تۇرپاندىكى 12بال بوران پويىزلارنى توختىتىۋەتتى
جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ تۇرپاندىن ئېۋىرغولغىچە بولغان بۆلىكىدە 22-ئاپرېل 12 بالدىن كۈچلۈك بوران چىقتى، بۇنىڭ تەسىرىدە، 22-ئاپرېل سەھەر سائەت 5 تىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ تۇرپاندىن ئېۋىرغولغىچە بولغان بۆلىكىدە يولوچىلار ۋە يۈك پويىزلىرى توختاپ بوراندىن دالدىلاندى. سائەت 16 دىن 24 مىنۇت ئۆتكەندە، لەنجۇ – شىنجاڭ تۈمۈريولىنىڭ پىچان ناھىيەسىدىن لياۋدۇنغىچە بولغان بۆلىكىدە نۇرغۇن نۆۋەتچى پويىز كۈچلۈك بوران سەۋەبىدىن قاتناشتىن توختىدى.
بۇ قېتىمقى بوران تۈپەيلى جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىدا يەتتە نۆۋەتچى پويىز توختاپ قالدى. مۇخبىر ماقالە ئەۋەتكەنگە قەدەر، بوران پەسەيمىگەن، نۆۋەتچى پويىزلار ئىلگىرىكىدەك توختاپ قالغان.يەنە بىرخەۋەر: بوران تەسىرىدە ئۈرۈمچى جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى يولوچىلار تىرانسپورت بېكىتىدە 47 نۆۋەتچى ئاپتوبۇس لىنىيەسىدە قاتناش توختىتىلدى، 140 تىن ئارتۇق نۆۋەتچى ئاپتوبۇس يولغا چىقالمىدى، 3000 يولۇچى بېكەتتە تۇرۇپ قالدى.
شۇ كۈنى مەزكۇر يولوچىلار تىرانسپورت بېكىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گو جيەن مۇنداق دەپ تونۇشتۇردى: بىز يولغا چىقىشقا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى دەرھال يولغا قويۇپ، يولۇچىلارغا يولغا چىقىشقا بولمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈردۇق ھەم بېكەتتىكى يولوچىلارنى تارقاقلاشتۇردۇق.
قاتناشنىڭ ئەسلىگە كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى يولوچى تىرانسپورت بېكىتىدىن ھازىرغىچە ئوقتۇرۇش كەلمىدىگو جيەن يولۇچىلارنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى يولۇچىلار تىرانسپورت بېكىتدىن بېلەت سېتىۋىلىشتىن ئىلگىرى 2866653،8555697 -0991 غا تېلېفون قىلىپ يول ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۇشىنى ئەسكەرتتى.
تۈۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل!
- QQ رىڭىزنىڭ باھاسىنى بىلىپ بېقىڭ
- دۇنيادىكى ۋەھشىي زەھەر كاتتىۋېشى ئامېرىكىدا سوتلاندى
- يېمەكلىكلەرنىڭ رەڭگى ۋە شىپالىق رولى
- ئوباما: قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش نادانلىقتۇر
- توردىكى مۇنداق ئالدامچىلىق
- يۈرەكنىڭ سەككىز يۈز مېليون قېتىم سوقۇشى
- پۇتبولنىڭ «كۆز يېشى»
- "قىزىل كالا"(红牛) كېسەل چىقتى
- «ياخشىمۇسىز، نەسىردىن ئەپەندى»پايتەختىنى ھەيران قالدۇردى
- موسكۋادا زۇڭتۇڭ پۇتىنغا قارشى تۇرغانلارنىڭ تانابى تارتىلدى