1 . 2010 – يىلى 11 – ئايدا، شىنجاڭنىڭ توكىنى غەربىي شىمالنىڭ 750 كىلوۋولتلىق ئېلېكتىر تورى بىلەن تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر تورى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېلېكتىر تورىغا رەسمىي تۇتاشتۇرۇلدى.
2 . 2012 – يىل 5 – ئاينىڭ 10 – كۈنى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ‹‹دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ قۇمۇلنىڭ جەنۇبىدىن جېڭجۇغىچە بولغان 800± كىلوۋولتلىق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تىرانسفورموتور قۇرۇلۇشى تۈرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش توغرىسىدىكى تەستىقى››نى تارقاتتى.
3 . 2012 – يىل 5 – ئاينىڭ 13 – كۈنى، قۇمۇلنىڭ جەنۇبىدىن جېڭجۇغىچە بولغان 800± كىلوۋولتلىق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تىرانسفورموتور قۇرۇلۇشى ۋە شىنجاڭنىڭ توكىنى غەربىي شىمالنىڭ 750 كىلوۋولتلىق ئاساسلىق ئېلېكتىر تورى بىلەن تۇتاشتۇرۇش 2 – لىنىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ‹‹شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا چىقىرىش››تىكى ئىككى تۈرلۈك قۇرۇلۇشتا بىرلا ۋاقىتتا ئىش باشلاندى.
4 . 2012 – يىل 5 – ئاينىڭ 24 – كۈنى، قۇمۇلنىڭ جەنۇبىدىن جېڭجۇغىچە بولغان 800± كىلوۋولتلىق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تىرانسفورموتور قۇرۇلۇشىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىدىكى تۇنجى ئۇلىقۇمۇل بوغاز يېزىسىدا سېلىنىشقا باشلىدى. بۇ، مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىدىكى قىسمىدا رەسمىي قۇرۇلۇش باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.