شىۋىتسارىيە ئاياق قىلىپ كىيىدىغان پايپاقنى كەشپ قىلدى
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىۋىتسارىيە يالاڭئاياق شىركىتى يېقىندا ئاياقنىڭ ئورنىدىكى پايپاقنى تەتقىق قىلىپ ياسىغان بولۇپ، بۇنداق پايپاقنى كىيگەندە يالاڭئاياق ماڭغانغا ئوخشاش ھېسسىياتتا بولىدىكەن. بۇنداق «شىۋىتسارىيە قوغدىغۇچىسى» ناملىق پايپاقنىڭ تېگى PVC ماتېرىيالىدىن ياسالغان بولۇپ، ئىنتايىن پۇختا ۋە ئۇزۇنغا چىدايدىكەن، يەنە تىغلىق نەرسىلەردىنمۇ مۇداپىئەلەنگىلىمۇ بولىدىكەن. پايپاقنىڭ لايىھەسى ئىنتايىن مودا بولۇپ، پەلەيگە ئوخشاش بەش بارماقلىق ئىكەن.
بۇ شىركەتنىڭ خادىمى مۇنداق دېدى: بۇنداق پايپاق يالاڭئاياق مېڭىشقا ئامراقلار ئۈچۈن كۆڭۈلدىكىدەك كەشپىيات بولدى، بۇنى يەنە قىياغا چىقىش قاتارلىق دالا ھەرىكەتلىرىگىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئۇ يەنە شىركەتنىڭ مارافونچە يۈگۈرۈش پايپىقىنى تەتقىق قىلىپ لايىھەلەۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
تۈۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل!
- كىتاب ئوقۇش ساغلاملىققا پايدىلىق
- كومپىيوتىردا 手机QQ ئېچىش دىتالى
- پولونىڭ مەخپىي سىرىنى بىلەمسىز؟
- 69 كىلوگراملىقلار تۈرىدە مەمەتتۇرسۇن چوڭ يېڭىلىپ قالدى
- دۇنيادىكى ئەڭ يەڭگىل خاتىرە كومپيۇتېر
- ئىتالىيە بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسى: AC مىلان 1-0 گېنوئا
- مىڭە خاككېرلىرى راستىنلا مەۋجۇتمۇ؟
- شەيتان بىلەن ساقچى
- رۇسىيەدىكى بىر ئورمانلىقتىن 248 بوۋاقنىڭ جەسىتى بايقالدى
- پۇت تىرنىقىنىڭ گۆشكە ئۆسۈپ كىرىپ كېتىشى ھەققىدە
توۋا بۇ شىۋىتسارىيىلكلەر شۇنىمۇ كەشپىيات دەپ ماختىنىپ يۈرەمدىغاندۇ__ئەخمەق خەقلەر ئىكەن ئۇلار!
دوستۇم بۇنداق دەپمۇ كەتمەڭ مەزكۇر تىمىنى يەنىمۇ تەپسىلىي ئوقۇڭ__قەدىمىڭىز ئۈزۈلمىگەي!