ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنڭىز : ئۇيغۇرچە

‹‹دۇنيا يەرشارى كۈنى›› دىكى ئازاب

يوللانغان ۋاقت : 2013 - يىلى 04 - ئاينىڭ 28- كۈنى 12:34

    22 – ئاپرېل 44 – قېتىملىق ‹‹دۇنيا يەر شارى كۈنى›› بولۇپ، بۇ كۈن سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ لۇشەن ناھىيەسىدە 20 – ئاپرېل 7.0 بال كۈچلۈك يەر تەۋرىگەندىن كېيىنكى 72 سائەت بىلەن زىچ باغلانغان. شىمالىي جۇڭگودىن چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىغىچە، جايلارنىڭ خاتىرىلەش كۈنىگە ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا ئامانلىق تىلەش ۋە پۇل ئىئانە قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلار قوشۇلدى. ئىلگىرىكى ‹‹دۇنيا يەر شارى كۈنى››دە لەپىلدەپ تۇرىدىغان رەڭلىك بايراقلار بۈگۈن سىرلىق سۈكۈتكە چۆمدى. بۇ يىللىق ‹‹دۇنيا يەر شارى كۈنى›› يەنە بىر ئازابلىق كۈن بولۇپ قالدى.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: تاغنىڭ غۇلاپ چۈشۈشى بىزنى بېقىۋاتقان يەر شارى ئۈچۈن ئازاب. بىز ئاپەتتە قازا قىلغانلارنى ياد ئېتىپ، يۇرت – ماكانىمىزنى قايتا قۇرۇپ، تاغ – دەريارلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، تەبىئەتنى قەدىرلەپ، ئوت – چۆپ ۋە دەل – دەرەخلەرنى ئاسراش ئارقىلىقىلا قايغۇلىرىمىزنى باسالايمىز.

    تەبىئەتتىن ھېيىققاندىلا، ئاندىن ئۇنىڭ قەدرىگە يەتكىلى بولىدۇ. بىز يەر شارىنى پۇل ئېلىش ماشىنىسى، ياكى ئەخلەتخانا قىلىۋالماسلىقىمىز كېرەك. لۇشەندە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن كۈنى ئېلان قىلىنغان ‹‹ جۇڭگونىڭ 2012 – يىللىق دۆلەت زېمىن بايلىقى ئاخباراتى›› دا مۇنۇلار ئىپادىلەنگەن: مەملىكىتىمىزنىڭ يەر ئاستى سۇ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلغان 198 ۋىلايەت دەرىجىلىك مەمۇرىي رايوننىڭ %60نىڭ يەر ئاستى سۈيى ‹‹ناچار›› ۋە ‹‹ئىنتايىن ناچار›› بولۇپ چىققان. مەملىكىتىمىز بويىچە %81 دەريا ئېغىزى، دېڭىز قولتۇقى ئىككىلەمچى ساغلاملىق ياكى ساغلام ئەمەس ھالىتىدە تۇرماقتا. بەزى مۇھىت ئاسراش پىدائىيلىرى ھەتتا ‹‹دۇنيا يەر شارى كۈنى››نى ئىنسانىيەتنىڭ يەر شارى ئانىغا تۆۋە قىلىش كۈنى قىلىپ ئۆزگەرتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

    كەينى – كەينىدىن يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى كىشىلەرگە ئازاب ئېلىپ كەلدى، پەقەت تەبىئەتنى تونۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشلا ئىنسانلارنىڭ ھەقىقىي ياخشى تاللىشىدۇر. ھازىر يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش دۇنياۋى خاراكتېرلىك قىيىن مەسىلىدۇر، بۇنىڭدا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىش بەكمۇ مۈشكۈل ئىش. بىراق باشقا قىسمەن دۆلەتلەرگە ئوخشاش، تېخىمۇ كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ، جامائەت ئۇل مۇئەسسەسەلىرىنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش بىزنىڭ تىرىشىش نىشانىمىزدۇر.

    2010 – يىلىدىكى ‹‹دۇنيا يەر شارى كۈنى››دە، يۈشۇدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن قاتتىق ئازابلانغان قىسمەن گېئومېخانىكا خىزمەتچىلىرى شۇنى مۇراجىئەت قىلدى: يەر تەۋرەشنى مۆلچەرلەش تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. يەنە بىر قېتىملىق ‹‹دۇنيا يەر شارى كۈنى›› دىكى ئازاب بىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئازابنى قەلبىمىزدە ساقلاپ، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ غېمىنى يېيىش ھېسسىياتىمىز بىلەن يەر شارىنى قەدىرلىسەكلا، ئازابىمىزنى يېنىكلىتەلەيمىز.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە