سىچۈەنلىك دېھقان 30 مىڭ يۈەن خەجلەپ ئايروپىلان ياسىدى
سىچۈەندىكى بىر دېھقان 30 مىڭ يۈەن خەجلەپ توردىن نەرسە كېرەك سېتىۋالغان ۋە ئۆزنىڭ قىياسىغا ئاساسەن بىر دانە ئايروپىلان ياسىغان، ئۇ ئايروپىلاننىڭ ئېگىزلىكى 2.5 مېتىر، چاقپىلىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 7 مېتىر، كەينى پىرىلدىغۇچنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1 مېتىر كېلىدىكەن. 9-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئۇ دېھقان ئايروپىلانىنى ھەيدەپ سىناپ كۆرگەن بولۇپ، كەينى-كەينىدىن 10 نەچچە قېتىم سىناق تەرىقىسىدە ھەيدەپ باققان، ھەمدە 5-6 قېتىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، ئۇ ئايروپىلاننىڭ يەردىن كۆتۈرۈلۈش ئېگىزلىكى 1.5 مېتىر ئەتراپىدا ئىكەن.
10 نەچچە قېتىملىق سىناق ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۇچقان ئەڭ يۇقىرى ئېگىزلىكى 1.5 مېتىر ئەتراپىدا بولدى.
بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن، ئۇ ئايروپىلان سىناشنى ئاخىرلاشتۇرغان، ھەمدە ماي پومپىسىدىن ماي ئاققانلىقى، ئۈستۈنكى چاقپەلەكنىڭ بوشاپ كەتكەنلىكى ۋە چاقپەلەك ئۈستىدىكى ئۈچ دانە بولتىنىڭ بوشاپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان.
ھەيدەپ سىناپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئايروپىلاننىڭ بارلىق نەرسىلىرىنى چۇۋۇپ ئۆيگە ئېلىپ ماڭماقتا.
قوللاش دىمەك_تەرەققىيات دىمەكتۇر
بىزنى قوللىسڭىز ئاسىتىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويۇڭ!تەكلىپ-پىكىر ۋە ياكى مۇشۇ مەزمۇنغا قارىتا كۆز قارىشڭىزۋە ياكى تەكلىپ-پىكىر بولسا ئاستىغا ئىنكاس يېزىڭ
تۈۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل!
- توردا پۇل تېپىشنىڭ ئىشەنچىلىك يولىلىرى
- شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارىنىڭ 21 يۈرۈش ئۆيى بار ئىكەن
- كومپىيۇتېر ئېچىلىش ئاۋازىنى ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى
- بەيدۇ ئېلان ھەمكارلىقى ۋە ئېلان كىرىمى ھەققىدە
- ئالتە ئوغرى 1 مىليون 300 مىڭ دانە پايپاقنى ئوغرىلاپ سېتىۋەتكەن
- شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرى
- ھېيتگاھ جامەسىنىڭ تارىخى
- جۇڭگودىكى ئايال بەڭگىلەرنىڭ سانى 12 مىليوندىن ئاشتى
- دۇنيادىكى ۋەھشىي زەھەر كاتتىۋېشى ئامېرىكىدا سوتلاندى
- Chrome OS غا App Panel قوشۇلدى
دىۋاندا ئولتۇرۋالايچۇ