ئىزدە     

نوكىيا WP8 يانفونىنى ئۆكتەبىردە ئالدىن سېتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ

ۋاقتى 2012-07-23 09:18 | كىلىش مەنبەسى:ئەلگە نەپ تور كولۇبى | ئوقۇلۇشى

NOKIA Lumia تۈرىنىڭ WP8 سىستېمىسىغا كۆتۈرۈلمەسلىكى گەرچە كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرسىمۇ، ئەمما WP8 سىستېمىسىدىكى يانفوننىڭ بازارغا سىلىنىش سۈرئىتى جەھەتتە ئالدىغا ئۆتۈپ تۇنجى بولۇپ سېتىلماقچى. نۆۋەتتە چەتئەل تاراتقۇلىرى ZDNe بولسا NOKIA نىڭ Stephen Elop ئېلان قىلغان بىر دانە باياناتىغا ئاساسەن پەرەز قىلىشىچە، NOKIA بەلكىم مۇشۇ 10-ئايدا تۇنجى نۇسخىدىكى Windows Phone 8 يانفونىنى بازارغا سىلىشى مۇمكىن، ئەمما باشقا زاۋۇتلارنىڭ ئوخشاش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلىرى بىر ئايدىن كېيىن بازارغا سېلىنسا بولىدۇ.

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئەڭ يىڭى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، Windows Phone 8 سىستېمىسى 9-ئايدا RTM باسقۇچىغا كىرىدىكەن، ئەمما پۈتۈن دۇنيادا بازارغا سىلىنىش ۋاقتى بولسا مۇشۇ يىلنىڭ 11-ئاي قىلىپ بېكىتىلگەن. بىراق «نىيويورك ۋاقىت گېزىتى » خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، Stephen Elop ئېگىرى 10-ئايدا چىقىرىلىدىغان Windows Phone 8 يۇمشاق دېتاللىرى ئېلىپ كېلىدىغان يىڭى ئىقتىدار ئادەمنى تېخىمۇ ھاياجانلاندۇرىدۇ دەپ كۆرسەتكەن.

شۇنىڭ ئۈچۈن، چەتئەل تاراتقۇلىرىZDNet بولسا مىكروسوفت نىڭ بەلكىم مۇشۇ يىلنىڭ 10-ئېيىدا يانفون ياساش سودىگەرلىرىنى Windows Phone 8 سىستېمىسى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشتى، ئەمما NOKIA ئالدى بىلەن شۇ ئايدا ئۆزىنىڭ تۇنجى نۇسخىدىكى Windows Phone 8 يانفونىنى بازارغا سالىدۇ. چۈنكى مىكروسوفت 11-ئايغا بارغاندا ئاندىن باشقا يانفون ياساش ئورۇنلىرىنى Windows Phone 8 سىستېمىسى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى سەۋەبتىن، شۇڭلاشقا بۇ NOKIA غا نىسبەتەن تۇنجى بولۇپ WP8 يانفونىنى ياساپ چىقىرىشلا ئەمەس بەلكى بىر ئاي ئالدىن سېتىش ۋاقتىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، NOKIA نىڭ ئاساسلىق تەتقىقات گۇرۇپپىسى يېقىندا بىر دانە Windows Phone 8 سىستېمىسىدىكى قوش يادرولۇق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونىغا سىناق ئىلىپ بېرىۋېتىپتۇ، بۇ مەھسۇلات NOKIA تەرەپتىن SAMSUNG Galaxy SIII ھەمدە ئالما iPhone 4S بىلەن رىقابەتلەشكۈچى دەپ قارالماقتا، سىرتقى كۆرۈنۈشى يەنىلا تۈز نۇسخىدا لايىھىلەنگەن، يانفون ماتېرىيالىغا پولىكاربونات ئىشلىتىلگەن.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بەزى بىر ئۇچۇرچىلارنى ئىلگىرى ئاشكارىلىغان خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا NOKIA تەرەپنىڭ 9-ئايدا بازارغا سالىدىغان WP8 سىستېمىسىدىكى يانفونىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى بولسا بۇ يانفونىغا بىر دانە 4.3 دىيۇيم ئەتراپىدىكى يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سېزىمچان ئېكران ھەمدە گاۋتوڭ شياۋلوڭ S4 MSM8960 قوش يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلىنىدىكەن.
بۇلا بولۇپ قالماي يەنە،گاۋتوڭ تەرەپ يېقىندا بازارغا سىلىنىدىغان WP8 سىستېمىسىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونىغا يەنە گاۋتوڭ شياۋلوڭ S4 Plus ئۆزەك پلاستىنكا سەپلەنگەنلىكىنى جەزملەشتۈردى، شۇڭلاشقا يېقىندا يىتىپ كەلمەكچى بولغان WP8 سىستېمىسىدىكى يانفونىغا گاۋتوڭ شياۋلوڭ S4 Plus بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىچكى سەپلىمە قىلىنغان، ھەمدى ئالاھىدىلىكى بولسا پۈتۈن يىڭى بولغان 28 نانومېتىر ياسالغان Krait گاۋتوڭ ئىشلىتىلگەن، بىر تەرەپ قىلغۇچ باش چاستوتىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1.7GHz غا يىتىدۇ، كۆك چىش 4.0 تېخنىكىسى ھەمدە 3G،4G LTE تورىنى قوللايدۇ.

ئېنىق تىپ نومۇرىغا كەلسەك پەرەز قىلىشىمىزچە يۇقىرىدىكى خەۋەرچىلەرنىڭ ئاشكارىلىغىنى بويىچە گاۋتوڭ شياۋلوڭ S4 MSM8960 بىر تەرەپ قىلغۇچ، نۆۋەتتە كۆپ قىسىم يانفونلاردا ئىشلىتىلگەن، Adreno225 رەسىم بىر تەرەپ قىلىش ئۆزەك پلاستىنكىلارنى توپلاشتۇرۇلغان، ئېنېرگىيىنىڭ خورىشى بۇرۇنقىغا قارىغاندا 75% ئازايغان بولۇپ قالماستىن، ھەمدە ئىقتىدارى جەھەتتە نۆۋەتتىكى شياۋلوڭ بىر تەرەپ قىلغۇچ بۇرۇنقىدىن 5 ھەسسە تىز، سۈرئەت بىرتەرەپ قىلىش ئالاھىدىلىكىگە كەلسەك بۇرۇنقىدىن 4 ھەسسە تېزلىتىلگەن.
گەرچە ھازىر NOKIA WP8 سىستېمىسىدىكى يانفوننىڭ تىپ نومۇرى ھەم باشقا ئالاھىدىلىكلىرى بىزگە نامەلۇم بولسىمۇ، ئەمما NOKIA تۈر ھەم مەھسۇلات بىرتەرەپ قىلىش يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مۇئاۋىن لېدىرى Kevin Shields نىڭ چۈشەندۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، كەلگۈسىدىكى NOKIA Lumia تۈرىدىكى يانفونلاردا سەككىز خىل ئىقتىدارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلىدىكەن، ئاساسلىق سىمسىز بەھرىمەن بولۇش، خەرىتە قوللىنىشى، يول باشلىغۇچ ، مۇزىكا قويغۇچى ھەمدە سۈرەتكە تارتىش تەرەپلەردە.

ئۇنىڭدىن قالسا، كەلگۈسىدىكى NOKIA Lumia يانفونىغا پۈتۈن يىڭى بولغان Nokia Music 3.0 قېتىلىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن تاۋۇشلۇق سۈپىتىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە تېلكامىراغا قېتىلغان يىڭى ئىقتىدارلار كىشىنىڭ ئەڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ، ۋاقىت بەلگىلىگۈچ، تىز سۈرەتكە تارتقۇچ، پۈتۈن كۆرۈنۈشتە سۈرەتكە تارتىش ھەمدە Scalado تېخنىكىسى قېتىلغان ئەقلىي كوللېكتىپ رەسىم قاتارلىق ئىقتىدارلار.

ئەلدىن ئەلگە نەپ تىمامدىن سىزگە ئازراقمۇ بولسا نەپ يەتگەن بولسا سىزمۇ بلوگىمغا ئازراق نەپ يەتكۈزۈپ قويۇڭ ئىلانلارنى چىكىپ قويسىڭىز بۇسىزنىڭ تىما ئەجرىگە رەھمەت ئىيتقىنىڭىز شۇنداقلا بلوگقا نەپ يەتكۈزگىنىڭىز!!.

ھالقىلىق سۆز:
ئەلگە نەپ تور كولۇبى___便利民博客 نىڭ يازمىلىرىنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟قىنى ئۇنداقتا RSS Feed ئۇنىڭ يازمىلىرىغا مۇشتەرى بولۇڭ!

مەنمۇ ئىنكاس يازىمەن

*ئىسمىڭىز

*ئىلخەت ئاشكارلانمايدۇ

تور ئادرىسىڭىز


使用腾讯微博登陆


     

ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | پىكىر بېرىڭ | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى