتى. لىن جىڭنىڭ ئالدىدىمۇ «چوڭ ئەمەلدار» لىق رولىنى ئويناشىنى ئۇنتۇپ قالمايتتى. ئۇ كۆپ قېتىم لىن جىڭنى ئوبدان تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى. ساددا لىن جىڭمۇ بۇنىڭغا ئىشىنىپ قالدى.

لى فامىلىلىكنىڭ يېنىدىن كەتمەيدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ مۇددىئاسى باشقا ئىدى. ئۇلار بىرەر ئىشىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن لى فامىلىلىككە ئېغىز ئاچقان ھامان ئۇ ئادىتى بويىچە ھەل قىلىپ بېرىش ھەققىدە ۋەدە بېرەتتى–دە، ئاقىۋەت ھېچقايسسىنىڭ ئىشىنى ھەل قىلىپ بېرەلمەيتتى.

بېيجىڭدا كاتتا ئەمەلدار سىياقىغا كىرۋالغاندىن تارتىپ لى فامىلىلىك ئۆزىگە قاتتىق «پرىنسىپ» ئورنىتىۋلغانىدى، ئۇ بولسىمۇ بىر كىمنىڭ ھاۋالىسى بىلەن باشقا بىركىمنىڭ پۇل ۋە مال-مۈلىكىنى ئالماسلىق ئىدى. ئۇ مېنىڭ پۇلۇم ئۆزۈمگە يېتىپ ئاشىدىغان تۇرسا،باشقىلارنىڭ پۇلىنى ئېلىپ نېمە قىلاتتىم،دەپ ئويلاتتى. ئەمما ئۇ چىڭداۋغا بارغاندىن كېيىن گۈزەل نازىنىننى باغرىغا باستى ۋە باشقىلار سوۋغا بەرگەندە بۇ «پرىنسىپ» نى قايرىپ قويدى. 2006-يىلى يازدا،مەلۇم قۇرلۇش شېركىتىنىڭ دېرىكتورى لى فامىلىلىك بىلەن تونۇشۇپ قالدى ۋە ئۇنىڭ ياردىمى بىلەن بىر كەسپىي ئىشنى پۈتكۈزۋالماقچى بولدى. بۇ دېرىكتور بىر قېتىم لى فامىلىلىك بىلەن ھاراق ئىچىپ بولۇپ ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى ھەمدە20نەچچە مىڭ يۈەنلىك بىر چوڭ رەڭلىك تېلىۋېزورنى لى فامىلىلىكنىڭ مېھمانخانىسىغا قويۇپ قويدى. لى فامىلىلىك بۇ دېرىكتورنىڭ مەرتلىك بىلەن قىلغان ئىشىغا قاراپ باشتا رەت قىلىپ باقتى، ئەمما قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىنى قايتۇرالماي رەھمەت ئېيتىپ ئېلىپ قالدى.

ئوتنى قەغەز ئىچىدە ساقلىغىلى بولمىغاندەك، ئۇ ئۆزىنى بىردەم نازىر، بىردەم باشقارما باشلىقى دەپ باشقىلارنى كولدۇرلۇتۇپ يۈرگەندە ھوش-كاللىسى جايىدا ئادەملار ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ قالدى. بىر قېتىم لىن جىڭنىڭ بىر دوستى ئۆزىنى تۇتىۋالالماي لىن جىڭدىن:

-سېنىڭ بۇ دوستۇڭنىڭ ئەمىلى زادى نېمە؟ بۇنداق ئۇزۇن ۋاقىت دەم ئالغان بارمۇ؟-دەپ سورىدى. دوستىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ لىن جىڭمۇ دەرگۇمان بولۇپ قالدى ۋە:

-ئەگەر ئۇ ھەقىقەتەن چوڭ ئەمەلدار بولسا،ھەركۈنى ئۆزىگە چۇشلۇق ھەل قىلىدىغان ئىشلىرى بولغان بولاتتى. ئەمما ئۇ ھەركۈنى زىياپەت ئىچىپ يۈرۈيدۇ،ئەمىلىمۇ كۈندە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، بۇنىڭدا چوقۇم بىر گەپ بار.

غەمسىز يۈرگەن لى فامىلىلىك يېنىدىكى ئادەملەرنىڭ ئۆزىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىغانلىقىنى قىلچە سەزمىدى. 2006-يىل 8-ئايدا، چىڭداۋ ساقچى دائىرلىرى لى فامىلىلىكنى پاش قىلىش خېتىنى تاپشۇرۋالدى ۋە ئۇنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى. تېزلا لى فامىلىلىك چوڭ ئەمەلدار سىياقىغا كىرۋېلىپ، باشقىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە خىزمەت تېپىپ بېرىمەن، قۇرۇلۇش ئۇقۇشۇپ بېرىمەن، ج خ، تەپتىش، سوت قاتارلىق ئورگانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىنى يۈرۈشتۈرۈپ بېرىمەن دېگەندەك ناملار بىلەن باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ،ئالدامچىلىق قىلغانلىق جىنايىتى پاش بولدى. ساقچى دائىرلىرى يېتەرلىك ئىسپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، «چوڭ ئەمەلدارلىق» چۈشىنىڭ پەيزىنى سۈرۈۋاتقان لى فامىلىلىكنى قولغا چۈشۈردى.

2006-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرى لى فامىلىلىك ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىندى. تۈرمىگە تاشلانغان لى فامىلىلىك دەسلىپىدە ئۆز قىلمىشىنىڭ جىنايەت ئىكەنلىكىنى بوينىغا ئالمىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:«مەن خەقنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالمىدىم، ئۆزۈمگە پايدا ئۈندۈرۈشنىمۇ ئويلىمىغان. پەقەت ئابروي قوغلىشىپلا پو ئاتتىم. پو ئېتىش دېگەن لاپ ئۇرۇش، چوڭ سۆزلەش، ئەجىبا بۇمۇ جىنايات سادىر قىلىش بولامدۇ؟»

كىشىلەر پو ئاتقانغا باج ئالمايدۇ دېيىشىدۇ. ئەمما لى فامىلىلىك پو ئېتىپ ئۆزىنى گۇندىخانىغا بەنت قىلدى،ئۇنىڭ قىلىشى كىشىنى ئويغا سالدۇ.قانۇن شەپقەتسىز بولىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ «جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 279-ماددىسىدا ئالدامچىلىق جىنايىتى قانۇنسىز مەنپەئەتكە ئېرىىشش مەقسىتىدە دۆلەت ئورگىنى خىزمەتچىسى سىياقىغا كىرۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلىپ، دۆلەت ئورگىنىنىڭ ئىناۋىتىگە ۋە نورمال پائالىيىتىگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. ئۇنىڭ جىنايىتى ئوبېكتىپ جەھەتتە قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزۈش بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ مەقسىتى قانۇنسىز مەنپەئەتكە ئېرىشىىش، بۇ يەردە دېيىلگەن قانۇنسىز مەنپەئەت نوقۇل ماددىي مەنپەئەتنى كۆرسىتىپلا قالماي،غەيرىي ماددىي مەنپەئەتنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، سىياسي ھوقۇق ياكى شان-شۆھرەت ئىمتىيازىغا ئالداپ ئېرىشىش،ھەتتا باشقىلارنىڭ مۇھەببىتىگە ئالداپ ئېرىشىش، ئاشنا ئويناش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جىنايەت شەكىللەندۈرىدۇ.

لى فامىلىلىك پو ئېتىپ زور بەدەل تۆلىدى. تۈرمىگە كىرىپ ئۆزىنىڭ قانۇنغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن قاتتىق پۇشايمان قىلدى. ئۆزىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە: پۇل مېنى كۆيدۈرۈپ مۇشۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى! دەپ يەكۈن چىقاردى.

2006-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى ساقچى دائىرلىرى لى فامىلىلىكنى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى. لى فامىلىلىكنىڭ جىنايەت پاكىتلىرى ئالاھىدە، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى جىنايەت پاكىتلىرى بايقالغاچقا، 2007-يىل 6-ئايدا ج خ ئورۇنلىرى بۇ دېلونى قايتا تەكشۈردى. ئىگىنلىشچە، ھازىر تەكشۈرۈپ لى فامىلىلىكنىڭ ئالدامچىلىق قىلىپ ئون نەچچە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەنلىكى ئېنىقلانغان. ئۇنىڭ جىنايەت سادىر قىلىش ئەھۋالى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈلمەكتە.

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: قانۇندىن ساۋات | ئىنكاس سانى: 0 | تولۇق ئوقۇش

     

ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | پىكىر بېرىڭ | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى