«كۆمەچ» ھەققىدە خوتەندە تارقالغان ئاجايىپ رىۋايەت
رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن كۆپ زامان ئىلگىرى خوتەن دىيارىنىڭ چەت ياقىسىدا بىر بەگلىك ئۆتكەن ئىكەن. بۇ بەگلىكنىڭ بېگى يۇرتنى ناھايىتى ئادىل سورايدىكەن. شۇڭا بۇ يۇرتتىكىلەر باياشات، خۇشال – خۇرام، خاتىرجەم ياشايدىكەن. بۇ يۇرتتا گۈلخان ئىسىملىك بىر ئايال بار ئىكەن. ئۇ بەگنىڭ ئادىل، خەلقپەرۋەرلىكىگە رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن، بىر كۈنى 40 چارەك ئۇندا خېمىر، 40 قوينىڭ گۆشىدە قىيما تەييارلاپ، 40 كۈن ھەپىلىشىپ بىر كۆمەچ پىشۇرۇپتۇ – دە، ئۇنى بەگكە تارتۇقلاش ئۈچۈن، 40 ئاتقا ئارتىپ بەگنىڭ قورۇسى ئالدىغا ئېلىپ كەپتۇ. بىراق، كۆمەچ بەگنىڭ دەرۋازىسىدىن پاتماپتۇ، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان بەگ كۆمەچنى دەرۋازا ئالدىدىلا ئاۋامغا تەقسىم قىلىپ بېرىپتۇ. كۆمەچنى يېگەنلەر كۈچ – قۇدرەتكە تولۇپتۇ – دە، يۇرتنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، سۇچىلىق ۋە باشقا ئىشلىرى تېخىمۇ يۈرۈشۈپ كېتىپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ كۆمەچنىڭ داڭقى چىقىپ، ھېلىغىچە خوتەن خەلقى ئەتىۋارلاپ يەيدىغان تائامغا ئايلىنىپتۇ.
قوللاش دىمەك_تەرەققىيات دىمەكتۇر
بىزنى قوللىسڭىز ئاسىتىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويۇڭ!تەكلىپ-پىكىر ۋە ياكى مۇشۇ مەزمۇنغا قارىتا كۆز قارىشڭىزۋە ياكى تەكلىپ-پىكىر بولسا ئاستىغا ئىنكاس يېزىڭ
(قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت)
تۈۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل!
- ياپونىيىلىك قوراشتۇرغان يېڭى بىر ئەۋلاد iPhone 5 نى كۆرۈپ باقايلى
- سېرىق فىلىم كۆرىدىغان <ئەخلاقلىق> بالا
- ئىككى مىليون يۈەن قىممىتىدىكى ئالتۇن زىبۇ-زىننەت بويۇملىرىنى ئوغۇرلىغۇچى 22 سائەتتە قولغا چۈشتى
- كورىيەلىك ئايال قېلىچۋاز مۇسابىقە مەيدانىدىن چىقماي يىغلاپ تۇرۇۋالدى
- پىكىر بېرىڭ
- شىنجاڭ كوماندىسى يەنە غەلىبە قىلدى
- نوكىيا WP8 يانفونىنى ئۆكتەبىردە ئالدىن سېتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ
- ئۇيغۇرلارنىڭ باققالچىلىق مەدەنيىتى
- ئەرلەر نىمىشقا كۆڭۈللۈك ياشايدۇ؟
- سودا سانائەت بانكىسى تور بانكىسىدىن پۇل يۇتكەش،قالدۇق تەكشۈرۈش