ئادەمنى ۋەھىمىگە سالىدىغان بۇغا مۈڭگۈزى كېسىش جەريانى
كونىلاردا شەرقىي شىمالدا ئۈچ گوھەر بار، ئۇلار ئادەمگىياھ،قاپلان تېرىسى ۋە بۇغا مۈڭگۈزىدىن ئىبارەت دېگەن گەپ بار.ھازىرقى بۇغىلارنىڭ كۆپىنچىسى سۈنئىي ئۇسۇلدا كۆپەيتىلىدۇ،ئۇلارنىڭ مۈڭگۈزى ئادەتتە 6- ۋە 7-ئايلاردا ئېلىنىدۇ.ھەر يىلىدىكى بۇ ۋاقىتتا، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ لىياۋيۈەن شەھىرىگە قاراشلىق دۇڭفىڭ ناھىيىسىدە بۇغا باققۇچىلار بۇغا مۈڭگۈزى كېسىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ.تۆۋەندە بىز بىرلىكتە بۇغا باققۇچىلارنىڭ ناركوز قىلىش تاپانچىسى بىلەن بۇغىنى ناركۇز قىلىپ مۈڭگۈز كېسىش جەريانىنى كۆرۈپ باقايلى:
جىلىن ئۆلكىسى لىياۋيۈەن شەھىرىدىكى دۇڭفىڭ ناھىيىسىنى كىشلەر ئادەتتە <<جۇڭگونىڭ ئالىماچ بۇغا ماكانى>> دەپ ئاتىشىدۇ.بۇ يەردە كۆپلىگەن دېھقانلار ئۆيلىرىدە بۇغا باقىدۇ.بۇغا شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ چوڭ گۆھەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
جىلىن ئۆلكىسى لىياۋيۈەن شەھىرى دۇڭفىڭ ناھىيىسىدىكى خۇاڭخى بازىرى مەلۇم بۇغا زاۋۇتى، مۈڭگۈزى كېسىۋېتىلگەن بۇغا ناركۇز دورىسىنىڭ تەسىرى تېخى تۈگىمىگەنلىكتىن يەنىلا ئورنىدىن تۇرالمىدى.
دۇڭفىڭ ناھىيىسىدىكى مەلۇم بۇغا زاۋۇتىدا خىزمەتچى خادىملار بۇغا مۈڭگۈزىنىڭ قېنىنى ئالماقتا
بۇغا زاۋۇتىدا خىزمەتچى خادىملار بۇغا مۈڭگۈزىنى ئېسىپ قۇرۇتماقتا
بۇغا زاۋۇتىدا خىزمەتچى خادىملار بۇغا مۈڭگۈزىنى ئېسىپ قۇرۇتماقتا
30-ئىيول، ناركۇز قىلىنغان بىر بۇغا سودىگەرلەرگە سېتىپ بېرىلدى، بۇ بۇغا ئاغرىپ قالغان بولۇپ، ئۈزۈن ئۆتمەي ئۆلۈپ كېتىدۇ، ئەمما بۇغىنىڭ مۈڭگۈزى پۇلغا يارىغاندىن باشقا يەنە تېرىسى ۋە ئۈستىغىنىمۇ كۆپ پۇلغا يارايدۇ.
تۈۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل!
- شەھەرلەردە ئۇنتۇلۇشقا يۈزلىنىۋاتقان ئادەتلىرىمىز
- شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارىنىڭ 21 يۈرۈش ئۆيى بار ئىكەن
- شىنجاڭ مەكىت ناھىيەسى ناھىيە ئىسمىنى «دولان ناھىيەسى» گە ئۆزگەرتمەكچى
- تۇرپاندىكى 12بال بوران پويىزلارنى توختىتىۋەتتى
- ﺧﻮﺭﻣﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ
- خان جەمەتى مادرىد 4-1 مالوركا ( ئىسپانىيە بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسى )
- توردا «ساختا قورساق» نىڭ بازىرى ناھايىتى ئىتتىك بولۇپ كەتتى
- كېچىدە سۇ ئىچىپ بەرسە، مېڭىگە قان چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
- قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىلمەيدۇ؟
- ئالتە ئوغرى 1 مىليون 300 مىڭ دانە پايپاقنى ئوغرىلاپ سېتىۋەتكەن