ئىنتېرنېتنىڭ قۇرغۇچىسى كىم ؟
ئوباما مۇنداق دېگەن : ئىنتېرنېت ئۆزلۈكىدىنلا پەيدا بولۇپ قالمىغان، ھۆكۈمەت ئىنتېرنېتنى تەتقىق قىلىپ ئىجاد قىلىپ چىققانلىقى ئۈچۈن شىركەتلەر ئىنتېرنېت ئارقىلىق پۇل تاپالىغان . Wall Street كۈندىلىك خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن : ھۆكۈمەتنىڭ ئىنتېرنېتنى قۇرۇپ چىققانلىقى مەركىزىي شەھەردىكى رىۋايەتكە ئايلاندى . دۆلەت مۇداپىئەسى مىنىستىرلىكى ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقات-پىلان تارمىقى (DARPA) 1960 &ndashيىللىرىدا ئوخشىمايدىغان ڧ فىزىكا ئالاقە تورىنى ئۇلايدىغان خەلقئارا ئالاقە تورىنىڭ تەسىس قىلىنىشىغا قاتناشقان ، لېكىن نىشان يادرو ھۇجۇمى ئارقىلىق ئالاقىنى ساقلاش ياكى ئىنتېرنېتنى قۇرۇپ چىقىش ئەمەس ئىدى . بۇ تۈرگە مەسئۇل روبېرت تايلور (Robert Taylor ) 2004 &ndash يىلىدىكى بىر ئېلخېتىدە بۇ ئىشنى ئېنىقلىغان ، ئۇ Arpanet تورى ئۇرۇشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ، شۇنداقلا Arpanet تورىمۇ ئىنتېرنېت تورى ھېسابلانمايدۇ ، دېگەن . ئىنتېرنېت تورى دېگىنىمىز ئىككىدىن ئارتۇق كومپيۇتېر تورىنىڭ ئۇلىنىشى .
ئەگەر ئىنتېرنېتنى ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقمىغان بولسا ، ئۇنداقتا ھەقىقىي قۇرغۇچىسى كىمدۇ ؟ Vinton Cerf (ۋىنتېن سېرڧف) TCP/IP كېلىشىمىنى ئىجاد قىلدى ، Tim Berners-Lee (تىم بېرنېرز لى) ئالاھىدە ئۇلانمىنى ئىجاد قىلدى ، Xerox PARC تەتقىقات مەركىزى ئوخشىمايدىغان كومپيۇتېر تورىنى ئۇلىيالايدىغان Ethernet ۋە تۇنجى شەخسىي كومپيۇتېر ۋە كومپيۇتېر ئابونت كۆرۈنمە يۈزىنى لاھىيىلەپ چىقتى . تەتقىقات مەركىزىنىڭ تارىخىنى تونۇشتۇرغان << Dealers of Lightning >> ناملىق كىتابتا يېزىلىشىچە ، تەتقىقات مەركىزى خادىملىرى ھۆكۈمەتنىڭ ئوخشىمايدىغان تورلارنى ئۇلىشىنى ساقلاپ ئولتۇرغاننىڭ بولمايدىغانلىقى ھېس قىلىپ ، ئۆزى قول سېلىپ بىر تەرەپ قىلىشنى قارار قىلغان .
تۈۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل!
- جىنايەتچى بەيدۇ ئابونتى نومۇرىدىن پۇل ئالغانلىقى ئېنىقلاندى
- كومپيۇتېر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندا كۆرۈلىدىغان ئالتە خىل ئەھۋال
- كومپىيۇتېر ئېچىلىش ئاۋازىنى ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى
- Photoshop دا كۆپ ئىشلىتىدىغان كۇنۇپكا
- رومان، پوۋېست ۋە ھېكايە
- ئۇيغۇرلارنىڭ باققالچىلىق مەدەنيىتى
- پۇت تىرنىقىنىڭ گۆشكە ئۆسۈپ كىرىپ كېتىشى ھەققىدە
- شىنجاڭ قوبۇقسار ناھىيەسىدە 173 قوينى چاقماق سوقۇۋەتتى
- ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ كىيىم مەدەنىيىتى
- مېسسىنىڭ دۇنيا رىكورتىنى بۇزىدىغانغا يەنە ئىككى توپلا قالدى ! !