مۇشۇ ھەپتە <<كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىپ داۋالاش قانۇنى >> نى تەشۋىق قىلىدىغان ھەپتە بولۇپ، مۇتەخەسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان شىنجاڭدا ھەر يىلى توزانلىق ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىغانلار 300 دىن ئاشىدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق كەسپىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى كەسپىي كېسەل بۆلۈمىنىڭ باشلىقى دوۋ خۇڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەملىكىتىمىزدە قانۇندا بەلگىلەنگەن كەسپىي كېسەلدىن 115 خىلى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە توزانلىق ئۆپكە كېسىلىلا 13 تۈرلۈك ئىكەن. 2010-يىلىدىكى كەسپىي كېسەللىكلەرنى ئىستاتىستىكا قىلىش دوكلاتىدا مەلۇم بولۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەسپىي كېسەل بىمارلىرى 18 مىڭغا يېتىدىكەن، ئۇنىڭ ئىچىدە توزانلىق ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانى 15 مىڭدىن ئاشىدىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەر يىلى يېڭىدىن بايقىلىدىغان توزانلىق ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىغانلار 300 دىن ئاشىدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى كەسپىي سەھىيە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جەي گوچاڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدا چوڭ كۆلەملىك كۆمۈر كان، نېفىتلىك ۋە رۇدىنىڭ ئېچىلىشى ھەمدە مەرمەر تاش پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق كەسىپلەردە ئىشلەيدىغانلارنىڭ كەسپىي كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرىلاپ، شىنجاڭ كەسپىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ داۋالاش ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈپ، كەسپىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگەن.
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى
تۇنجى
شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
سەبىي كۈلكىلەر