ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنڭىز : ئۇيغۇرچە

ئاپتونوم رايون ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشى يىلى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاچتى

يوللانغان ۋاقت : 2013 - يىلى 04 - ئاينىڭ 24- كۈنى 12:17

    جاۋ جىيۈن خەۋىرى: ئاپتونوم رايون 22 – ئاپرېل ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشى يىلى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خەن يۇڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2013 – يىلى ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشى يىلى پائالىيىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپىلىرى) ۋە تەشكىلات بۆلۈملىرى ئاساسىي تەلەپنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، ئىستىلنى ئۆزگەرتىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش پائالىيىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىدا ‹‹ئالتە بولۇش›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

    خەن يۇڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپىلىرى) ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى ئاڭلىق ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىستىلنى ئۆزگەرتىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش بويىچە ئاساسىي ھالقا ئارقىلىق قالغانلىرىنى يېتەكلەشنىڭ خىزمەت تەييارلىقى، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ تۈپ تەلىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھەرىكەت ئۈلگىسى قىلىشى كېرەك؛ جايلار، تارماقلار خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىن ئويلىشىش، ئاممىنى 1 – ئورۇنغا قويۇش، ئاساسىي قاتلامنى مۇھىم بىلىشتىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، ئىلغارلىق ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئامما بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى 18 – قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىشكە يېتەكلەش، تەشۋىق قىلىشنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇشى كېرەك.

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە