شىنجاڭ كوماندىسى يەنە غەلىبە قىلدى
17-ماي چۈشتىن كېيىن سائەت 1 دە، جۇڭگو B دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 5-ئايلانمىسى ئېلىپ بېرىلدى، خېبىي ياشلار كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا شىنجاڭ كوماندىسىنى كۈتىۋالدى، نەتىجىدە، شىنجاڭ كوماندىسى 0 گە قارشى 2 نومۇر بىلەن رەقىبى خېبىي كوماندىسىنى ئۇتتى. نۆۋەتتە شىنجاڭ كوماندىسى 11 نومۇر بىلەن شىمالىي رايون بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرماقتا.
مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى ئاكتىپ ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، خېبىي كوماندىسىغا توختىماي تەھدىت ئېلىپ كەلدى، 13 مېنۇت بولغاندا شىنجاڭ كوماندىسى بىر ئىختىيارىي توپقا ئېرىشىپ، شىنجاڭ كوماندىسىدىكى 2- نومۇر مۇستافا ئىختىيارىي توپنى بىۋاستە تېپىپ، ۋاراتارغا كىرگۈزدى. شۇنداق قېلىپ شىنجاڭ كوماندىسى 1 دە 0 بولۇپ، ۋاقتىنچە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى.
ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى يەنە بىر نەچچە قېتىم ھۇجۇم قوزغىغان بولسىمۇ، نەتىجىنى ئۆزگەرتىشكە پۇرسەت بولمىدى، شۇنداق قىلىپ شىنجاڭ كوماندىسى 1 دە 0 نەتىجە بىلەن ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنى ئاياغلاشتۇردى.
كىيىنكى يازما: دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ چىرايلىق مەسچىت