ئىزدە     

ئىككى مىليون يۈەن قىممىتىدىكى ئالتۇن زىبۇ-زىننەت بويۇملىرىنى ئوغۇرلىغۇچى 22 سائەتتە قولغا چۈشتى

ۋاقتى 2012-07-11 11:37 | كىلىش مەنبەسى:ئەلگە نەپ تور كولۇبى | ئوقۇلۇشى

16–ماي ئەتىگەن سائەت 7 لەر ئەتراپىدا ئىدى، ئابدۇرېھىم كۈنلۈك ئادىتى بويىچە ئەتىگەنلىك ناشتىلىقىنى قىلىپلا دۇككانغا يول ئالدى .ئابدىرېھىمنىڭ ئالتۇن زىبۇ –زىننەت سېتىش دۇككىنى ئاتۇش شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان قىران دەريا سودا سارىيىنىڭ ئاستىدا بولۇپ ، دۇككاننىڭ سودىسى ھەر ھالدا يامان كېتىپ باراتتى .ئابدۇرېھىم  دۇككاننى ئېچىپ سال غەلىتىلىك ھېس قىلدى ، چۈنكى ئىشىكنىڭ يان تەرىپىدىكى پەشتاختىدا قويۇلغان زىبۇ –زىننەتلەرنىڭ بىرسىمۇ كۆرۈنمەيتى .

–تۈنۈگۈن كەچتە ئېنىم زىبۇ-زىننەتلەرنى يېغىۋەتكەن ئوخشىمامدۇ ؟ ئابدۇرېھىم شۇلارنى خىيال قىلغاچ ئېنىسىگە تېلفون ئۇرىۋىدى ، ئېنىسى دۇككاندىكى ماللارنى يىغمىغانلىقىنى ئېيىتتى . ئابدۇرېھىم باشقا پەشتاخلارغاغىمۇ كۆز يۈگۈرتىۋېدى ھەممە پەشتاختا قۇرۇق بولۇپ چىقتى . ئابدۇرېھىم ھاڭ –تاڭ بولۇپ ئولتۇرۇپلا قالدى، چۈنكى دۇككان ئىچىدىكى 2 مىليون قىممىتىدىكى زىبۇ-زىننەتلەر بىر كىچىدىلا غايىپ بولغان ئىدى .  

دۇككانغا ئوغرى كىرىپتۇ ئەمەسمۇ؟  ئابدۇرېھىم شۇنداق دېگىنىچە ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىغا دېلو مەلۇم قىلدى .

–ۋەي ، 110 قۇماندانلىق مەركىزمۇ، قىران دەريا سودا سارىيىنىڭ ئاستىدىكى ئالتۇن دۇككىنىمغا ئوغرى كىرىپتۇ .  

دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان 110 قوماندانلىق مەركىزىنىڭ دىجۈرنى خادىمى شۇ ھامانلا ئەھۋالنى ئىدارە رەھبەرلىكىگە مەلۇم قىلدى . ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياڭ جۇن، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى لۇ ۋېيگۇلار جىنايى ئىشلار چوڭ ئەترىتىدىكى قابىل ج خ خادىم،تېخنىكلارنى باشلاپ ھايال ئۆتمەيلا نەق مەيدانغا كېلىشتى. دۇككان خۇجايىنى ج خ خادىملىرىغا ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ : دۇككىنىمدا تۆت كىلو ئەتراپىدا ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەر بار ئىدى، ئەتىگەن دۇككاننى ئېچىپ قارىسام  دۇككاندىكى قىزىل ئالتۇن ، كۆمۈشلەردىن سېرت ئالتۇن  زىبۇ-زىننەتلەرنىڭ ھەممىسى ئوغۇرلىنىپتۇ ، بىخەتەرلىك ساندۇقىدا 200 مىڭ يۈەنگە يېقىن نەق پۇل بار ئىدى ، پۇلمۇ يوق تۇرىدۇ دېدى: كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا.

 ئىدارە رەھبەرلىكى دەرھال خادىملارنى تۆت گۇرۇپپىغا بۆلۈپ تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇردى . بىرىنجى گورۇپپا قوشنا دۇككان ۋە ئەتراپتىكىلەردىن ئەھۋال ئىگەللىۋىدى ئەتراپتىكىلەردىن گۇمانلىق كىشىلەر بايقالمىدى، ئىككىنچى گۇرۇپپىدىكى تېخنىكلار نەق مەيداننى تەپسىلى تەكشۈرۈلدى ،دۇككانننىڭ ئىشىكىنىڭ بۇزۇلمىغانلىقىنى ، جىنايەت سادىر قىلغۇچىنىڭ دۇككاننىڭ ئارقا ئىشىكىنى بۇزۇپ كىرگەنلىكىنى بىكىتتى. 

ئۈچىنچى گۇرۇپپىدىكى خادىملار يېقىندىن بۇيان تۈرمىگە كىرىپ چىققان شۇنداقلا جىنايەت سادىر قىلىش ئېھتىماللىقى بولغانلارنى يوشۇرۇن كۈزۈتىۋېدى  ،ئۇلارنىڭ ئىچىدىن جىنايەت سادىر قىلغان گۇمانلىق كىشىلەر بايقالمىدى.

تۆتىنچى گۇرۇپپا بولسا 110 ساقچى ئىشلىرى بىرلەشمە ھەركەت مىخانىزىمى ئارقىلىق شەرق، غەرپ، جەنۇپ، شىمالىدىكى ئاساسلىق قاتناش يول بۆلەكلىرىدە توساق قۇرۇپ يولدىن ئۆتكەنلەرنى قاتتىق تەكشۈردى .نەتىجىدە ج خ خادىملىرى كۆرۈنمە چاستوتىلىق كۈزىتىش ئاپپاراتى تەمىنلىگەن ماتىرياللار ئارقىلىق 17 –ماي سەھەر سائەت 7 دە جىنايەت گۇماندارى تۇرسۇننى ئۆيىدە قولغا چۈشۈردى .

تۇرسۇن قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇرغا ناھىيە يەكشەمبە بازىرىنىڭ مەلۇم كەنتىدىن بولۇپ ، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى .تۇرسۇن ھورۇنمۇ قانداق دېھقانچىلىق قىلىپ ئىشتىنىنىڭ تېزىدىن ئاشمايۋاتقانلىقىغا ھەر دائىملا كايىپ يۈرەتتى .تۇرسۇن ئولتۇرسا –قوپسىلا تەرلىمەي پۇل تېپىشنىڭ كويىغا چۈشتى ،تۇرسۇن كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق ئوغۇرلۇق قىلىپ تۇرمۇشىنى ياخشىلىماقچى بولدى ، تۇرسۇن تۇنجى قەدەمنى ئېلىشىغىلا ج خ خادىملىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى دە قەشقەر شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى . تۇرسۇن 2009-يىلى8- ئاينىڭ 7-كۈنى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلدى ، تۇرسۇن قىلمىشلىرىغا پۇشايمان قىلدىمۇ قانداق دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى . ئارىدىن دەل بىر يىل ئۆتتى . تۇرسۇننىڭ قوللىرى يەنە قېچىشقان بولسا كېرەك كونا كەسپىگە ئاتلاندى، ئەمما بۇ قېتىممۇ ئۇنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كەلمەي يەنە ج خ خادىملىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى. قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا  خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار كىسىمنامىسى چىقىرىپ تۇرسۇننىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك 1 يىل 6 ئايلىق قاماق جازاسى بەردى .تۇرسۇن تۈرمە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ جەمئىيەتكە قەدەم باستى . تۇرسۇن بۇ قېتىم بىرەر كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ ياخشى ئادەم بولۇشقا بەل باغلىدى . تۇرسۇننىڭ قولىدا ئېلىپنىڭ سۇنىقىمۇ بولمىغاچقىمىكىن ھېچ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا كۆزى يەتمىدى . قانداق قىلسام بولار ؟ تۇرسۇن كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق شەھەر ئاتلاپ ئوۋ ئوۋلاشنى لايىق تاپتى .

15 –ماي چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتلەر مەزگىلى ئىدى ، قەشقەر شەھىرىدىن ئاتۇش شەھىرىگە قاراپ ماڭغان تۇرسۇن ماشىنىدا ئولتۇرۇپ چوڭقۇر خىيالغا چۆمگەن ھالدا ئاتۇشقا قانداق چىقىپ بولغانلىغىنىمۇ بىلەلمەي قالدى . تۇرسۇن خەلق مەيدانىدا ماشىنىدىن چۈشتى دە تۆت ئەتراپقا كۆز تاشلىدى . تۇرسۇن ئۇيان –بۇيان ماڭدى بولغاي ئاخىرقى ھېسابتا قىران دەريا بىناسى ئاستىدىكى نۇرمەممەت ئالتۇن دۇككىنىنى نىشانغا ئالدى . تۇرسۇن ئۆزىنى سەل توختىۋالغاندىن كېيىن مەزمۇت قەدەملەر بىلەن دۇككانغا كىرىدى دە خۇددى ئالتۇن ئالىدىغان خېرىدارلاردەكلا ئالتۇنلارنى كۆرۈشكە باشلىدى . تۇرسۇن بىر تەرەپتىن ئالتۇنلارنى كۆرگەچ بىر تەرەپتىن دۇككاننىڭ ئىچىگە نەزەر سېلىشقا باشلىدى . بۇ جەرياندا تۇرسۇن دۇككاننىڭ ئىچكىرسىدىكى ئۆيگە نەزەر تاشلىغاچ بۇ ئۆينىڭ سېرت بىلەن تۇتاشقان دېرىزىسى بارلىقىنىمۇ بىلىۋالدى .

– بۇ يەردىن كىرسەم بولامدۇ نېمە ؟ تۇرسۇن شۇلارنى خىيال قىلدى دە ئاستاغىنە دۇككاندىن چىقىپ خەلق مەيدانىدىكى چىملىقتا ئولتۇرغاچ دۇككاننى كۈزىتىشكە باشلىدى . كەچ سائەت 9 بولدى ، دۇككان خادىملىرى دۇككاننى تاقىدى دە ئۆيلىرىگە يول ئېلىشتى . تۇرسۇن دۇككاندا ئادەم ياتمايدىغانلىقىنى پەمىلىدى دە خۇشاللىقىدىن ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپلا ئوغۇرلۇققا كېتەرلىك سايمانلارنى تەييارلىۋىلىشقا ئاتلاندى . تۇرسۇن بىردەمدىلا 40 سانتىمېتىر كىلىدىغان ئىككى تال گاڭ جىڭ تۆمۈرنى ئوغۇرلىدى دە يول بويىدىكى چىملىققا يوشۇردى .تۇرسۇن يەنە بازار ئارىلاپ بىر دانە قولچىراغ، بىر دانە ماسكا ، بىر جۈپ ئاق پەلەي سېتىۋىلىپ بۇ قېتىمقى ھەركەتگە تولۇق تەيييارلىق كۆرۈپ قويدى . تاڭ سەھەر سائەت ئۈچ بولاي دەپ قالدى، تۇرسۇن يەنىلا شۇ چىملىقتا ئولتۇرۇپ دۇككانغا قانداق كىرىش توغرىسدا باش قاتۇرۋاتاتتى .تۇرسۇن كوچىدا ئۆزىدىن باشقا ئادەمنىڭ قالمىغانلىقىنى بىلىپ ئاستاغىنە ئورنىدىن تۇردى دە ماسكىنى تاقاپ ، پەلەينى كەيگىنىچە ئاشلىق ئىدارىسىنىڭ دەرۋازىسىغا ياماشتى . تۇرسۇن ھويلىغا كىرگەندىن كىيىن ئەتراپقا بىر قۇر نەزەر تاشلىغاندىن كىيىن ئالتۇن دۇككىنىنىڭ دېرىزىسىنى پەمىلىدى بولغاي دېرزىنىڭ سىرتىدىكى تۆمۈرنى ئالدىن تەييارلىۋالغان تۆمۈر بىلەن كۈچىمەيلا قايرىپ ئاچتى ، تۇرسۇن ئەينەكنى ئاستاغىنە چېقىپ دۇككانغا قەدەم باستى .

– ئاپلا خاتا كىرىپ قاپتىمەن ئەمەسمۇ ؟ تۇرسۇن ئالتۇن دۇككىنىغا كىردىم دەپ قوشنا دۇككانغا كىرىپ قالغان ئىدى . تۇرسۇن شۇ ھامانلا كەينىگە ياندى دە ياندىكى دېرىزىگە قول سالدى .ئەمما بۇ دېرىزىنىڭ تۆمۈر جازىسى لوسا ئارقىلىق ھېم ئېتىلگەچكىمىكىن تۇرسۇن شۇنچە ھەپىلىشىپمۇ تۆمۈر جازىنى مىدىرلىتالمىدى . تۇرسۇن شۇ ھامانلا سېرتقا چىقتى دە تىمسىقلاپ يۈرۈپ يول بويىدىكى بىر موزدۇزنىڭ تۆمۈر ساندۇقىنى تۆمۈر بىلەن قايرىپ ئېچىپلا ئۆزىگە كىتەرلىك بولغان ئامبۇر، ئاچىماق كۇلۇچ، تۆمۈر كىسىدىغان ھەرە قاتارلىق نەرسىلەرنى ئوغۇرلىغىنچە ھەركىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا باشلىدى . تۇرسۇن بىردەمدىلا دېرىزىنىڭ تۆمۈرلىرىنى قومۇردى دە دۇككانغا قەدەم باستى . تۇرسۇن دۇككانغا كىرىپلا تېلىكامىرانىڭ توك لىنىيەسىنى ئۈزگەچ، قول چىراق ئارقىلىق ئەينەك جازىغا تىزىقلىق سېرىق ئالتۇن ، ئۈزۈك، ھالقا، زەنجىر، بۇلاپكا، بىلەيزۈك، ئالتۇن تەڭگە، ئالتۇن مۇنچاق قاتارلىق سېرىق ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەرنى ئالدىن تەييارلىۋالغان سۇلياۋ خالتىلارغا قاچىلاشقا باشلىدى .

تۇرسۇن ئالتۇنلارنى قاچىلاپ بولۇپ ئۆينىڭ بولۇڭىدىكى بىخەتەر ساندۇقنى تۆمۈر بىلەن ئېچىشقا ئۇرۇندى . تۇرسۇن قېينالمايلا بىخەتەر ساندۇقنى ئېچىپ كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قالدى ،چۈنكى بىخەتەر ساندۇق ئىچىدە باغلام –باغلام پۇللار تىزىغلىق ئىدى . تۇرسۇن ھاپىلا –شاپىلا پۇللارنىمۇ سۇلياۋ خالتىغا قاچىلاپ دېرىزە ئارقىلىق ئۆزىنى سىرتقا ئاتتى . بۇ جەرياندا سۇلياۋ خالتىغا قاچىلانغان 7700 يۈەن نەق پۇل بىلەن بىر قىسىم ئالتۇن زىبۇ-زىننەت بويۇملار دۇككان ئىچى ۋە سىرتىغا چۈشۈپ قالدى . تۇرسۇن شۇ ھامانلا كىرا ماشىنىسىغا چىقىپ قەشقەرگە يول ئالدى . كىرا ماشىنىسى ئاتۇش –قەشقەر يولىدا ئۇچقاندەك كېتىپ باراتتى . بۇ قېتىمقى ھەركىتىدىن مەمنۇن بولغان تۇرسۇن سۇلياۋ خالتىنى سېيلىغىنىچە چوڭقۇر خىيالغا چۈمۈشكە باشلىدى . تۇرسۇن قەشقەرگىمۇ بىخەتەر كىرىۋالدى . تۇرسۇن خالى بىر جايغا باردى دە ئوغۇرلىغان ئالتۇن-زىبۇ –زىننەتلەرنى قېپىدىن ئايرىپ سۇلياۋ خالتىغا قاچىلاپ ئۈستىگە 170 مىڭ يۈەن نەق پۇلنى سالغىنىچە يېڭى بازار تەرەپكە يول ئالدى . تۇرسۇن بازاردىكى بىر دۇككاندىن ئىككى يېشىك پىرەنىك سېتىۋالدى دە تۈمەن دەرياسى بويىغا قاراپ ماڭدى . تۇرسۇن خالى جاينى نىشانلىغاندىن كىيىن پىرەنىكلەرنى تاشلىۋەتكەچ بىر يېشىككە ئوغۇرلىغان ئالتۇن زىبۇ –زىننەتلەر بىلەن 130 مىڭ يۈەننى قاچىلىدى يەنە بىر يەشىككە قالغان 40 مىڭ يۈەننى قاچىلاپ ئاغزىنى پىلاستىر بىلەن ھېم ئەتتى .قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ ناھايىتى تەرتىپلىك بولىۋاتقانلىقىدىن مەمنۇن بولغان تۇرسۇن ئاستاغىنە ئورنىدىن تۇردى . تۇرسۇن  قەشقەر ئوردا ئالدى بازىرىغا بېرىپ ئوغۇرلىغان ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەر بىلەن 130 مىڭ يۈەن سالغان يېشىكنى شۇ يەردە ئەتلەس سېتىش دۇككىنى ئاچىدىغان غوپۇرنىڭ دۇككىنىغا ئەكىردى دە

–بۇ بىر تونۇشۇمنىڭ ئامانىتى ئىدى، سىنىڭ دۇككىنىڭدا تۇرۇپ تۇرسۇن، ئەتە ئېلىۋالىمەن دىگەچ سىرتقا قاراپ ماڭدى ، تۇرسۇن 40 مىڭ يۈەن قاچىلانغان يەشىكنى شۇ يەردە دۇككان ئاچىدىغان ئايالىنىڭ دۇككىنىغا قويۇپ قويۇپ كەچ كىرىشى بىلەنلا ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ يۇشۇرۇپ قويغاچ ئۇيقۇغا غەرق بولدى . ئەتسى تۇرسۇن ئورنىدىن قوپۇشقا ئۈلگۈرمەيلا ج خ خادىملىرىنىڭ قولىغا چۈشتى . تۇرسۇن قولغا چۈشكەندىن كىيىن 3 –ماي سەھەردىمۇ ئاتۇشقا كىلىپ  قىزىلسۇ ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى مەلۇم بىر تاللا بازىرىغا ئوغۇرلىققا كىرىپ ،2800 يۈەن نەق پۇلنىمۇ ئوغۇرلاپ چىققانلىقىنى ئىقرار قىلدى .

دېمەك ، گۇماندارتۇرسۇن ئۆزى يالغۇز ئىككى قېتىم ئوغۇرلۇق دىلوسى سادىر قىلىپ شەخىسلەرنىڭ 180 مىڭ 50 يۈەن نەق پۇلى ۋە زور مىقداردىكى سېرىق ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەرنى ئوغۇرلىغانلىقى ئۈچۈن 18 –ماي ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن توختىتىلىپ ،20 –ئىيۇن ئاتۇش شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىندى

ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار چوڭ ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ئەنۋەر مامۇت  مۇمداق دېدى : بۇ يېقىندىن بۇيان ئوبلاستىمىزدا يۈز بەرگەن زور ئوغۇرلۇق دېلوسى بولۇپ ، قىزىلسۇ ئوبلاستى ، ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئورۇنلىرى پائال ماسلىشىپ، كۆرۈنمە چاستوتىلىق كۈزۈتۈش ئاپپاراتى تەمىنلىگەن ماتېرىيال ۋە زامانىۋى ئۇچۇر ئارقىلىق 22 سائەت ئىچىدە جىنايەت گۇماندارى تۇرسۇننى قولغا چۈشۈردۇق .

نۇرمەممەت ئالتۇن دۇككىنىنىڭ خۇجايىنى ئابدۇرېھىم مۇنداق دېدى : دۇككىنىمنىڭ بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى ياخشى بولغاچقا بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، ئەينى ۋاقىتتا مەن ئوغۇرلانغان ئالتۇنلىرىمنى قايتۇرۇپ كىلەلمەيدىغان بولدۇم دەپ ئۈمۈدسىزلەنگەن ئىدىم، دىلۇ مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ج خ خادىملىرى چاقماق تىزلىكىدە نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈردى .مەن بىر قانچە كۈنگە قالمايلا دۇككاننى ئېچىپ تىجارىتىمنى يۈرۈشتۈرۋالدىم . مەن گېزىت يۈزىدە زور ئىقتىسادىي زىياندىن ساقلاپ قالغان بارلىق ج خ خادىملىرىغا رەھمەت ئېيتىمەن .

نۆۋەتتە بۇ دېلو تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈلمەكتە .

 

 

ئەسكەرتىش : جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئىسمى ئۆزگەرتىلدى، باشقىلارنىڭ ئۆزگەرتىلمىدى


(قىزىلسۇ ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈم ۋە ئاتۇش شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسىدىن ناسىپجان مامۇت ،تىللاقىز جاۋدەت، شەمشىنۇر نىزام تەييارلىغان)

ئەلدىن ئەلگە نەپ تىمامدىن سىزگە ئازراقمۇ بولسا نەپ يەتگەن بولسا سىزمۇ بلوگىمغا ئازراق نەپ يەتكۈزۈپ قويۇڭ ئىلانلارنى چىكىپ قويسىڭىز بۇسىزنىڭ تىما ئەجرىگە رەھمەت ئىيتقىنىڭىز شۇنداقلا بلوگقا نەپ يەتكۈزگىنىڭىز!!.

ئەلگە نەپ تور كولۇبى___便利民博客 نىڭ يازمىلىرىنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟قىنى ئۇنداقتا RSS Feed ئۇنىڭ يازمىلىرىغا مۇشتەرى بولۇڭ!

مەنمۇ ئىنكاس يازىمەن

*ئىسمىڭىز

*ئىلخەت ئاشكارلانمايدۇ

تور ئادرىسىڭىز


使用腾讯微博登陆


     

ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | پىكىر بېرىڭ | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى