نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : ۋەتەن بلوگى 2011, ماي ۋاقىت ئىچىدىكى يازمىلار بلوگ ئاپتۇرىنىڭ QQ نۇمېرى:1428585420،بلوگ ئوقۇرمەنلەر QQ توپى:123150124
ھازىر كۆرسىتىلىۋاتقىنى [ ] سەھىپىسىگە تەۋە يازمىلار

ئۆمۈر خۇددىي كوچا ئاپتۇبۇسىغا چىققانغا ئوخشايدۇ

[مىلادىي 2011-يىلى05-ئاينىڭ29-كۇنى]
  ئادەمنىڭ ئۆمرى ،خۇددىي كوچا ئاپتۇبۇسىغا چىققانغا ئوخشايدۇ... بىز بىلىمىز ئۇنىڭ قوزغىلىش نۇقتىسى بولغىنىدەك ئاخىرقى نۇقتىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن بىز بۇ سەپەرجەريانىدىكى كەچۇرمۇشلەرنى ئالدىن بىلەلمەيمىز. بەزىلەرنىڭ سەپەرمۇساپىسى شۇنچە ئۇزۇن ،بەزىلەرنىڭ شۇنچە قىسقا.. بەزىلەرنىڭ تەلىيى ئوڭ ،ئۇلار دىرىزە سىرتىدىكى مەنزىرىلەردىن ھوزۇر ئالالايدۇ، بەزىلەرنىڭ تەلىيى شۇنچە كاجكى باشتىن ئاخىر قىسلىپ-قىستىلىپ ئۆرە تۇرۇشقا مەجبۇر... بەزىلەر چىقىپلا ئورۇن تاپالايدۇ، بەزىلەر ئۆزىدىن باشقا ھەممە ئ……

ئىبرەتلىك ھېكايەت: ئەڭ ئاخىرقى ئەسەر

[مىلادىي 2011-يىلى05-ئاينىڭ29-كۇنى]
پۈتۈن ئۆمرىنى قۇرۇلۇش لايىھىلەش خىزمىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن بىر ياشانغان قۇرۇلۇش ئىنژېنېرى بالدۇرراق قۇرۇلۇش ئورنىدىن ئايرىلىپ ئاخىرقى ئۆمرىنى خوتۇن،بالا-چاقىلىرى بىلەن خاتىرجەم ياشاش ئارزۇسىدا پېنسىيىگە  چىقىشقا تەييارلىنىپتۇ. خوجايىن ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدىنمۇ ئەۋزەل شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىپ،ئۇنى تۇتۇپ قىلىشقا ھەرقانچە ئۇرۇنغان بولسىمۇ،لېكىن ئىنژېنېر پىكرىدە چىڭ تۇرۇۋاپتۇ. خوجايىننىڭ شۇنچە سەمىمىي نىيىتىدىمۇ ئىنژېنېرنى تەسىرلەندۈرەلمەپتۇ.ئاخىرى خوجايىن ئامالسىز ئۇنىڭ پېنسىيىگە چىقىشىغا قوشۇلۇپتۇ.بى……

مائارىپ بالىلارغا زادى نېمە بىرىدۇ

[مىلادىي 2011-يىلى05-ئاينىڭ28-كۇنى]
1987-يىلى يانۋاردا، 75نەپەر نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىملار فرانسىيىنىڭ ئاستانىسى پارىژدا بىريىغىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ.مۇراسىم ۋاقتىدا بىر كىشى ،بىرنەپەر ئالىمدىن :« سىز قايسى ئالى مەكتەپتە ياكى قايسى تەتقىقات ئورنىدا ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان نەرسىنى ئۆگەندىڭىز؟» دەپ سورايدۇ. بۇ چاچلىرى ئاپئاق ئاقارغان ئالىم ،ھېلىقى سوئال سورىغۇچى ھېچبىر ئويلاپ باقمىغان جاۋابنى بىرىدۇ:«يەسلىدە» سوئال سورىغۇچى ھەيران قالىدۇ:«يەسلىدە نېمە ئۆگەندىڭىز شۇنچە مۇھىم؟» ئالىم جاۋاب بېرىدۇ:«يەسلىدە ، ئۆزە……

رىقابەت كۆزيىشىغا ئىشەنمەيدۇ

[مىلادىي 2011-يىلى05-ئاينىڭ24-كۇنى]
تېبابەتكە دائىر بىر ماتىريالدا  بىريىلدا بىرەر قېتىممۇ زۇكام بولمايدىغان ئادەملەرنىڭ راك كىسىلىگە گېرىپتار بولۇش نېسبىتىنىڭ دائىم زۇكام بولىدىغانلارغا قارىغاندا ئالتە ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان .بۇ ئاڭلىماققا سەل غەلىتە بىلىنىدۇ ،بىراق بۇ بىر ئەمەلىيەت . بىئۇلۇگلارنىڭ كۈزىتىشىچە ، بىرتال ئالتۇن بىلىقنى بىلىق ئىدىشىدا باققاندا نەچچە كۈنگە بارمايلا ئۆلۇپ قالغان ،ئەمما ئۈچتال ئالتۇن بىلىقنى بىر بىلىق ئىدىشىدا باققاندا ئۇلار بىريىلدىن ئۇزاق مەزگىل ياشىيالىغان .بۇنىڭ يەكۈنى شۇ بو……

ئۇتۇق قازىنىشقا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ

[مىلادىي 2011-يىلى05-ئاينىڭ24-كۇنى]
بىركېچىك شىياۋلىن مۇرىتىنىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق ئىبادەتخانىدىكى بارلىق مۇرتلارئىچىدە ئەڭ ئالاھىدىسى بولۇش ئىستىكى بەكلاكۈچلۇك ئىدى .ئۇ بىر كۈنى پۇرسەت تىپىپ ،ئۇستازىدىن كۆڭلىدىكى بۇ تۈگۈن ھەققىدە سوئال سوراشقا مۇۋەپپەق بولدى ؛ - ئۇستاز ، يەنە نەچچە يىلدا ئەڭ ئالاھىدە ماھارەت ئىگىسى بولالايمەن ؟ - يەنە ئاز دېگەندە 10 يىلدا -دەپ جاۋاب بەردى ئۇستازى . - 10يىل ؟ 10 يىل بولسا بەك ئۇزۇن ۋاقىت ئىكەنغۇ،ئەگەر مەن ھازىرقى تىرىشچانلىقىمنىڭ بىر ھەسسىچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتسەمچۇ؟  - 20يىلدا . - كىچە -كۈندۇ……

«تېما ئوغرىسى» غا ئىككى ئىغىز سىلىق گەپ

[مىلادىي 2011-يىلى05-ئاينىڭ24-كۇنى]
مەن نېمىشقا «تېما ئوغرىسى» دەيمەن ؟ چۈنكى بۇلارنىڭ قىلىقلىرى دەل ئوغرىنىڭ قىلىقى .ئۇلارنىڭ ئۆزئالدىغا سەپ-سەتىلىرى بار. ئۇلاردىن :«نېمىشقا ئەسىرىمنى رۇخسەتسىز ئىلىتىسەن؟ نېمىشقا ئۆزۇڭنىڭ نامىدا ئېلا قىلىۋالسىەن ؟...»دەپ سورىسىڭىز، سىزنىڭكىدىن ئۆتە ،زەردە بىلەن :« تورغا نەرسە يوللىشىڭنىڭ مەقىسىدىمۇ شۇ خەقنى كۆرسۈن دېگەنلىكتۇ، مەن خالس تەشىق قىلىۋاتسام نېمىگە كوتۇلدايسەن » دەيدۇ . «تېما ئوغرىسى» دېگەن بۇ ئاتالما توربېكەتلىرىمىزدە تىلغا ئېلىنىۋاتقىنغا خىلى بولۇپ قالدى، كۆپ تەنقىدلەر بولۇندى، خاس……

ئامېرىكىلىقلارنىڭ مائارىپ ئىدىيىسىدىكى ئۈچ ئەڭگۈشتەر

[مىلادىي 2011-يىلى05-ئاينىڭ19-كۇنى]
بۈگۈن چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدا، ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان ،تور تەخەللۇسىنى «ئەينەك دېلفىن» دەپ ئاتىۋالغان  بىر خەن كۆچمەن ئوقۇغۇچىنىڭ بىلوگىدا ئېلان قىلغان «جۇڭگولۇقلار ئامېرىكا مائارىپىدىن  ئېلىشقا تېگىشلىك ئۆرنەكلەر» ناملىق يازمىنى ئوقۇپ چىقتىم ، بۇ ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەرئىچىدە ئامېرىكا مائارىپىدىكى يادرولۇق ئۈچ ئىدىيە ئۈستىدە جۇڭگو مائارىپى ھەقىقەتەنمۇ ئويلىنىپ بىقىشى كېرەك دەپ قارىدىم. ئامېرىكىلىقلارنىڭ مائارىپ ئىدىيىسىدىكى ئۈچ ئەڭگۈشتەر تۆۋەندىكىچە: بىرىنچى. بىردۆلەتنىڭ ئۇزۇن ت……
ھازىر كۆرسىتىلىۋاتقىنى [ ] سەھىپىسىگە تەۋە يازمىلار