ساۋاقدىشىنىڭ قول كومپيۇتېرىنى ئوغرىلاپ سېتىۋەتكەن قىز ئوقۇغۇچى قولغا چۈشتى
ساۋاقداشلىرىنىڭ ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلىرىگە ھەۋەس قىلغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ماۋ مو (قىز) ساۋاقداشلىرىنىڭ ئىشكاپىنىڭ ئاچقۇچىنى ئوغرىلىقچە ياسىتىۋالغان ۋە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ساۋاقدىشىنىڭ ئىشكاپىدىكى يەتتە دانە قول كومپيۇتېرىنى ئوغرىلاپ سېتىۋەتكەن. مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن ئىگىلىشىچە، چاۋياڭ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى ماۋ مونى ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن.
ماۋ مو ئەسلىدە بېيجىڭ شەھىرىدىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى، ئائىلە شارائىتى ئانچە ياخشى ئەمەس ماۋ مو ساۋاقداشلىرىنىڭ ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى مودا قوغلىشىپ ئىشلىتىدىغانلىقى، ئەڭ ئېسىل، ئەڭ مودا كىيىملەرنى كىيىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ساۋاقداشلىرىغا ھەۋەس قىلغان. شۇنداق قىلىپ ئۇ بارا-بارا ئەسلىنى ئۇنتۇپ نىيىتىنى بۇزغان. ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا ماۋ مو ساۋاقدىشى بىلەن بازارغا چىققاندا ساۋاقدىشىنىڭ ئاچقۇچى بىلەن قول تېلېفونىنى ساقلاپ بەرمەكچى بولغان، ئاندىن ساۋاقدىشىنىڭ ئاچقۇچىنى كۆپەيتىپ ياسىتىۋالغان. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ماۋ مو بۇ ساۋاقدىشىنىڭ ئىمتىھان بەرگىلى بارىدىغانلىقىنى بىلگەن ۋە ياتاقتا ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئالدىن كۆپەيتىپ ياسىتىۋالغان ئاچقۇچ بىلەن ياتاق قۇلۇپىنى ئېچىپ ياتاققا كىرگەن. ئارقىدىن ئىشكاپقا سېلىپ قويۇلغان قول كومپيۇتېرىنىڭ ئوغرىلاپ چىقىپ توردا سېتىپ 1000 يۈەن پۇلغا ئېرىشكەن.
ماۋ مو ناھايىتى ئاسانلا 1000 يۈەن پۇلغا ئىگە بولغاچقا بەكلا خۇشال بولغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ ئوغرىلىق قىلىشقا ئادەتلىنىپ قالغان. كېيىنكى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ساۋاقدىشىنىڭ ئالتە دانە كومپيۇتېرى بىلەن 200 يۈەن پۇلىنى ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن ئوغرىلاپ چىقىپ سېتىپ پۇلىنى خەجلىگەن. بۇ كومپيۇتېرىنىڭ ئون نەچچە مىڭ يۈەن ئىكەن. ماۋ مو ئاسان تاپقان پۇلنى كۆرۈپ خۇشال بولۇپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەكتەپنىڭ ئامانلىق قوغداش بۆلۈمىدىكىلەر كۆزىتىش ئۈسكۈنىسىدە ماۋ مونىڭ گۇمانلىق ئىش-ھەرىكىتىنى كۆرۈپ قالغان. شۇنداق قىلىپ بۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسى ئاشكارىلانغان. ماۋ مو ھازىر ئوغرىلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەندى.
تۈۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل!
- ئەڭ يىڭى فىلىم كىرىشتۇرۇش دىتالى
- ئەر يولدا كېتىۋاتقان ئايالنى بىرگە بولۇشقا قىستاپ ئايال قارشىلىق قىلغاندىن كېيىن28پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۋەتكەن
- شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى زىيارەت فىلىمى
- ئەقلىگە سىغمايدىغان مۆجىزە! مېكىيان بىۋاسىتە چۈجە تۇغدى
- يۈرەكنىڭ سەككىز يۈز مېليون قېتىم سوقۇشى
- دۆلىتىمىزگە شان-شەرەپ ئېلىپ كەلگەن 10 چىمپىيون نازىنىن
- "قىزىل كالا"(红牛) كېسەل چىقتى
- كالانپاي يىگىتنىڭ جاۋابى
- ھېيتگاھ جامەسىنىڭ تارىخى
- شىنجاڭ كوماندىسى غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى