توردىكى مۇنداق ئالدامچىلىق
چ چ دىكى مۇنداق ئالدامچىلىق ئاگاھ بولۇڭ
بۈگۈن مۇنبەر كۆرۈپ ئولتۇرسام QQ سايراپ كەتتى، قارىسام بىر (قىز)نىڭ مېنى دوستقا قوشقان ئۇچۇرى ئىكەن،
ئۇنى قوشۇۋىلىپ تەخمىنەن يېرىم سائەتتىن كېيىن ئۇچۇر كەلدى:
قارشى تەرەپ: ياخشىمۇسىز.
مەن: ياخشى
قارشى تەرەپ: نىمە ئىش بىلەن ئالدىراش؟
مەن: قىلىدىغان ئىش يوق، مۇنبەر ئارىلاپ دېگەندەك…
قارشى تەرەپ: (ئىنكاس يوق)
بىردەمدىن كېيىن:
مەن: سىز مېنى تونۇمسىز؟
قارشى تەرەپ: ياق تونۇمايمەن.
قارشى تەرەپ: قىلىدىغان ئىش يوق، ئۇخلىيالماي…
مەن: (ئىنكاس يازمىدىم)
قارشى تەرەپ:ھازىر تورغا (QQ空间) چىقارغان سۈرەتلىرىم بار ئىدى، كۆرۈپ بېقىپ باھا بەرسىڭىز،بەك ياخشى دىگۈدەكمۇ ئەمەس…
ئاندىن مەن ئۇنىڭ بوشلۇقىنى (QQ空间) ئاچسام، ھەممە ئالبومىغا شىفىر كىرگۈزىۋاپتۇ(ئەمەلىيەتتە ھەممىسى بىر ئۇلىنىشقا ئۇلانغان رەسىم ئىكەن)
مەن: سۈرەتلىرىڭىزگە شىفىر
كىرگۈزۈكلۈككەن، شىفىر قانچە؟
قارشى تەرەپ: مەن ئۇنى ئۆزەم لايىھىلىگەن، بوشلۇققا (QQ空间) كىرسىڭىزلا كۆرەلەيسىز.
بۇ توغرا ئەمەسقۇ؟ مەن بوشلۇقنى (QQ空间) ئۆزۈمنىڭ QQ سى ئارقىلىق ئاچقان تۇرسام، يەنە نىمە دەپ كىرىمەن؟ ئۆزى ئاپتۇماتىك كىرىشى كېرەك ئىدىغۇ؟ ئاۋال سىناپ باقايچۇ، دىگەندەك خىياللار بىلەن ئۇنىڭ بوشلۇقىدىكى ئالبومدىن بىرنى چەكسەم ھەقىقەتەن QQ بوشلۇقىنىڭ كىرىش كۆزنىكى ئېچىلدى.(تۆۋەندىكىدەك)
توغرا، ھەقىقەتەنمۇ QQ بوشلۇقىنىڭ كىرىش ئېغىزىكەن، ئۇنداقتا كىرىپ كۆرۈپ باقاي دەپ QQ نۇمۇرۇمنى، شىفىرنى ۋە دەلىلىلەش كودىنى كىرگۈزۈپ بولۇپ ‹‹كىرىش›› كونۇپكىسىنى باساي دەۋاتقان ۋاقىتتا تۇيۇقسىز بۇ كۆزنەكنىڭ ئادرىس ستونىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى، نىمە؟ بۇ نەدىمۇ QQ بوشلۇقىنىڭ ئادرىسى بولسۇن؟ ئۇ ئەسلى ئالدامچىكەندە؟ (رەسىمدىكى ئادرىس ستونىغا قاراڭ)
شۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىش كۆزنىكىنى ئاچتىمدە ئۇنىڭغا:
سەن مۇشۇنچىلىك كىچىككىنە ھۈنىرىڭ بىلەن تېخى مېنى ئالدىماقچىمۇ؟ سەن باشقا ئادەمنى تېپىپ ئالدىرىماي ئالدىۋال… دەپ يېزىپ ئەۋەتىۋەتتىم (ئەلۋەتتە ئۆزۈم بىلىدىغان خەنزۇچە ھاقارەتلىك سۆزلەر بىلەن ئۇنى تىللىدىم) ھەمدە 腾讯 شىركىتىگە ئىنكاس قىلدىم.
ئاخىرىدا تورداشلارغا دەيدىغىنىم: مۇشۇنداق نامەلۇم كىشىلەر بىلەن پاراڭلاشقاندا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭلار،گەرچە QQ نۇمۇرىنى يۈتتۈرۈش ئادەتتىكى ئىش بولسىمۇ، ناۋادا نامەلۇم قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسا ئۇ چاغدا ئاۋارىچىلىق!!
مەنبە: سىلەرنى بىلىپ قالسۇن ،خەۋەردار بولۇپ قالسۇن دەپ مېسرانىم مۇنبىرىدىن ئىلىپ كەلدىم.
تۈۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل!
- مېر ئەخمەتجان ئاساسلىق ئەزا، جۇڭگو 2-0 لائوس
- سىچۈەنلىك دېھقان 30 مىڭ يۈەن خەجلەپ ئايروپىلان ياسىدى
- ھەقسىزئۇسلۇب-lovnvns2.0
- مانا بۇ - ھەقىقى ئۇرۇش!
- 10 مىڭ تىللاغا ساتمايدىغان ھېكمەتلەر
- GHOST windows 8 نىڭ 32 لىك نەشرىنى سىناپ بېقىڭ
- ھەقسىز ئۇسلۇب---muellim18.0
- ئۇيغۇر بىلوگداشلار!!!!!!دىققەت..................
- ياپونىيە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قىزىقارلىق تاپشۇرۇقلىرى
- يېتىلىۋاتقان ياش پۇتبول چولپىنى قىز دوستىنى چاناپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن