دېھقان رەسساملار رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدى
شىنجاڭ خەۋەرلەر لىنىيىسى تورى 9 – ئاۋغۇست خەۋىرى : تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ، ئاۋات ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇر دېھقان رەسساملار كوللېكتىپ بارلىققا كەلتۈرگەن شىنجاڭنىڭ ئالەمشۇمۇل تەرەققىياتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن 303 پارچە ئېسىل ئىجابىي رەسىملەر كۆرگەزمىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانىدا ئۆتكۈزۈلدى . كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئەسەرلەر پارتىيىنىڭ غەمخورلۇقى ، ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ ئېجىل – ئىناقلىقى ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قېرىنداشلار ، بەختكە تولغان بالىلار ناخشىلىرىدىن ئىبارەت سەككىز چوڭ تۈرنى ئاساسى تېما قىلغان . بۇ دېھقان رەسساملار بىرلىكتە نەشر قىلدۇرغان › دېھقان رەسساملارنىڭ شىنجاڭنىڭ زور تەرەققىياتى ھەققىدىكى بايانى ‹ دىن ئىبارەت سەككىز توم كىتابىنى تارقىتىش مۇراسىمى تەڭلا ئېلىپ بېرىلدى ، بۇ كىتابلار ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە ئۈچ خىل تىلدا نەشر قىلىنغان بولۇپ، بۇ كىتابلار ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت دېھقان – چارۋىچىلارغا سوۋغا قىلىنىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇۋېي، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت رەسىم كۆرگەزمىسىگە ۋە كىتاب تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ لېنتىسىنى كېسىشكە قاتناشتى.
تۈۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل!
- پۇل دىگەن نىمە؟
- پەرھات خالىقنىڭ يېڭى بىر ئىجادىيتى
- ساۋاقدىشىنىڭ قول كومپيۇتېرىنى ئوغرىلاپ سېتىۋەتكەن قىز ئوقۇغۇچى قولغا چۈشتى
- پۇل تاپ، ھالال تاپ!
- مېسسىنىڭ دۇنيا رىكورتىنى بۇزىدىغانغا يەنە ئىككى توپلا قالدى ! !
- ئەنگلىيىدىكى 3/ 1 قىسىم ياشلار تۇخۇمنى مېكىياننىڭ تۇغىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن
- كورىيەلىك ئايال قېلىچۋاز مۇسابىقە مەيدانىدىن چىقماي يىغلاپ تۇرۇۋالدى
- ھەقسىز ئۇسلۇب—19.0
- قۇتقۇزۇڭلار ئالدامچىدىن!!!
- ئەرلەر نىمىشقا كۆڭۈللۈك ياشايدۇ؟
ۋاي سىز بېرىپ بولدڭىزما مەكتەپكە يازما يوللاپ يۈرۈپسىزغۇ