ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنڭىز : ئۇيغۇرچە

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالتە مەدەنىيەت يادىكارلىقى يىپەك يولىدىكى دۆلەت ھالقىغان دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئىلتىماس قىلىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

يوللانغان ۋاقت : 2013 - يىلى 04 - ئاينىڭ 28- كۈنى 12:59

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئېلان قىلغان ‹‹ يىپەك يولىدىكى دۆلەت ھالقىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئىلتىماس قىلىش تىزىملىكى›› دە ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئالتە ئورۇن بار ئىكەن.

    بۇ ئالتە ئورۇن: ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى، يارغۇل قەدىمىي شەھىرى، قىزىل قاغا تۇراسى، قىزىل مىڭئۆي، سۇبېشى بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى، بېيتىك قەدىمىي شەھىرى خارابىسىدۇر.

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لياڭ تاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلغان ئورۇنلار ‹‹يىپەك يولىدىكى دۆلەت ھالقىغان دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش›› دىكى تۇنجى ئورۇن.

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە