ئەقلىگە سىغمايدىغان مۆجىزە! مېكىيان بىۋاسىتە چۈجە تۇغدى
ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 19- ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سىرى لانكادا بىر مېكيان تۇخۇم بېسىش شەكلى بىلەن چۈجە چىقارماستىن، بەلكى بىۋاستىلا بىر چۈجە تۇغقان. بۇ شۇ يەرلىكلەر ئارىسىدا چوڭ غولىغولا قوزغىدى. ئىگىلىنىشچە، مېكيان ئادەتتە تۇخۇم چىقارغاندىن كېيىن، ئاندىن تۇخۇمنى بېسىپ چۈجە چىقىراتتى، بىراق بۇ تۇخۇم مېكيان تېنىدە 21 كۈن تۇرغاندىن كېيىن، مېكيان تېنى ئىچىدىلا چۈجە چىقارغان. چۈجە تۇغۇلغاندىن كېيىن سالامەتلىكى ناھايىتى ياخشى بولغان، بىراق مېكيان ھايات قالالمىغان. شۇ جايدىكى ھايۋانات دوختۇرى ئەزەلدىن مۇنداق ئىشنى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. مېكىياننىڭ جەسىتى تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ مېكىياننىڭ تېنىدە يېتىلگەنلىكى، تۇخۇمدىن چىققۇچە بولغان ئارىلىقتا بەدەن ئىچىدە تۇرغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلدى. جەسەت تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، مېكىيان ئىچكى زەخىمدىن ئۆلۈپ قالغان. بۇ ئىش ناھايىتى چوڭ زىلزىلە قوزغىدى، بۇنىڭ بىلەن زادى ئاۋۋال تۇخۇم بۇرۇن پەيدا بولغانمۇ ياكى ئاۋۋال توخۇ پەيدا بولغانمۇ دېگەن مەسىلىگە جاۋاب تېپىلغاندەك قىلىدۇ: چوقۇم ئەڭ ئاۋۋال توخۇ بارلىققا كەلگەن.
تۈۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل!
- 2ئوقۇغۇچى يۈزىگە ئېلان قويۇپ پۇل تاپتى
- ياز پەسلىدە كالا سۈتى ئىچىشكە بولامدۇ-بولمامدۇ؟
- ياپونىيە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قىزىقارلىق تاپشۇرۇقلىرى
- ھەقسىز ئۇسلۇب—19.0
- ئالىملار ئۆمۈچۈك تورىدىنمۇ نېپىز باتارىيەنى كەشپ قىلدى
- تېلېگىراف نۇسخىسىدىكىiPhone4Sبازارغا سېلىنماقچى
- ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ كىيىم مەدەنىيىتى
- بەيدۇ ئېلانى ۋە يۇندا ئېلانى ئېلىش دەرسلىكى
- يولۋاس ئۆلتۈرگەن كىرىيەلىك ئۇيغۇر
- Chrome OS غا App Panel قوشۇلدى
بەكمۇ ئىشەنچىلىك دەپ كەتكىلى بولمايدىكەن…..توخۇ چۆجە تۇغدىمۇ دەيلى بۇنىڭ نىمىسىنى مۆجىزە دەيمىز….ھاياتتا ھەرخىل ئىشلار بوپ تۇرىدۇ ئەمەسمۇ….
ئەلگەنەپ سەل -سەل دىققەت قىلىلى ئاداش بىلوگىڭلار ئېلان بىلەن تۇشۇپ كەتكىلى تاس قاپتۇ سەمىمىي ئەسكەرتىش : 890 بىلەن گوگېلنىڭ ئېلانىنى قۇيۇڭلار قالغىنىنى ئېلىۋىتىڭلا
ماقۇل بۇرادەر ئەسكەرتىش بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت
ئەقىل گە سىغمايدىغان گەپكەن…كىچىك بالىلار نىمە دەركىن .. چوڭلارغۇ ئىشەنمىدۇق……..ئىشەنچىلىك ھەرقانداق ئادەمگە نەپ بىرەلەيدىغان خەۋەرنى يوللاڭلا ..تور نامى ئەلگە نەپ . بولغانكىن …