ئۆرۈك قېقىنىڭ شىپالىق رولى يۇقىرى
ياز پەسلىدە ئۈجمىدىن كېيىن پىشىدىغان مېۋە ئۆرۈكىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، تومۇز ئايلىرىدىكى ئىسسىققا قاقلىنىپ قۇرۇتۇلۇش ئارقىلىق، ئۆرۈك ھالىتىدىكى تەبىئىتى بىرىنچى دەرىجىلىك ھۆل سوغاق مېۋىدىن گۈلە ھالىتىدىكى تەبىئىتى بىرىنچى دەرىجىلىك قۇرۇق ئىسسىق مېۋىگە ئۆزگۈرىدۇ. نەتىجىدە ئۇ سوغۇق مىجەزلىك كىشىلەرنىڭ تەبىئىتىگە يېقىن، بەدەننىڭ كېسەلگگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئاشقازاننى كۈچلەندۈرۈپ، ھەزىم قىلىشنى راۋانلاشتۇرىدىغان ئوزۇقلۇق ۋە شىپالىق قىممىتى يۇقىرى « قۇۋۋەت» دورىسىغا; ئايلىنىدۇ.
خەلقىمىز گۈلىنى يەرلىك مەھسۇلاتلار ئىچىدە ئالاھىدە ئورۇنغا قويۇپ، ئۇنى قۇرۇق پېتىلا ئىستمال قىلىپلا قالماي، پولو، ئۇماچ، يۇمدان ۋە باشقا تائاملارغا سېلىپ ئىستېمال قىلىدۇ. خەلقىئارادىكى ئاتاقلىق مېدىتسىنا مۇتەخەسىسلىرى گۈلىنى راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىردىنبىر يېمەكلىك دەپ بېكىتتى ۋە كىشىلەرنى ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن ئۈچ تالدىن گۈلە يېيىشكە دەۋەت قىلدى. ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئىلمىدە راك كېسەللىكى» سەرتان»دەپ ئاتىلىدۇ، گۈلىمۇ دەل سەرتان تومۇز ئىسسىقىدا قورۇتۇلىدۇ. راك كېسەللىكى سوغۇق سەپرانىڭ يۇقىرى باسقۇچىغا يەتكەندە ئادەم تېنىدە پەيدا بولىدىغان داۋاسىز يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدۇر. گۈلە ھەرقانداق تەبىئىي يېمەكلىك ئىچىدە تەبىئىيىتى پەۋقۇلئادە ئىسسىققا مايىل يېمەكلىكتۇر. بۇنىڭدىن راك كېسەللىكىنى گۈلە يېيىش ئارقىلىق ساقايتقىلى بولىدۇ دېگەن مەنا چىقمايدۇ. لېكىن رۈلىنى ئىزچىل تۈردە ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق راك ئۆسمىسىنىڭ ئادەم تېنىدە پەيدا بولىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
تۈۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل!
- پىكىر بېرىڭ
- كېچىدە سۇ ئىچىپ بەرسە، مېڭىگە قان چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
- ھەقسىز ئۇسلۇب—19.0
- ئادىداس شىركىتى جۇڭگودىكى زاۋۇتىنى تاقىدى
- قۇتقۇزۇڭلار ئالدامچىدىن!!!
- تورخاندا ئولتۇرۇپ ئاچ قېلىپمۇ يۇرۇپسىز
- سودا سانائەت بانكىسى تور بانكىسىدىن پۇل يۇتكەش،قالدۇق تەكشۈرۈش
- cرونالدو كۇلۇب مەرگەنلەر رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى 10نىڭ ئىچىگە كىردى
- تۇرپاندىكى 12بال بوران پويىزلارنى توختىتىۋەتتى
- شىنجاڭ مەكىت ناھىيەسى ناھىيە ئىسمىنى «دولان ناھىيەسى» گە ئۆزگەرتمەكچى