ئالما ۋە گۇگېلنىڭ يادرولۇق جېڭى باشلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ
8-ئاينىڭ 29-كۈندىكى چەتئەل تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغان 2 پارچە ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە سامسۇڭ ۋە ئالما شىركىتىنىڭ پاتېنت جېڭىدە ئالما ئۇتۇپ چىققان ،ئالمىنىڭ ئۇتۇپ چىقىشى پەقەت گۇگېل شىركىتىگە بېرىلگەن يادرولۇق جەڭنىڭ بىر قىسمى خالاس دەپ تەھلىل قىلىنغان.
سەنشىڭ شىركىتى بۇ جەڭدە ئۇتتۇرۇپ پەقەت بىر قۇربانلىق رولىنى ئوينىغان ،ئالما بۇ ئۇتۇقنى گۇگېلىغا زەربە بېرىشتىكى بىر مۇساپە قىلىپ تاللىغان.
ئەمدىلا ئاخىرلاشقان بۇ پاتېنت جېڭىدە ئالما شىركىتى 1 نومۇرغا ئېرىشكەن ،Google بولسا 0 نومۇرغا ئېرىشكەن.
ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا بىرلەشمە سوتى قارار چىقىرىپ سەنشىڭ شىركىتىنى ئالما شىركىتىنىڭ پاتېنتىغا دەخلى قىلغان دەپ قاراپ ئالما شىركىتىگە 1 مىليارد دوللار تۆلەم تۆلەشنى قارار قىلغان. بۈگۈنكى كۈندە Google شىركىتىنىڭ Android مەشغۇلات سىستېمىسى ئالما شىركىتىنىڭ IOS سىستېمىسىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئەقلى يانفونلارنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ قالغان.
تەتقىقات ئورگىنى Endpoint Technologies Associates نىڭ ئانالىزچىللىرى پەرەز قىلىپ مۇنداق دېگەن : سامسۇڭ شىركىتى بۇ جەڭدە پەقەت بىر قۇربانلىق بولۇش رولىنى ئۆتىگەن ، ئالمىنىڭ بۇ غەلبىسى پەقەت Google غا زەربە بېرىشتىكى بىر مۇساپە . Android نىڭ غەلىبە قىلىشى Google بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . Google نىڭ پىلانى بولسا Android ئارقىلىق كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىۋاتقان كۆچمە ئالاقە ئابونتلىرىغا ئېلان مۇلازىمىتى تەمىنلەشنى نىشان قىلغان . ئانالىزچىلارنىڭ پەرىزچە Android قا بولغان ھەرقانداق ھۇجۇم Google شىركىتىنىڭ كۆچمە ئالاقە مۇلازىمىتىگە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدىكەن.
ئانالىزچىلار يەنە مۇنداق پەرەز قىلىشقان ، ئەگەر Google بىلەن ئالما شىركىتى بۇ ھەقتە كېلىشەلمىسە Android سىستېمىسى ھەقلىق ئىشلىتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ . بۇ ۋاقىتتا نۇرغۇن زاۋۇتلار Android دىن ۋاز كېچىپ مىكروسوفت شىركىتىنىڭ Windows Phone سىستېمىسىنى تاللىشى مۇمكىن ،ھازىرقى بۇ جەڭلەر كەلگۈسىدە مىكروسوفت شىركىتىگە نۇرغۇن پايدا ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
قوللاش دىمەك_تەرەققىيات دىمەكتۇر
بىزنى قوللىسڭىز ئاسىتىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويۇڭ!تەكلىپ-پىكىر ۋە ياكى مۇشۇ مەزمۇنغا قارىتا كۆز قارىشڭىزۋە ياكى تەكلىپ-پىكىر بولسا ئاستىغا ئىنكاس يېزىڭ
تۈۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل!
- ئەر يولدا كېتىۋاتقان ئايالنى بىرگە بولۇشقا قىستاپ ئايال قارشىلىق قىلغاندىن كېيىن28پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۋەتكەن
- ئىنتېرنېتنىڭ قۇرغۇچىسى كىم ؟
- QQ رىڭىزنىڭ باھاسىنى بىلىپ بېقىڭ
- كومپيوتىرغا بارلىق ئۇيغۇرچە يېزىقلارنى تۇنۇتۇش دىتالى
- نەنجىڭدىكى 21 ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپتە iPad «ئېلېكترونلۇق سومكا» قىلىنماقچى
- پو ئېتىپ تۈرمىگە كىرگەن «كاتتا ئەمەلدار»
- F1 دىن F12 غىچە كۇنۇپكىلارنىڭ رولى(دەرىسلىك)
- ياز پەسلىدە كالا سۈتى ئىچىشكە بولامدۇ-بولمامدۇ؟
- چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئىلىشتىكى تەدبىر
- CRI يانفۇن تىلۋىزورى دىگەن نىمە؟
مەن ھەر قاچان گوگىلنى قوللايمەن، ئاندىروئىد ھەقىقەتەن پىچچەت سىستىما ، پىسپاس ئالمىدىن يۈز ياخشى